باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ياپونىيە قول تىقماسلىقى كېرەك

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-30 12:08

    شىنخۇا تورى ئوبزورى : 9–ئاينىڭ 24–كۈنى ، ياپونىيە ‹‹جازالاشنى ساقلاپ قېلىش›› شەكلى بىلەن ، قانۇنسىز تۇتۇپ قالغان جۇڭگو بېلىقچىلار پاراخوتىنىڭ كاپىتانى جەن چىشيۇڭنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەسىگە يېقىن جايدىكى پاراخوت سوقۇلۇش ۋەقەسى ئاياغلىشىپ قالدى . ئەمما، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدىكى تالاش–تارتىشى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ . ھالبۇكى ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئىپادىلىگەن زىددىيەتلىك ۋە ئىللىق پوزىتسىيەسى ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭ تاقابىللىق ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدىكى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تاقابىللىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدىغانلىقىنى گەۋدىلىك ئىپادىلەپ بەردى .

    ئۇزۇندىن بويان ، ياپونىيە مەقسەتلىك ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى جۇڭگونى تىزگىنلەيدىغان ‹‹ پىشكىسى›› بولۇۋېلىپ، ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىك جەڭ ھارۋىسىغا باغلىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى مۇھىم چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى . بۇ قېتىمقى پاراخوت سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا ، ياپونىيە ‹‹ ئىچكى پاراكەندىچىلىك ›› كە دۈچ كەلگەن 3 يىلدىن بويان باش ۋەزىر 5 قېتىم ئالماشتى ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2–لىك ئورنىمۇ جۇڭگو تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى . ھالبۇكى ، جۇڭگو بۇ قېتىمقى پاراخوت سوقۇلۇش ۋەقەسىدە مەيدانى ئىزچىل قەتئىي بولۇپلا قالماستىن ، يۇقىرى قاتلاملىق ئالماشتۇرۇشنى ۋاقتىلىق توختىتىش قاتارلىق كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللاندى ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹‹ ئىككى قىرغاق ، ئۈچ جاي ››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو پۇقرالىرى ، چەت ئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ، جۇڭگولۇقلار بىرلىكتە دىياۋيۈ ئارىلىنى قوغداش دولقۇنى قوزغىلىپ ، ئادەتتە سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان كۈچكە ئايلاندى .

    بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنى ئىشلارغا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇرلىدى . ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە دىياۋيۈ ئارىلى ۋەقەسىدە ياپونىيەنىڭ قول تىقىشى بىلەن ، جۇڭگوغا ئازار بېرىپ قويۇشنى خالىمىدى . نېمىلا دېگەن بىلەن ئامېرىكان بىلەن جۇڭگونىڭ 400مىليارد دوللىرىلىق سودا بېرىش–كېلىشى بار . نۆۋەتتە ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە ئۈزۈلۈپ قالغان ھەربىي ئىشلىرىدىكى ئالماشتۇرۇشى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى دېيىشكە بولىدۇ . بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن: جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش–ئېرىشمەسلىكى ، ھەمدە مۇۋاپىق مۇناسىۋەتنى ئورنىتالىشى ‹‹ ياپونىيىگە باغلىق›› دېسە ؛ ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىتتىپاقدىشىنى‹‹ ئىنتايىن كۈچلۈك قوللايدىغان››لىقىنى بىلدۈردى . يەنە بىر تەرەپتىن ، ئامېرىكا گوۋۇيۈەننى تەلەپپۇزىنى پەسەيتىپ : ئامېرىكىنىڭ ئادەم يۆتكەش–توختىتىش رولىنى ئوينىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېللارى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنى دىياۋيۈ ئارىلى تالاش–تارتىشىنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى.

    مەيلى بىر خىل ‹‹ قىزىل يۈز›› تاكتىكىسى بولسۇن ، ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماسلاشماسلىق بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا كۆرۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى . جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىياۋيۈ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالاش–تارتىشلارنى ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ھەل قىلىش كېرەك . ئەگەر ، ئامېرىكا قول تىقىدىغان بولسا ، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بولغان ئىكەن قورقىدىغان ئىش يوق دېگەن قاراشقا كېلىپ قېلىپ ، بۇنىڭ بىلەن خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ ، نامۇۋاپىق ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن .

    ئامېرىكا–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن ئالغاندا ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا گەرچە مەنپەئەت توقۇنۇشى بولسىمۇ ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ، خۇددى جۇڭگو زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئېيتقاندەك ، جۇڭگو–ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ‹‹ھەمكارلاشسا ، مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ . تىركىشىپ قالسا ، كۆڭلى ئازار يەيدۇ ›› . ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوخشاشلا شۇنى تونۇپ يەتتىكى : پەقەت قارشىلاشماي ھەمكارلىشىشلا ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ . يېقىنقى مەزگىلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، خۇ جىنتاۋ كېلەر يىلى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ . شۇڭا ، ئامېرىكا–جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاكتىپ ھالدا كەيپىيات يارىتىش ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . بۇ خىل كەيپىياتقا ياپونىيە تېخىمۇ قول تىقماسلىقى كېرەك.

    (ئامېرىكا ‹‹مۇھاجىرلار گېزىتى›› نىڭ 9–ئاينىڭ 24–كۈنىدىكى ماقالىسى)

 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش–قالدۇرۇش ئىسىملىكى

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتېنىڭ نىزام خاراكتېرلىك قىسمەن قارارلارنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى

ئاشلىق كىرىزىسى تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا‹‹سۇ كىرىزىسى››دۇر

جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇرۇش ئەمەس

مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

1 – ئەۋلاد كىملىك ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ

ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىدا قايسى يولدا مېڭىش جەھەتتە تالاش-تارتىش پەيدا بولماقتا

ئامېرىكا قولىنى بوشىتىپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرامدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号