خۇ جىنتاۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ21 –قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 89 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 21 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى توغرىسىدا 21 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى سەپلەردە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغ نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەشتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا چىڭ تايىنىش شەرت. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تايانچ – باشلامچىلىق رولىنى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت – نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك ئالاقىسىنى ساقلىغىلى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قۇدرەتلىك كۈچ توپلىغىلى بولىدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە سىياسىي خىزمەت ئوقۇتۇش – تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى ۋۇ جيېمىڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ يۇڭجۇڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
خۇجىنتاۋ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى پىرىنسىپ قىلىپ قۇرۇلغان ماركسىزملىق پارتىيە بولۇپ، تارقىلىشى كەڭ، پۇختا – مۇكەممەل، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى جەڭگىۋار قورغانى. خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغان، جەمئىيىتىمىزدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىلىرى جاپالىق ھەم ئېغىر بولغانسېرى، بىز ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى چىڭىتىش خىزمىتىنى شۇنچە ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
خۇجىنتاۋ پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي، پۇختا تەشكىلىي رامكا شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن مەركىزىي ۋەزىپىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش يولى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىشنىڭ كۆپ خىل رېئاللىشىش شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دائىم تەربىيەلىنىش، مەڭگۈ ئىلغارلىقىنى ساقلىشىدىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ شەھەر، يېزىلار بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆز ئارا تولۇقلاپ، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكلەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چىگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزىلار، رايونلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
خۇجىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپتە ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ، نۇرغۇن زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، خىزمەت بېسىمى ئېغىر، شۇڭا ئۇلارغا جەزمەن ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ھەقىقىي ئاسراش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش، يار – يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىشنى ئىدىيە، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتىن كۈچەيتىپ، ئۇلارغا تەشكىلنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
خۇجىنتاۋ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، شۇجى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىش، يۇقىرى ساپالىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ زور تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھازىر ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىش، تۆھپە قوشۇش، نەمۇنە بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.