بىلىم ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى شەيئىلەر ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىساد، سىياسەت، پەن – تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە يېڭى سۆز – ئاتالغۇ كۆپەيدى. يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن سۆز – ئاتالغۇغا جاۋاب بېرىش كونكرېت تەرجىمە ئەمەلىيىتىدىن ئېيتقاندا ئوڭاي ئەمەس. چۈنكى، تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ ‹‹يېڭى›› ۋە ‹‹كونا››لىقىنى بەلگىلەش مۇھىم بىر مەسىلە. ئالايلۇق، ‹‹يېڭى سۆز – ئاتالغۇلار لۇغىتى››غا كىرگۈزۈلگەن ‹‹دېھقانلار جەمئىيىتى››، ‹‹قوشۇمچە يېمەكلىكلەر››، ‹‹خەلق كوممۇنىسى›› دېگەن سۆزلەرنىڭ بەزىلىرى يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدىكى سۆزلەر، بەزىلىرى ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى›› مەزگىلىدىكى سۆزلەردۇر، ئەمما، لۇغەت تۈزگۈچىلەر بۇلارنى ‹‹يېڭى سۆز – ئاتالغۇلار›› دەپ لۇغەتكە كىرگۈزگەن.
تەرجىمە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ‹‹يېڭى سۆز – ئاتالغۇ›› دېگىنىمىز مەلۇم بىر ۋاقىت بۆلىكىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان، لۇغەت تەركىبىدە يوق سۆز – ئاتالغۇلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقاچقا، يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان يېڭى سۆز – ئاتالغۇ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ، تىل تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى. ‹‹يېڭى›› بىلەن ‹‹كونا›› سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ پەرقىنى ۋاقىت بويىچە ئايرىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ‹‹نانومېتىر تېخنىكىسى››، ‹‹ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش››، ‹‹تېجەشچان جەمئىيەت قۇرۇش››، ‹‹ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىن بولۇش›› قاتارلىقلار يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن سۆز – ئاتالغۇلاردۇر.
يېڭى سۆز – ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. يېڭى سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك.
توغرا چۈشىنىش، توغرا ئىپادىلەش، قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش تەرجىمنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى. يېڭى سۆز – ئاتالغۇلارنى توغرا تەرجىمە قىلىش تەرجىمدىكى مۇھىم ھالقا. يېڭى سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى، ئۇنىڭ ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشى ــــ مۇھىمى يېڭى سۆز – ئاتالغۇنىڭ ئىپادىلىگەن ئىچكى مەنىسىنى تولۇق توغرا تەرجىمە قىلىشقا باغلىق. شۇڭا، يېڭى سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى چوقۇم توغرا قىلىش كېرەك.
2. سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ئىخچام، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. يېڭى سۆز – ئاتالغۇلار ‹‹يېڭى›› بولغاچقا، ئىشلىتىش دائىرىسى جەھەتتە بەزى پەرقلەرگە ئىگە. يېڭى سۆز – ئاتالغۇلاردىن ئىخچام، ئۇقۇملۇق، ئۆزلىشىشچان، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن بولغانلىرى خەلق ئارىسىدا تېزلا ئومۇملىشىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ ۋە ئىشلىتىش قېتىم سانى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ئىخچام، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك.
3. يېڭى سۆز – ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلغاندا سۆز ياساش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
قىسقىسى، يېڭى سۆز – ئاتالغۇلار تەرجىمىسى مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ بىر بۆلىكى، شۇنداقلا قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك تەتقىقات قىلىدىغان تېما بولۇپ، يېڭى سۆز – ئاتالغۇلار تەرجىمىسى مىللىي تىل – يېزىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇڭا، تەرجىمە ئورۇنلىرى، تەرجىمانلار ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ، يېڭى سۆز – ئاتالغۇلارنى توپلاش، تەتقىق قىلىش، تەرجىمە قىلىش، بېكىتىش، ئېلان قىلىش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىپ، يېڭى سۆز – ئاتالغۇلار تەرجىمىسىنىڭ توغرا، تېز، قېلىپلاشقان بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
(ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن)