ugubuntu » ئاساسى ساۋات https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu ئۇبۇنتۇ بىلوگى Wed, 02 Nov 2011 16:38:22 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ئۇبۇنتۇ 11.10 ئۈچۈن مەخسىۇس تېما https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-11-10-uchun-mexsus-tema.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-11-10-uchun-mexsus-tema.html#comments Fri, 28 Oct 2011 12:34:46 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1961
سالام كۆپچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت يوقاپ كېتىپ قالدىم. ئوقۇش، خىزمەت ئىزدەش مېنى ناھايىتى ئالدىراش قىلىۋەتتى. ياراتقان ئىگەم تىرىشقانغا بېرىدىكەن. يۇرتتىن بىرمەزگىل ئايرىلىپ ئىشلەيدىغان ئىش بولسىمۇ، ئۆزۈم رازى بولغۇدەك، ئۆزۈمنى ئوبدان باققۇدەك خىزمەتكە ئېرىشتىم. ئاللاغا مىڭ شۈكرى.

بىر نەچچە ئايدىن بېرى، بىلوگ يېڭىلاشقا پەقەت ۋاقتىم يەتمىدى، شۇنداقتىمۇ، سوئالخانىدا، بەزىدە QQ  دا نۇرغۇن دوستلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ كەلدىم. ھەمدە يېڭى تارقىتىلغان ئۇبۇنتۇ 11.10 نى ئىشلىتىشتە كۆپ سورالغان سوئاللارنى مۇشۇ تېمىغا بىراقلا يىغىنچاقلاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.

يەنە بىر گەپ، بىلوگقا ئاز بولسىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى يېزىپ، بىلوگنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارى ئەلتىكىنگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈۋېتىپ ئاندىن يازمىنى باشلاي.

  •  ما ئۇبۇنتۇنىڭ تېرمىنال دېگەن يېرى نەگە كەتتى

ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ تېرمىنال بىر يەرگە كەتمىدى، شۇ سىستېمىدا بار :mrgreen: . ئۇبۇنتۇ 11.10 كە gnome 3.12 ئىشلىتىلگەن بولۇپ، gnome 3.0 دىن بۇرۇنقى نەشرىگە ئوخشايدىغان كلاسسىك ئۈستەل يۈزى بولمىغاچقا، تۇنجى قاچىلىغانلار تېرمىنالنى تاپالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئادەتتە ئۇبۇنتۇ ھەم ئۇبۇنتۇ ئاساسىغا قورۇلغان ھەرقانداق لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۈستەل يۈزىگە كىرىپ ‘Ctrl+Alt+T’ ئۈچ كۇنۇپكىنى تەڭ باسساق تېرمىنال ئېچىلىدۇ. ياكى ئۇبۇنتۇ 11.10 دا Super كۇنۇپكىسىنى (يەنى Windows كۇنۇپكىسىنى ) بېسىپ، ‘Terminal’  دېگەن خەتنىڭ يېرىمىنى كىرگۈزۈپ بولغۇچە تېرمىنال كۆرۈنىدۇ.

تورغا ئۇلاپ تېرمىنالنى ئېچىۋالغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن يۇمشاق دېتال تىزىملىكىنى، يۇمتاللارنى بىر يېڭىلىۋېتىپ، ئۇبۇنتۇنى ئاندىن ئىشلىتىمىز.

sudo apt-get update && sudo apt-get upgrade

ئۇبۇنتۇنىڭ بۇ نەشرىدە بۇ باسقۇچنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپتۇ، يەنى ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى كۇنۇپكىنى چېكىپ، Software Up to Date دېگەننى باسساقمۇ يۇقىرىدىكى بۇيرۇقنىڭ ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز.

  • MP3 نىمۇ قويالمايدىغان سىستېمىكەن ماۋۇ

MP3 نى دەھشەت قويىدۇ دەيمەن ما سىستېما. لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك (Debian نىڭ يېڭى نەشرىدىن باشقا)، ogg, ogv دىن باشقا ئۈن-سىن كود يەشكۈچلىرى سىستېما بىلەن بىرگە قاچىلانمىغان. ئەلۋەتتە سىزنىڭ تور شارائىتىڭىز ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش جەريانىدا تورغا ئۇلاشقا ئىمكانىيەت بەرسە، قاچىلاش جەريانىدىلا، ناھايىتى كۆپ ئۈن-سىن كود يەشكۈچلىرىنى سىستېمىنى قاچىلىغاچ بىرگە قاچىلىيالايسىز. ھەم سىستېمىغا كىرىپلا mp3.mp4,mp5… avi,rmvb … دېگەندەكلەرنى بىۋاسىتە كۆرەلەيسىز.

