باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ھەممە دۇنيا يەرمەنكىسىدىن باشلىنىدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-07 13:18

  — دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەر

    1851–يىلى ، ھەيۋەتلىك ‹‹كىرىستال ئوردا ›› تۇنجى نۆۋەتلىك لوندون دۇنيا يەرمەنكىسىدە نامايان بولدى ؛ 1939–يىلى ، تېلېۋىزور ، ماگنىت لېنتىلىق ئۈنئالغۇ ، نىلون ، پىلاستىك بۇيۇملار نيۇيورك دۇنيا يەرمەنكىسىدە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى ؛ 1958–يىلى، تىنچلىققا سېمۋول قىلىنغان ‹‹ئاتوم شارى›› بىريۇسسېل دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ دۇنيا خەلقىگە قالدۇرغان مەڭگۈلۈك ئەسىرى بولۇپ قالدى... 1851– يىلىدىن بۇيان ، دۇنيا يەرمەنكىسى 30 غا يېقىن دۆلەتتە 124 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى . ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى توپلانغان يەر شارى خاراكتېرلىك يىغىلىش بولغان دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ مۇنداق بىر جۈملە مەشھۇر شوئارى بار—‹‹ھەممە دۇنيا يەرمەنكىسىدىن باشلىنىدۇ›› . 150 يىلدىن بۇيان ، ئۇ ئىلغار پەن–تېخنىكا ئارقىلىق كىشىلەرنى كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاتقۇزدى ، باش تېما ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ ، پۈتۈن دۇنيانىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭىنى قوزغاتتى، تارقاق شەيئىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا مەدەت بەردى ، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەقىل– پاراسىتىنى ئويغاتتى ، تەرەققىيات نەزەرى بىلەن دۇنياغا باقتى . دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ھەر بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتىزار بولدى ، يېڭى ئۇچقۇنلارنى چاچراتتى ، ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆگىنىش ، رىقابەت ۋە ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

                                         

    بۇ ، بىلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش — ‹‹ئاتوم شارى›› نىڭ 1958 –يىلى 17–ئاپرېل تارتىلغان سۈرىتى . ‹‹ئاتوم شارى›› 1958–يىلى بىريۇسسېل دۇنيا يەرمەنكىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئېگىزلىكى 102 مېتىر ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 2200 توننا ، دىئامېتىرى 18 مېتىرلىق توققۇز تال كاۋاك مېتال شاردىن تەشكىل تاپقان . ئۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن ئاپىتىنى ئۇنۇتماسلىق مەنىسىنى بېرىش بىلەن بىرگە ، يەنە يادرو ئېنېرگىيەسى ، ئالەم بوشلۇقى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن پەن–تېخنىكىلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان غايەت زور ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوچۇق جاكارلىدى. ئۇ يەنە ئەينى دەۋردىكى ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى (ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىشى) نىڭ توققۇز ئەزاسىنىڭ ۋە بىلگىيەنىڭ توققۇز ئۆلكىسىنىڭ ئىتتىپاقى، بىرلىشىشىگىمۇ سېمۋول قىلىنغان.

                                          

    2010–يىلى 8–فېۋرال ، بىر قىزچاق 1915–يىللىق ئامېرىكا سان فىرانسىسكو پاناما تىنچ ئوكيان دۇنيا يەرمەنكىسى خارابىلىكى يېنىدىكى باغچىدا ئوينىماقتا . 1915–يىللىق سان فىرانسىسكو پاناما تىنچ ئوكيان دۇنيا يەرمەنكىسى پاناما قانىلىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن . قەدىمكى رىم خارابىسى ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىنغان سەنئەت سارىيى بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر قۇرۇلۇش بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇ شۇ يەرنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىغا ئايلانغان . ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوچۇق شەكىللىك بىر مەھەللە باغچىسى ئوراپ تۇرغان بولۇپ ، پۈتۈن شەھەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.

                                                             

    بۇ ، 1982–يىللىق ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتى نوكسىۋىل دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ يەرمەنكە مەيدانى. ‹‹ئېنېرگىيە ئارقىلىق دۇنيانى ئالغا سىلجىتىش›› باش تېما قىلىنغان دۇنيا يەرمەنكىسى 1982–يىلى 1– مايدىن 31–ئۆكتەبىرگىچە ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتى نوكسىۋىلدا ئېچىلغان.

