— جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى توغرىسىدا
چېڭ لىشىن
جاڭ چۈنشيەن ، نۇر بەكرى قاتارلىقلار 4 – ماي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى كەپىلىك مەھەللىگە تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەلدى . شۇجى جاڭ چۈنشيەن خۇيزۇ گو شېڭفۇنىڭ ھويلىسىدا ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئاھالىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كەپىلىك مەھەلىلەرنىڭ ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى ئالاھىدە قوللايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 4 – ماي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ، ئىقتىساد – تېخنىكا رايونى ، يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا بېرىپ ، سانائەت رايونى ، كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، مەھەللە ، ساقچىلار گازارمىسى ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ، ھەر مىللەر كادىرلار ، ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىرلىشىپ ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ، تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ، شەھەر قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش ، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىش ، مۇقىملىقنى ساقلاش ، تاساددىپى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى .
ئامما ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ
‹‹ كۆپچىلىك ، ياخشىمۇسىلەر ! سىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ، پاراڭلاشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن ! ›› جاڭ چۈنشيەن 4–ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى تاشبۇلاق ئالدى كوچىسى مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى . جاڭ چۈنشيەننىڭ ھال سورىشى بىلەن كەيپىيات ئازادىلاشتى .
‹‹ شىنجاڭغا يېڭىلا كەلدىم ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك سۆزىنى ، يەنى مۇنداق ئىككى جەھەتتىكى پىكرىنى ئاڭلىماقچى : بىرىنچى ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى قانداق ؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە يەنە قانداق تەلىپىڭلار بار ؟ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە قانداق ئۈمىدىڭلار بار ؟ ئىككىنچى ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ، بولۇپمۇ مەھەللە كادىرلىرىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق ، كۆپچىلىكنىڭ مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يەنە قانداق تەكلىپىڭلار بار ؟ ›› دەپ سورىدى جاڭ چۈنشيەن .
‹‹ مەن سۆزلەي ›› . جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغىلا مەھەللە ئاھالىسى يۈسۈپ ھاجى تۇنجى بولۇپ سۆز قىلدى .
‹‹ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، ھۆكۈمەت تۇرمۇش شارائىتىمىزنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى ، ھازىر يوللىرىمىز ئاسفالىتلاشتى ، يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى ، ئۆيلىرىمىزگە سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىلدى ۋە ئەۋرەز يوللىرى تۇتاشتۇرۇلدى ، مەن ھۆكۈمەت كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ سالغان يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم ، ھېچقانداق غېمىم يوق ›› . يۈسۈپ ھاجىنىڭ سۆزىنى كۆپچىلىك بىردەك قۇۋۋەتلەپ ، كۈلۈشۈپ كەتتى .
جاڭ چۈنشيەن سەمىمىيلىك بىلەن : مەھەللە كادىرلىرى خىزمەتنى قانداق ئىشلەۋاتىدۇ ؟ بۇ مەھەللىدە بۇنداق جىق ئامما بار تۇرسا ، ئۇلار قانداق مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ ؟ دەپ سورىدى .
ھاۋاخان ئانچە راۋان بولمىغان خەنزۇ تىلىدا : مەھەللىگە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ۋاقتىمدا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا يولۇققان ئىدىم ، مەھەللە مۇدىرى يۈنۇش ۋە باشقا كادىرلار ماڭا ياردەم قىلدى ، ئۇلار خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەيدۇ ! دېدى .
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى : ئامما ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك ، ئاساسىي قاتلام ناھايىتى مۇھىم . شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىش كېرەك . بۇنىڭدىن كېيىن ، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بارلىق مۇھىم ئىشلاردا ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ، تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ ، ياخشى ئىشلارنى ياخشى قىلىشى كېرەك !
جاڭ چۈنشيەن: يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر بىر نىيەتتە تىرىشسىلا، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ! بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل! دېدى.
خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك
جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدا ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش مۇھىم نۇقتا بولدى. ئۇ شەھەر قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش سارىيى، ‹‹قىزىلتاغ›› باغچىسى، تەڭرىتاغ رايونىدىكى كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، شۇنداقلا كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالنى ئىگىلىدى.
جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈستىدە توختالغاندا: قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ساپ ھاۋالىق مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك! دېدى.
