-
ۋىتامىن c - [تىبابەت ۋە سالامەتلىك]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ! ئادەتتە كىشىلەرگە بىر كۈندە 2.3-6گىرام مىقداردا ۋىتامىن C زۆرۈر بولىدۇ. مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن 30 خىل ئالاھىدە زور رولى بار. (1) ئادەمنىڭ ئومۇمەن بۇلغىنىش ۋە زىيانداشلارغا نىسبەتەن قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ (2) غىدىقلىغۇچى ماددىلارغا نىسبەتەن چىداشلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ (3) ھالەت ئۆزگىرىشىگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ (4) راكقا گىرىپتار بولۇشنى ئالدىنى ئالىدۇ؛ (5) مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ (6) ئاسانلىقچە جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولمايدۇ؛ (7) بۆرەكنى قوغدىيالايدۇ؛ (8) ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىچاقلىرى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالىيالايدۇ؛ (9) ئاسانلىقچە بەل چىم بولمايدۇ، سانجىق تۈرىۋالمايدۇ؛ (10)زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالىيالايدۇ؛ (11)ئۇستىخان سۇنۇشتىن ساقلايدۇ، سىرتقى جاراھەتنى تېز ساقايتالايدۇ؛ (12) كۆيۈك يارىسىنى تېز ساقايتالايدۇ؛ (13)كۆك يۆتەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ (14) ئاسان دېزىنتېرىيە بولمايدۇ؛ (15) قوقاققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ (16) قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ؛ (17) ئەقىل-پاراسەتنى ئۆستۈرىدۇ؛ (18) مۈڭگۈز پەردىسىنى قوغدىيالايدۇ؛ (19)كاتاراكتا (كۆزگە ئاق چۈشۈش)كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ (20) رېماتىزمغا قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ (21) رېماتىزم قىزىتمىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلىتىدۇ؛ (22)ھامىلىدار بولۇشقا ياردىمى بولىدۇ؛ (23)ئاسان بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلايدۇ؛ (24)ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىدىن ساقلايدۇ؛ (25) تاماكىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولىدۇ؛ 26) روھىي كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىنى يېنىكلىتىدۇ؛ (27) دىئابىت كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلىتىدۇ؛ (28)قان شېكىرى تۆۋەن بولۇش كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلىتىدۇ؛ (29) قان تەركىبىدىكى خولېستىرىن ۋە نېيترال ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ (30)ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
历史上的今天:
ساختا مەھسۇلاتتىن ئاگاھ بولايلى 2008-03-16ئانارنىڭ رولى 2008-03-16بۇرۇن ياللۇغىغا يەنە بىر 2008-03-16بىلوگقا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش 2008-03-16