ئەگەر سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ كود يەشكۈچلىرىنى قاچىلاش توغرا كەلسە، تورغا ئۇلىغاندىن كىيىن، ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى قويساقلا سىستېما ئاپتوماتىك تورىدىن ئىزدەپ قاچىلاپ بېرىدۇ. ياكى بىۋاسىتە تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۈن-سىن كود يەشكۈچلىرىنى قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.

sudo apt-get install ubuntu-restricted-extras
  • كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسام قارا ئېكران بولۇپ قالدى

ئۇبۇنتۇ گۇرۇپپىسى ناھايىتى كۈچلۈك گۇرۇپپا، ئۇلار Nvidia قاتارلىق ئۇبۇنتۇدا قوزغاتقۇچ قاچىلاشقا تېگىشلىك بەزى قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچلىرىنى ئۇبۇنتۇغا ئەڭ ماس كېلىدىغان قىلىپ ئەلالاشتۇرغان. شۇڭا قوزغاتقۇچ قاچىلىغانلار ئەڭ ياخشىسى سىستېما ئۆزىنىڭ كېرەكلىك قوزغاتقۇچلارنى تېپىپ بېرىدىغان قورال ”附件驱动/Additional Drivers“ نى ئىشلىتىڭلار.

  • ئۇبۇنتۇنىڭ بۇ نەشرىدە خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمامدۇ نېمە؟

لىنۇكسدا بىر نەرسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمامدۇ دېگەنگە ئىشەنمەيمەن. ئۇبۇنتۇ 11.10 دە سىستېما ئۇسلۇبى ئۆزگەرتىدىغان جايدا جايدا خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدىغان جاي تەمىنلەنمەپتۇ بىراق لىنكۇسدا دېتال قوراللاردىن تولا نېمە يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن Advanced Settings بۇ قورالنى ئۇبۇنتۇ ئورگىنىمۇ تەۋسىيە قىلىپتۇ، خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا ئۇسلۇب قاچىلاش، Gnome-shell ئىشلىتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان قورال.

sudo apt-get install gnome-tweak-tool
  • Unity ئارا يۈزىنى تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوبدانراق قورال بارمىدۇ

ئۇبۇنتۇ Unity ئارايۈزىنى يەنى ئۇبۇنتۇ 11.04 دىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن يېڭى كۆرۈنمە يۈزىنى تەڭشەش ئۈچۈن بىرقەدەر ياخشى قورال يەنىلا CCSM. قاچىلاش بۇيرۇقى:

sudo apt-get install compizconfig-settings-manager

بۇ ئارقىلىق Unity سول تەرەپ Lancher ئىستونىنىڭ سىن بەلگە چوڭلۇقنى، ھەرخىل ئۈنۈملىرىنى نۇرغۇن Unity تېزلەتمە كۇنۇپكىسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

ئەگەر 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقارماقچى بولساق، General Options نى تاللايمىز. ھەم ئۈستەل يۈزىنى ۋېرتىكال 1، گورىزونتال 4 قىلىمىز.

ئاندىن كۇب ئۈنۈمىنى چىقىرىدىغان تاللاشلارنى تاللاپ قويساق بولىدۇ.

نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىمىزنى مەن ئۇبۇنتۇ 11.04 تە 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقىرىش دېگەن يازمامدا تەپسىلىي تۇنۇشتۇرغان.

ئەگەر قانداق بىنورماللىق كۆرۈلسە، compizconfig نىڭ باقلىق سەپلىمەن ھۆججىتىنى ئۆچۈرمەتسەك بولىدۇ.

rm -rf .gconf/apps/compiz*
rm -rf .cache/compizconfig-1/
rm -rf .config/compiz-1/
rm -rf .compiz*

ئەگەر ھەرخىل ئۈنۈملەر بىلەن ئېتىشپ، ئۈستەل يۈزى بۇزۇلۇپ كەتسە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى Alt+F2 نى بېسىپ ئېچىلغان كۆزنەككە كىرگۈزۈپ يۈرگۈزۈپ

unity –reset

سول تەرەپ Langcher قورال ئىستونى بۇزۇلۇپ كەتسە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى Alt+F2 نى بېسىپ ئېچىلغان كۆزنەككە كىرگۈزۈپ يۈرگۈزۈپ ئوڭشىۋالساق بولىدۇ.

unity –reset-icons

بۇ نىڭ رولى يۇقىرىدا دېگەن compizconfig نىڭ باقلىق سەپلىمەن ھۆججىتىنى ئۆچۈررۈش بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
ھازىرچە چوڭ دائىرىدىكى مەسىلىلەردىن مۇشۇلار ئېسىمگە كەلدى. ئەگەر باشقا سوئاللار بولسا ئېلخەتتە، ياكى سوئالخانىدا كۆرۈشەيلى.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-11-10-uchun-mexsus-tema.html/feed 5
لىنۇكس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىدىن ساۋات https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/basic-linux-file-permissions.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/basic-linux-file-permissions.html#comments Wed, 13 Jul 2011 18:05:22 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1867 لىنۇكس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسى دېگىنىم، لىنۇكسدىكى ھۆججەت خاسلىقى. لىنۇكسنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەنلەر، ھەرقانداق لىنۇكس سىستېمىسىنىڭ ھۆججەت ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى تەپسىلىي ئايرىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن ئۇبۇنتۇدا نېمىشقا ئادەتتىكى قوللانچى ھالىتىدە سىستېمىغا كىرىپ دېتال قاچىلىغاندا بۇيرۇق ئالدىغا sudo نى قوشىمىز. چۈنكى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىنى ھوقۇقى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز بۇيرۇقنى دەرىجىدىن تاشقىرى قوللانچى root ھالىتىدە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىمىز. قېنى مەن تۆۋەندە لىنۇكس ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

مەن ئۇبۇنتۇغا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشلەتكۈچى root ھالىتىدە كىرىپ تېرمىنالغا ‘ls -al’ بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلسام، تۇرۇۋاتقان مۇندەرىجە ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ خاسلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىدا ھۆججەت ئىسمى ئالدىغا ‹‹.›› قويۇلسا بۇ ھۆججەت يوشۇرۇلىدۇ).

قېنى بىز بۇ يەردىن bashrc. ھۆججىتىگە دىققەت قىلايلى. ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ، يەنى بۇ ھۆججەتنىڭ خاسلىقىنىڭ بۈلدۈردىغان مەنىسى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن كىيىن لىنۇكسدا ھۆججەت خاسلىقىنى كۆرگەندە قىينالمايسىلەر؟ بۇ يەردە ئىستىرىلكىدا مەن بەلگە قىلغان، ‹ھوقۇق›، ‹ھۆججەت ئىگىدارى›، ‹ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپا› دېگەنگە بەكىراق دىققەت قىلىڭلار.

ئەمدى مەن ھەقىقىي تونۇشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسىغا كېلەيلى. ‹ھوقۇق› دېگەن يەردە جەمئىي 10 ئورۇن بار، سولدىن باشلاپ بىرىنچىسى شۇ ھۆججەتنىڭ تىپىنى كۆرسىتىدۇ. قالغانلىرىنى ئۈچتىن بىر گۇرۇپپىلىساق، سول تەرەپ ئەڭ بېشىدىكى ئۈچى ‹ھۆججەت ئىگىدارى› نىڭ ھوقۇقىنى، ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچى ‹ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپا› نىڭ ھوقۇقىنى، ئەڭ كەينىدىكى ئۈچى ‹باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنى› كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق ھەر بىر ھېرىپ يەنە نېمىلەرنى بىلدۈرىدىغاندۇ؟ قېنى تۆۋەندىكى رەسىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭلار.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر نۇقتا، بۇ يەردىكى ئوقۇش ”r“ نىڭ قىممىتى 4، يېزىش ”w“ نىڭ قىممىتى 2، ئىجرا قىلىش ”x“ نىڭ قىممىتى 1. دېمەك بايىقى ھۆججەتنىڭ ھوقۇقىنى 755 دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇ ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى ”rwxr-xr-x- “ مۇنداق بولىدۇ.

ئەگەر ئادەتتىكى بىر ھۆججەتنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى “ rwxr-xr-x-“ بۇنداق بولسا، بۇ ھۆججەتنىڭ ئىگىدارى بۇ ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، بۇ ھۆججەتكە يازالايدۇ، بۇ ھۆججەتنىڭ ئىجرا قىلالايدۇ. بۇ ھۆججەت تەۋە بولغان گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، ئىجرا قىلالايدۇ. باشقىلار بولسا بۇ ھۆججەتنى ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ، ئىجرا قىلالايدۇ.

