بىز بۇ ماقالىدە، مۇشۇ نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ۋە ئۇنى تەرجىمە قىلىشقا دائىر ئىزدىنىشلىرىمىز جەريانىدا ھېس قىلغان بەزى مەسىلىلەر ئاساسىدا، ئۆزىمىزنىڭ بەزى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمىز.
1. ئىسىم ئىگىسى ئۆز ئىسمىنى قانداق يازسا، باشقىلارمۇ ئۇنى شۇ بويىچىلا قوللانماسلىقى لازىم. كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى شۇ ئىسىم ئىگىسىنىڭ قوللىنىش ئادىتى بويىچە قوللىنىش –بىر قارىماققا ئىسىم ئىگىسىگە ھۆرمەت قىلىنغانلىقتەك تۇرسىمۇ، ئەمما ھەممىدە ئۇنداق قىلىۋېرىش – پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ تىل-يېزىق، بولۇپمۇ كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىملاسىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا پايدىسىز مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ھازىر بىر گېزىت ۋە بىر ژۇرنالدا ئىسىمداش ئىككى (ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ) كىشىنىڭ ئىسمى ھەرخىل بېسىلغاندىن سىرت (مەسىلەن: «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىللىق 4-سانىدىكى ئابدۇرەھىم ۋە ئابدۇرېھىم دېگەن ئىسىمغا ئوخشاش)، بىر كىشىنىڭ ئىسمىمۇ ئىككى خىل بېسىلىدىغان ئەھۋال بار (مەسىلەن: يۇقىرىقى ژۇرنالدىكى يۈسۈف ۋە يۈسۈپ دېگەن كىشى ئىسمىغا ئوخشاش).
بىزدە يېڭى ئىملا لوغىتى ۋە «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قوللانمىسى» نەشردىن چىقتى. شۇ ھالدا كىشى ئىسىملىرىمىزنى يېزىشتا، بېسىشتا بۇ لۇغەت ۋە قوللانمىلارغا ئاساسلانماي، ئىسىم ئىگىسىنىڭ (ۋە مۇھەررىر، ماشىنىستلارنىڭ) ئارزۇسىغا ئاساسلىنىش، خۇددى ئاپتورنىڭ ئەسىرىدىكى باشقا سۆزلەرنىمۇ ئۇنىڭ يەرلىك ياكى ئۆز تىل ئادىتىگە قويىۋېتىپ بېسىۋەرگەنگە ئوخشاشلا بىر ئىش بولۇپ، توغرا ئەمەس. تىلىمىزنى قېلىپلاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئادەتتىكى سۆزلەرنىلا ئەمەس، كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى، يەر ناملىرىمىزنى يېزىشنىمۇ ئىملا قائىدىسى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز لازىم. شۇڭا، ئاپتور ئەسىرىدە ئۆز ئىسمىنى خاتا ياكى ھەرخىل يازسىمۇ، مۇھەررىر جەزمەن ئۇلارنىڭ ئەسىرىنى تەھرىرلىگەندە ئاپتورنىڭ ئىسمىنىمۇ قائىدە، قوللانما بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ئاندىن باسمىغا يوللىشى لازىم. بۇ جەھەتتە «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «تىل ۋە تەرجىمە»،.... قاتارلىق بىر قىسىم ژۇرنال ۋە گېزىتلەر (گەرچە ئۇلاردىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلىلەر ساقلانغان بولسىمۇ) خېلى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. بىزچە يەنە باشقا ساھەلەردىكى كىشلەرمۇ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى لازىم.
2. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى مەتبۇئات يۈزىدە (ۋە باشقا ھەرقانداق يەردە) يالغۇز ئىسمى بىلەنلا باسماسلىقىمىز (ئىشلەتمەسلىكىمىز) لازىم. ھازىر بارلىق گېزىت، ژۇرنال، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىمىزدە ئاپتورلار ۋە باشقىلارنىڭ ئىسمى ئاددى ھالدا يالغۇزلا يېزىلىدىغان ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۈد. مەسىلەن: «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىللىق 4-سانىدىكى بىر ماقالىنىڭ ئاپتورى «مۇنەۋۋەر» دەپلا بېسىلغان، بۇ ئەھۋال بىر قارىماققا ئاددى ۋە ئىخچام ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ئادىتىدەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مەدەنىيەتسىز قىلمىشتۇر. يەنى بۇنداق ئىسىم-فامىلە قوللىنىش– مىللىتىمىزدە ئومۇملاشقان ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ئادىتىگىمۇ، خەلقئارادىكى ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ئادىتىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇنداق كىشى كەلگۈسىدە تۇراقلىق فامىلە تۇرغۇزساقمۇ، فامىلىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ-دە يەنىلا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەۋېرىدۇ. بىزدىكى قەلەمكەشلىكتىن خەۋىرى بار، زىيالىي سۈپەت بەزى كىشىلەرنىڭ بولۇشى شۇ تۇرسا، كەڭ ئاددى خەلقىمىز ئارىسىدا تۇراقلىق فامىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز قانداقمۇ ئوڭايغا توختىسۇن؟ ئوخشاش ئىسىملىك بىر قانچە كىشىنى ئىسمىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئاتىسىدىن، بوۋىسىدىن ياكى فامىلىسىدىن نومۇس قىلغىنىمۇ ؟ قەستەن ياكى دىققەتسىزلىكىدىن ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمۇ ؟ ۋەياكى ئۆزىچە ئىسىم فامىلىسىنى قىسقارتىپ قوللىنىپ دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىمۇ ؟ بۇنىسى نامەلۇم، ئەمما بىز پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ گېزىت، ژۇرنال، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىلىرىمىزنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى تولۇق قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى، گېزىت، ژۇرناللىرىمىز «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىللىق 4-سانىدا بېرىلگەن ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىغا ئوخشاش ئېلانلارنى بەرگەندە ، ناۋادا ماقالە-ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۆزىنىڭ تولۇق ۋە توغرا ئىسىم فامىلىسىنى يازمىسا، مەزكۇر ئىلمىي ماقالىنىڭ (ياكى ئەسەرنىڭ) قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ياكى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئەسكەرتمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنداق تەلەپنى يەنە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگىمۇ كېڭەيتىپ، مىللىتىمىز كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ يېزىلىش شەكلىنى تىرىشىپ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
3. كىشى ئىسىملىرىمىزدىكى ئالاھىدە تەركىبلەرنى يېزىشنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. بىزدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئىمىن قارى ئابدۇرەھىم، خۇرشىدە ئابدۇرەھىم ھاجى، مۇھەممەد رەھىم ھاجى (بۇ ئىسىملار «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)، ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ، ئابدۇرەھىم ھاجى ئىمىن، ھارۇنخان ھاجى، شەمشىدىن ھاجى، ھاجى نۇر ھاجى، ھاجى قۇتلۇق قادىرى، ھاجى رەھمان،... دېگەندەك شەكىلدە ئاتىلىۋاتىدۇ ھەم يېزىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىزدە يەنە موللا، داموللا، داموللىھاجى، قارىھاجى، ئاخۇن، خان، ئاغىچا، خېنىم، جان، مەخسۇم، بەگ، تۆرە، ئىشان، خوجا،...لار بىلەن ئاتىلىدىغان ۋە يېزىلىدىغان كىشى ئىسىملىرىمىزمۇ بار (بىز ئۇلارنى بۇ ماقالىدە كىشى ئىسىملىرىمىزدىكى ئالاھىدە تەركىبلەر دەپ ئاتىدۇق)، بۇنداق ئالاھىدە تەركىبلەرنىڭ بەزىلىرى كىشى ئىسمى بىلەن بىرىكىپ كەلسە (مەسىلەن: رەھىمھاجى، توختىھاجى، ھاجىنىسا، ھاجىخان،... دېگەندەك)، يەنە بەزىلىرى ئالدىدىكى مىساللاردىكىگە ئوخشاش كىشى ئىسمىدىن ئايرىپمۇ يېزىلىدۇ؛ بەزىلىرى كىشى ئىسمىنىڭ ئالدىدا كەلسە (مەسىلەن: ھاجى ياقۇپ، ھاجى رەھمان،...)، يەنە بەزىلىرى كىشى ئىسمىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدۇ (مەسىلەن؛ ھارۇنخان ھاجى، مۇھەممەد سالىھ ھاجى، شەمشىدىن ھاجى،...)؛ بەزىلىرى شۇ كىشىنىڭ ئىسمىدا كىچىكىدىنلا بار بولسا، يەنە بەزىلىرى كېيىن شۇ كىشىنىڭ تۈرلۈك دىنىي، ئىلمىي ۋە باشقا مەمۇرىي مەنسەپ-مەرتىۋىلەرگە ئىگە بولۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.
لېكىن بىزدە كىشى ئىسىملىرىمىزدىكى بۇنداق ئالاھىدە تەركىبلەرنى يېزىشتا تېخى بىرلىككە كەلگەن ئۇسۇل يوق. ھەتتا ئىملا لۇغىتى ۋە «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قوللانمىسى» دىمۇ شۇنداق. چۈنكى، بىز بۇ ئالاھىدە تەركىپلەرنىڭ شەكلىگە، ئاتىلىشىغا قاراپ ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ (بولۇپمۇ ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ) ئەسلى ئىسمىنىڭ تەركىبى (بولۇپمۇ كىشى ئىسمىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەنلىرىنىڭ)، قايسىسىنىڭ كېيىن قوشۇلغان ئالاھىدە تەركىپ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىمىز. يەنە بىرى، ئۇلارنى ئايرىيالىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمىز. ئۇنى كىشى ئىسمىغا ئۇلاشتۇرۇپ يازايلى دېسەك، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كېيىن قوشۇلۇپ قالغان، ئۇلىماي يازايلى ياكى قالدۇرىۋېتەيلى دېسەك، بۇ تەركىبلەر خۇددى تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلمالىرىمىزنىڭ تەخەللۇسىغا ئوخشاش، ئاللىبۇرۇن شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئۇ كىشلەرنى بۇ تەركىبلەر ئارقىلىقلا باشقا ئوخشاش ئىسىملىك كىشىلەردىن پەرقلەندۈرىدۇ ۋە تونۇيدۇ. بۇ ھالدا بىزنىڭ ئۇ تەركىبلەرنى مەزكۇر ئىسىملاردىن ئايرىۋېتىشىمىز، بىرى، شۇ كىشىنىڭ نام-شەرەپ ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك؛ يەنە بىرى، خەلقىمىزنىڭ نەچچە ئەسىرلىك نام-ئاتاق (نام-شەرەپ) قوللىنىش ئادىتىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا يېزىش ئۇسۇلىدا بىرلىككە كېلەلمىدۇق.
شۇڭلاشقا، بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىمىز شۇكى، ئەسلىدىنلا بار بولغان بۇنداق تەركىبلەرنى كىشى ئىسمىنىڭ ئۆزىگە ئۇلاپ، ئۇلىغىلى بولمىسا يېقىن كەلتۈرۈپ خۇددى قوش تەركىبلىك ئىسىملارنى يازغانغا ئوخشاش يازساق. مەسىلەن: ھاجىنۇر، ھاجىياقۇپ، ھاجىقۇتلۇق قادىرى، ھاجىبەگ، قادىرھاجى، توختىھاجى،... دېگەندەك؛ كېيىن قوشۇلۇپ قالغان تەركىبلەرگە قارىتا خەلقىمىزنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئىسىم قوللىنىش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ (ياكى ئۇنىڭ ئالاھىدە تەركىب ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىپ)، ئۇلارنىڭ شۇ كىشى ئىسمىدىن كېيىنلا ئۈزۈپ يازساق. مەسىلەن: ھارۇنخان ھاجى، شەمشىدىن ھاجى، ئابدۇللا قارىھاجىم، ئابدۇقادىر داموللا،... ناۋادا شۇ كىشىنىڭ ئىسمىدىن سىرت، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىدىمۇ شۇنداق ئالاھىدە تەركىب بولسا، ھەم بۇنى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسا، بۇ ئالاھىدە تەركىبلەرنى كىشى ئىسمىدىن ئايرىپ يازساق. مەسىلەن: ئابدۇرەھىم ھاجى ئىمىن ھاجى، داۋۇد قارى مۇھەممەد داموللىھاجىم،... دېگەندەك. ئەگەر كېيىن قوشۇلۇپ قالغان بۇنداق مەرتىۋە، ئورۇن ناملىرىنى ئىشلىتىش ھەممىلا يەردە ئانچە زۆرۈر بولمىسا، ئىسىملىرىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئادەتتە ئاڭلىق ھالدا ئۆزلىكىمىزدىن مۇمكىن بار ئىشلەتمىسەك (يازمىساق). مەسىلەن: ئىمىن ھاجى تۇرسۇن ئەمەس ئىمىن تۇرسۇن، مۇھەممەد سالىھ ھاجى ئەمەس مۇھەممەد سالىھ، ئەھەد ھاجى تۇردى ئەمەس ئەھەد تۇردى،... دېگەندەك. بۇنى ئالدى بىلەن شۇ ئىسىمنىڭ ئىگىسى بولغۇچى باش بولۇپ شۇنداق يازساق. كېيىن تۇراقلىق فامىلە قوللىنىپ قالساق، فامىلىمىز ئۆز ئىسمىمىز (ياكى يەنە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىسمى) دىن كېيىن، ياكى ئەشۇ ئالاھىدە تەركىبلەردىن كېيىن يېزىلسا. مەسىلەن: «ئۆز ئىسمى (+ ئالاھىدە تەركىب ياكى ئارانام- ئاتا-بوۋىسى + ئالاھىدە تەركىب) + فامىلە» شەكلى ۋە تەرتىپىدە دېگەندەك.
بىراق كىملىك، پاسپورت، ئارخىپ ۋە باشقا مۇھىم رويخەتلەردە مۇمكىن بولسا ئەسلى ئىسىم- فامىلىمىزنىلا ئاساس قىلىپ قوللىنىشنى ئويلىشىپ كۆرسەك.
4. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنىڭ خەنزۇچە، ئېنگلىزچە ۋە باشقا تىل-يېزىقلارغا تەرجىمە قىلىپ قوللىنىلىشى، جەزمەن بىزنىڭ ئەدەبىي يېزىق تىلىمىزدا قېلىپلاشتۇرۇلغىنى بويىچە بولسا، ھازىر «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قوللانمىسى» تۈزۈلۈپ ۋە نەشر قىلىنىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس سېلىندى. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى تاۋۇش سېلىشتۇرما جەدۋېلىنىڭ ئىشلىنىشى بۇ ساھەدىكى خىزمەتلىرىمىزنى ئىلمىي ئۆلچەمگە ئىگە قىلدى.
لېكىن، بۇ كىتاب نەشردىن چىققىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما بىز ھېچبىر ژۇرنالنىڭ بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ مۇندەرىجە تەرجىمىسىنى قىلغانلىقىنى كۆرمىدۇق. ئۆلچەم يوق چاغدىغۇ ھەرخىل، ھەرياڭزا تەرجىمە قىلدۇق. مانا ئەمدى ئۆلچەم بار تۇرسىمۇ ھېچقايسىمىز ئۇنىڭغا ئاساسلانمايۋاتىمىز. بۇنداق قىلساق ئىسىم-فامىلىلىرىمىز ۋە ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى قانداقمۇ پات ئارىدا قالايمىقانچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالالىسۇن؟
مانا ھازىر، بۇ «قوللانما» نىڭ تۈزۈتۈلمىسىگە يەنە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئەدەبىي يېزىق تىلىمىزدا قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلىگە ئاساسلىنىپ لاتىنچە ترانسكىرىپىسىيە ھەرپلىرى بىلەن قىلىنغان ئاھاڭ تەرجىمىسىمۇ قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنى ئىنگلىز ۋە باشقا نۇرغۇن مىللەت تىل-يېزىقلىرىغا ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىشنىڭ ئاساسىمۇ تۇرغۇزلدى. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى ئىنگلىز ۋە باشقا تىللارغا ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىش، خەنزۇچىغا ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلغانغا قارىغاندا نىسبەتەن ئوڭاي بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى تىللار ۋە يېزىقلار ئوتتۇرىسىدا ھەم تەرجىمانلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىمىزنى بۇ تىل-يېزىقلارغا تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسىدە يەنىلا مۇئەييەن پەرق بولغانلىقتىن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىم- فامىلىلىرىنى بۇ تىل ۋە يېزىقلاردا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىپادە قىلىشتا يەنىلا قېلىپلاشقان بىرەر خىل تۇراقلىق ئۇسۇل بارلىققا كەلمىدى. شۇڭا، ھازىر كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە خەنزۇچىغا، ئىنگلىزچىغا، رۇسچىغا ۋە باشقا تىل-يېزىقلارغا تەرجىمە قىلماقتا. مەسىلەن: ج خ مىنىستىرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار خادىملىرى ۋە تەرجىمانلىرى، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «تىل ۋە تەرجىمە»، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»،... قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ ئىنگلىزچە، رۇسچە،... تەرجىمانلىرى ۋە بارلىق ژۇرناللارنىڭ خەنزۇچە مۇندەرىجىسىنى ئىشلىگۈچىلەرگە ئوخشاش.
بارغانچە كۆپ ژۇرناللىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمىزنى ھەرقايسى مىللەت تىل-يېزىقلىرىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەجرىبىلەرمۇ توپلىنىپ بارماقتا. لېكىن ھەربىر تىلغا تەرجىمە قىلىدىغانغا ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق تىلىغا ئاساسلىنىپ ئىشلەنگەن بىردىن تاۋۇش سېلىشتۇرما جەدۋېلى ۋە شۇ بويىچە بىردىن ئۆلچەملىك قوللانما تۈزۈپ چىقماي تۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن بۇ ھازىر بىزدىكى بىر مۇھىم بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا.
5. ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى باشقا تىللاردىن تىلىمىزغا قايتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ قوللىنىش مەسىلىسى
ئۇيغۇرلاردا ئىسىملارنىڭ يېزىلىشى ۋە تەرجىمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا تۇراقلىق فامىلە تۇرغۇزۇش مەسىلىلىرىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى تىلىمىزغا قايتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ قوللىنىشقا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرمۇ بارغانسېرى ئاشكارىلىنىپ بارماقتا. مەسىلەن، 2000-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» پروگراممىسىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ×× ناھىيىسىدىكى 80 ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان تۇرسۇننىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بېرىلدى. بۇ خەۋەردىن چىقىپ تۇرىدۇكى، مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇرچىغا خەنزۇچىدىن تەجىمە قىلىنغان. بۇنداق دېيىشىمدە، ئۇيغۇرلار ياشانغانلارنى، بولۇپمۇ 80 ياشقا كىرىپ قالغان چوڭلارنى، مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئاددى ئىسمى بىلەنلا ئاتىمايمىز، يەنى بۇ خەۋەردىكى «80 ياش» بىلەن «تۇرسۇن» دېگەن ئىسىم پەقەتلا ماسلاشمىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش پەلپەتىش تەرجىمىلەرنى بىز نوقۇل تېلېۋىزوردىنلا ئەمەس، يەنە كىنۇ، رادىئو، گېزىت، ژۇرنال،... لاردىنمۇ دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز.
ھەممىزگە مەلۇم، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىنى قوللىنىش ئادىتى پەقەت ئوخشاشمايدۇ. خەنزۇلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ناتۇنۇش بولسا فامىلىسىگە ئىسمىنى قوشۇپ بىۋاستە ئاتاۋېرىدۇ. ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى (تونۇش بولسا) «لاۋ» (ئاكا)، ئۆزىدىن كىچىكلەرنىڭ ئىسمىنى (تونۇش بولسا) «شياۋ» (ئىنىم، ئۇكام) بىلەن قوشۇپ ئاتايدۇ ۋە باشقىلار. رەھبەر بولسا ئۇنى ئۇدۇللا ئاتىماستىن، فامىلىسىگە مەنسەپ نامىنى قوشۇپ ئاتايدۇ. قىسقىسى، خەنزۇلاردا ئاتاش سۆزلىرى ئاساسلىقى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ۋەياكى شۇ كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا بېقىپ بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردا، مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىسمى ئاساسەن، ئۇنىڭ ياش قورامى ۋە جىنسىغا قاراپ پەرقلىق ھۆرمەت ئۇلانمىلىرى بىلەن ئاتىلىدۇ. لېكىن خەنزۇلار (بولۇپمۇ خەنزۇ تەرجىمانلار ۋە مۇخبىرلار) بىزنىڭ كىشى ئىسىم-فامىلىرىمىزنىڭ ئاتىلىشى، يېزىلىشى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىدىن تازا دېگەندەك خەۋىرى بولمىغانلىقتىن، بىزنىڭ ئىسىملىرىمىزنى ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىچە ۋە ياكى ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ئادىتى بويىچە ئاتايدۇ ۋە يازىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تەرجىمانلىرىمىزدا ئەمەلىيەت بىلەن قىلچە ھېسابلاشماستىن، تەرجىمىنى ئەسلىگە سادىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى يۇقىرىقى مىسالدىكىدەك ئۆلۈك تەرجىمە قىلىش كېلىپ چىقىدۇ ...
يەنە، غەربلىكلەر (ھەتتا بىر قىسىم خەنزۇلارمۇ) بىزنىڭ كىشى ئىسىملىرىمىزدا تۇراقلىق فامىلە يوقلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن ھەم بىزنىڭ ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ئادىتىمىزنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ ياكى ئىسلام ئەللىرىدىكى باشقا تۇراقلىق فامىلە قوللانغان مىللەتلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىگە ئوخشىتىپ يېزىپ قويىدۇ. ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنىڭ غەرب تىل-يېزىقلىرىدا بۇنداق قوللىنىلىشى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق تەرجىمىلەر جەريانىدا بىزگە يېتىپ كەلگەندە، غەربلىكلەرنىڭ ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ئادىتىنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان كىشىلىرىمىز ئارىسىدا، ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: قايسى بىر كىشى ئىچكىرىدە چىقىدىغان بىر گېزىتتىن ئىنگلىزچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر ماقالىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنىڭ «قادىر خانىم» دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇيغۇرلاردا «قادىر» دەيدىغان ئايالچە ئىسىم بولمىسا، ئىنگلىز ئاپتورلار خاتا يېزىپ قويۇپتۇ، خەنزۇ تەرجىمانمۇ ئۇنى خەنزۇچىغا ئىنگلىزچىسىغىلا ئاساسلىنىپ، خاتا ھالدا تەرجىمە قىلىپ قويۇپتۇ، دەپ چۈشىنىپتۇ. ئىزدىسەك بۇنىڭغا دائىر ھەرخىل مىساللار يەنە تېپىلىدۇ.
دېمەك، بىزمۇ ئۆزگە مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزىمىزنىڭ تىلى ۋە يېزىقىغا بويسۇندۇرۇپ ئاتىغان ۋە يازغاندەك، ئۆزگە مىللەتلەرمۇ بىزنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ تىلى، يېزىقى ۋە ئادىتىگە بويسۇندۇرۇپ ئاتايدۇ ۋە يازىدۇ. شۇنداق ئىكەن ئەسلى ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرىمىزنى باشقا مىللەتلەر تىل-يېزىقلىرىدىن ئۆز تىلىمىزغا قايتا ئاغدۇرغاندا، ھەممىدە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى ئاتاش ئادىتىگە بېقىپ ئاساسلانماستىن، بەلكى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىمىزنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئادىتىگە بېقىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆرمەت ئاتالغۇلىرىنى قوشۇپ ۋە تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىشىمىز لازىم. بۇنداق تەرجىمە قىلساق، بەلكىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىسىم فامىلىلىرىمىزنى يېزىش ۋە ئاتاش ئادىتىگە «ھۆرمەتسىزلىك» قىلىنغانلىق بولۇپ قالار. لېكىن بىزنىڭچە، بۇ تەرجىمە، بىرى، بىزدە ئەدەبسىزلىك مەنىسىنى بېرىپ قويمىسا؛ يەنە بىرى، تۈرلۈك ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسا، قۇلاققا يېقىملىقراق ئاڭلانسا، خەلقىمىز ئۇنى تەرجىمە ئەمەس، ئۆز تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردەك ھېس قىلسا، ناھايىتى سۈپەتلىك چىققان تەرجىمە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
يۇقىرىقىلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ شەخسىي ئوي-پىكىرلىرىمىز بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ئابدۇۋەلى زوردۇن قاتارلىقلار تۈزگەن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قوللانمىسى»، شىنجاڭ ئېلېكترون نەشرىياتى 2000-يىل 10-ئاي 1-نەشرى
2. ش ئۇ ئا ر تىلكوم تۈزگەن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىش قائىدىسى (قوللانمىسى)»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى ، 2001-يىلى11-ئاي 1-نەشرى
3. «تىل ۋە تەرجىمە» ئۇيغۇرچە 2001-يىللىق 4-سان
4. «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن قىسمى، ئۇيغۇرچە) نىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى
5. «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» (خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك گېزىت، ژۇرنال، كىتابلار ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى