باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغ ائەزادۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 18–قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى ياپونىيەنىڭ يوكوخاما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-11-15 13:20

خۇ جىنتاۋ يىغىننىڭ 1–باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆزقىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يوكوخاما (ياپونىيە)، 13 – نويابىر تېلېگراممىسى. ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 18 – قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى 13 – نويابىر ياپونىيەنىڭ يوكوخاما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 1 – باسقۇچلۇق يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىدىكى ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ بەزى قىيىن مەسىلە ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز دۇنيا ۋە رايون ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام بويىچە ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تىرىشىشىمىز كېرەك:

(1) تەڭپۇڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك. بىز ھەم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەر ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭ ئېشىشىنى، ھەم ئوخشاش بولمىغان ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭ ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تولۇق تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەرەققىياتىدىكى پەرقنى ئازايتىشىمىز كېرەك.

(2) ھەممە ئادەمگە باراۋەر پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان ئېشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، بارلىق دۆلەت ۋە رايون، بارلىق خەلقنى ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

(3) ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بايلىق مۇھىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنىلا ئەمەس، مالىيە، پۇل، سودا، كەسىپ قاتارلىق سىياسەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنىمۇ ساقلاپ، ماكرو ئىگىلىكنىڭ داۋالغۇشى ۋە خەۋپىنى ئازايتىشىمىز كېرەك.

(4) ئېشىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ مەنبە يارىتىپ بېرىش كېرەك. بىز مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كەلگۈسىگە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئەقىل – پاراسىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، ھەرقايسى تەرەپتە يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرىشىمىز كېرەك.

(5) بىخەتەر ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قوغداش كېرەك. بىز ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكى، جامائەت ساغلاملىقى بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە تېخنىكا ياردىمىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى بولمىغان بىخەتەرلىك تەھدىتىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا بىخەتەر، پايدىلىق، قولاي مۇھىت يارىتىپ، بۇ رايون خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخت سائادىتىگە ئورتاق كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

1 – باسقۇچلۇق يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ھەرقايسى ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا – سانائەت مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قاتناشتى. خۇ جىنتاۋ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئامانگۈل

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى

زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش كېرەك

مىللەتلەر ئورتاق كۈرەش قىلىش ، گۈللىنىش ، راۋاجلىنىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، داغدام قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى

ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ئەۋزەل كەسىپلەرگە تايىنىمىز

شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان19ئۆلكە،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ليۇ جايى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جانلىنىپ كەتتى

مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە مەدەت بېرىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号