باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-13 12:34

    خۇ جىنتاۋ

    بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن گوۋۇيۈەن يېڭى ئەسىردە ئاچقان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مائارىپ خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئالماشتۇرۇپ، مائارىپ خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ‹‹دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2010 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى مەدىتىگە ئىگە قىلىش.

    تۆۋەندە ئۈچ تۈرلۈك پىكرىمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.

    1.مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك

    مائارىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۇل تاش، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى تۈپ يول بولۇپ، ئۇنىڭغا مىليونلىغان ئائىلىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى مۇجەسسەملەشكەن. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مائارىپنى قۇدرەت تاپقۇزۇش شەرت. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز مائارىپقا باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 60 نەچچە يىل، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىزدەك 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ زور بولغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردۇق، شەھەر، يېزىلاردا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالىي مائارىپنى ئاممىۋىلىشىش باسقۇچىغا يەتكۈزۈپ، مائارىپ ئادىللىقىدا زور قەدەم تاشلاپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، بۇ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، پەن – تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى چوڭ دۆلەتتىن ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا خاس زور تۆھپە قوشتى.

    ئۇزاقتىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۈن – تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن قان – تەر سىڭدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپە قوشتى. بۇ يەردە مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن كادىرلار، ئاممىغا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

    يېڭى جۇڭگو مائارىپىنىڭ 60 يىلى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەن 60 يىل. بۇ تارىخىي مۇساپىدە، بىز دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتايىن مۇھىم يەكۈن چىقاردۇق. بىرىنچى، مائارىپ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ نېگىزلىك ئىش، شۇڭا پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى ئىقتىساد، جەمئىيەت بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى ئۇللۇق، يېتەكچىلىك، ئومۇملۇق ئورنى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت. ئىككىنچى، مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، شۇڭا پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى مەكتەپنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ نىشانى ۋە مەقسىتى قىلىش شەرت. ئۈچىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە باغلىق، شۇڭا زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا،كەلگۈسىگە يۈزلىنىش تەلىپىگە باشتىن – ئاخىر ئەمەل قىلىپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئەھۋالىغا قويۇپ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرت. تۆتىنچى، مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول، شۇڭا ئادەمنى ئاساس قىلىپ، مائارىپ ئادىللىقىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. بەشىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە يېقىندىن تايىنىپ، مائارىپ قانۇنىيىتى بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇپ، ئوقۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش شەرت. بۇ مۇھىم يەكۈنلەر تولىمۇ قىممەتلىك بولۇپ، ‹‹مائارىپ يىرىك پىلان پىروگراممىسى››دا گەۋدىلەندۈرۈلدى، مۇھىمى ئۇنى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا مەھكەم ئىگىلەش ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك.

    نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

    پەن – تېخنىكىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىلىم بارغانسېرى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچى ئامىلغا، ئادەم كۈچى بايلىقى بارغانسېرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىققا ئايلانماقتا. پەن – تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار رىقابىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى مۇھىملىقى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى جەھەتتىكى رىقابەت تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ساپاسى جەھەتتىكى رىقابەت. مائارىپ خەلقنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پەن – تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئۇللۇق رول ئوينايدۇ. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپنىڭ زور رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يۈز مىليونلىغان يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر، ئون مىليونلىغان مەخسۇس ئىختىساسلىقلار ۋە زور بىر تۈركۈم سەرخىل ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقلىق، پۈتۈن جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولق قىممەت سىستېمىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئورتاق غايە – ئېتىقاد ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيلىك كەيپىياتى يېتىلدۈرۈپ، مىللەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيە – ئەخلاق ئاساسىنى پۇختىلاپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئەخلاقىي تەربىيە، ئەقلىي تەربىيە، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش بىلەن ئىدىيە – ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى، نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى، ئەتراپلىق يېتىلىش بىلەن مەلۇم بىر جەھەتتىن يېتىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

    شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىش تەلىپىگە تولۇق ئۇيغۇنلىشىپ كەتكىلى بولمايۋاتىدۇ. ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، ئوقۇيالايدىغان بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ خىللاشقان تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى ئوبدان قاندۇرغىلى بولمايۋاتىدۇ؛ مائارىپ قارىشى نىسبەتەن ئارقىدا، مەزمۇن، ئۇسۇل بىر قەدەر كونا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇپ، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قىيىن بولۇۋاتىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس، ئىجادچان، ئەسقاتىدىغان، بىرىكمە ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ؛ مائارىپ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس، مەكتەپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ؛ مائارىپنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشى دېگەندەك مۇۋاپىق ئەمەس، شەھەر، يېزىلارنىڭ، رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس؛ مائارىپ سېلىنمىسى يېتەرلىك ئەمەس، مائارىپنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تولۇق ئەمەلىيلەشكىنى يوق. مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بۇ مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشىمىز شەرت.

    مائارىپ دۆلەت پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلق تۇرمۇشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك، مائارىپ بۈگۈنكى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، كەلگۈسى تەرەققىياتقا تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئادەمنى تەربىيەلەشنى ئاساس، ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئادىللىققا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم نۇقتا، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ جەھەتتىكى چوڭ دۆلەتتىن مائارىپ جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەتكە، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى چوڭ دۆلەتتىن ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئۆتۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىشىشى، ئالغا بېسىشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    2. دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك

    مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقنى رازى قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

    مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئەھۋالىغا قويۇپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، قۇرۇلما، جايلىشىشنى ياخشىلاپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ‹‹مائارىپ يىرىك پىلان پىروگراممىسى››دا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىش، ئادىللىققا تۈرتكە بولۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش خىزمەت فاڭجېنى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، 2020 – يىلى ئېلىمىزدە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆگىنىشچان جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، دۆلىتىمىزنى ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمدى مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلىنى تەكىتلەپ ئۆتىمەن.

    بىرىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرت. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان بىر زور فاڭجېن. دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلارغا تايىنىشتا، ئاساس مائارىپتا. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىدا مائارىپنى باشتىن – ئاخىر ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، مالىيە مەبلىغىدە مائارىپ سېلىنمىسىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، جامائەت بايلىقىدا مائارىپ ئېھتىياجى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ئىھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئىلمىي قېلىپلاشقان تۈزۈمنى تېزرەك شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ سېلىنمىسى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا تايانچ بولىدىغان ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما، مائارىپ خىراجىتى جەھەتتە ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، كۆپ يول ئارقىلىق غەملەش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، 2012 – يىلى دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4ىگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ئۇنى مۇقىم ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، مائارىپنىڭ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش – تۇرالماسلىقنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەن – ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىش كېرەك.

    جايلار، تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىچ ماسلىشىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مائارىپنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئادىل مائارىپنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ مول، سۈپەتلىك مائارىپنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ئۆمۈرلۈك تەربىيەنى بەرپا قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مائارىپ تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي بېقىش، تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ خۇشال، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ياخشى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلارغا يۈزلەنگەن كەسپىي مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئوتتۇرا ۋە ئالىي كەسپىي مائارىپنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى، كەسىپ ماھارىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىلمىي تەتقىقات، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارادا داڭلىق، خاسلىققا ئىگە، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپ ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئالىي مائارىپنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋاملىق تەربىيە، مىللىي مائارىپ، ئالاھىدە مائارىپنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    ئىككىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تېما، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپى، ئۇنىڭ يادروسى قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت زور مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش، مۇھىم نۇقتىسى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتكە، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، دادىل ئىزدىنىشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ مائارىپ خىزمىتىدىكى ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىسى ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش. ئەخلاق ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى، ئالىيجاناب غايە ۋە يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، كىچىكىدىنلا ئىدىيە – ئەخلاق جەھەتتە پۇختا ئاساس سالغاندىلا، ئۆگىنىشتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولغىلى، ئىلگىرىلەشتە يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشتا كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىشنى مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىپ، غايە – ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى خەلق مائارىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، مېڭىگە سىڭدۈرۈشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بولغان ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ياخشى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەركىن – باراۋەر بولۇش، ئادىل – ھەققانىي بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەخلاق تەربىيەسىنى مەكتەپنىڭ دەرسخانا تەربىيەسى، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ئىشلىرى، ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ قارىشى، نىشانى، مەزمۇنى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر خاراكتېرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك.

    ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ مائارىپ خىزمىتىدىكى مۇھىم مەۋقەسى خەلقنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش مائارىپنىڭ ھەرقايسى باسقۇچ ۋە ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەرگىمۇ چېتىلىدۇ، شۇڭا، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىرىنچى بايلىق، مائارىپ ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشتىكى ئاساسلىق يول. ئوقۇغۇچىلارنى سۇبيېكت، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىللىق، خاسلىققا ئىگە، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى مۇھىت ۋە مېخانىزم يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق ھەرخىل ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش، بولۇپمۇ، سەر خىل يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى بېيىتىپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال ساپانى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تەربىيەسى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش كېرەك. ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدۇ، دېگەن ئىدىيەنى مائارىپنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىشتۈرۈش بىلەن سەرخىل يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى، ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتنى زىچ ھەمكارلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەر ئارا، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلار ئارا، مەكتەپلەر بىلەن پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئارا ھەمكارلىشىش ۋە جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ھەمكارلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل بىرلىشىپ يېتىشتۈرۈش شەكلىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى پۇختىلاش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تەشەببۇس قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارتقۇچى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش – يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى زور ھەجىمدە ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئىدىيەسى ئارقىلىق مەكتەپ مائارىپ ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جانلىق ئېچىۋېتىلگەن ئۆمۈرلۈك تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ ئوقۇش تارىخىي مائارىپى بىلەن غەيرىي ئوقۇش تارىخىي مائارىپنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، خىزمەتكە چىقىش ئالدىدىكى تەربىيە بىلەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تەربىيەنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئۆگىنىدىغان، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىشچان جەمئىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

    ئۈچىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت. ئىسلاھات مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق لايىھەلەش ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇلىرىنى يەنىمۇ تۈگىتىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھاياتىي كۈچكە تولغان، مول ئۈنۈملۈك بولغان، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق مائارىپ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش، يادرو ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مەقسەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. مائارىپ ئۈنۈمىگە قاراشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابنى توغرا يېزىش – يازالماسلىقىغىلا قاراشقا بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى، يېىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا قاراش، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئىقتىدارنى ئىگىلىگەن – ئىگىلىمىگەنلىكىگە قاراش، يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھازىرلىغان – ھازىرلىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەتراپلىق يېتىلىش قارىشى، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدۇ، دەيدىغان قاراش، كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلار قارىشى، سىستېمىلىق يېتىشتۈرۈش قارىشى، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش قارىشى تۇرغۇزۇپ، سىستېمىسى ئوچۇق، مېخانىزمى جانلىق، يوللىرى راۋان، تاللاش ئىمكانىيىتى كۆپ خىل بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشتا دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىم بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەھۋالغا قاراپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قوزغاش، تەتقىق قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش، قاتنىشىش شەكلىدىكى ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بىر خىللا بولغان سىڭدۈرۈش شەكلىدىكى مائارىپ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكىدىن ئازاد قىلىپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى قىزىقىش ۋە يوشۇرۇش ئىقتىدارىنى قېزىش ئاساسىدا ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرىدىغان، مۇستەقىل باشقۇرىدىغان، دېموكراتىك نازارەت قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ پاراۋانلىق خاراكتېرىدە بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، مەكتەپ باشقۇرۇش سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشكەن، مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى كۆپ خىل بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە، كارخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا پائال ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مائارىپ ساھەسىگە كىرىشكە يېتەكلەپ، پۇقرا مائارىپىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، ھۆكۈمەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ئاكتىپ قاتنىشىدىغان، ھۆكۈمەت مائارىپى بىلەن پۇقرا مائارىپى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئورۇنلار بىلەن كەسپىي ئورۇنلار ئايرىۋېتىلگەن، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇلىدىغان، ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك بولغان مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتىدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھات سالمىقى، تەرەققىيات سۈرئىتى، جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

    ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان، دۆلىتىمىز خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە كۈنسېرى كەڭ، چوڭقۇر قاتنىشىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى – تاشقى ئىككى خىل مائارىپ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك. چەت ئەلنىڭ ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسى ۋە پايدىلىق مائارىپ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈپ، دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا پائال جەلپ قىلىپ، چەت ئەللەردىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە ئىلىم تەشكىلاتلىرىنى پىلانلىق كىرگۈزۈپ، دۆلىتىمىزدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ چەت ئەللەردە مەكتەپ ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چەت ئەلدە ئوقۇشقا مەدەت بېرىش، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، بېرىش – كېلىشى ئەركىن بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت چەت ئەلدە ئوقۇشقا ئەۋەتىش مېخانىزمىنى يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چەت ئەلدە ئوقۇغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

    تۆتىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. مائارىپ ئادىللىقى ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئاساسى. مائارىپنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرى ۋە ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈش خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دۆلەتنىڭ تۈپ مائارىپ سىياسىتى قىلىش ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئاساس خاراكتېرلىك ۋەزىپە. مائارىپ ئادىللىقىدىكى ئاچقۇچ پۇرسەت ئادىللىقى يارىتىش، تۈپ ئاساسىي تەلەپ پۇقرالارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم نۇقتا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يۆلەش، تۈپ تەدبىر مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپ پۇرسىتى ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە چوڭ قەدەم تاشلىدى، بىز مۇشۇ ئاساستا پۇقرالارنىڭ مائارىپ پۇرسىتى ئادىللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. جامائەت مائارىپ بايلىقىنى ئادىل تەقسىم قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاجىز ھالقا ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى كۈچەيتىپ، شەھەر – يېزا، رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى پەرقىنى تېزدىن كىچىكلىتىش كېرەك. دۆلەت ماددىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدرىجىي ھالدا يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلە ۋە شەھەر، بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا ئوقۇشىغا ماددىي ياردەم بېرىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردىن يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتىپىدە قونۇپ ئوقۇيدىغانلىرىغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت ماددىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، ئوقۇش ياردەم قەرزى بېرىش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا، چەت، يىراق نامرات رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئاجرىتىلىدىغان مائارىپ سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، نامرات رايونلاردىكى يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ قونۇپ ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، بىرمۇ بالىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى، مەكتەپتە ئوقۇش قىيىنچىلىقى ياكى ئۆگىنىش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    مائارىپ ئادىللىقىغا تۈرتكە بولۇشتا، مائارىپ تۈزۈمى، قائىدىسىنىڭ ئادىللىقىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ ئادىللىقىنى قېلىپلاشقان باشقۇرۇش ئارقىلىق قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مائارىپ تەپتىشلىكى تۈزۈمى ۋە نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ‹‹قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى››نى ياخشى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپتىكى قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. پۇقرا مەكتەپلىرى ۋە بۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاش باراۋەر قانۇنىي ئورنىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سىستېما قۇرۇلۇشى، بۇنىڭغا تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك بىر تارىخىي جەريان كېتىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىدا، تەرەققىيات ئارقىلىق ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سىياسەت مەدىتى ئارقىلىق ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

    بەشىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مائارىپ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش شەرت. مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش مائارىپ جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپتا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يادرو قىلىنغان مائارىپ تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كۆلەم بىلەن سۈپەتنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشنى مائارىپ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنىڭ، مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئالاھىدىلىكىنى، سەۋىيەسىنى نامايان قىلىش ۋە داڭلىق ئوقۇتقۇچى، تالانتلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ ۋە مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوقۇتۇش ھالقىسىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سۈپىىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى قىلىنغان باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، مائارىپ سۈپىتى كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى، يېتىشتۈرۈش سۈپىتىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