تەڭرىتاغ رايونىنىڭ غالىبىيەت يولىدىكى ‹‹خۇيۇەنخاڭ›› مەھەللىسى ئاز سانلىق مىللەت ئامما توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ‹‹باھار يولى›› تارماق رايونى ئاھالىلەر ئۆزلىرى سېلىۋالغان كونا ئۆيلەر ئاساس قىلىنغان كەپىلىك رايون بولۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىلقى كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ جايدىكىلەر پات ئارىدا كۆچۈرۈلىدۇ.
81 ياشلىق خۇيزۇ گو شېڭفۇنىڭ پاكىز، سەرەمجان ھويلىسىدا گو شېڭفۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جاڭ چۈنشيەنگە ئاھالىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ناھايىتى قوللايدىغانلىقى، ھەممەيلەننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىراق قىلىپ، بالدۇرراق يېڭى بىناغا كۆچۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. قېرىغاندا ماغدۇردىن كېتىپ قالىدىكەنمىز، كۆپرەك ئارا بىنالارنى سېلىشنى، خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققىنىڭمۇ قىممەت بولۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى گو شېڭفۇ.
جاڭ چۈنشيەن گو شېڭفۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ: خاتىرجەم بولۇڭ، تەلىپىڭىزنى ھۆكۈمەت چوقۇم ئويلىشىدۇ، دېدى ھەم ھەمراھ بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە تۈرنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئاھالىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزگەرتىش تۈرىدىن ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلىشنى تاپىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، ‹‹شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، چېگرانى مۇستەھكەملەش›› ئىستىراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويماقتا. بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە خەلقنى بېيىتىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن تاللاشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەرەپ دەپ بىلىپ، مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ قۇرۇلۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ.
‹‹يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگىنىڭلاردا، سىلەرنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن !›› ھەر مىللەت ئاھالىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزىگە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
چۈشتىن بۇرۇن جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچى ‹‹گەنچۈەنباۋ›› سانائەت رايونى، ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، ئالاھىدە تىرانسفورماتور سانائىتى شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹جۇڭخې››، ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ، تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، سانائەت رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە كارخانىلارنى جەلپ قىلىش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن ئالاھىدە تىرانسفورماتور سانائىتى شىنجاڭ كرېمنىي چەكلىك شىركىتىدە شىركەت باش مۇدىرى جاڭ شىنگۈەننىڭ شىركەتنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر، كرېمنىي يېڭى ئېنېرگىيە قۇياش ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، پولىكرىستاللىق كرېمنىي يېڭى ئېنېرگىيەسىنى شىنجاڭنىڭ تۈۋرۈك خاراكتېرلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسپى قىلىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ھەممىدىن بەك رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك كەسىپ قىلىپ يېتىلدۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئۇ ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن دۆلەتتىن قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئوپتىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈلگە تۈرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ كەسىپنىڭ شىنجاڭدا كېڭەيتىلىشى ۋە قوللىنىلىشىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
شىنجاڭ ‹‹جۇڭخې›› پاي چەكلىك شىركىتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ساپ ئاليۇمىن ۋە ئاليۇمىن ئېلېكتىرولىزلىق كوندېنساتور، ئاليۇمىن قەغەز ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ساپ ئاليۇمىن تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىرى. جاڭ چۈنشيەن شىركەتنىڭ كەسىپ يۆنىلىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا كۆمۈر ئېلېكتىرىغا كېرەكلىك ئاليۇمىن قەغەز يېڭى ماتېرىيالىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى پارلاق. سىلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، كارخانىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىڭلارنى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۆزۈڭلارنى كۈچەيتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىلىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ پۈتۈن ماشىنىسىنى ياساش كارخانىسى شىنجاڭ ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە جاڭ چۈنشيەن بۇ كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپداشلىرى ئىچىدە يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىگەن، يىللىق سېتىش كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، مەھسۇلاتى ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا قاتارلىق خەلقئارا بازارغا كىرگەن تېز ئىلگىرىلەش تىپىدىكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسىغا ئايلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خۇشال بولۇپ: ‹‹جىنفېڭ›› كارخانىسى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانا تەرەققىيات يولىنى يارىتىپتۇ، كارخانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارادىكى ئىلغار يۈرۈشلۈك كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ۋىدىيو سىستېمىسى ئارقىلىق ج خ خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى.