سالما تاشلاش– ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى پائالىيىتى.
سالما تاشلاش: ھازىرقى زامان ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈر بولمىسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشتا، چەبدەس، پاراسەتلىك، قەيسەر چەۋەنداز بولۇپ چىقىشىدا ئىنتايىن چوڭ تەنھەرىكەت تۈرى دېيىشكە بولىدۇ.
سالما تاشلاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسسۇلى بار.
1. دىئامېتىرى ئىككى سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى، ئۈچ مېتىر كېلىدىغان تۈز شاخنىڭ ئۇچىغا قۇرۇق بېغى چىگىپ سالما ياساپ تۇسۇن ئاتلارنى ئاتلىق قوغلاپ يېتىپ، سالما تاشلاپ تۇتۇش؛ 2. كۆندۈرۈلمىگەن ئاتلارنى تۇتۇشتا، ئۇزۇن ئارقاننىڭ بىر ئۇچىغا قۇرۇق بېغى ياساپ ئۇنى ياغاچنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىپ، تۇتماقچى بولغان ياۋا ئاتقا ئاتلىق قوغلاپ يېتىپ، قۇرۇق بېغىنى ئات بېشىغا كىرگۈزۈپ، ياغاچنى تاشلىۋېتىپ ئارقاننىڭ يەنە بىر ئۇچىنى تارتىش ئارقىلىق تۇتۇش؛ 3. ياۋا ئاتلانرى ئاتلىق قوغلاپ سالمىنى ئاتنىڭ بېشىغا تاشلاپ كىرگۈزۈپ، ئارقاننى تارتىپ سىرتماقنى چىڭىتىپ تارتىش ئارقىلىق تۇتۇش.
يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل سالما تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ 2 – ، ۋە 3 – خىل تۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۇزۇن بىر مەزگىللىك تەكرار مەشق ۋە ئۆەىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پىشقان سالمىچىلار بۇ ئىككى خخل تۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.
چارۋىچىلار ئۆز بالىلىرىنى كىچىكىدىنلا ماھارەتلىك پىشقان بىر سالمىچى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تەكشىلىككە دىئامېتىرى 10 – 12 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئەتراپىدا بىر ياغاچ قوزۇق قېقىپ 10 – 15 مېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇندىن قوزۇققا(سالما كۆزى) سالما تاشلىتىپ مەشق قىلدۇرىدۇ. بۇ خىل مەشقتە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئاتلىق چېپىپ كېلىپ قوزۇققا سالما تاشلاشنى مەشق قىلدۇرىدۇ. بۇ خىل مەشقلەردە بالىلارنى زېرىكىشلىك ھېس قىلدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاۋۇلدىكى(چارۋىچىلىق رايونىدىكى) بالىلارنى قوزۇققا سالما تاشلاش بويىچە مۇسابىقىگە سالىدۇ. بالىلارنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا مەشقلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ رىقابەتلىشىش، بەسلىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
سالما تاشلاش ھەرىكىتى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، شارائىتى بار رايونلاردا بۇ ھەرىكەتنى قائىدىگە سېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئات يورغىلىتىش، تۆگە بەيگىسى قاتارلىق تۈرلەرگە ئوخشاش مۇسابىقە تۈرى قىلساق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىمىزدا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرىمىزدۇر.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاش شارائىتىغا ماس، مىللىي پۇراققا ئىگە تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە ئوينىلىش قائىدىسى يېزىپ قالدۇرۇلمىغان. 1984 – يىلىدىن باشلاپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە قېزىش – رەتلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە 140 تۈردىن ئارتۇق تەنتەربىيە ۋە ئويۇن تۈرلىرى رەتلىنىپ ‹‹شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيەسى››نامى بىلەن ئىككى كىتاب چىقىرىلدى. كۆپلىگەن تۈرلەر بىر قەدەر ئىلمىيلاشتى، قائىدىگە سېلىندى. لېكىن سالما تاشلاش قېلىپلاشقان قائىدىگە سېلىنمىدى. ئەگەر بۇ پائالىيەتنىڭ مۇسابىقىلىشىش قائىدىسىنى تۈزۈپ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنلىرىغا چىقارساق ئاجايىپ كاتتا تەنھەرىكەت تۈرى بولاتتى.
قۇدرەت ئابلىمىت