باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان19ئۆلكە،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-11-01 11:14

    خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ، خەلقنى بېيتىش چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلدى ، خۇلاسىلەندى

    ۋاڭ شىنخۇاڭ خەۋىرى : ئاپتونوم رايون 31 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، خەلقنى بېيتىش چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا مۇنداق دېدى: خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، خەلقنى بېيتىش چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە پىلانلاپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىلگىرىلەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، كېلەر يىلقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس يارىتىشىمىز كېرەك.

    بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىي قاتارلىق 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقلىرى سۆز قىلدى، يىغىندا يولغا قويۇلغان خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، خەلقنى بېيتىش چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى تەجرىبىلەر ئالماشتۇرۇلدى، ئەمەلىيەتتە كۆرۈلگەن يېڭى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، كېلەر يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىر تۇتاش پىلانلاندى. ئۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، خەلقنى بېيتىش چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشى ۋە ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پائال تىرىشچانلىقىدا، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، سىناق خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىپ، كېلەر يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، خەلقنى بېيتىش چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى زور ئەلرايى قۇرۇلۇشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىلقى سىناق قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلىگەن ئاساستا ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، خەلقنى بېيتىش چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇمىيەت ئېڭى تۇرغۇزۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە 1 – مەسئولىيەتنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

    نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى باشلىنىدىغان يىل. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. ئاپتونوم رايونىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ئەستايىل تەتقىق قىلىپ، تەسەۋۋۇر ۋە لايىھەنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىجابىي تەكلىپ – پىكىرلەرنى پائال قوبۇل قىلغان ھالدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا تېز نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان19ئۆلكە،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ليۇ جايى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جانلىنىپ كەتتى

مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە مەدەت بېرىدۇ

مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو قەشقەرنى يېڭى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى ، دېيىلدى

ئادىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى

ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ياپونىيە قول تىقماسلىقى كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号