بىز bashrc. ھۆججىتىنىڭ ‹ھۆججەت تىپى› ئورنىغا قارىساق قۇرۇق، بۇ bashrc. ھۆججىتىنىڭ ئادەتتىكى ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆججەت تىپىنى بىلدۈرىدىغان ھەرپلەر ۋە مەنىسى تۆۋەندىكىدەك.

  • ‘d’ مۇندەرىجىنى (ئەڭ ئۈستۈنكى رەسىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدا بەلگە قىلغان ھۆججەت ئەمەلىيەتتە بىر مۇندەرىجە)
  • ‘l’ ئۇلانما ھۆججىتى (Linkfile)
  • ‘b’ ھۆججەت ئىچىگە ساقلانغىنى ئۇلاش ئېغىزى ئۈسكۈنىسى (接口设备)
  • ‘c’ ھۆججەت ئىچىگە ساقلانغىنى ئېغىزى ئۈسكۈنىسى (端口设备)، مەسىلەن، كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس…

ھۆججەت ھوقۇق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئىشلىتىلىدىغان بۇيرۇقلار: chmod، chown، chgrep. بۇ بۇيرۇقلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزۈڭلار ئاقتۇرۇپ ئىزدىنىپ كۆرۈڭلار.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/basic-linux-file-permissions.html/feed 8
ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلەر بىلمىسە بولمايدىغان بەش بۇيرۇق https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/top-five-terminal-commands-everyone-should-know.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/top-five-terminal-commands-everyone-should-know.html#comments Tue, 05 Jul 2011 16:53:59 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1814 ئوخشىمىغان قوللانچىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئوخشىمىغاچقا، ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكەندە ئادەتتە ئىشلىتىدىغان بۇيرۇقلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە. بۈگۈن OMGubuntu بىلوگىنى ئارىلاۋېتىپ omgubuntu ئۆزىنىڭ Twitter ھېساب نومۇرى ئارقىلىق ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيرۇقنى باھالىغاندا مەن تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ بەش بۇيرۇقنى ئوقۇرمەنلەر ئەڭ كۆپ ئاۋاز بىلەن تەۋسىيە قىپتۇ. ئويلاپ باقسام بۇ بەش بۇيرۇقنى مەنمۇ كۈندە ئىشلەتمەي قالمايدىكەنمەن. قېنى ئەمىسە بۇ بۇيرۇقلارنى، رولىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

بىرىنچىسى | sudo

‘sudo’ بۇيرۇقى كۆپچىلىك ئۇبۇنتۇغا قەدەم باسقاندا تۇنجى ئىشلەتكەن بۇيرۇقىغۇ دەيمەن. ‘sudo’ بولسا ‘Superuser Do’ دېگەننىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ «دەرىجىدىن تاشقىرى قىلىمەن» دېگەندەك مەنىدە. ئۇبۇنتۇغا بىز ئادەتتە ئادەتتىكى قوللانچى سۈپىتىدە كىرىمىز، چۈنكى ئۇبۇنتۇدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشلەتكۈچى ‘root’ نى ئۆزىمىز ئاچمىساق، بۇ تاقىۋېتىلگەن. نېمىشقا دېگەندە بىخەتەرلىك ئۈچۈن. چۈنكى بارلىق لىنۇكسنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشلەتكۈچىسى ‘root’، ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا ‘root’ نىڭ پارولىنى يەشسىلا بولدى، قوللانچى نامىنى يېشىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق (دەرۋەقە بۇمۇ ئاسان ئىش ئەمەس جۇمۇ). شۇڭا ئادەتتىكى قوللانچى ھالىتىدە ‘root’ ئىشلەتكۈچىلا قىلالايدىغان ئىشنى قىلماقچى بولساق بۇيرۇق ئالدىغان ‘sudo’ نى قوشىمىز. مەسىلەن دېتال قاچىلاش دېگەندەك. تۆۋەندىكى سىستېما دېتال تىزىملىكىنى يېڭىلاش بۇيرۇقىنى ئىشلىتىپ باقمىغانلار يوقتۇر؟

