باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدىكى توسالغۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-02 12:52

    گېرمانىيە ‹‹يورۇق ئەينەك›› ھەپتىلىك ژۇرنىلى ماقالىسى ، ئەسلى تېمىسى : ئەرزان باھالىق زاۋۇتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۈپ ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە.

    جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئەرزان باھالىق زاۋۇتلىرىنىڭ ئالىي سۈپەتلىك تاۋار ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بۇ ، ئەمەلدارلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس . ئېغىر بيۇروكراتلىق ئىستىلى پەن تەتقىقاتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان بولۇپ ، پەقەت ئاز ساندىكى شىركەتلەرلا ئىجادچانلىققا ئىگە.

    جۇڭگو ئەسلىدە كەشپىياتچىلارنىڭ ماكانى ئىدى. ئەمما بۇندىن 500 يىل ئىلگىرى ، بۇ دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى يوقاتتى. چۈنكى، پادىشاھلار يېڭى شەيئىلەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى.

    ھازىر ، جۇڭگو يەنە ئەسلىگە قايتىپ كەلدى: ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇشقا باشلىدى ، جۇڭگو زاۋۇتلىرى بوشلۇق ماشىنىلىرى ، iphone، ipad لارنى ئىشلەپچىقاردى ، جۇڭگو ئىشچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ، شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ، يادرو رېئاكتورىنى قۇرۇپ چىقتى . جۇڭگودا، يانفون ئارقىلىق ھەرقانداق ئىشنى دېگىدەك بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى ، ھەتتا ئەڭ چەت ئۆلكىلەرمۇ كەڭ بەلباغلىق ئالاقە تورى ئۇلاندى.

    يېڭىلىق يارىتىش ، يېڭىلىق يارىتىش ، يېڭىلىق يارىتىش . ‹‹ئۆز زېمىنىدا يېڭىلىق يارىتىش›› ، بۇ جۇڭگو كارخانا سىياسىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تەسۋىرىگە ئايلاندى ، بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ ئارقىسىدا ، جۇڭگو ئۆزىنى گۈللەندۈرۈشتە مەڭگۈ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقىلا تايانسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . جۇڭگولۇق بىر ئەمەلدار ئاغرىنىپ: ‹‹ بىز ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىمىزغا ، بولۇپمۇ ئۇلارنى تېزلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا موھتاج›› دېدى. بىراق، تا بۈگۈنگە قەدەر ، خەلقئارادا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان تاۋار ماركىلىرىمىز ، مەسىلەن: خەيئېر، ليەنشياڭ، خۇاۋىيدەكلەر يەنىلا بەك ئاز.

    جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرى ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا پەن–تېخنىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سانى ئامېرىكىدىن كېيىنلا تۇرىدۇ . جۇڭگونىڭ پاتېنىت ئىلتىماسى 2008– يىلى 80 تۈمەندىن ئېشىپ ، تەستىقلانغىنى 20 تۈمەنگە يەتتى . بۇ ئادەمدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدىغان سان ، بىراق چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سودىگەرلىرى مۇنداق دەيدۇ : ئىجادىي خاراكتېرلىك يېڭىلاش ئىنتايىن كەمچىل ، دائىم دېگۈدەك پەقەت ھازىر بار بولغان تېخنىكىلارنى ئىنچىكىلەش ۋە ياخشىلاشلا بولۇۋاتىدۇ.

    ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى جۇئېرگ ۋۇتكې مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە، غايەت زور سېلىنما بىلەن ئاز مىقداردىكى ھاسىلات ئوتتۇرىسىدا يەنە ‹‹زور ماس كەلمەسلىك بار، جۇڭگو سەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ، يەنە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك . مەسىلەن: پەقەت ئاز ساندىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارلا تەتقىق قىلىش–ئېچىش تارماقلىرىنى قوللاۋاتىدۇ . دىرېكتورلار تېزلىكتە نەپ ئېلىش ياكى يېڭىچە سانائەتلەرگە مەبلەغ سېلىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، بانكىلارمۇ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا قەرز بېرىشتە يەنىلا ئىككىلىنىپ تۇرىدۇ.

    مەكتەپلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى يېتەرسىز ، دۆلەتنىڭ پەن– تەتقىقات ئورگانلىرى بەكمۇ بيۇروكرات بولۇپ ، چېرىكلىك ئېغىر ، خەلقئارادىكى ئەقىل ئامبىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

    ھۆكۈمەت تەرەپ تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرمەستىن ، بەلكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئاشكارىلانغان مەخسۇس تېخنىكىلىرىنى ئاددىيلا تەلەپ قىلىدۇ ، چەت ئەل زاۋۇت باشلىقلىرى ۋە سودىگەرلەر بىلىم–مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلى –تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىدىن نارازى بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا يامانلىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.

 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدىكى توسالغۇ

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچايلى

جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئوڭۇشسىزلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

بۇ يىلقى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (3)

بۇ يىلقى‹‹1–نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (2)

بۇ يىلقى‹‹ 1–نومۇرلۇق ھۆججەت ››نىڭ يەشمىسى(1)

ساغلام ، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号