سۇ ئاستىدىكى نېفىت ئېقىپ چىقىۋاتقان كۆرۈنۈش
مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئاپىتىنى پەيدا قىلغاچقا ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى . ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ، پارلامېنت ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ، ھالبۇكى ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بۇ خىل كەيپىيات ئەنگىلىيەدىمۇ كۈچلۈك قارشىلىق قوزغىدى . ئەنگىلىيە - ئامېرىكا ‹‹ئالاھىدە مۇناسىۋەت›› ى ھازىر مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كانادادا تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپ ، ئاساسلىقى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى توغرۇلۇق سۆھبەتلىشىدىكەن . ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ‹‹ھادىسە›› كاتېگورىيەسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، سىياسەت، ئىقتىساد، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىستىراتېگىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ يىل ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام يىلى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدىكەن، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ سايلام ئەھۋالىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىكەن.ئوباما ئاپەت رايونىغا تۆت قېتىم بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىككى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن. ئوباما ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىگە قارىتا زەربە بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنى ‹‹مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش›› قا دەۋەت قىلىپ، ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى توسۇپ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدىكى بەزى سىياسىي كۈچلەرنىڭ ‹‹ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشمىدى›› دېگەن تەنقىدلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ‹‹بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقماقچى بولغان››.
ئامېرىكىدا بارغانسېرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئەيىبلەش سادالىرى ئەنگىلىيەنىڭ ئەمەلىي مەنپەئىتىگە بېرىپ تاقالدى.ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسىنى قوللاش ياكى باج ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئەنگىلىيەدە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. بۇ شىركەت چۈشۈپ قالغان قىيىن ئەھۋالغا قارىتا، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، مەلۇم ئاخبارات ۋاستىسى ئامېرىكا ئەنگىلىيەنى ‹‹ئالۋاستىلاشتۇرۇش›› قا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى. بەزى مۇنازىرىلەردە كامىرون ‹‹كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئامېرىكىغا ئوچۇق - ئاشكارا گەپ قىلالمىدى›› دەپ تەنقىدلەندى، ‹‹ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ئەنگىلىيە مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم›› دېيىلدى.
نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئامېرىكا - ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋاتقانلىقىغا قارىتا، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە مۇرەسسە قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تاللىدى ، بۇ خىل تاللاش ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت ئېھتىياجى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقتى . ئافغانىستان ئۇرۇشى ، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارا مەسىلىلەردە ، ئامېرىكا يەنىلا ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىغا جىددىي موھتاج . ھالبۇكى ، كامىرون ئەمدىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى سەزگۈر بولغان تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا بىلەن يامانلىشىپ قالسا ، ئامېرىكا ئۇنىڭ دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن شەكسىز قۇسۇر ئىزدەيدۇ . ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ 20 مىليارد دوللارلىق تۆلەم فوندى قۇرۇشقا ماقۇل بولۇشى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ‹‹باسقۇچلۇق ھەل بولۇشى›› دەپ قارالغان بولۇپ ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تەنقىدلىرى بۇنىڭ بىلەن كۆپ ئازايغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىدەك چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئاللىبۇرۇن پەقەت ‹‹ئەنگىلىيە›› نىڭلا نېفىت شىركىتى بولماي قالدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار. ئامېرىكا - ئەنگىلىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، شۇنى ئورتاق تەكىتلىدىكى، ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ ئىككى دۆلەت مەنپەئىتىگە كۈچلۈك ماسلىشىشىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك.
شۇنداقتىمۇ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنپەئەت توقۇنۇشى شەكىللەنسە ، مۇناسىۋەتنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يىرىكلىشىشىگە بىر نېمە دېمەك تەس. تۆلەم فوندى قۇرۇش ئۈچۈن ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى بۇ يىل پايچېكلارغا پايدا تەقسىم قىلمايدىغانلىقىنى ھەمدە 20 مىليارد دوللارلىق (ھازىرچە بېكىتىلگىنى) تۆلەم فوندىنىڭ يۇقىرى سوممىسى تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ، تۆلەم تۆلەش جەريانىدا يېڭى زىددىيەت - ئىختىلاپلاردىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆپلىگەن مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنىڭ بېسىم ئامىللىرىنىڭ چەكلىمىسىدە ، ئامېرىكا - ئەنگلىيە ‹‹ئالاھىدە مۇناسىۋەت›› ى يەنىلا يېڭى سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ .
سۇ يۈزىدىكى نېفىت