
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ھاۋانىڭ تۇيۇقسىز ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن يىغىلىپ قالغان قار– مۇزلار تېز ئېرىپ ، 17–مارت كېچىدە دۆربىلجىن ناھىيەسى گۈرتى يېزىسىنىڭ كۆكسۇ ، جيەك ، كۈرتى ، سارباس كەنتلىرى ۋە موئىن چارۋىچىلىق مەيدانىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى . ئاپەتتە ئۆلۈش ، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى .
كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، دۆربىلىجىن ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى رەھبەرلەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى باشلاپ تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي قانات يايدۇرۇپ ، 18–مارت بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00 غىچە ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مال–چارۋىلىرى بىخەتەر جايغا يۆتكەپ بولغان .
18–مارت چۈش مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكەنگە قەدەر ، گۈرتى يېزىسىغا تەۋە 5 كەنتتىكى 181 ئاھالىنىڭ ئۆيىگە سۇ كىرىپ كەتكەن ، 63 ئاھالىنىڭ 191 ئېغىز ئۆيى ۋە 151 قوتان ئۆرۈلۈپ كەتكەن .