-
NTFSھۆججەت سىستېمىسى - [يــۇمشــاق دېتـــال]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ! . NTFSدىگەن نىمە؟
NTFSنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن FATبىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا توغرا كىلىدۇ.
FAT(File Allocation Table)بولسا« ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلى» (文件分配表) دىگەن مەنىدە. بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئۇنىڭ مەنىسى قاتتىق دىسكىغا بولغان باشقۇرۇش دىگەن مەنىدە.NTFS,FAT32,FAT16 لار بولسا نۆۋەتتە دائىم قوللىنىلىۋاتقان ھۆججەت سىستېمىلىرىدۇر.
FAT16 : بىز ئىلگىرى ئىشلەتكەن Windows95,DOSقاتارلىقلار FAT16ھۆججەت سىستېمىسىنى ئىشلىتەتتى.ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows98/2000/XPقاتارلىق سىستېمىلار FAT16 ھۆججەت سىستېمىسىنى قوللايدۇ.بۇخىل ھۆججەت سىستېمىسى ئەڭ چوڭ بولغاندا 2GBرايۇننى باشقۇرالايدۇ.بىراق ھەر-بىر رايۇندا ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت 65525 دانە توپ(簇) بولىدۇ.ھەر بىر توپ(簇) نىڭ ئىگەللەيدىغان بوشلۇقىمۇ بارغانسىرى چوڭىيىدۇ.شۇڭا قاتتىق دىسكا سىغىمىنىڭ ئىسراپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
FAT32 : چوڭ سىغىمدىكى قاتتىق دىسكىلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئەگىشىپ Windows98دىن باشلاپ FAT32 دەۋىر سۈرۈشكە باشلىدى.ئۇ FAT16 نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ ئەڭ چوڭ بولغاندا 2TB (2048GB) رايۇننى قوللايدۇ. FAT32 ئىشلىتىدىغان توپ(簇)، FAT16گە قارىغاندا ئاز ھەم دىسكا بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تېجەيدۇ.
NTFS : مىكرو سوفىت Windows NT نى مەركەز قىلغان تۈردىكى مەشغۇلات سىستېمىلىرى قوللايدۇ.ئۇ بىر ئالاھىدە بولغان تور ۋە دىسكا تەقسىملەش،ھۆججەت مەخپىيلەشتۈرۈش(加密) قاتارلىق بىخەتەر باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىپ لايھەلەنگەن دىسكا شەكلى. NTنى مەركەز قىلغان Windows2000/XP قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملىششىغا ئەگىشىپ ،نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەر NTFS نى ئىشلىتىشكە باشلىدى. NTFSمۇ توپ (簇) نى بىرلىك قىلىپ سانلىق-مەلۇمات ھۆججەتلىرىنى ساقلايدۇ.بىراق NTFSدا توپ (簇) نىڭ چوڭ-كىچىك بولىشى دىسكا ياكى رايۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى شەرت قىلمايدۇ.
2. قايسى سىستېمىلار NTFSنى قوللايدۇ؟
پەقەت WindowsNT/2000/XP قاتارلىقلارلا NTFSنى قوللايدۇ.Windows9x/MEھەمدە DOSقاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى قوللىمايدۇ ھەم NTFSشەكلىدىكى دىسكىنى تونۇمايدۇ.تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش تۆۋەندىكىدەك:3. مەن ۋە سىز NTFS قا ئېھتىياجلىقمۇ؟
Windows/2000/XP قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ FAT16,FAT32ۋە NTFS نى ياخشى قوللايدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە NTFS بولسا Windows/NT/2000/XPلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان شەكىل.ئۇلار دىسكا بوشلۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ.ئەگەر سىز پەقەت Windows/2000/XP نىلا قاچىلىماقچى بولسىڭىز سىزگە NTFS ھۆججەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىش تەكلىۋىنى بىرىمەن.(چۈنكى Windows/2000/XPلار ئۈچۈن NTFSياخشى ) ئەگەر سىستېمىنى كۆپ خىل قوزغاتماقچى بولسىڭىز (多重引导) يەنى Windows9xنى بىللە قاچىلىماقچى بولسىڭىز ئۇ ھالدا سىستېما دىسكىسى (Cدىسكا) چوقۇم FAT16ياكى FAT32 بولىشى كىرەك.بولمىسا كۆپ خىل قوزغىتىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەلۋەتتە،باشقا رايۇنلارنى NTFSشەكلىدە بۆلسەك بولىدۇ.
4. FATسىستېمىسىنى NTFSقا قانداق ئالماشتۇرىمىز؟
Windows/2000/XPلار بىزنى رايۇنلارنى ئالماشتۇرۇش قورالى «Convert.exe» بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ Windows/2000/XPلار قوشۇمچە تەمىنلىگەن DOS بۇيرۇق پىروگراممىسى بولۇپ بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق بىۋاستە ھالدا FAT سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىق شەرتى ئاستىدا NTFSقا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي.يەنى ئالدى بىلەنWindows/2000/XP شارائىتىدا DOSرامكىسىغا كىرىپ (C:\命令提示符←附件←程序←开始) كوماندا قۇرىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز:
X:\convert ئالماشتۇرماقچى بولغان دىسكا بەلگىسى /FS:NTFS قايتۇرۇش كونۇپكىسىنى چېكىمىز
دىققەت: FS:NTFSئارىسىغا بوشلۇق كونۇپكىسى قىستۇرمايمىز
بارلىق ئۆزگەرتىشلەر سىستېمىنى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن تاماملىنىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئالماشتۇرۇش قوراللىرىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ.مەسىلەنartition Magic,Server Magicقاتارلىقلانىڭ ھۆججەت سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ياخشى.
5. NTFSشەكلىدىكى رايۇندا كۈتۈلمىگەندە يوقاپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى قانداق ئەسلىگەكەلتۈرگىلى بولىدۇ؟
بۇنىڭدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان قورال يۇمشاق ماتېرىياللار،مەسىلەن:Finfl Date for NTFSياكى GetDateBack for NTFS قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىمىز.بۇئىككى يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.ئەگەر ھۆججەت ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپ ،باشقا ھۆججەت مەشغۇلاتى (كۆچۈرۈش،يۆتكەش،قاچىلاش) ئىلىپ بىرىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى 100%كە يىتىدۇ. شۇڭا ھۆججەت ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن بۇ يۇمشاق ماتېرىيالنى قاچىلىماي بەلكى،Windowsبىلەن بىرلىكتە قاچىلاش كىرەك.( Windowsسىستېمىسىنى قاچىلاپ بولۇپلا قاچىلىۋالساق بولىدۇ) بۇنداق قىلغاندا ھۆججەت ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈرۈلۈپ كىتىشى بىلەنلا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۋالغىلى بولىدۇ.
6. NTFSرايۇن شەكلى ئېھتىياتسىزلىقتىن فورماتلىنىپ كەتسە ئوڭشىغىلى (ئەسلىگە كەلتۈرگىلى) بولامدۇ؟
بولىدۇ.يۇقارقى ئىككى يۇمشاق ماتېرىيال فورماتلىنىپ ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ھۆججەتلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.(تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش بۇنىڭ سىرتىدا)ئادەتتە فورماتلاش پەقەتلا سانلىق-مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنىلا ئۆچۈرۋىتىدۇ.تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش بولسا پۈتۈن سانلىق-مەلۇمات رايۇنىنى ئۆچۈرۈۋىتىدۇ.قاتتىق دىسكا ئىشلەتكۈچىلەر دىسكا ئوقۇشتىكى خاتالىقلارنى ئوڭشاشتادائىم تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش ئېلىپ بارىدۇ. فورماتلىنىپ كەتكەن قاتتىق دىسكىنى ئوڭشاشتا پەقەت بۇ قاتتىق دىسكىنى چىقىرىپ باشقا كومپىيۇتېرغا چېتىپ (مەن ئاساسەن قاتتىق دىسكىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ سىمىغا ئۇلاپ مەشغۇلات قىلىمەن) مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ. Finfl Date ھەتتا CIH ۋىرۇسى بۇزۇۋەتكەن قاتتىق دىسكىلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.مەنبە: ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تورى
