-
قاراقچىلار ئامېرىكىنىڭ 17 مىڭ توننىلىق بىر يۈك پاراخوتىنى تۇتىۋالدى
2009-04-14
يازما تۈرى:پايدىلىنىش خەۋەرلىرى
دېڭىز قاراقچىلىرى ھەرىكەتتە
سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەدبىرلىرىگە پىسەنت قىلماستىن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
قاراقچىلار بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ 17 مىڭ توننىلىق بىر يۈك پاراخوتىنى تۇتىۋالدى. (4_ئاينىڭ 10_كۇنى )
دېڭىز قاراقچىلىرى «مائېرسك ئالاباما» ناملىق پاراخوتنى ھىندى ئوكياننىڭ سومالى پايتەختى موگادىشوغا 640 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر نۇقتىسىدىن تۇتىۋالدى.
پاراخوتتا 21 ئامېرىكىلىق خادىمنىڭ بولۇشى، رايوندىكى ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. لېكىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى پېنتاگون، پاراخوتتىكىلەرنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ، پاراخوتنىڭ كونتروللۇقىنى قوللىرىغا ئالغانلىقى ئېلان قىلدى. ئەمما كاپىتاننىڭ پاراخوتنىڭ يېنىدىكى بىر قۇتقۇزۇش كېمىسىدە گۆرەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلاري كلىنتون «بۇ ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بارلىق دۆلەتلەر دېڭىز قاراقچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىم» دېدى.
سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 6 پاراخوتنى تۇتىۋالدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدە پاراخوت بۇلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ رايوندا ئەسكەر تۇرغۇزماقتا.随机文章:
جۇڭگو پەن – تېخنىكا سارىيىغا ئوت كەتتى 2009-04-09قىرغىزىستاندا ھىجاپ چەكلەندى 2009-03-05تونسۇ ناھىيسىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى 2009-02-24
收藏到:Del.icio.us