باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> ئاتالغۇلار مۇنبىرى

‹‹ لوپ ›› سۆزى ھەققىدە

ئاپتور: شېرىپجان قاسىم كامالىيوللانغان ۋاقىت: 2010-06-28 11:45

        لوپ خوتەن ۋىلايىتىگە تەۋە چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى. لوپ ئىلگىرى ‹‹ئورۇڭقاش›› (يورۇڭقاش، يۇڭقاش) دېيىلىپ كېيىنچە ‹‹لوپ›› دەپ ئاتالغان. لوپ ناھىيەسى تارىختا ئىزچىل خوتەن دىيارىنىڭ يىپەك، قەغەز، گىلەم، قىيمىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم بازىسى بولۇپ كەلگەن. ‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ مەنىسىنى تېپىش ئۈچۈن، رۇسىيەلىك رادلوۋ، مالوۋ، ئۇدۇنشۇناس خۋاڭ ۋىنيىن، ئۇيغۇرشۇناس نيۇروچىن، موڭغۇل لوپنۇرشۇناس گاردىن باتىر، مەشھۇر لوپنۇرشۇناس سىۋىن ھېدىن قاتارلىق زاتلار كۆپ ئەجىر قىلدى. لېكىن ‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەلىك مەنىسىنى ئەڭ توغرا چۈشەندۈرگۈچى رادلوۋ بولدى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تېرىم بويلىرىغا ئائىت تۈركىي يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئاساسىدا ‹‹لوپ›› سۆزىنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹لاپ›› (نەملىك، سۇ يىغىلىش) ‹‹لەب››، ‹‹ناب›› (سۇ كۆلچىكى) سۆزىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى بىلەن ئالىم، سەيياھلارنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى جۇغراپىيەلىك كۆزىتىش، كارتوگىرافىيەلىك سېلىشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىپ ‹‹سۇ يىغىلىش››، ‹‹سۇ تىندۇرمىلىرى›› دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. قەدىمكى زاماندىكى خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى ‹‹دەريا ئېقىنلار ھەققىدە پۈتمە›› دېگەن رىسالىدە ‹‹لوپ ئۇيغۇرلىرى تىلىدا لوپ سۆزى يىغىلغان سۇ دېيىلىدۇ›› دەپ پۈتۈلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەڭ ئاخىرى ئالىم رادلوۋنىڭ ئىسپاتى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى.

    ئەمما ھازىرغا قەدەر ‹‹لوپ›› سۆزى ھەققىدىكى تالاش – تارتىش تېخى تۈگىمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ‹‹لوپ توبۇت تىلىدا دىنىي ئىتېقاد دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ›› دەيدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ‹‹لوپ سۆزى جاڭگال، بوزاڭلىق دېگەن بولىدۇ›› دەپ مەسىلىنى تېخىمۇ يىراققاقاچۇرۇۋەتتى. بىزچە بولغاندا ‹‹لوپ›› سۆزىنىڭ توغرا مەنىسىنى خۇددى ئالىم رادلوۋ ئېيتقاندەك ‹‹سۇ يىغىلىپ قېلىش››، ‹‹سۇ تىنغان كۆلچەك›› دېيىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ئاساسسىزلا ‹‹لوپ ناھىيەسىدىكى ئادەملەر لوپنۇر رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن›› دەيدۇ. بۇنداق قاراشنىڭ ھازىرغىچە قىلچە ئاساسى يوق.

شېرىپجان قاسىم كامالى
 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى جانلىنىپ كەتتى

مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە مەدەت بېرىدۇ

مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو قەشقەرنى يېڭى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى ، دېيىلدى

ئادىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى

ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ياپونىيە قول تىقماسلىقى كېرەك

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش–قالدۇرۇش ئىسىملىكى

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتېنىڭ نىزام خاراكتېرلىك قىسمەن قارارلارنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号