ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىندى
يانفوندا كۆرۈش
ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى
بۇ يۇمشاق دېتال دىيارىمىزدىكى ئوتتۇرا-كىچىك ئاشخانا، تېز تاماقخانا، ئارامگاھ ۋە رېستورانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن، كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر، تېلېفون، ئۈندىدار ۋە تور بېكەت قاتارلىق كۆپ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن كارخانا دەرىجىلىك كەسپىي دېتال بولۇپ، بىرنەچچە ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
بۇ يۇمشاق دېتال ئۈستەليۈزى، سەزمە ئېكران، تېلېفون، تور بېكەت ۋە ئۈندىدار نۇسخىسى قاتارلىق 5 چوڭ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تور (ياكى ئۈندىداردا) ئۈستەل ۋە تاماق زاكاز قىلىش، (تاختا كومپيۇتېرلاردا) تاماق تىزىملىكى كۆرسىتىش ۋە تاللاش، (تېلېفونغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردە) بۇيرۇتۇلغان تاماقلارنى خاتىرىلەش ، پۇل ئېلىش، ئۈستەل ئالماشتۇرۇش، خادىم ۋە ئۈسكۈنە باشقۇرۇش، ئىستاتىستىكا، (ئايرىمخانا ياكى قەۋەتلەردىكى سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېردا) مۇلازىمەتچىلەرنى چاقىرىش، تاماق سۈيلەش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەركىزىي يۇمشاق دېتالدا ئاشخانا، ئۈستەل، تاماق، خادىم ۋە تالون قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قوشۇشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ھەربىر تاماقلارغا ئوخشىمىغان ئىزاھلارنى (مەسىلەن: لەغمەن ئۈچۈن قوشۇمچە ئاش بىرگە چىقسۇن، چۆپى ئىسسىق بولسۇن، قىزىلمۇچ سېلىنمىسۇن،…دېگەن ئۇچۇرلارنى) قوشقىلى ۋە بۇ تاماقنى بېسىپ چىقىرىدىغان پىرىنتېرغا باغلاشقا بولىدۇ. يۇمشاق دېتال ئارايۈزى كۆپ تىللىق، ئېكران كۆرۈنۈشى ئازادە، مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەنمىگەن خادىملارمۇ ئاسانلا ئىشلىتەلەيدۇ.
دىيارىمىزدىكى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن ھەرۋاقىت ۋە ھەرجايدا ھەرقانداق مۇددەت ئىچىدىكى خالىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىستاتىستىكا ئەھۋالى ۋە كىرىم-چىقىم ئانالىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
1. كىچىك تىپتىكى ئاشخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (ئاممىباب ئاشخانا نەشرى) ، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر (خېرىدار ئۆزى تەييارلايدۇ)، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە تېلېفون (خېرىدار ئۆزى تەييارلايدۇ)، خالىغان ماركىدىكى ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(3) 2 دانە پىرىنتېر، LAN ئېغىزلىق، 80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(4) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.
باھاسى: 8500 يۈەن، ئېتىبار باھاسى: 6000 يۈەن (قاتتىق، يۇمشاق دېتال ۋە بىر يىللىق مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
ئىزاھات: ناۋادا يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى يېڭىدىن باشلىغان بولسىڭىز، ئىجارە شەكىلدە ئورناتسىڭىزمۇ بولىدۇ يەنى 1 ئۈستەلگە 1 يۈەن ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاشخانىڭىزدا 10 ئۈستەل بولسا، كۈنلۈك ئىجارە ھەققى 10 يۈەن بولىدۇ، 2 يىل ئىشلىتىشكە توختام ئىمزالاپ، ھەر پەسىلدە ئالدىنئالا 900 يۈەن تاپشۇرسىڭىزلا، بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەلەيسىز. ناۋادا 6 ئايدىن كېيىن تىجارىتىڭىزگە ئىشەنچىڭىز ئاشقاندا، بىراق سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، ئالدىنئالا تۆلىگەن پۇلنى تۇتۇپ قېلىپ، كەم پۇلىنى بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2. ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى تېز تاماقخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (قەۋەتلىك ياكى ئايرىمخانىلىق تېز تاماقخانا نەشرى(، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر، DELL ياكى HP ماركىلىق داڭلىق كومپيۇتېر ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېر، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(3) 2 دانە تېلېفون، خالىغان ماركىدىكى ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(4) 3 دانە پىرىنتېر، خېرىدار بۇيرۇتقان تاماق تىزىملىكىنى باسىدىغان پىرىنتېر، ئارقا ئاشخانىدىكى ئاساسىي تاماق (قورۇما ۋە خېمىر تاماقلىرى تەييارلايدىغان ئاشپەزلەر) ۋە كاۋاپچىلار (ياكى ئىچىملىك تەييارلىغۇچىلار ئۈچۈن) تاماق ئۇچۇرى باسىدىغان پىرىنتېرى، LAN ئېغىزلىق 80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(5) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.
باھاسى: سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن يۈز تۇرانە كېلىشىمىز.
3. چوڭ تىپتىكى كۆلەملەشكەن، تارماق دۇكانلارغا ئايرىلغان تاماقخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (قەۋەتلىك ياكى ئايرىمخانىلىق تېز تاماقخانا نەشرى)، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(3) ئۈندىدار نۇسخىسى: خېرىدارلار ئاشخانىڭىزغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە تۇرۇپلا تاماق تىزىملىكىنى كۆرەلەيدۇ، ئايرىمخانا، ئۈستەل ۋە تاماقلارنى زاكاز قىلالايدۇ، ھەتتا ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.
(4) تور بېكەت نۇسخىسى: خېرىدارلار ئاشخانىڭىزغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە تۇرۇپلا تاماق تىزىملىكىنى كۆرەلەيدۇ، ئۈستەل ۋە تاماق زاكاز قىلالايدۇ
ئىزاھات: ئۈندىدار ۋە تور بېكەت نۇسخىسىنى 2014-يىلى 6-ئايدا تاماملانغان بولۇپ، شىنجاڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
تور بىكەت ئادرېسى: http://www.tumaris.biz/ug-CN/
تۇمارىس ئۈندىدار نومۇرى: tumaris01
قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر، DELL ياكى HP ماركىلىق داڭلىق كومپيۇتېر ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېر، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(3) 2 دانە تېلېفون، خالىغان ماركىدىكى، ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(4) 4 دانە پىرىنتېر، خېرىدار بۇيرۇتقان تاماق تىزىملىكىنى باسىدىغان پىرىنتېر، ئارقا ئاشخانىدىكى ئاساسىي تاماق (قورۇما ۋە خېمىر تاماقلىرى تەييارلايدىغان ئاشپەزلەر) ۋە كاۋاپچىلار (ياكى ئىچىملىك تەييارلىغۇچىلار ئۈچۈن) تاماق ئۇچۇرى باسىدىغان پىرىنتېرى، LAN ئېغىزلىق، 80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(5) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.
باھاسى: سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن يۈز تۇرانە كېلىشىمىز.
قوشۇمچە: ئۈستەليۈزى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئارايۈزى
تېلېفون نۇسخىسى
(ئېكرانى 5 دىيوم ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان، سىمسىز تور WiFi قوللايدىغان خالىغان ماركىدىكى تېلېفون)
باش ئېكرانى
ئۈستەل تاللاش
تاماق تاللاش
تاماق سانى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى تاللاش
ھېسابات قىلىش
يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىڭىزدە يەنە قانداق ئېھتىياجىڭىز بار؟ قانداق زامانىۋى ئۇسۇلدا باشقۇرماقچى بولۇۋاتىسىز؟ بىز سىز ئۈچۈن تېخنىكىلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار.
ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمى.
2014-يىل 17-دېكابىر