ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، مىڭئۆي بۇددا سەنئىتى ۋە خەلق مەشرەپلىرى ... ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىدۇر.
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ قىزىقارلىق ئويۇن تۈرلىرىدىن باشقا يەنە ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش تەرتىپ – ئىنتىزاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەڭ دائىرىدىكى ئەدەپ – ئەخلاق ۋە ئىلىم – مەرىپەت تەربىيەسى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ تۈرى ۋە مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ ‹‹گۈلخان مەشرىپى››، ‹‹قوغۇن مەشرىپى››، ‹‹توي مەشرىپى››، ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى››، ‹‹قۇم سەيلىسى مەشرىپى››، ‹‹جۇۋان توي مەشرىپى››،‹‹قارلىق مەشرىپى››، ‹‹نورۇز مەشرىپى››، ‹‹كىتاب مەشرىپى›› قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرىقى مەشرەپلەر ئىچىدە ‹‹كىتاب مەشرىپى›› بىر قىسىم كىشىلەرگە غەلىتە تويۇلۇشى مۇمكىن. ئەجدادلىرىمىز سەنئەتنىلا ئەمەس، ئىلىم – پەننىمۇ قىزغىن سۆيۈپ كەلگەچكە، ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بېرى ‹‹كىتاب مەشرىپى›› نى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹كىتاب مەشرىپى›› باشقا مەشرەپلەرگە قارىغاندا، ئانچە تىلغا ئېلىنمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولدى. ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئىچىدە ‹‹كىتاب مەشرىپى››نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزغا ئۇسسۇزلۇق بېرىدىغان ئەزىم دەريا.
كىتاب مەشرىپى ھەر قىشلىقى كىشىلەر بىكار بولۇپ قالغان چاغلاردا كۆپرەك ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەمما بارات ئېيى بىلەن رەببىيەل ئەۋۋەل ئېيىدا چوقۇم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەشرەپتە ئەرلەر بىر ئۆيگە يىغىلىدۇ، ئاياللار ئەرلەر يىغىلغان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ ئولتۇرىدۇ. بىلىملىك كىشىلەر كىتاب ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ. كۆپىنچە ھالدا ئەدەپ – ئەخلاق توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇيدۇ. بالىلارمۇ كىتاب مەشرىپىگە قاتنىشىدۇ. بالىلارغا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بەزىدە مەشرەپتە ساز چېلىپ، تارىخىي ناخشىلار ئېيتىلىدۇ. بەزىلەر مەشرەپ دېسە، ساز چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئورۇندايدىغان ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتى، دەپ بىلىدۇ. بىراق، قەشقەردە ‹‹قەشقەر كىتابخانلىق مەشرىپى››، قۇمۇل، ئاقسۇدا ‹‹كىتاب مەشرىپى››، دولانلىقلاردا ‹‹بېيىت – قوشاق ئېيتىشىش مەشرىپى›› ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، كىتابنى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى بارغانسېرى كۈچەيگەن. كىتاب بۇرۇنقىلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، بىلگە – دانىشمەنلەرنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى مىراسى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى 1972 – يىلى دۇنياغا ‹‹ئوقۇشچان جەمئىيەتكە يۈزلىنىش›› چاقىرىقىنى چىقىرىپ، كىشىلەردىن كىتاب ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى. كىتاب، گېزىت – ژۇرناللار تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر بۇيۇمىغا، كىتاب ئوقۇش ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلاندى. 1995 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنىنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› دەپ جاكارلىدى. بۇ كۈن دەل ئىسپانىيەلىك بۈيۈك يازغۇچى سېرۋانتېس بىلەن ئەنگلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى شېكىسپىرنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىدۇر. ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› جاكارلانغاندىن بۇيان، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
بىر قىسىم ئەللەر ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق بولسىلا، باشقا مىللەت ۋە باشقا ئەللەردىن ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۆزىدە يوق ياخشى ئادەت، ئۆزگۈچىلىكلەرنى پائالىيەت، مۇراسىم ۋە بايرام شەكىللىرىدە قوللىنىۋاتىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار بولغان، ئىجابىي قىممىتى زور مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ‹‹كىتاب مەشرىپى››نى داۋاملاشتۇرمايمىز؟
يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما، بىرەر قېتىممۇ كىتاب مەشرىپى ئۆتكۈزۈلمىدى. بۇ نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا بايلىقىمىز بىلەن بارلىقىمىزنىڭ پەرقىنى ئېنىق بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، كىتاب مەشرىپىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز، كىتاب مەشرىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇش دولقۇنىغا ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇپ،كىتاب مەشرىپىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم.