ۋاڭ جىجۇڭ
(بېشى ئۆتكەن ساندا)
ئالتىنچى، يېزىلارغا يەتكۈزۈش دائىملاشتۇرۇلدى
ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىستېمال بازارلىرىنىڭ مالىيە كۈچى چەكلىك، سېتىۋېلىش كۈچى شەھەر – بازارلارنىڭكىدەك كۆپخىل ھەم يۇقىرى بولمىسىمۇ، سىجىل تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، كۈتۈنۈش ۋە مائارىپ قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مېخانىزمىنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا، يېزا ئىستېمال بازىرى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ھۆججەتتە ‹‹يېزا بازارلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىلىدۇ››، ‹‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزىلارنىڭ ئىستېمال تەلىپىنى قوزغىتىدىغان يېڭى چارە، تەدبىرلەر تۈزۈلىدۇ››، ‹‹ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ماشىنا، موتوسىكلىت قاتارلىقلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھا چېكىنى يۇقىرى نىسبەتتە ئۆستۈرۈپ، ھازىرقى باھا ئۆلچىمىدە %13 تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىشنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، بەلگىلەنگەن باھادىن ئېشىپ كەتكەندە نورما بەلگىلەپ تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويىدۇ››، دەپ كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئوبوروت تەقسىملەش، زەنجىرسىمان تاللا بازىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق زامانىۋى ئوبوروت شەكلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سودا، پوچتا كارخانىلىرىنىڭ يېزىلارغا مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللاپ، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى قاتارلىق تىجارەت تور نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، تەمىنات – سودا كوپىراتىپىنىڭ يېڭى يېزا زامانىۋى ئوبوروت تورى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، <تۈمەنلىگەن يېزا، مىڭلىغان كەنت> تاللا بازىرى، دېھقانلار دۇكىنى ئېچىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ››، دەپ كۆرسىتىلدى. ھۆججەتنىڭ تەدبىرلىرى كونكرېت، يېتەكچىلىككە ھەم قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئەڭ مۇھىم ھالقىسى تولۇقلىما ياردەم پۇلى شەكلىنىڭ قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى مەنپەئەتلەندۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىمۇ يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى. ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇنىڭغا ئوخشاش يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە يېزىلارغا يەتكۈزۈلگەن مەھسۇلاتلار دائىملىق ھەم كۆپ خىل بولىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا <تىجارەت تور نۇقتىسى> ۋە <تۈمەنلىگەن يېزا، مىڭلىغان كەنت> بارلىققا كېلىپ، ‹‹مۇلازىمەتنى يېزىلارغا كېڭەيتىش›› ئەمەلگە ئاشىدۇ، ‹‹ئىچكى ئېھتىياجنى قوزغىتىش››، ‹‹ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش››نىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
يەتتىنچى، ئۇرۇقچىلىق كەسىپلىشىدىغان بولدى
بۇلتۇر ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ھوسۇل ئۇدا ئالتە يىل ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش – ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە تۈپ ياخشىلىنىش بولمايدۇ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ۋە تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. ھۆججەتتە ‹‹<ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، سورتلار ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، ئاشلىقنىڭ يەككە ھوسۇلى ۋە سۈپىتى ئاشۇرۇلىدۇ>، بۇ نىشانغا پەقەت سورتلۇق ئۇرۇقلۇققا تايىنىش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇرۇقلۇق مەسىلىسى دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ››، دەپ كۆرسىتىلدى. ھۆججەتتە ‹‹يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سورت يېتىشتۈرۈشكە قارىتىپ، بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە قوللىنىشچان سىستېما قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش تېزلىتىلىدۇ، <گېن كۆچۈرۈپ يېڭى سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى مەخسۇس تۈرى> داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، قوللىنىشچان قىممەتكە ۋە پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە گېن ۋە بىيولوگىيەلىك يېڭى سورت يېتىشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىلمىي باھالاش، قانۇنلۇق باشقۇرۇش ئاساسىدا، گېن كۆچۈرۈلگەن يېڭى سورتنىڭ كەسىپلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ››. ‹‹دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان 100 مىليارد جىڭلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى پىلانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېزلىكتە شەكىللىنىدۇ››، دەپ تەكىتلەندى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا گېن كۆچۈرۈپ سورت يېتىشتۈرۈشكە ۋە كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا پائال ئىلھام بېرىشى بولۇپ، ئۇ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈردى. ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك مەدىتىدە، دۆلىتىمىز گېن كۆچۈرۈلگەن كۆممىقوناق ۋە ئۇرۇقلۇق شالنى تېزدىن كەسىپلەشتۈرىدۇ.
سەككىزىنچى، سىياسەت تۈزۈملەشتى
‹‹پىكىر›› ئۇنىۋېرساللىقى ناھايىتى كۈچلۈك ھۆججەت ھەم ئىلگىرىكى‹‹ 1 – نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ روھىنىڭداۋامى ۋە خۇلاسىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭدا يېڭىلىق ھەم بۆسۈش بار. شۇڭا، ئۇنى نوقۇل مەلۇم بىر جەھەتتىنلا خۇلاسىلەشكە بولمايدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يېزا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى 2010 – يىللىق خىزمەتنىڭ مەركىزى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانى. ئىلگىرىكى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت›› بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يارقىن نۇقتىسى دېھقانلارنى ھاللاندۇرۇش، دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ سىستېمىلىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشى، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئىشىنىمىزكى، مەركەزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››غا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار سىياسىتى سىستېمىسى پەيدىنپەي مۇكەممەللىشىپ، يېقىن كەلگۈسىدە تۈزۈملەشكەن، سىستېمىلاشقان ئۆلچەم، پىرىنسىپ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ۋە يېزا ئىگىلىك خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
‹‹جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
(تۈگىدى)