ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!..
  • ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى (30~31) - [ھېكـايە، نەسىـر، شېئىر]

    خەتكۈچ:

    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!

     

    30- باب قىل ئۈستىدە قېلىش


    جۇڭگو، ئامېرىكا، روسىيە ئۈچ دۆلەت مەڭگۈلۈك ھەربىي ئىشلار توختىمى ئىمزالاپ، پۈتكۈل دۇنيانى ھەيران قالدۇرغاندىن كېيىن، دېڭىز ئاستى تەجرىبىخانىسىغا ماڭغان قۇتقۇزۇش ئەترىتى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەر يوللىدى: دېڭىز ئاستى تەجرىبىخانىسىدىكى 10764 نەپەر ھەر قايسى دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئاپەتكە ئۇچراپ بىرىمۇ ھايات قالمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئۆلگەن بولۇپ، كىشى قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى، تەجرىبىخانىدىكى بارلىق جانلىقلار ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوغرىلانغان بولۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى بۇزۇۋېتىلگەن ئىدى! بۇ خەۋەر دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ساراڭ قىلدى، كىممۇ مۇشۇنداق تەلۋىلەرچە قاتىللىق قىلىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قويمىغاندۇ؟ ب د ت دىكى ھەر قايسى ئەللەر ۋەكىللىرى بەس-بەستە تالىشىپ، بۇنى پۈتكۈل جاھانغا بۆلگۈنچىلىك قىلغانلىق دەپ ۋاقىراپ كېتىشتى! ئەمما كىمنىڭ قىلغىنىنى بىلەلمىدى. جۇڭگو ۋەكىلى بۇ ئىشنى چوقۇم بارلىق كۈچى بىلەن تەكشۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئېنىق چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى! ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى شۇندىلا پەسكويغا چۈشتى، ھېچكىم جۇڭگودىن گۇمانلانمىدى، چۈنكى جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى يۇقىرى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىملىق چوڭ قىرغىنچىلىقتا ھەممىدىن بەك زىيان تارتقىنى جۇڭگو ئىدى.
    2010-يىلى 12-ئۆكتەبىر، جۇڭنەنخەي، لى رەئىس ھاسىرىغىنىچە كىرىپ كەلدى، ئەلباشى فوبۇس سورىدى:
    ــ دېڭىز ئاستى تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىشلىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
    لى رەئىس ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
    ــ ھازىرچە يۇشۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتۇق، ئەمما بۇمۇ پەقەت بىردەمچىلىك، مەڭگۈگە ئالداپ ئۆتكىلى بولمايدۇ! ھوي، راست، راموسفېلىد ئىشەنچىلىكمۇ؟ مۇبادا ئۇ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن خەۋەرنى ئاشكارىلاپ قويسا چاتاق بولىدۇ!ــ دېدى. فوبۇس بېشىنى لىڭىشتقىنىچە:
    ــ خاتىرجەم بولۇڭ، جان ھەلقۇمغا يېتىپ قالغاندا، ھېچكىم نام-ئاتاق قوغلاشمايدۇ،ــ دېدى. لى رەئىسمۇ قوشۇلغان ھالدا بېشىنى لىڭىشتىپ:
    ــ دۇرۇس، مەنمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ، بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىم يوققا چىققانتى! پەقەت بىزنىڭ قانداق قىلغاندا، ئاندىن ھايات قالالايدىغانلىقىمىزنىلا ئويلىغان ئىدىم، دېڭىز ئاستى تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىشىدا مەن بىر ياخشى ئامال ئويلاپ تاپتىم،ــ دېدى. فوبۇس دەرھال سورىدى:
    ــ قانداق ئامال؟
    لى رەئىس فوبۇسنىڭ ھاياجانلانغان تۇرقىغا قاراپ:
    ــ مەن ئالدى بىلەن سىزنى بىر كىشى بىلەن كۆرۈشتۈرەي، سىز ئۇ ئادەم بىلەن كونا تونۇش،ــ دېدى. فوبۇس ئەجەپلىنىپ تۇرغاندا، ئاقساقاللىق بىرى كىرىپ كەلدى، فوبۇس كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋەتكەندىن كېيىن، ھەيران بولغان ھالدا كۆز ئالدىدىكى بۇ بوۋايغا قاراپ ئىشىنەلمىگەن ھالدا دېدى:
    ــ بىن...بىن...بىن لادىن! ئۇ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
    لى رەئىس كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
    ــ سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا! لادېن بۇرادەر سىلەرنىڭ قوغلاپ تۇتۇشۇڭلاردىن قېچىپ ئافرىقىغا يۇشۇرۇنۇۋاپتۇ ۋە ئافرىقىدا باشقا بازا تەشكىلاتلىرىغا ئاستىرىتتىن ئىزچىل قوماندانلىق قىلىپ كەپتۇ! بىراق بىر قېتىم ئۇ ۋە قول ئاستىدىكىلىرى ئافرىقا يايلاقلىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېتىپ، ھېلىقى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچراپتۇ، دەل شۇ چاغدا بىزنىڭ ئافرىقا رايونىدىكى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىۋاتقان قىسىملىرىمىزغا ئۇچراپ قېلىپ قۇتۇلۇپ قاپتۇ! شۇ ئىشتىن كېيىن لادىن بۇنداق ئىشتىن قول ئۈزۈشنى قارار قىلدى، بىزنىڭ قىسىملىرىمىزمۇ ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى قوشۇۋېلىپ، رازۋېدكا ئەترىتى تەشكىللەپ، ئافرىقا رايونىدىكى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىۋاتىدۇ،ــ دېدى. فوبۇس بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىشىنەلمىگەن ھالدا باش لىڭىشىتتى، لى رەئىس بۇرۇلۇپ لادېنغا قاراپ:
    ــ سېنى بىزگە ياردەملىشىپ ۋاقتىنچە ناھەقچىلىق تارتىپ تۇرۇشقا ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق، ئافرىقا رايونىدىكى غەلىتە مەخلۇقلار بىلەن بولغان جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن شەخسەن سېنى ئاقلايمەن،ــ دېدى. لادېن بېشىنى لىڭىشتىپ:
    ــ ھېچقىسى يوق، ھېلىمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇشتەك يامان بەك جىق قىلدىم، بىر قېتىم ياخشى ئىش قىلىپ، ئاللاھنىڭمۇ مېنى ئازراق كەچۈرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،ــ دېدى. فوبۇس بۇنى ئاڭلاپ:
    ــ بۇنداق قىلساق بولامدۇ؟ ئەگەر دۇنيادىكى ئەللەر ئۇقۇپ قالسا، بىز بېشىمىزغا چوڭ بالا تېرىۋالىمىز!ــ دېدى. لى رەئىس سوغۇق كۈلۈمسىرەپ:
    ــ بالا-قازا ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى، ئەجەبا، بۇنىڭدىن قورقمامسىز؟ــ دېدى. فوبۇس ئۇھ تارتىپ قويۇپ:
    ــ ئەمەلىيەتتە سەن بىز بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ دۈشمىنى ئىدىڭ، بىراق ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنداق قىلىشقا قوشۇلمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ! ئافرىقا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەنمۇ شەخسەن سېنى ئاقلايمەن! ئەمما سېنىڭ ئىلگىرى بىز ئامېرىكىلىقلار ئالدىدا قىلغان گۇناھلىرىڭىنى ھەرگىز كەچۈرەلمەيمەن،ــ دېدى. لى رەئىس:
    ــ بولدى، شەخسىي ئۆچ-ئاداۋىتىڭلارنى كېيىن ئاستا-ئاستا دېيىشىۋېلىڭلار! بۇ ئىشنى ئاستىرىتتىن ئورۇنلاشتۇرۇۋالايلى، باشقىلار ھەرگىز يۇچۇق بايقاپ قالمىسۇن، ــ دېدى.
    2010-يىلى 14-ئۆكتەبىر، بىن لادېن ۋە ئۇنىڭ بازا تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، دېڭىز ئاستى تەجرىبىخانىسىدىكى قىرغىنچىلىققا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، لادېن سىنئالغۇ لېنتىسىدا شەخسەن بايانات ئېلان قىلىپ:
    ــ جۇڭگومۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش رەزىل دۆلەتكە ئايلاندى، تەجرىبىخانىغا ئالىم ئەۋەتكەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئالۋاستىنىڭ قول-چومىقى!ــ دېدى. لادېن يەنە تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قوزغاپ، ئامېرىكا ۋە جۇڭگودەك رەزىل دۆلەتلەرنى ئېغىر بەدەل تۆلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بايانات ئېلان قىلىنىپ 2-كۈنى پۈتكۈل جاھان تەۋرەپ كەتتى، قۇتقۇزۇش ئەترىتى يەنە تەجرىبىخانىدىن AK-47 نىڭ مىشەكلىرىنى بايقىغانلىقىنى، دېڭىز ئاستى تەجرىبىخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوغدىنىش قىسىملىرىغا AK-47 سەپلەنمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى! بۇنىڭ بىلەن جاھاندىكى ھەر قايسى ئەللەر بۇ ئىشنى راستىنلا لادېننىڭ قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى، ب د ت مۇ بىن لادېننى جەنۋە (日内瓦) ئەھدىنامىسىدە قوغدالمايدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيىلەرمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، رادىئو دولقۇنىنىڭ ئافرىقا رايونىدىكىن تارقىتىلغانلىقىنى، پۈتكۈل جاھاننىڭ تېنچ ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئافرىقىغا ئەسكەر چىقىرىپ، بىن لادېن ۋە ئۇنىڭ بازا تەشكىلاتىنى يوقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دۇنيا جامائەتچىلىكى غولغولا قىلىشىپ كەتتى، بەزى تاراتقۇلاردا مۇنداق ئوبزور ئېلان قىلىندى:« 10 يىل ئىلگىرى دۇنيادىكى 1-نومۇرلۇق تېرورچى بىن لادېن ئامېرىكىغا ھۇجۇم قوزغاپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان '11- سېنتەبىر' ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامېرىكا ئەينى چاغدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغىدى، ئەمما ئۈنۈمى تۆۋەن بولدى. 10 يىلدىن كېيىن بىن لادېن يەنە بىر قېتىم دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان ئېچىنىشلىق ۋەقە پەيدا قىلدى، يېڭىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولغان جۇڭگومۇ ئوخشاشلا داغدۇغىلىق ھالدا تېرورلۇققا قارشى جەڭ باشلىدى، جۇڭگو بۇ بىر يىلدا ئۇدا غەلىبە قىلىپ كەلدى! بەلكىم ئۇلار بۇ قېتىم دۇنياغا زىيان سالىدىغان بۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كېسىپ تاشلاپ، ئامېرىكا تامالىيالمىغان ۋەزىپىنى تاماملىيالىشى مۇمكىن.» ئەنگىلىيە ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر تېرورلۇققا قارشى جەڭگە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىشتى، ئەمما جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئۇلارنى قەستەن باشقا يەرگە ئەۋەتىۋەتتى.
    2010-يىلى 16-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا بەشبۇرجەكلىك بىنادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامۇسفېلىد ئورۇندۇقتا ئۇچ تارتىپ ئولتۇراتتى، ئامېرىكا ئەينى چاغدا جۇڭگو، رۇسىيىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق توختىمى تۈزگەندە، دۆلەت ئىچىدە غولغولا قوزغالدى، ئۆكتىچى پارتىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەلباشى فوبۇسقا ئەسەبىيلەرچە تىل-ئاھانەت ياغدۇرۇۋەتتى، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ يۈزىنى چۈشۈردى دەپ قارىدى! ئۆزىمۇ ئۇ چاغدا بەك ئەجەپلەنگەن ئىدى، بىراق جۇڭگوغا بارغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ بۇ ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدى، بۇ قېتىم ئافرىقىغا قوشۇن ئەۋەتىپ، «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش»قا خەلق ھەرگىز قوشۇلمىدى، ئەسكەرلەرمۇ بېرىشنى خالىمىدى! ئەگەر مەغلۇپ بولسا، ئەلباشى ۋە ئۆزىمۇ تەختتىن چۈشمەي بولمايدۇ، ئەگەر غەلىبە قىلسا، بارلىق قارشى تۇرۇش سادالىرى مەڭگۈلۈك بېسىقىدۇ، يېڭىش-يېڭىلىشنى ئۆزىمۇ بەرىبىر كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ! ھازىر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ تەس، ئاۋۇ ئۆكتىچى پارتىيىلەر توختىماستىن غەلۋە قىلىپ، ئادەمنى زېرىكتۈرىۋېتىپ بارىدۇ، ئۇلارچە ئەلباشىلىق بۇ ئورۇنغا ئولتۇرۇش ئاسان ئوخشايدۇ، ئەگەر ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلسە، كۆرۈپ باقاي، كىممۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىكىن!
    2010-يىلى 23-ئۆكتەبىر، جۇڭگو، روسىيە قىسىملىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارقىلىق ئافرىقا رايونىغا كىردى، ئەمما ئامېرىكا ئارمىيىسى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ دېڭىزدا ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكتىن، ھەممە قىسمىنى ھاۋا ئارقىلىق ئافرىقا رايونىغا يۆتكىدى، جۇڭگو، روسىيە، ئامېرىكا قاتارلىقلار مىسىر، سۇدان ۋە گىۋىنىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتكە نەپ بەرگەندىن كېيىن، قىسىملىرى ۋاقىتلىق تۇرغۇزۇلدى. ئامېرىكا قىسىملىرىغا تەقسىملەنگەن ۋەزىپە بولسا ئارقا سەپ تەمىنلەش لېنىيىسىنى قوغداش ئىدى، ئەسلىدىنلا كېلىشنى خالاپ كەتمىگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى بۇنى كۆرۈپ ھېچنىمە دېمىدى، ئۆزلىرى ئالدىنقى سەپكە بارمىسىلا، ھەممە نەرسە ئۇلارغا بەرىبىر ئىدى. ئەمما بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بەزى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتەك ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقىدى، جۇڭگو، روسىيە ئەۋەتكەن قوشۇننىڭ سانى كىشىنى چۆچۈتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوراللىرى مەيلى سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدىكى M-16 دىن نەچچە ھەسسە ئىلغارلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، ھەممىسى دوبۇلغا-ساۋۇتتەك كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئىدى، چىرايى سۈرلۈك ھەم سوغۇق بولۇپ، ئادەمنى كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك ھېس قىلدۇراتتى. جۇڭگونىڭ «دوزاق ئوتى» ئۆزى يۈرەر زەمبىرىكى، «قارام ئەجدىھا» تانكىسى، «كېڭەيگۈچى» برونىسى ۋە زور بىر تاركۈم ئاساسىي جەڭ تانكىسى، زەمبىرەك، تىزگىن بومبىلىرى ئافرىقا رايونىغا زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، روسىيىنىڭ تۆت برونە دېۋىزىيىسىمۇ بۇ يەرگە قاراپ يولغا چىقتى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىمۇ تەييارلىنىپ بولدى.
    جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جوۋ تيەنخۇا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىيوف، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامۇسفېلىد ھەمدە لادېننىڭ پارتىزان ئەترىتىگە قارار قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ئايان ئىدى! بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىشقىلا بولاتتىكى، مەغلۇپ بولۇشقا بولمايتتى. دۇنيادىكى ئالدىنقى ئۈچ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ قىسىملىرىنىڭ تەييارلىقى پۈتكەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەللەرمۇ بۇ قېتىمقى جاھاننى زىلزىلىگە سالغان جەڭگە دىققەت قىلدى. ئافرىقىغا يۇشۇرۇنغان غەلىتە مەخلۇقلارمۇ بۇ جەڭنىڭ يېتىپ كېلىدىغىنىنى ئاللىقاچان بىلگەندەك دۇنيادا لۆمۈلدەك ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى، جەڭنىڭ باشلىنىشى قىل ئۈستىدە قالدى!
    ---------------------
    30-باب تۈگىدى،

     

    - باب ھەر كىم ئۆز ھۆنىرىنى كۆرسىتىش


    ئافرىقىدىكى ھەرىكەت باشلىنىپ تۆت كۈندىن كېيىن، ئافرىقىدىكى چوڭ يايلاقتا سانسىزلىغان تىك ئۇچارلار كېچە-كۈندۈز توختىماي چارلاشقا باشلىدى، گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، بىراق جىمجىت يايلاقتا يۈگرەپ يۈرگەن كالا توپى ۋە ئويۇنچى پىللارنىلا كۆرگىلى بولاتتى. ھەممە يەر ئىناق، جىمجىت كۆرۈنەتتى، ھېچقانداق گۇمانلىق ئەھۋال بايقالمىدى! ئافرىقا چوڭ يايلىقىنىڭ چېتىدىكى رايوندا بىر ۋاقىتلىق ھەربىي بازا قۇرۇلدى، بىر ھەربىي چېدىردا جۇڭگو قىسىملىرىنىڭ ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق قوماندانى ليۇ جىبو زېرىككەن ھالدا:
    ــ ئۆلگۈر! بىز بۇ يەرگە كەلگىلى تۆت كۈن بولدى، ئاۋۇ غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ؟ــ دېدى. روسىيە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى مالىشىكوف:
    ــ سىز بۇ يەردە ئاچچىقلانسىڭىزمۇ بىكار، بىز ھازىر ئوۋچى، ئوۋچى دېگەن سەۋرچان بولۇشى كېرەك، بەك ئالدىراقسان بولسا بولمايدۇ،ــ دېدى. ليۇ جىبو بىر ئوتلاپ سۇ ئىچىپ:
    ــ مەنمۇ بىلىمەن، ئەمما بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت بەك مۇھىم! ئەگەر ئاشۇ غەلىتە مەخلۇقلار مۆكۈنۈۋېلىپ چىقماي، ۋاقىتنى كەينىگە سوزسا، بىز قانداق قىلىمىز؟ــ دېدى. مالىشىكوف ئېڭىكىنى سىلىغىنىچە ئويلىنىپ تۇرۇپ:
    ــ ھىم! دۇرۇس، بۇمۇ بىر چوڭ مەسىلىكەن...... مېنىڭچە، بىر نوچى ئوۋچى ئوۋنى ئىزدىمەستىن، ئوۋنى قىزىقتۇرۇپ چىقىرىدۇ،ــ دېدى. ليۇ جىبو سورىدى:
    ــ ئۇلارنى چىقىرىمىز؟ سىزنىڭچە ئۇلار نېمىگە قىزىقىدىغاندۇ؟
    ــ ئېسىڭىزدىمۇ؟ بىز بۇ يەرگە ئەمدىلا كەلگەن چاغدا، بەزىلەر بىزگە بۇ يەردىكى يايلاقتا ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى دەپ بەرگەنتىغۇ؟ــ دېدى مالىشىكوف.
    ــ ئەلۋەتتە...... توختاڭ! توختاڭ! سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز بىز ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ چىقىرىشكەن-دە،ــ دېدى ليۇ جىبو بېشىنى لىڭىشتىپ.
    ــ دېگىنىڭىز توغرا، مەن دەل بىرقىسىم ئادەملەرنى ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلاردەك ياساپ، ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ چىقارماقچى،ــ دېدى مالىشىكوف بېشىنى لىڭىشىتىپ تۇرۇپ.
    ــ چاقچاق قىلمىڭە! ئەگەر ئاشكارىلىنىپ قالسا، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھەربىي، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچى ئۇنسۇز ئەمەس-تە!ــ دېدى ليۇ جىبو بېشىنى چايقاپ.
    ــ ئۇنداقتا، سىزنىڭ قانداق ياخشى چارىڭىز بار؟ ئۇلار قەستەن بىزنىڭ چوڭ قوشۇنىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنى ئاستىرىتتىن ئۆلتۈرۈپ بىزگە ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ چىقارماقچى بولساق، پەقەت مۇشۇ چارىلا بار! ئەجەبا، سىزنىڭ بىزنىڭ بۇ يەردە ھاڭۋېقىپ تۇرۇشىمىزنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ــ دېدى مالىشىكوف. ليۇ جىبو خالىمىغان ھالدا:
    ــ ئەگەر بۇ چارىنى بولىدۇ دېسەكمۇ، مېنىڭ قول سېلىشقا رايىم يوق! ھازىرغا قەدەر ئافرىقا يايلىقىدىكى غەلىتە مەخلۇقلار پەقەت ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارغىلا ھۇجۇم قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى چوڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلغىنى يوق! ئۇلار تېخى يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى مەخلۇق تۇرسا، ئۇنى ئۈستىگە بىز ئەزەلدىن يەر شارىدا ياشاۋاتقان جانلىق تۇرۇپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىز بىلەن بىر پىلانتتا ياشاۋاتقان جانلىقلارنى قۇربان قىلمىساق بولمامدۇ؟ــ دېدى. مالىشىكوف بېشىنى ساڭگىلىتىپ، بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:
    ــ دېگەنلىرىڭىز توغرا، بۇنداق قىلساق بىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئادىمىيلىكىمىز قالمايدىكەن! ئەمما، قوماندان، ئېسىڭىزدە بولسۇن، جەڭ مەيدانىدا غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتلا بولىدۇ، ئادىمىيلىك بولمايدۇ!ــ دېدى. ليۇ جىبو بېشىنى چايقىغىنىچە دېدى:
    ــ كەچۈرۈڭ، مەن قىلالمايمەن! ئەگەر سىز قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ قىلىڭ.
    ئىككىيلەن توختىماي تالىشىۋاتقاندا بىر ئەسكەر كىرىپ دېدى:
    ــ دوكلات! ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان زور بىر تۈركۈم غەلىتە مەخلۇقلار بەييۇتا(拜尤达) يايلىقىدا كۆرۈنۈپ، تېز سۈرئەتتە بىزگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ.
    ئىككىيلەن تالىشىشتىن توختاپ، ليۇ جىبو ھەيران بولغان ھالدا سورىدى:
    ــ نېمە دېدىڭ؟ بەييۇتا يايلىقىنى بىز ئون نەچچە قېتىم چارلىغانغۇ؟ ئۇلار قانداق پەيدا بولۇپ قالدى؟
    ھېلىقى ئەسكەر جىددىيلەشكەن ھالدا جاۋاپ بەردى:
    ــ ئۇلار خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پەيدا بولدى.
    مالىشىكوف تەكىتلىگەن ھالدا:
    ــ ھازىر ئۇلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى تالىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس، قىسىملارغا ھۇجۇمغا تەييارلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرەيلى،ــ دېدى.
    بەييۇتا يايلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېفىئوپىيە تەۋەسىدە جۇڭگو ۋە رۇسىيىنىڭ ئاساسىي جەڭ تانكىلىرى تىزىلىپ بىر پولات سېپىل پەيدا قىلدى، بۇ سېپىلنىڭ ئالدىدا زور بىر تۈركۈم پىيادە ئەسكەرلەر پىلىموتلىرىنى تىكلەپ سەپ تۈزدى. بۇ چاغدا تۈن پەردىسى يېپىلغان ئىدى، تۈن قاراڭغۇسىدا ئافرىقا يايلىقى تېخىمۇ سىرلىق كۆرۈنەتتى!
    ــ ئاۋۇ يەرگە قاراڭلار!ــ دېدى بىر ئەسكەر ئالدى تەرەپنى كۆرسىتىپ، ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپتىكى تۇمان ئارىسىدىن سانسىزلىغان غەلىتە مەخلۇق چوڭ قوشۇنى بۇ سېپىلگەن قاراپ ئەسەبىيلەرچە ئېتىلىپ كەلمەكتە ئىدى، خۇددى تۆمۈر تاپىنى بىلەن ھەممە نەرسىنى دەسسەپ چەيلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى! نۇرغۇنلىغان جەڭچىلەرنىڭ ئالقىنىدىن ئىختىيارسىز سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. قوماندانلىق ئۆيىدە ليۇ جىبو ۋە مالىشىكوف جىددىيلەشكەن ھالدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ مەنزىرىگە قاراپ تۇراتتى، قۇرۇقلۇقتىكى بۇ غەلىتە مەخلۇقلار دېڭىزدىكى غەلىتە مەخلۇقلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. دېڭىزدىكى غەلىتە مەخلۇقلار تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئادەملەردىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى، ھالبۇكى بۇ يەردىكى غەلىتە مەخلۇقلار قۇرت-قوڭغۇز ۋە ھايۋانلارغا بەكرەك ئوخشايتتى! چۇقان-سۈرەن ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى، مالىشىكوف ھەيران بولغان ھالدا:
    ــ بۇ ئەبلەخلەرنىڭ كاللىسى يوقمىدۇ؟ ھەجەپ بۇ خىل ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتەك ھۇجۇم ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپتۇ،ــ دېدى. ليۇ جىبو:
    ــ ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا قوراللىق تىك ئۇچارلارنى ئەكەلدۈرەيلى، ئالىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن،ــ دېدى. مالىشىكوف بېشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ:
    ــ قوشۇلىمەن، سىزنىڭچە ئۇلار بىزنىڭ مۇداپىئە سېپىمىزنى بۆسۈپ ئۆتەلەرمۇ؟ــ دېدى. ليۇ جىبو جەزىملەشتۈرگەن ھالدا جاۋاپ بەردى:
    ــ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلمەيدىغان جېنى بولمىسىلا، ھەرگىز بۆسۈپ ئۆتەلمەيدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ سانى بىزنىڭ ئوقلىرىمىزنى پۈتۈنلەي تۈگىتىۋەتمىسىلا!
    بىراق ليۇ جىبونىڭ كۆڭلىدە يەنىلا بىر تۈگۈن بار ئىدى، نېمىشقا نەچچە كۈن ئۇلارنى ئىزدەپمۇ تاپالمىغان، ئەمما بۈگۈن ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟
    جەڭ مەيدانىدىكى بىر قوماندان چاقىرغۇغا قاراپ توۋلىدى:
    ــ ئۇلار ئېتىش دائىرىسىگە كىردى، ئوت زەمبىرەكلىرى ئېتىڭلار!
    تانكىلارنىڭ كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 400 دىن ئارتۇق روسىيىنىڭ ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكلىرى قۇلاقنى يارغۇدەك گۈمبۈرلەشكە باشلىدى، جەڭچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى تۇماننىڭ ئورنىغا دەرھال ئوت يالقۇنى ئالماشتى، بىر تۈركۈم غەلىتە مەخلۇقلار يىقىلغاندىن كېيىن، كەينىدىن بىر تۈركۈم غەلىتە مەخلۇقلار دەرھال ھېچنىمىدىن قورقماي ئوت دېڭىزىغا بۆسۈپ كىرىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. جۇڭگو-روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىستىھكاملىرىدىكى بارلىق تانكىلار بىرلا ۋاقىتتا ئوت ئاچتى، ئەڭ ئالدىدا ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان غەلىتە مەخلۇقلار دەرھال پارتلاشتىن پەيدا بولغان ئوت يالقۇنى تەرىپىدىن يۈتۈۋېتىلدى، پەقەت بىر قىسىم ئاقساق-چولاق غەلىتە مەخلۇقلار ئوت دېڭىزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەلدى.ئەمدىلىكتە نۆۋەت ئەڭ ئالدىدا تۇرغان پىيادە ئەسكەرلەرگە كەلگەن ئىدى، ئىككى قېتىملىق زەمبىرەك ھۇجۇمىدىن كېيىن كېيىنكى بۆسۈپ كەلگەن غەلىتە مەخلۇقلار ئاللىقاچان ئېغىر يارىلانغان ئىدى، سانسىزلىغان پىلىموتلارنىڭ ئالدىدا ئۇلار تىترىگىنىچە يەر چىشلەشكە باشلىدى! گەرچە بۇ قېتىمقى جەڭگە قاتناشقان جۇڭگو، روسىيە ئەسكەرلىرى بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى بىلگەن ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىسخىك بەرداشلىق بېرىش مەشقىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە يەنىلا ئۇلارنى بەك ھەيران قالدۇردى، ئۇلار ئۆزلىرىنى فانتازىيىلىك كىنودا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى،كۆز ئالدىدىكى سانسىزلىغان غەلىتە مەخلۇقلار قوشۇنىغا قاراپ كاللىسى ئاللىقاچان قىزىپ كەتكەن ھەم قاتتىق ۋاقىرىغىنىچە خۇددى ماشىنىغا ئوخشاش ئىختىيارسىز ھالدا تەپكە باساتتى، ئوق قاچىلايتتى. كەينىدىكى زەمبىرەكچى قىسىممۇ ئالدىراشچىلىقتىن قىزىپ كەتكەن ئىدى.
    ــ دەرھال ئوق سېلىڭلار، داۋاملىق ئېتىڭلار، توختاپ قالماڭلار!ــ دەپ ۋاقىرىدى بىر ستارشىي لېيتېنانت. زەمبىرەكچى ئەسكەرلەرگە چەنلىمىسىمۇ بولىدىغاندەك بىلىنەتتى، بەرىبىر زەمبىرەك ئوقىنى قىسىمنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاتسىلا، چوقۇم بىر توپ غەلىتە مەخلۇقلارنى ئۆلتۈرەلەيتتى! بىردەمدىن كېيىن ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرنىڭ پۇتىنىڭ ئاستى مىشەك بىلەن توشتى، كۆز ئالدىدىكى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ئۆلۈكى تاغدەك دۆۋىلىشىپ كەتتى! بىراق تېخىمۇ كۆپ غەلىتە مەخلۇقلار ھەمراھلىرىنىڭ ئۆلۈكىنى دەسسىگىنىچە داۋاملىق كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، بىر قىسىم جەڭچىلەر ئاللىقاچان ئۆزلىرىگە بۇ غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى.
    ليۇ جىبو جىددىيلەشكەن ھالدا ئېكرانغا قاراپ:
    ــ ئەبلەخ، تىك ئۇچار نېمىشقا تېخىغىچە كەلمەيدۇ؟ تېزراق بولمىسا ئۇلار بۆسۈپ كېلىدۇ،ــ دېدى. مالىشىكوف ھەيران بولغان ھالدا ئېكرانغا قاراپ:
    ــ بۇ ئەبلەخلەر ئۆلۈمدىن قورقمامدىغاندۇ؟ ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئاللىقاچان بىزنىڭكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى! ئۇلارنىڭ قوماندانى نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ــ دېدى.
    ئالدىنقى سەپتىكى ئىستىھكامدىكى ئوت يالقۇنى پەلەككە يەتكەن ئىدى، غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن ئەسكەرلەرنىڭ پىسخىك بېسىمىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى! بۇ ۋاقىتتا كۈچلۈك شامال چىقىشقا باشلىدى، ئاسماندا نۇرغۇنلىغان جۇڭگونىڭ «تۈز 11» قوراللىق تىك ئۇچارلىرى ۋە روسىيىنىڭ K-60 تىك ئۇچارلىرى ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە «ئاپاچ» ۋە «كېمەنچ» قوراللىق تىك ئۇچارلىرىمۇ بار ئىدى. ئامېرىكا تىك تىك ئۇچارلىرىنىڭ ليۇتچۇكلىرى بۇنداق مەنزىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاچقا، ھەيرانلىقتىن گەپمۇ قىلالماي قالغان ئىدى. جۇڭگو-روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ياردەمگە كەلگىنىنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن ۋاقىرىۋېتىشتى! غەلىتە مەخلۇقلار ھەيران بولغان ھالدا تىك ئۇچارلارغا قاراپ قالغان چاغدا، تانكىغا قارشى مىناميوتلار يەر-جاھاننى قاپلاپ ئۇچۇپ، غەلىتە مەخلۇقلار توپىغا قاراپ چۈشۈشكە باشلىدى. سان-ساناقسىز پۇت-قوللار ھاۋادا ئۇچۇشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن ھېلىلا ھېچنىمىدىن قورقمىغان غەلىتە مەخلۇقلار ئارقىغا قاراپ قېچىشقا باشلىدى.
    قوماندانلىق ئۆيىدە بىر ئەسكەر سورىدى:
    ــ قوماندان، ئۇلار چېكىنىشكە باشلىدى، قوغلاپ زەربە بېرەمدۇق؟
    مالىشكوف ئېھتىيات قىلغان ھالدا:
    ــ بەلكىم توزاق بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ ياخشىسى قوغلىماڭلار،ــ دېدى. ليۇ جىبو قوشۇلغان ھالدا:
    ــ مەن قوشۇلىمەن، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم قېچىپ نەگە مۆكۈۋالىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ! مېنىڭچە بىر قىسىم تىك ئۇچارلار داۋاملىق ئۇلارغا قوغلاپ زەربە بەرسۇن، يەر يۈزى قىسىملىرى قوغلىسا بەك خەتەرلىك، يەنىلا ئەسلى جايدا بۇرۇق كۈتسۈن. ئۇلارنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلايلى،ــ دېدى.
    باييۇتا يايلىقىدا ئۇخلاۋاتقان بىر توپ شىرلار تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتتى، يىراقتىكى توپا-چاڭنى كۆرۈپ قېچىشقا باشلىدى! سانسىزلىغان غەلىتە مەخلۇقلار ئوتلاقتا ئەسەبىيلەرچە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى، يول پۈتۈنلەي غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ئۆلۈكى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى، ئاسماندا قوراللىق تىك ئۇچارلار ئېغىر تىپلىق پىلىموت ئارقىلىق قىلچىمۇ قارشىلىق كۈچى بولمىغان غەلىتە مەخلۇقلارنى ئۆلتۈرەتتى. تۇيۇقسىز غەلىتە مەخلۇقلار چېچىلىپ، ھەر تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى، تىك ئۇچارلارمۇ دەرھال ھەر تەرەپكە چېچىلىپ قوغلاپ ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. تېخى پۇخادىن چىققۇدەك ئاتمىغان ليۇتچۇك تۇيۇقسىز چىققان سوغۇق شامالدىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ دەرىزىگە قاراپ، ئۇنىڭدا ياپ-يېشىل سۇيۇقلۇقلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى، بۇ سۇيۇقلۇقلار ئوقتىن ساقلىنىش ئەينىكىنى تېز سۈرئەتتە ئېرىتىۋېتىپ باراتتى.
    ــ تېز قايتىڭلار! ھاۋاغا قارشى غەلىتە مەخلۇقلار باركەن،ــ ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، يەر ئاستىدىن تېخىمۇ كۆپ غەلىتە مەخلۇقلار تېشىپ چىقىپ، سانسىزلىغان يېشىل سۇيۇقلۇقلارنى ئاسمانغا پۈركىدى.
    ئاق نىل دەرياسىنىڭ بويى، بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ئازراق جۇڭگو، روسىيە ئەسكەرلىرى چۈشكۈن قىلغان ئىدى، ئۇلار بۇ يەردە ئۈچ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى قوغدايتتى. ئۇلارنى بۇ يەرگە ئەۋەتىشتە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا ياردەملىشىش ۋە قوغداشتىن باشقا قىلغۇدەكمۇ ئىش يوق ئىدى. بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەر M-16 مىلتىقىنى تۇتقىنىچە بىكارچىلىقتىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چېكىشكە باشلىدى:
    ــ بۇ يەرگە كېلىپ ھەجەپ زېرىكتىم، مۇقەددەس ئا ق ش قىسىملىرى بۇ يەردە ترانسىپورت ئەترىتى بولۇپ قالدى.
    تۇيۇقسىز ئۇ يەر يۈزىنىڭ كۈچلۈك تەۋرەنگەنلىكىنى ھېس قىلدى، يەر يۈزى يېرىلىپ غايەت زور يېرىق پەيدا بولۇپ، سانسىزلىغان غەلىتە مەخلۇقلار يوپۇرۇلۇپ چىقىشقا باشلىدى! بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ئەسكىرى جايىدا قىمىرلىماي كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى.
    ــ دۈشمەن ھۇجۇم قىلدى!ــ جۇڭگو، روسىيە ئەسكەرلىرى ۋاقىرىشىپ كەتتى.





    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
  • ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!

    评论

  • [avatar:30]بلوگ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ جۇمۇ [defFace:0]
    ئۈمىد回复ئارامگاھ بلوگ说:
    سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە بۇ
    2008-05-12 17:11:33
  • [avatar:30]مەن بلوگىڭىزنى دوستانە ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
    ئۈمىد回复جۇشقۇن说:
    كۆپتىن كۆپ رەخمەت
    2008-05-12 17:12:09
  • [avatar:30]ئۇلىنىش قىلىۋالدىم،قارشى تۇرمايدىغانسىز ~~~~~~[defFace:2]
    ئۈمىد回复ئەلقۇت说:
    قارشى تۇرىدىغان سىز يا دۇشمەن بولمىسىڭىز @-@؛
    قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا!!!!!!!
    2008-05-12 17:13:49
  • [avatar:30]ئۈمىد ئەپەندىم ، باش بەتتىن باشقا بەتلەرنىڭ ئاستىدىكى نەشىر ھوقوقى ئۇقتۇرىشى ئاق رەڭلىك بولۇپ رەڭ چېقىپ قويۇپتۇ، ئوڭشاپ قويارسىز.
يېزىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Internet Explorer دا Ctrl+k نى Google Chrome دا Ctrl+S نى بىسىڭ