شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
جاڭ چۈنشيەن نىڭشيا ۋە ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشتە بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئىدىيەدە يەنىمۇئازاد بولۇشىمىز كېرەك، دېدى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز نۇرغۇن تۈرلەر بىر قەدەر تولۇق، قىسمەن ساھە ئەۋزەللىكى نىسبەتەن روشەن كەسىپ ئاساسنى شەكىللەندۈردى؛ ئەمما، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز، كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى تۆۋەن، باشلامچى كارخانا ۋە داڭلىق مەھسۇلاتلار ئاز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشقا يەنىلا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
بۇنىڭغا قارىتا، جاڭ چۈنشيەن ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قويدى: كەسىپنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ، تىپنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ‹‹ئىككى سىجىللىق››تا چىڭ تۇرۇش؛ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى يۇقىرى قويۇپ، كەسىپ، بازار، تېخنىكا، كۆلەمنىڭ كونترول قىلىش نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى پەللىدە پىلانلاش، تۈرلەرگە بۆلۈپ يېتەكلەش، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش؛ مەركەزنىڭ روھىغا ماس كەلتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، بۆسۈش، تەجرىبە قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.
يېڭىلىق يارىتىش زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. پەقەت ئىدىيەدە، تۈزۈمدە، بىلىمدە، تېخنىكىدا، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتقاندىلا، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن نۇقتىسىدا تۇرۇشتەك قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالايمىز.
كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەقىياتنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي تېمىسى، قۇرۇلمىنىڭ سەرخىللاشتۇرۇلۇشى كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە باغلىق. زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ماھىيەتلىك قەدەم بېسىپ، ئىدىيەدە چوقۇم ئازاد بولۇپ، ئىنېرتسىيە تەپەككۇرىنى يېڭىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا قەدەم قويۇشقا تىرىشىپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئەمما، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئارىسىدا بايلىق مەنبەسى، كەسىپ ئاساسى، ئىستېمال ئېھتىياجى ئوخىشىمايدۇ، كەسىپلەر ئارىسىدىكى تەرەققىيات سەۋىيەسىمۇ ئوخشاپ كەتمەيدۇ، پەقەت تۈرلەرگە بۆلۈپ يېتەكلەش، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىقلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يولنى تاپقىلى بولىدۇ.
زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم، تۆۋەن سەرپىيات ۋە تۆۋەن بۇلغىنىش زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بايلىق، مۇھىت چەكلىمىسى كۈچەيتىلگەن شەرت ئاستىدا، كەسىپ تەرەققىياتى چوقۇم ئىلگىرىكى ‹‹بايلىقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش←مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش←بۇلغىما ئاجرىتىش››تەك يىرىك ئىشلەپچىقرىش شەكلىدىن قۇتۇلۇپ، ‹‹بايلىق←مەھسۇلات←ھاسىلىي بايلىق››تەك ئايلانما ئىقتىساد ۋە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە ئۆزگىرىپ، ئەڭ كىچىك بايلىق بەدىلى ۋە مۇھىت بەدىلى بىلەن ئىقتىسادنىڭ تېز راۋاجلىنىشىنى ساقلىشى كېرەك.
زامانىۋى كىسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كەڭ دۇنياۋى نەزەر تۇرغۇزۇشقا موھتاج. شۇڭا، يۇقىرى پەللىدە پىلانلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك رىقابەتكە ئېتىبار بېرىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋەزىيىتىگە ئېتىبار بېرىپ، ئىسلاھات روھى ۋە دۇنياۋى نەزەر بىلەن شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئورنى ۋە تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى پىلانلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، ھازىرقى كەسىپ ۋە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىپ، زامانىۋى كەسىپنىڭ خەلقئارا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى كوئوردىنات قىلىپ، ئاپتنوم رايونىمىزنىڭ بار بولغان ئەۋزەل بايلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، يۇقىرى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى تەرەققىياتنى كۆزلىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۆز تەرەققىياتى قاتلىمىدىن ھالقىغان، كەسىپ تەرەققىياتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدۇر. بۇ جەرياندا، ھەممەيلەن ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، يېڭى خىرىسقا يۈرەكلىك يۈزلىنىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىشتەك تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن جاپالىق ئىشلەشتەك ئېلىشىش روھىنى تۇرغۇزۇپ، ئەنئەنىۋى تەرەققىيات شەكلىدىن ئازاد بولۇشقا تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى تەرەققىيات شەكلىدىن ئىلمىي تەرەققىيات شەكلىگە قەدەم قويۇپ، پۇختا، ئىشەنچلىك خىزمەت تەدبىرى ئىچىدىن تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى ئىزدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تىپ ئۆزگىرىشى ۋە ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
يېڭى ، ئۈنۈملۈك خىزمەت تامىقى يىغىنى
مۇخبىرنىڭ تەسىراتى:
ياۋروپا، ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، غىزالانغاچ پىكىرلىشىدىغان، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بۇنداق خىزمەت تامىقى يىغىنى خەلقئارادا ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىسىدىكى مۇھىم ئۇسۇل بولۇپ، ۋاقىتنى تېجەپلا قالماستىن، خىزمەت ئۈنۈمىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. شۇنداقلا بۇنداق ئاددىي ئۇسۇل خىزمەتنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ كارخانىلار بىلەن ناشتىلىق ۋە چۈشلۈك تاماق يىغىنى ئۇسۇلىدا پىكىرلىشىشى، ئالاقىلىشىشى شىنجاڭدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئۇنى ئۆزگىچە، يېڭى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىن دېيىشكە بولىدۇ. بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان بۇ يىغىندا كۆپچىلىك كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك بۇ يىغىننى زامانىۋى، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، دەپ قاراشتى. بۇ قېتىمقى يىغىن ‹‹ئىككى يىلدا قىلىدىغان ئىشنى بىر يىلدا قىلىش››تەك ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››نىڭ يەنە بىر ئىپادىسى بولدى.
بۇنداق خىزمەت تامىقى يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتناشقان ‹‹چىڭخۇا›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى خو چىڭخۇانىڭ ئېيتقىنىدىكىدەك: ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىرلىشىشى، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەت ئىستىلىنى نامايان قىلدى.
بىز مۇشۇنداق ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلىسەك ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتساق، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئۇزاققا قالماي ئىشقا ئاشۇرالايمىز.