جۇڭ شيۇلىڭ خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى ليۇ جايى رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى شىنجاڭنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمەت ئەھۋالى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن مەبلەغ ۋە تۈرنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئاڭلىدى.
ليۇ جايى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ئىقتىسادىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بېكىتىلگەن مۇھىم سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىنى ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ بايلىق، مۇھىت، يەرنىڭ مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ئېچىلىشىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر مەبلەغنى تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر مەبلەغنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ مالىيە خامچوتىنى تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. ئاپتونوم رايوندىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك، دېدى.