باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

بۇ يىلقى‹‹ 1–نومۇرلۇق ھۆججەت ››نىڭ يەشمىسى(1)

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-06-13 10:58

    ۋاڭ جىجۇڭ

    مەركەزنىڭ بۇ يىلقى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى›› يەنى ‹‹مەركەز، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹پىكىر›› دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ‹‹پىكىر››نى ئىلگىرىكى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت›› بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇنىڭدا نۇرغۇن بۆسۈش ۋە يېڭىلىق بولۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىككە ۋە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە. بۇ ماقالىدە پىكىرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى‹‹سەككىز نۇقتا›› ئارقىلىق يېشىپ بېرىلىدۇ.

    بىرىنچى، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسى مۇھىم نۇقتا قىلىندى

    بۇ 2004 – يىلىدىن بۇيانقى 7 – قېتىملىق، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەركەزنىڭ 12 – قېتىملىق ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى›› بولۇپ، ئۇ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەڭ مۇھىم، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ۋە مەركەزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى، شۇنداقلا ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى يەنە بىرقېتىم ھەممە ئەھمىيەت بېرىدىغان مەركەزلىك مەسىلىگە ئايلاندۇردى. ئەمەلىيەتتە، ‹‹يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئورنى›› مەسىلىسى ھەم ‹‹ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش›› مەسىلىسىنى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››مەسىلىسى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا، ئۇ ئاللىقاچان دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ چەكلەش ئامىلىغا ئايلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەمىنلىكى، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ھالقىغا ئايلانغان. شۇڭا، ھۆججەتتە ‹‹2010 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى، يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى خەلق ئىگىلىكى كىرىمىنى تەڭشەش، تەقسىملەش ئەندىزىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، يېزىلارنىڭ ئېھتىياجىنى كېڭەيتىشنى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق تەدبىرى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ۋە شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، سىجىل تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش كېرەك، ئۇزاق مەزگىلگىچە، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››مەسىلىسى يەنىلا كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەركىزىي نۇقتا بولىدۇ››،دەپ تەكىتلەندى.

    ئىككىنچى، مەزمۇن دائىرىسى كېڭىيىپ، يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتى

    ئىلگىرىكى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت›› بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ‹‹پىكىر››نىڭ چېتىلىدىغان مەزمۇنى كەڭ ھەم چوڭقۇر، يەنىمۇ مۇكەممەل، ئىنچىكە، تەدبىرلىرى تېخىمۇ ئەتراپلىق. ھۆججەتتە دېھقانلارنى ھاللاندۇرۇش، دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ تولۇقلاش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى سەپلىمىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى، ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش، شەھەر – بازارلىشىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەڭشەش ۋە يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش جەھەتتىن دۆلىتىمىزنىڭ 2010 – يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىسى ھەم تىرىشىش يۆنىلىشى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ بېرىلدى. ئۇ دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش قاتارلىق يېزا ئاھالىلىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان خىزمەت پىلانى ۋە تەدبىرىنى ھەم شەھەر – بازارلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۆلەملەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلاردىكى يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق بىرقەدەر ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت پىلانى ۋە نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ھۆججەتتە تۇنجى قېتىم ‹‹ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى يوق يېزا – بازارلارنى ئۈچ يىل ئىچىدە تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش››، ‹‹ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى يۈكسەلدۈرۈشكە قاتنىشىشقا يېتەكلەش››، ‹‹بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش، مالىيە تولۇقلىما ياردەم پۇلى قاتارلىق چارىلەر ئارقىلىق دېھقانلارنى ئىختىيارىي ھالدا بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنەلەيدىغان كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك›› دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە تۇنجى قېتىم ‹‹يېڭى بىر ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمەن، مەركەزنىڭ يېڭى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى››دە يېزىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىلانلىنىپ، ھازىرقى مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە كۆڭۈل بۆلۈندى.

    ئۈچىنچى، يېزىلارنىڭ بازارلىشىشىنى تېزلىتىش ئالاھىدە تەكىتلەندى

    ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى ۋە مالىيەكۈچىنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىز شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەيدىغان، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرىدىغان، شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شەھەر – بازارلىشىشقا يۈزلىنىش دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور دېھقانلار كوللېكتىپى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ، يەرنى ‹‹مۇۋاپىق ئىشلىتىش›› ۋە ‹‹بىرتۇتاش ئىشلىتىشنى دېھقانلار بىرلىشىپ ياكى ھەمكارلىشىپ ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك ئىشلىتىش مۇلازىمەت تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىش››تىكى مۇقەررەر يول. يېزىلارنىڭ شەھەر – بازارلىشىشى بىر تۈرلۈك تەدرىجىي تەرەققىيات باسقۇچى، ئۇ يېزا ئاھالىلىرىگە بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەدبىر. شۇڭا، ھۆججەتتە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئاچقۇچ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش مۇھىم نۇقتا، شەھەر – بازارلىشىش ئۆلچىمى ۋە تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەندى. 2010 – يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ناھىيە، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ‹‹كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش››تىن ئىبارەت دەپ كۆرسىتىلدى.

    ‹‹جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

    (داۋامى بار)

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىلقى‹‹1–نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (2)

بۇ يىلقى‹‹ 1–نومۇرلۇق ھۆججەت ››نىڭ يەشمىسى(1)

ساغلام ، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى

تارىخنى ئەستە تۇتۇپ ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ساقچىلار ئىنتىزامى نىزامى يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە


بېكەت ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى يېڭىلاندى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى