باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جانلىنىپ كەتتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-10-18 10:55

    ياڭ يىڭچۈن

    قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گو پىڭ 10 – ئۆكتەبىر جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان قەشقەر شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق رايونىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدى. گو پىڭ ماڭا مۇنداق دېدى: شېنجېن شەھىرىنىڭ 60 مىليون يۈەن مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلۇۋاتقان قەشقەر شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق رايونىدا 1 – ئىيۇن قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 23 مىڭ كىۋادرات مېتىر، 800 كارىۋات ئورنى بار بولۇپ، ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك ئۆلچەم بىلەن سېلىنىۋاتىدۇ، يىل ئاخىرى پۈتكەندىن كېيىن قەشقەر شەھىرىدىكى يېتىم ۋە قارىغۇچىسى، كىرىمى، ئۆيى يوق ياشانغانلارنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى ھەل بولىدۇ.

    كىشىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەر بۇلا ئەمەس: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى جېجياڭ ئۆلكىسى بىلەن ياشانغانلار ساناتورىيەسى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش زاپاس ئامبىرى قاتارلىق جەمئىي 220 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ياردەم بېرىش تۈرىنى بېكىتتى؛ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى جېجياڭ ئۆلكىسى بىلەن ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال ئازايتىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 570 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ياردەم بېرىش تۈرىنى بېكىتتى؛ خېنەن ئۆلكىسى بەش يىل ئىچىدە 127 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزى قۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى؛ بېيجىڭ شەھىرى بەش يىل ئىچىدە خوتەن شەھىرى، لوپ، قاراقاش ناھىيەلىرىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى...

    ‹‹خەلق ئىشلىرى خەلق تۇرمۇشىغا تەۋە، خەلق تۇرمۇشى بىلەن خەلق رايى چەمبەرچاس باغلانغان، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خەلق رايىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك››. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مو جۇەن ماڭا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئىشلىرى سىستېمىلىرى يىغىن روھىنى تېزدىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىش كۆردى. خەلق ئىشلىرى نازارىتى ۋە 12 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، 19 ئۆلكە، شەھەر بىلەن بەس – بەستە ئومۇميۈزلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە ياردەم بېرىش جانلىنىپ كەتتى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىر شىنجاڭدىكى ياردەم قىلىنىدىغان 82 ناھىيە، شەھەردە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى، بالىلار پاراۋانلىق ئەسلىھەسى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش – جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى، مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، نەزىر – چىراغ مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك 410 خەلق ئىشلىرى تۈرى ياردەم بېرىش تۈر پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 42 تۈرگە ئىسپات ئېلىش باشلانغان، 13 تۈردە قۇرۇلۇش باشلانغان.

    ئۆز ئارا ماسلىشىپ، بىرلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش

    ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، نازارەتتىكى باشقا رەھبەرلەر مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، نازارەت، ئورگاندىكى ئالاقىدار ئىشخانا مەسئۇللىرى ئالاقىلەشكۈچى بولغان ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى دەرھال تەشكىللىدى، ئۇلار تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ 12 ۋىلايەت(ئوبلاست)نىڭ خەلق ئىشلىرى تۈرلىرىنىڭ ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.

    ياردەم بېرىلىدىغان 12 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى، ئۇلار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى دەرھال باشلاپ، بىرلەشتۈرۈش ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، ئاساسلىق رەھبەر ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ياردەم بەرگۈچى تەرەپنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىدى. ناھىيە، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى باشلامچى بولغان ياردەم بېرىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلەشتى.

    19 ئۆلكە، شەھەردىكى خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرى پائال ماسلىشىپ، ياردەم بېرىش ئورگانلىرىنى تەڭلا قۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان ئورۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە پائال كېڭەشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ھەر قانداق بىرلىشىش پۇرسىتىنى زادى قولدىن بەرمىدى. بۇ يىل ئىيۇلدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى شاڭخەيدە يىللىق ئانالىز يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يىغىن ئارىلىقىدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارە رەھبەرلىرى ۋە 19 ئۆلكە، شەھەردىكى خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئىدارىلىرىنىڭ نازىر، باشلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش بويىچە سەمىمىي سىردىشىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

    چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئىلمىي بېكىتىش

    تەكشۈرمىگەننىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بولمايدۇ. شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە ياردەم بېرىشتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قانداق گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر بار؟ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ‹‹ئاۋۋال ئايرىش، كېيىن بىرلەشتۈرۈش، ئاندىن چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش››تىن ئىبارەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ‹‹ئورگاندىكى 100 كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش››، ‹‹شەھەر، يېزىلاردا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش››، ‹‹ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش››تىن ئىبارەت ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئەھۋال ۋە ئېھتىياجنى ئېنىق ئىگىلىدى.

    تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى مۇھاكىمە قىلىپ ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى قۇرۇلۇش تۈرى ۋە يېزا، بازار جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھە تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يېتەكلەش ۋە قوللاش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تايىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق رايونلىرىنى كۈچەپ قۇرۇش››تىن ئىبارەت خەلق ئىشلىرى تۈر قۇرۇلۇشى خىزمەت ئىدىيەسىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

    12 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىققىلىپ، ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، ياردەم بەرگۈچى تەرەپلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئۆز يېرىنىڭ خەلق ئىشلىرى ياردەم پىلانىنى ئىلمىي تۈزدى.

    پۇرسەت ئالدىدا شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدۇ

    مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 12 – ئۆكتەبىر ئېچىلدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، 19 ئۆلكە، شەھەردىكى خەلق ئىشلىرى نازارەتلىرىنىڭ نازىر(ئىدارە باشلىقى) لىرى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

    بۇ قېتىمقى يىغىندا، دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يىغىن خاتىرىسى››نى ئىمزالىدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى لىگو ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي خىزمەت ئىختىساسلىقلار قوشۇنى جەھەتلەردە شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قوللايمىز؛ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نەپىقە تولۇقلىمىسى، شەھەر، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، شەھەر، يېزا داۋالاش ياردىمى جەھەتلەردە مەركەز خىراجەت تولۇقلاپ بېرىدۇ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قوبۇل قىلغان ئىجتىمائىي ئىئانە پۇل ۋە بۇيۇملار، مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇھىم خەيرىيەت پائالىيەت تۈرلىرى ئىمكانقەدەر شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ...

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 19 ئۆلكە، شەھەردىكى خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرى، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى تارقىتىش – باشقۇرۇش مەركىزى، خۇنەن چاڭشا خەلق ئىشلىرى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، جۇڭخۇا خەيرىيەت باش جەمئىيىتى بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى: جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى تارقىتىش – باشقۇرۇش مەركىزى شىنجاڭنى جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى سىناق رايونى قىلىپ بېكىتىدىغان؛ خۇنەن چاڭشا خەلق ئىشلىرى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ھەر يىلى شىنجاڭغا 1000 ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىدىغان؛ جۇڭخۇا خەيرىيەت باش جەمئىيىتى خەلقئارالىق خەيرىيەت تۈرلىرىدە ئالدى بىلەن شىنجاڭنى قوللايدىغان بولدى.

    بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ دەرىجىسى يۇقىرى، كۆلىمى چوڭ، چېتىلىدىغان ياردەم مەبلىغى ۋە تۈرلىرى كۆپ، بۇلار ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى ھالقىما تەرەققىياتنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى.

    مو جۇەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى ھەسسىلەپ تىرىشىش، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى بىلەن بۇ تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جانلىنىپ كەتتى

مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە مەدەت بېرىدۇ

مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو قەشقەرنى يېڭى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى ، دېيىلدى

ئادىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى

ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ياپونىيە قول تىقماسلىقى كېرەك

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش–قالدۇرۇش ئىسىملىكى

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتېنىڭ نىزام خاراكتېرلىك قىسمەن قارارلارنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号