    ئۇلۇغۋار مائارىپ پىلانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئاساس. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇل خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا تولۇق ئىشىنىپ، يېقىندىن تايىنىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ ۋە قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلمىىنى ياخشىلاپ، ياش، ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلاقى ياخشى، كەسىپكە پىشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى يۇقىرى بولۇشىغا ھەمدە ئۇنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈشكە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈنۈم مائاشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلىمى ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردا ئۇزاق مۇددەت ئىشلىگەن ئوقۇتقۇچىلارغا مايىللىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەم – ئەندىشىنى تۈگىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت، تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك. مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت، ئۆمۈرۋايەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە ئەڭ سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى، يېتەكچىلەر، سىنىپ مۇدىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قوشۇننىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈنۈمنى سىناشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى مەكتەپ ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەڭگىللىك قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ياخشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستىراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، مائارىپ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئۇچۇر تورىنى ھالقىما ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، 2020 – يىلى، شەھەر – يېزىلاردىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى قاپلىغان مائارىپ ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك.

    3.پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك

    مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئاچقۇچ. ‹‹مائارىپ يىرىك پىلان پىروگراممىسى››نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان زور ۋەزىپە، بۇ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە رەھبىرىي كادىرلاردىن مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرنى تۈزۈپ چىقىپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹مائارىپ يىرىك پىلان پىروگراممىسى››نى ھەقىقىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

    بىرىنچى، مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى تىرىشىپ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچى، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىغا مەدەت بېرىپ، مائارىپقا ئائىت ماكرو سىياسەت ۋە تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سىياسەت – تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ‹‹مائارىپ يىرىك پىلان پىروگراممىسى››دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چوڭ – چوڭ تۈرلەر ۋە ئىسلاھات سىنىقىنى ياخشى تۇتۇپ ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى، ماسلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاش ، شەھەر – يېزىلار بىلەن رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مېخانىزمىنى، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساپا مائارىپنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسىنى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەگە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ، پىئونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەكتەپنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەكتەپ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدىكى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى پائال يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ ۋە چىرىكلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. تىنچ مەكتەپ، مەدەنىي مەكتەپ، يېشىل مەكتەپ، ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ تورىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىش ۋە مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

    ئىككىنچى، پۈتكۈل جەمئىيەتنى مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا زور كۈچ بىلەن سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي خەلقنىڭ مەسئۇلىيەتى. مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى بىرلىكتە تىرىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مەدەت بېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ئىپادىلەش يولى ۋە مائارىپقا چارە – تەدبىر كۆرسىتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مائارىپنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىشكە، مائارىپ باشقۇرۇشقا پائال قاتناشتۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مائارىپنى قوللاش، مائارىپقا مەبلەغ سېلىش، مەكتەپ قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنى مائارىپ قارىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قارىشى، ئادەم ئىشلىتىش قارىشىنى يېڭىلاشقا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاپ، جانلىق، تېتىك ھەم ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك بولغان، مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تىرىشىپ ئاتلاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە يېقىندىن تايىنىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ئېسىل ئوقۇتۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسىپ سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىجتىھات بىلەن بېرىلىپ ئۆگىنىپ، نام – ئابرۇيىغا بېرىلمەي، ئۆزىنى قەدىرلەپ، تەلەپچان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە جان – دىل بىلەن ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچى ۋە يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. مەكتەپتىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە باشقۇرغۇچىلار ئاساسىي زېھنىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشقا قارىتىپ، رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، مەكتەپتە دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىشنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىپ، ئەلا نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.

    يولداشلار، 21 – ئەسىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئۇلۇغ گۈللەندۈرۈدىغان ئەسىر، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەسىر. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، دادىل ئىلگىرىلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت، ئىجادچان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

1 – ئەۋلاد كىملىك ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ

ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىدا قايسى يولدا مېڭىش جەھەتتە تالاش-تارتىش پەيدا بولماقتا

ئامېرىكا قولىنى بوشىتىپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرامدۇ

تارىخنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ ، پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى

جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدىكى توسالغۇ

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچايلى

جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئوڭۇشسىزلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号