باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-10-14 11:02

 

       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى

    ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋىرى : مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 13 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، بۇنىڭ بىلەن مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى راسمىي باشلاندى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جى شۇپىڭ يىغىندا سۆز قىلدى ھەم ئىككى تەرەپكە ۋاكالىتەن كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

    يىغىندا، 2015 – يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، تەكشۈرۈش ،كارانتىن قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى روشەن ئۆستۈرۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش بېكىتىلدى.

    نۇر بەكرى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىرى، بۇ يېڭى باشلىنىش نوقتىسىدا شىنجاڭنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىپ، سىجىل ئىلگىرىلىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

    نۇر بەكرى مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ‹‹ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش›› ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشى كېرەك. ‹‹سۈپەتكە تايىنىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش›› ئىستراتېگىيەسىنى پائال يۈرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئومۇمىي سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ساختا – ناچار تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يېمەكلىك ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سۈپەت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن يېتەرلىك پايدىلىنىپ، ھەر بىر ياردەم بېرىش تۈرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ خالىس ياردىمىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    جى شۇپىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، سۈپەت تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئۇ، سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ‹‹قان بېرىش›› بىلەن ‹‹قان ئىشلەپچىقىرىش››، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى بىلەن يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈر، پەن – تېخنىكا، كادىر، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو قەشقەرنى يېڭى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى ، دېيىلدى

ئادىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى

ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ياپونىيە قول تىقماسلىقى كېرەك

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش–قالدۇرۇش ئىسىملىكى

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتېنىڭ نىزام خاراكتېرلىك قىسمەن قارارلارنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى

ئاشلىق كىرىزىسى تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا‹‹سۇ كىرىزىسى››دۇر

جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇرۇش ئەمەس


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号