باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەدەنىيەت ئىزنالىرى

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بۇيۇملىرى

ئاپتور: ۋارىسجان ئەمەتيوللانغان ۋاقىت: 2010-09-02 17:39

    

    ئۇيغۇر ئاياللىرى لاتىلارنىڭ رەڭگى، تۈرى بويىچە رەتلەپ، ئىشلىمەكچى بولغان بۇيۇمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ پۇرۇچلارنى كېسىپ شەكىلگە كەلتۈرۈپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تىكىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    تەكى: تەكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇ، ياتقاندا بەدەن بىلەن باش، بەدەن بىلەن بويۇننىڭ مەلۇم تەكشىلىككە توغرىلاپ ئۇخلاشتا باشقا قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ، يۇمىلاق، 60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا تىكىلىدۇ. تەكىنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇشتا پۇرۇچ لاتىلارنى ئۇچ بۈرجەك قىلىپ كېسىۋېلىپ، قۇراق تەكىگە تىك تۆت بولۇڭ، لوڭقا شەكلىدە نەقىش ۋە گۈللەرنى چىقىرىدۇ. تەكىنىڭ ئەستىرى كونا – يېڭى سۇر لاتىلاردىن تىكىلىدۇ. تەكىنىڭ ئىچىگە يۇڭ ۋە سامان سېلىنىدۇ. ساماننىڭ ئادەم تېرىسىنى غىدىقلاش ئارقىلىق تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىشتەك رولىنى كۈچەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ.

    تەللە: بۇ، يېزا – قىشلاقلار دىكى بالىلار كىتاب – ماتېرىيال، ئوقۇش قوراللىرىنى سالىدىغان، چوڭلار تەللە شەكىللىك خالتىلارغا نان – توقاچ قاتارلىقلارنى سالىدىغان تۇرمۇش قورالى بولۇپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن چوڭ – كىچىك تىكىلىدۇ. تەللىنىڭ ئەستىرى يېڭى سۇر لاتىلاردىن قىلىنىدۇ. سىرتى پۇرۇچلاردىن ئىشلىنىدىغان بولغاچقا، پۇرۇچ لاتىلار ئوخشاشلا تىك تۆت بۇلۇڭ، لوڭقا، گۈل قاتارلىق شەكىللەرگە كەلتۈرۈلۈپ قۇراپ ئۇلاش ئارقىلىق مەلۇم ئۆلچەمدە چىقىرىلىدۇ.

    زەدىۋال: زەدۋال ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھەر خىل نەقىشلەرنى تاللاپ قۇراپ تىكىدىغان بۇيۇمى بولۇپ، كەڭلىكى 120 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئېھتىياج بويىچە بولىدۇ. زەدىۋالغا پۇرۇچلاردىن كاككۇك قاتارلىق ئۇچار قۇش، لوڭقا، گۈل قاتارلىقلارنىڭ شەكلى چىقىرىلىپ، ئۇنىڭغا ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدىكى رەڭدار پۇرۇچلار بىلەن نەقىش چىقىرىلىدۇ.

    كۆرپە تېشى: بۇمۇ ئاساسەن زەدىۋالنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما، كۆرپە تېشىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئاساسەن 2x1.3 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. نەقىشلەر كۆپىنچە تىك تۆت بۇلۇڭ، كىۋادرات شەكلىدە بولىدۇ.

    تاماكا خالتىسى: تاماكا خالتىسى ئۇيغۇر قىز – چوكانلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى بولۇپ، قىزلار كۆڭلىگە پۈككەن ئوغۇللارغا، چوڭ ئاياللار ياخشى كۆرگەن كىشىسىگە تەقدىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئون سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، خالتىنىڭ ئاغزى تەرىپىگە ئۇچىغا يىپەك يىپ بىلەن پۆپۈك چىقىرىلغان 40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنچىكە شوينا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تاماكا خالتىسى مەخسۇس كۆك تاماكا قاچىلايدىغان خالتا بولۇپ، باشقا بۇيۇملارغا قارىغاندا تولىمۇ نەپىس ھەم كۆركەم ئىشلىنىدۇ. تاماكا خالتىسىنىڭ ئۈستى – ئاستى تەرىپىگە كىچىك ۋە سىپتا قىلىنىپ ئۈچ بۇلۇڭلۇق جىيەك چىقىرىلىدۇ. ئوتتۇرىسىغا دۇخاۋاقاتارلىق سۇر لاتا ئىشلىتىلىدۇ.

ۋارىسجان ئەمەت
 مەنبە: تەڭرىتاع ئۇيعۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدىكى توسالغۇ

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچايلى

جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئوڭۇشسىزلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

بۇ يىلقى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (3)

بۇ يىلقى‹‹1–نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (2)

بۇ يىلقى‹‹ 1–نومۇرلۇق ھۆججەت ››نىڭ يەشمىسى(1)

ساغلام ، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号