ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇرېھىم نۇر خەۋىرى ، فوتوسى: پەيزاۋات ناھىيە شاپتۇل يېزا بايئېرىق كەنت 2–مەھەللىسىدىكى 87 ياشلىق غۇپۇر بوۋاي 45 يىلىدىن بۇيان سېۋەت توقۇپ سېتىش كەسپىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ ، بۇ كەسىپتىن ‹‹نان›› تېپىپ يەپ ، تۇرمۇشىنى گۈلدەك ئۆتكۈزمەكتە .
ئۇ دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدى ۋاقىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ، سېۋەت توقۇپ سېتىپ ، يىللىق كىرىمىنى 8000 يۈەندىن ئاشۇردى .
