ياڭ يىڭچۈن خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزىلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە داۋالىنىش – قۇتقۇزۇش ياردىمىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇشقا نۇقتىلىق مايىل بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلارنى تەربىيەلەش – ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى ۋە نۇقتىلىق ناھىيە – شەھەرنىڭ قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشكە مەدەت بېرىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەت زىيىنىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يېنىكلىتىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ئەمەلىي قوللىنىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، تەبىئىي ئاپەت نەق مەيدان ئۇچۇرىنى توپلاش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى سىستېمىسى ۋە ئاپەتتىن پاناھلىنىش ئورنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نەپىقە بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورۇنلارنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يارىدار، مېيىپ ھەربىيلەر ۋە پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىدىكەن.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەبلەغ جەھەتتە شىنجاڭغا مۇۋاپىق مايىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن پائال ماسلىشىپ، مەركەز توپلىغان لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا، مەھەللە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى دۆلەت پىلانىغا كىرگۈزۈشكە پائال تەشكىللەيدىكەن.