باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

بۇ يىلقى‹‹1–نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (2)

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-06-13 11:04

    ۋاڭ جىجۇڭ

    (بېشى ئۆتكەن ساندا)

    تۆتىنچى، دېھقانلارنى شەھەر ئاھالىلىرى توپىغا قوشۇش تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

    يېزىلارنىڭ شەھەر – بازارلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە يېزا مەركىزى شەھەر – بازارلاشقاندىن كېيىنكى دېھقانلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش مەسىلىسى بولىدۇ. ھۆججەتتە ئېنىق قىلىپ، ‹‹شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزىلاردىن يۆتكەلگەن نوپۇس شەھەر – بازار نوپۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ھەم يەرلىك شەھەر – بازار ئاھالىلىرىگە ئوخشاش ھوقۇق – مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ››، ‹‹مۇقىم خىزمىتى بار ھەم شەھەردە مەلۇم مەزگىل ئولتۇراقلاشقان دېھقان ئىشلەمچىلەر پەيدىنپەي شەھەر – بازارلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي كاپالىتى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ››، دۆلىتىمىز ‹‹نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنى كەڭ قويۇۋېتىشنى تېزلىتىش، كىچىك شەھەر – بازارلار، بولۇپمۇ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ۋە مەركىزىي بازارلارغا نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئائىت سىياسەت››نى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. ھۆججەتتە يەنە ‹‹قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەر بىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش›› تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىز دېھقانلىرىنىڭ مەڭگۈ دېھقان بولۇشىغا خاتىمە بېرىلىدىغان بولدى. دېھقانلارنى شەھەر ئاھالىسى سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىش تەدبىرى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپلىگەن بىلىملىك، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، بەلگىلىك ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلىگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، دېموكراتىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىدۇ.

    بەشىنچى، سېلىنمىنى ئىزچىل ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى

    ‹‹ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› سېلىنمىسى مەسىلىسىگە قارىتا، ھۆججەتتە ‹‹دۆلەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىدۇ››، ‹‹ئومۇمىي مىقدارغا ئاساسلىنىپ داۋاملىق كۆپەيتىش، نىسبەت بويىچە مۇقىم ئاشۇرۇش تەلىپى بويىچە، <يېزائىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار>سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىدۇ››، دەپ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھۆججەتتە دۆلەت داۋاملىق ‹‹دېھقانلارنى ھاللاندۇرۇش، دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ››، ئىجتىمائىي كاپىتال ئامىلىنى ئالدى بىلەن يېزىلارغا سەپلەيدۇ. دۆلەت ‹‹ئۈچ ئاۋۋال››پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ دائىملىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مالىيە چىقىمىنى ئاۋۋال يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا؛ خامچوتتىكى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئاۋۋال يېزا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە يېزىلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا؛ يەر تاپاۋىتىنى ئاۋۋال يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئېچىش ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇلتۇر دۆلىتىمىزدە ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ياردەم مەبلىغى 714 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولغان، 2010 – يىلى ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ياردەم مەبلىغى 850 مىليارد يۈەنگە يېتىشى، ‹‹11 – بەش يىل›› ئاخىرلاشقاندا، 1 تىرىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن. ‹‹ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››سېلىنمىسىدىكى يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما ياردەم پۇلى دۆلەتنىڭ ‹‹دېھقانلارنى ھاللاندۇرۇش، دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش›› سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. 2010 – يىلى دۆلەت بۇ تۈردىكى سىياسەتنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ ھەم يېڭى مەزمۇننى كۆپەيتىدۇ. مەسىلەن: ‹‹سورتلۇق ئۇرۇقلۇق تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىش، بەرەڭگى تولۇقلىما ياردەم پۇلىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سورتلۇق ئارپا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇش، سورتلۇق يەر ياڭىقى تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش سىناق نۇقتىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يېزىلاردىكى مەبلەغ قىسلىقنى ھەل قىلىش، تېخىمۇ كۆپ قەرز مەبلىغىنى ‹‹ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› سېلىنمىسىغا جەلپ قىلىشمۇ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› سېلىنمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھۆججەتتە ‹‹يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئېچىش ۋە يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسەت خاراكتېرلىك ئىناۋەتلىك قەرز مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ››، ‹‹يېزا ئىگىلىك بانكىسى، يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى، پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسىدە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق يېزا ئامانەت – قەرز سېلىنمىسى كۆپەيتىلىدۇ››، ‹‹يېزىلاردا ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش كەسپىگە پائال ئىلھام بېرىلىدۇ››، شۇنداقلا ‹‹شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى قوللىنىدۇ››، دەپ كۆرسىتىلدى.

    ‹‹جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

    (داۋامى بار)

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىلقى‹‹1–نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (2)

بۇ يىلقى‹‹ 1–نومۇرلۇق ھۆججەت ››نىڭ يەشمىسى(1)

ساغلام ، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى

تارىخنى ئەستە تۇتۇپ ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ساقچىلار ئىنتىزامى نىزامى يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە


بېكەت ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى يېڭىلاندى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى