باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچايلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-02 12:49

    — 19–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا

    بۈگۈن، ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغىغان 19 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغۇسى .

    بۇ، مۇھىم پەيتتە مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى.

    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭى نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئومۇميۈزلۈك باشلانغان، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلغان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 19 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ھالەت، يېڭى قىياپەت بىلەن نامايان بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقلىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئېچىۋېتىلىش ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىپ، چاقىرىققا تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن ئاۋاز قوشۇپ، بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.

    بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان يەرمەنكە.

    ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى كېلەر يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ يىللىق يەرمەنكە ئاخىرقى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قانات چىقىرىپ، كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ.

    1992 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئۇ 19 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئۇزۇن تارىخ ئېقىمىدا 19 يىل كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقىچە ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقىت ھېسابلانسىمۇ، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.

    19 يىلدا، كۆچەت ئاسمانغا تاقاشقىدەك دەرەخ بولۇپ يېتىلدى؛ 19 يىلدا، بوۋاق نەۋقىران يىگىتكە ئايلاندى.

    شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى نام كارتوچكىسىغا ئايلاندى.

    ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلغاندىن باشلاپلا ‹‹شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتۇش، شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش›› تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى. يىللار داۋامىدا ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ سەۋىيەسى يىلمۇ يىل ئۆستى، ئىچكى – تاشقى تەسىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئۆتكەنكى ئۈرۈمچى يەرمەنكىلىرىگە 70 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون ئۆمەك تەشكىللەپ قاتناشتى، يەرمەنكىگە قاتناشقان چەت ئەللىك سودىگەر جەمئىي 25 مىڭ ئادەم (قېتىم) گە يەتتى؛ دۆلەت ئىچىدىن 16 كارخانا، 500 مىڭغا يېقىن سودىگەر يەرمەنكىگە قاتناشتى. مۇشۇنداق كەڭ دائىرە، كەڭ ساھەدىكى ئىقتىساد – سودا ئالاقىسى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى مۇھىم كۆزنەك ۋە كۆۋرۈككە ئايلاندۇردى، ئۇ شىنجاڭنىڭ تاشقى ھەمكارلىق – ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ۋە سەۋىيىسىنى نامايان قىلدى.

    شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سەھنىسىگە ئايلاندى.

    شىنجاڭنىڭ ‹‹شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش›› تىكى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئىقتىساد – سودىدا كېڭىشىش ئىقتىدارىنى كۈندىن – كۈنگە گەۋدىلەندۈردى. ئىلگىرىكى ئۈرۈمچى يەرمەنكىلىرىنىڭ تاشقى پۈتۈشۈش سوممىسى جەمئىي 36 مىليارد دوللارغا، ئىچكى پۈتۈشۈش سوممىسى جەمئىي 975 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىقتىساد – سودىدا كېڭىشىش ئارقىلىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى نۇرغۇن ‹‹ئىقتىسادىي ھۈجەيرە›› لەرنى جانلاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تىرانسفورماتور، ‹‹مېيكې›› گۇرۇھى، ‹‹سەنباۋ›› گۇرۇھى قاتارلىق نۇرغۇن كارخانىسى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى سەھنىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىغا، ھەتتا چەت ئەل بازارلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلىدى.

    شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى شىنجاڭنىڭ يەرمەنكە ئىقتىسادىنىڭ باشلامچى ماركىسىغا ئايلاندى.

    ‹‹ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى يىلمۇ يىل ئۆتكۈزىمىز، يىلدىن – يىلغا ياخشى ئۆتكۈزىمىز›› دېگەن ۋەدە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە زال ئىچىدىكى يايما ئورنى 1300 گە، زال ئىچى – سىرتىدىكى يايما كۆلىمى جەمئىي 30 مىڭ كىۋادرات مېترغا يەتتى. شۇنداق بولسىمۇ، جايلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. شۇڭا ۋىلايەت – ئوبلاست يەرمەنكىلىرى، ساھە يەرمەنكىلىرى، كارخانا يەرمەنكىلىرى ئارقا – ئارقىدىن ۋۇجۇتقا چىقتى، بۇ يەرمەنكىلەردە ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ تەجرىبىلىرى ئۆرنەك قىلىنىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش، ‹‹بارچە گۈللەر بەس – بەستە ئېچىلىش›› ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ سەركىلىك رولىغا ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ.

    شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى قاراشنى ئۆزگەرتىشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

    ھەر بىر نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئىدىيەنى يېڭىلاپ، تەسەۋۋۇرنى ئاچىدىغان ئەمەلىي سەھنە. يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى يۈزلىنىش ئىتتىرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، بىلىپ – بىلمەي تۇرمۇشىمىزدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

    ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە رەھمەت، ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ئەجرىگە رەھمەت. 19 يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە، ئۇ ساغلام تەرەققىيات يولىنى ئاچتى؛ 19 يىل جاپالىق ئىزدەنگەچكىلا، ئۇ تۈگىمەس تەرەققىيات ئېنېرگىيەسى توپلىدى.

    مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، مۇكەممەللىشىپ بارمىغان بولسا، ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى ۋۇجۇتقا كەلمىگەن بولاتتى.

    يەرمەنكىگە 1000 دىن ئارتۇق كارخانا قاتناشتى، چەت ئەللىكلەرنىڭ يايما ئورنى 100 دىن ئاشتى، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سسېتىۋالغان يايما ئورنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر يىلدىكىدىن كۆپ بولدى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار، رىكوردلار بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ چوڭ، ئۆلچىمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى يېڭى يۈكسەكلىكتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىپ، يېڭى پەللىدە ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە پۇختا ئاساس سالغۇسى.

    19 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى، ئۇنىڭ مىسلىسىز كاتتا سىماسىنى، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگىرىشىنى ئەستىن چىقارمايلى.

    جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە بەخت تىلەيمىز، ئۇنىڭ شانلىق ئىستىقبالىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچايلى

جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئوڭۇشسىزلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

بۇ يىلقى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (3)

بۇ يىلقى‹‹1–نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (2)

بۇ يىلقى‹‹ 1–نومۇرلۇق ھۆججەت ››نىڭ يەشمىسى(1)

ساغلام ، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى

تارىخنى ئەستە تۇتۇپ ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号