                                             

    1984–يىللىق ئامېرىكا يېڭى ئورلېئان دۇنيا يەرمەنكىسىدە ، چەت ئەللىك دوستلار جۇڭگو گىلىمىنى سېتىۋالدى . بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ باش تېمىسى — ‹‹ساپ سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى››.

                                             

    بۇ ، كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىنىڭ 1986–يىلى مايدا بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى بولۇپ ، دېڭىز قولتۇقىنىڭ بىر تەرىپىدىكى يېڭى ئۆزگىچە قۇرۇلۇشلاردا 1986–يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن. ۋانكۇۋېر دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ باش تېمىسى—‹‹قاتناش ۋە تىرانسپورت››.

                                             

    1992–يىللىق ئىسپانىيە سېۋېلىيە دۇنيا يەرمەنكىسىدە ، ‹‹يوغانباش›› ئىككى ئادەمنىڭ ئويۇنى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى . سېۋېلىيە دۇنيا يەرمەنكىسى 1992–يىلى 20–ئاپرېل ئېچىلغان بولۇپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 110 دۆلەت ، 23 خەلقئارا تەشكىلات ، شۇنداقلا ئىسپانىيەدىكى 17 ئاپتونوم رايون ۋە ئالتە سانائەت گۇرۇھى قاتناشقان.

                                             

    كىشىلەر دۇنيا يەرمەنكىسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ، 1993–يىللىق كورىيە تايجون (دائېجېئون) دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى كەلدى. 93 كۈنگە سوزۇلغان تايجون دۇنيا يەرمەنكىسى 1993– يىلى 7–ئاۋغۇستتىن 7–نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 108دۆلەت ۋە 33 خەلقئارا تەشكىلات بۇ كاتتا يىغىلىشقا قاتناشقان. يەرمەنكە ‹‹يېڭى ئۇچۇش يولى›› نى باش تېما قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تېخنىكىلىرىنىڭ جەۋھىرىنى بىر يەرگە توپلىغان ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدىكى جەنۇب–شىمال ، باي–نامراتلىق پەرقى مەسىلىسى ، مۇھىت مەسىلىسى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى ئىزدىگەن.

                                                       

    بۇ ، 1999–يىللىق جۇڭگو كۇنمىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى مەزگىلىدە ، كۇنمىڭ تۈرلۈك ماللار بىناسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان دۇنيا يەرمەنكىسى قۇت بۇيۇمى — يۈننەن سېرىق ياللىق مايمۇنى ‹‹لىڭ لىڭ›› نىڭ ئۆسۈملۈك مودېلى. كۇنمىڭ دۇنيا يەرمەنكىسى 1999–يىلى 1–مايدىن 31–ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ‹‹ئادەم ۋە تەبىئەت — 21–ئەسىرگە قەدەم بېسىش›› باش تېما قىلىنىپ ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس مەۋجۇتلۇقى مەقسەت قىلىنغان .

                                             

    ئېكىسكۇرسىيەچىلەر گېرمانىيە خانوۋېر دۇنيا يەرمەنكىسىدە ، ئالتە قوللۇق ماشىنا ئادەمنى تاماشا قىلدى. گېرمانىيە خانوۋېر دۇنيا يەرمەنكىسى 2000–يىلى 31–مايدىن 31–ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن. يەرمەنكىنىڭ باش تېمىسى — ‹‹ئىنسانىيەت–تەبىئەت–تېخنىكا›› بولۇپ ، جەمئىي 173 دۆلەت ، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات قاتناشقان.

                                                           

    ياپونىيە ئايچى دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى جۇڭگو سارىيىدا ، بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئىستۇدېنتلار ساياھەتچىلەرگە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى خەلق كۈيلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى. ياپونىيە ئايچى دۇنيا يەرمەنكىسى 2005–يىلى 24–مارتتىن 25–سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، باش تېمىسى—‹‹تەبىئىي ئەقىل– پاراسەت››.

 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

بۇ يىلقى ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (3)

بۇ يىلقى‹‹1–نومۇرلۇق ھۆججەت››نىڭ يەشمىسى (2)

بۇ يىلقى‹‹ 1–نومۇرلۇق ھۆججەت ››نىڭ يەشمىسى(1)

ساغلام ، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى

تارىخنى ئەستە تۇتۇپ ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ساقچىلار ئىنتىزامى نىزامى يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى يېڭىلاندى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى