باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> شىنجاڭ

ئادىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-30 12:18

    ـــــ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى مۇھەممەد توختى بىلەن سۆھبەت

    مەدىنە تاھىر

    ھەر يىلى 8 – ئاينىڭ ئاخىرى مەملىكىتىمىز بويىچە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلىنىدۇ. ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، شەنشى ئۆلكىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا بۇ يىلدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلاملارغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان خادىملار مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشسا، يېزىقچە ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېنىق بېكىتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىكى بۇ خىل ئېتىبار سىياسەت نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؟ ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەمۇرلۇق ئىمتىھان سىياسىتى ۋە ئاساسىي قاتلامغا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى مۇھەممەد توختىنى زىيارەت قىلدىم.

    مۇخبىر: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كادىرلار مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشسا، يېزىقچە ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشى بار؟

    مۇھەممەد توختى: پارتىيە 16 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. بۇنىڭدا شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش مەقسەت قىلىنغان. دۆلەت سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ جەھەتتە زور ياردەم بېرىلدى. بىراق مۇشۇ مەبلەغنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىدىغان، دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملىرىنى ماھىيەتتىن ئىگىلەپ، يېزىلارنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئىجادىي يوسۇندا تەتبىقلاپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى كەمچىل بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىلارنىڭ شارائىتى ناچار بولۇپلا قالماي، يېزىلاردىكى كادىرلارنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر ئىدى، شۇ سەۋەبلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ياشلار شەھەرلەردە بىكار يۈرۈشنى خالىدىكى، يېزىلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى خالىمىدى. شۇڭا، دۆلەت ئىختىساسلىقلارنى ئاساسىي قاتلاملاردا خىزمەت قىلىشقا جەلپ قىلىش مەقسىتىدە بۇ سىياسەتنى چىقارغان. بۇ ئېلىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى كونكرېت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

    مۇخبىر: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كادىرلار مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشسا، يېزىقچە ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتى نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؟

    مۇھەممەد توختى: كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كادىرلارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىدە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەر بايقالدى. بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى پۇختا بولغان بىلەن، خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل بولدى. يېزا خىزمىتىدە نوقۇل بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە مۇۋاپىق خىزمەت تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار يېزىلاردا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتلەردە بىر قىسىم توسالغۇلارغا ئۇچرىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇلاردا ئۆمۈر بويى يېزىلاردا ئىشلەپ كېتەرمىزمۇ، دەيدىغان ئەندىشە بولۇپ، خىزمەتكە چۆكەلمەي، پۇرسەت تېپىپ يۆتكىلىپ كېتىشنىڭ كويىدا بولدى، بەزىلىرى بىر نەچچە يىل ئىشلەپ بېقىپ، ‹‹چىقىش يولى›› بولمىغاندىن كېيىن، تەدرىجىي ئۆزىنى تاشلىۋەتتى. ئۈچىنچىدىن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى نەچچە يىل ئىشلەپ، ئەمدىلا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئەلمى – تەلمىنى ئالغاندا، يېزا، كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىمتىھاندىن ئاسانلا ئۆتۈپ، باشقا جايلارغا كېتىپ قالدى. بۇ بىر تەرەپتىن شۇ جايدا يېڭىباشتىن ئىختىساسلىقلار كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىم ‹‹قازان بېشىدىكىلەر›› بىلەن يېقىن ئۆتسە، شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ناچار خاھىشنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى. نەتىجىدە بۇ، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈردى. دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدا دۆلەتنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى ئادىللىقتىن گۇمانلىنىدىغان، ئىشەنمەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى. تۆتىنچىدىن، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. مۇشۇنداق بىر چوڭ ئىشتا ئەڭ مۇھىمى ئادىللىق. ئادىللىق جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى، بىر جەمئىيەتتە ئادىللىق بولمايدىكەن، بىز ئۇ جەمئىيەتنى ئىناق جەمئىيەت دېيەلمەيمىز، بىر يېزىدا ئادىللىق بولمايدىكەن، ئۇ يېزىنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا دېيەلمەيمىز. دېمەك، ئادىللىق بولمىسا، ئىناق جەمئىيەت قۇرغىلى بولمايدۇ. ئىمتىھاننىڭ ئادىللىقى تېخىمۇ شۇنداق، چۈنكى، بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز ئىمتىھانلاردىكى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى ‹‹ئارقا ئىشىك››تىن بىزار، ئادالەتسىزلىكتىن نەپرەتلىنىدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ يېزىلىرىمىزدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستۇدېنتلار دۆلەت مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان بەرسە، يېزىقچە ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈزۈمى ماھىيەت جەھەتتە مۇشۇنداق ئادىللىققا خىلاپ. شۇڭا، دۆلەت مۇشۇ خىل ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كادىرلار مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشسا، يېزىقچە ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالىي مەلۇماتلىق ياشلارنى يېزىلارغا، ئاساسىي قاتلاملارغا قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، مەخسۇس تۈرگە مەخسۇس ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

    مۇخبىر: دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ خىل ئېتىبار سىياسىتىنى ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمتىھان ئېلىش سىياسىتى تېخى ئۆزگەرمىدى، بۇ نىمە ئۈچۈن؟

    مۇھەممەد توختى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەھۋالى باشقا جايلارغا ئوخشىمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلىرىدا ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ناھايىتى كۈچلۈك. بىر كەنت ياكى بىر يېزىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنىڭ تەلىپى، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە يېتەكلەپ ماڭالايدىغان قابىلىيەتلىك يېزا، كەنت كادىرلىرى ئاز. ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش قېلىپىغا كىرىۋالغان رەھبىرىي كادىرلىرىمىز بىر قەدەر كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلار ئارىسىدىكى ھەرخىل ماجىرالارنى دۆلەتنىڭ قانۇن، ئەمىر – پەرمانلىرى بويىچە مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ سىياسەت، ئەمىر – پەرمانلىرى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى، مىللەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىلمىي پىكىر قىلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى قايىل قىلالايدىغان كادىرلىرىمىز نىسبەتەن كەمچىل. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كادىرلار مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشسا، يېزىقچە ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىنى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتسەك، يېزىلارغا چۈشۈپ، مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىمىز ھازىرچە بەلگىلىك توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

    مۇخبىر: ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىملىق قىلىۋاتقان كادىرلار مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشسا، يېزىقچە ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

    مۇھەممەد توختى: ھەر قانداق ئىمتىھاننىڭ باراۋەر، ئادىل بولغىنى ياخشى. بۇ سىياسەت ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىدى. بىراق يۆنىلىش ئېنىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ كېيىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇشۇنداق بىر ئادىللىققا موھتاج، بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو قەشقەرنى يېڭى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى ، دېيىلدى

ئادىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى

ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ياپونىيە قول تىقماسلىقى كېرەك

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش–قالدۇرۇش ئىسىملىكى

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتېنىڭ نىزام خاراكتېرلىك قىسمەن قارارلارنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى

ئاشلىق كىرىزىسى تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا‹‹سۇ كىرىزىسى››دۇر

جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇرۇش ئەمەس

مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号