بۇ يىل كىرگەندىن بويان ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى داۋالغۇپ ، تۇراقسىز ، نورمالسىز ھالەتكە چۈشۈپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت–ئېتىبارىنى قوزغىدى .
بۇنداق ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئامېرىكا جۇڭگوغا ئەزەلدىن ئىككى يۈزلىمىچى سىياسەت قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ ، يەنى ھەمكارلىشىش بىلەن ئىسكەنجىگە ئېلىش ، كېڭىشىش بىلەن بېسىم ئىشلىتىش تەڭ مەۋجۇت . مەلۇم بىر مەزگىلدە بۇنداق سىياسەتنىڭ قايسى تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە ئەمەلىي مەنپەئەتىگە باغلىق. ئامېرىكىدا جۇڭگوغا قارىتا قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش جەھەتتە ئىككى خىل كۈچ مەۋجۇت . ئۇنىڭ بىرى سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىدە چىڭ تۇرۇشنى ياقلايدىغان كۈچلەر ، ئۇلار دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۆلچەشتە ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ئىدېئولوگىيەدىكى پەرقنى ئۆلچەم قىلىپ ، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك جۇڭگوغا جاھىل ۋە دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارايدۇ ، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىغا خىرىس بولۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ ، تېز تەرەققى قىلىۋاتقان جۇڭگونى بارغانسېرى ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى ياكى ‹‹ يۇشۇرۇن دۈشمىنى›› دەپ قارايدۇ . ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى ، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلدى . جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان مۇقەررەر رېئاللىققا ئايلاندى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو تىنچ تەرەققى قىلىش يولىغا مېڭىشتا چىڭ تۇرماقتا . ئۇ كىشىلەرمۇ شۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشۈپ ، جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىشقا ، جۇڭگونى ‹‹ قېلىپقا چۈشۈرۈش›› ۋە جۇڭگودىن پەخەس بولۇشقا ئۇرۇنماقتا . جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇقىم راۋاجلىنالماي دائىم پېشكەللىك پەيدا بولۇپ تۇرۇشقا ئەنە شۇ ئىككى خىل تەپەككۈر ۋە كۈچ نېگىزلىك سەۋەب بولماقتا . جۇڭگو توغرىسىدىكى ھەرخىل سەپسەتىلەرنىمۇ ئەنە شۇلار پەيدا قىلماقتا ۋە تارقاتماقتا.
ئامېرىكىدا جۇڭگوغا دوستانە بولۇپ ، ‹‹ چىرايلىق سۆز›› لەرنى قىلساقلا جۇڭگو شاپائەت كۆرسىتىشى ، مۇھىم مەسىلىلەردە ئامېرىكىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك ، دەيدىغان خاتا ھۆكۈم مەۋجۇت . يەنە بىز ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ ئويى ۋە تەلىپى بويىچە ‹‹ ھەمكارلاشساق›› بولغۇدەكمىش ، ئۇنداق قىلمىساق ‹‹ قارا يۈزلۈك›› قىلغان بولىدىكەنمىز. جۇڭگو ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ، بىز مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويىمىز ، ھەرقانداق ئىشتا خەلقئارا ئومۇمىيلىقنى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئالىمىز ، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق پرىنسىپىمىز ۋە مەيدانىمىز بار ، بىز ئامېرىكا نېمە دېسە شۇنى قىلىپ يۈرمەيمىز.
خېلى بىر مەزگىلدىن بويان ، ئامېرىكىدىكى بەزى مەتبۇئاتلار جۇڭگو ئامېرىكىغا ‹‹ قاتتىق›› پوزىتسىيە تۇتىدىغان بولۇپ كەتتى دەيدىغان سۆزلەرنى تارقىتىپ كەلدى ، ئوبامانىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى ، كوپىنھاگىن كىلىمات باشلىقلار يىغىنى، ‹‹ تيەنئەن›› پاراخوتى ۋەقەسى ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى قاتارلىق بىر مۇنچە ئىشلاردا جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى بۇرمىلاپ ۋەقەنى ئۇلغايتىش رولىنى ئوينىدى ، ھەم ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىدىيەسىنى بۇلغىدى ھەم جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەيپىياتىنى بۇزدى.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادا مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئىككى چوڭ دۆلەت ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يالغۇز بۇ ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ . چۈنكى ، بىرىنچىدىن ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا چىگىش ۋە مۇرەككەپ دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ ، خەلقئارا تىنچلىق ، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق قاتارلىق بىر مۇنچە تەرەپلەردە كەسكىن خىرس ۋە مۇئەييەنسىزلىك ئامىللىرىغا يۈزلەنمەكتە ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئامانلىقى بىر–بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن . ئىككىنچىدىن ، خەلقئارا جەمئىيەت ھازىر دۇنيا خاراكتېرلىك بىر قاتار مەسىلىلەرگە يۈزلىنىۋاتىدۇ. تېررورلۇق ، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ، كىلىمات نورمالسىزلىقى ، مۇھىت بۇلغىنىش ، ئېنېرگىيە كرىزىسى ، ئاشلىق قىسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئارقا–ئارقىدىن پەيدا بولۇۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئالاھىدە زۆرۈر . ئۈچىنچىدىن ، دۇنيا ئىقتىسادى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسنىڭ ئاسارىتىدىن ئومۇمى جەھەتتە قۇتۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانى يەنىلا تۇراقسىز بولۇۋاتىدۇ ، شۇڭا ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىپ دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ ، ئۈنۈملۈك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكى ئورنىتىپ ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى ئاساسلىق ئىدارە قىلغۇچىغا خاس رولىنى پۇختىلىشى ۋە جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . تۆتىنچىدىن ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ ، مەنپەئەتكە بىر-بىرىنى شېرىك قىلىش ۋەزىيىتى تەدىرىجىي شەكىللىنىپ ، ھەر ئىككى دۆلەتكە ھەققىي نەپ تەگمەكتە . گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئايرىم كونكرېت مەسىلىلەردە ئىختىلاپ ۋە قىسمەن مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، ھەمكارلىق ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسي تەرەپنى ئىگىلىمەكتە.
گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا ، ئامېرىكا ھازىر بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرگە دۈچ كەلدى ، بۇنى قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، مانا مۇشۇنداق چاغدا جۇڭگو–ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قەستەن توقۇنۇش پەيدا قىلىپ ، مۇناسىۋەتنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن پادىسىز ، ئۇ ھەم ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر بولمىغانلىق ، يارىشىش ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ، مانا بۇ جۇڭگو–ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتىن چىقىرىلغان يەكۈن . شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقى ھېسابلىنىدۇ . ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ ، ئومۇمىيلىقنى ئىگىلەپ، پوزىتسىيەنى توغرىلاپ ، بالدۇرراق ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ ، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئاكتىپ ھەمكارلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئاندىن ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولىدۇ ، بۇمۇ دۇنيادىكى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقنىڭ سەمىمىي ئارزۇسىدۇر.