  • sudo apt-get update

‘root’ ئىشلەتكۈچى سۈپىتىدە گرافىك قوللىنىشچان دېتاللىرىنى ئىشلىتىمىز. مەسىلەن ‘gedit’، ‘nautilus’ … دېگەندەك. ئۆزىمىزنىڭ home مۇندەرىجىسىدىن باشقا جايدىكى ھۆججەتنى تەھرىرلىمەكچى بولساق ‘gedit’ بۇيرۇقىنىڭ ئالدىغا چوقۇم ‘sudo’ قوشۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ئادەتتىكى قوللانچىنىڭ بۇ ھۆججەتلەرگە ھوقۇقى يەتمەيدۇ. ‘gksudo’ مۇ ‘sudo’ بۇيرۇقىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، گرافىك قوللىنىشچان دېتاللىرىنى ئىشلەتكەندە بۇيرۇق ئالدىغا ‘gksudo’ نى قوشساق پارولىنى تېرمىنالغا ئەمەس، يېڭى ئېچىلغان كۆزنەككە كىرگۈزىمىز. مەسىلەن Nautilus ھۆججەت باشقۇرۇش پروگراممىسىنى يۈرگۈزمەكچى بولساق تۆۋەندىكىدەك:

  • gksudo nautilus

ئىككىنچىسى | cd

‘cd’ بولسا ‘Change Directory’ يەنى مۇندەرىجە ئۆزگەرتىش دېگەن گەپنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، QQ ugubuntu توپىدىن نۇرغۇنلارنىڭ مۇشۇ بۇيرۇقنى توغرا ئىشلىتەلمەي، ياكى بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىگە كىرمەي تۇرۇپ بۇيرۇق ئىشلىتىپ، دېتال قاچىلاش ياكى باشقا مەشغۇلاتلاردا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدىم. بۇ بۇيرۇقنى ئىشلىتىش رەسىمى تۆۋەندىكىدەك (چۈشۈرۈش مۇندەرىجىسىگە كىرىش):

ئادەتتە تېرمىنالنى يېڭىدىن ئاچساق ئۆزىمىزنىڭ home مۇندەرىجىسىدە ئېچىلىدۇ. يەنى مۇزىكا، كىنو، چۈشۈرۈش… قاتارلىق ھۆججەت قىسقۇچلار بار مۇندەرىجىگە كېرىكلىك ئېچىلىدۇ.

  • ‘/cd /isim’ ئارقىلىق بىز ‘/’ مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى مۇندەرىجىگە كىرەلەيمىز.
  • /cd ./isim ياكى /cd isim’ ئارقىلىق بىز ھازىر تۇرۇۋاتقان مۇندەرىجە ئاستىدىكى مۇندەرىجىگە كىرەلەيمىز.
  • ‘- cd’ ئارقىلىق باشتىكى مۇندەرىجىگە قايتالايمىز.
  • يالغۇز ‘cd’ بۇيرۇقىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى home مۇندەرىجىسىگە قايتالايمىز.

تەكلىپ: Tab كۇنۇپكىسىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش كېرەك. تېرمىنالدا ئىشلەتمەكچى بولغان بۇيرۇق، تۇرۇۋاتقان مۇندەرىجە ئاستىدىكى ھۆججەت مۇندەرىجە ئىسمى، دېتال ئىسمىنىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئالدىدىكى بىر نەچچە ھەرپىنى بېسىپ Tab كۇنۇپكىسىنى باسساق ئاپتوماتىك تولۇقلىنىدۇ.

مەسىلەن تېرمىنالدا تۆۋەندىكىنى كىرگۈزۈپ:

  • cd De

Tab كۇنۇپكىسىنى باسسام، دەرھال تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ:

  • /cd Desktop

ئۈچىنچىسى | ls

‘ls’ بۇيرۇقىنىڭ رولى DOS تىكى ‘dir’ بۇيرۇقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تۇرۇۋاتقان مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش.

  • ‘ls -al‘ ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. رولى تۇرۇۋاتقان مۇندەرىجە ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر تەپسىلىي كۆرسىتىدۇ (يوشۇرۇلغان ھۆججەتلەرنىمۇ).

تۆتىنچىسى | sudo apt-get install

ئەگەر دېتالنى Ubuntu Software Center دىن ياكى PPA مەنبەسىدىن قاچىلىغىلى بولسا، sudo apt-get install بۇيرۇقى ئارقىلىق تېرمىنالدا قاچىلىغىلى بولىدۇ (مانا بۇ مىنىڭ ئۇبۇنتۇنى بۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قېلىشىمدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى).

مەسىلەن ئۇبۇنتۇغا Chromium جاھاننامىسىنى قاچىلىماقچى بولساق، تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ يۈرگۈزسەكلا ئىش تامام.

  • sudo apt-get install chromium-browser

apt-get دېتال ئۆچۈرۈشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن بىز بايا قاچىلىغان Chromium جاھاننامىسىنى ئۆچۈرمەكچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزىمىز.

  • sudo apt-get remove chromium-browser

بەشىنچىسى | uname -a

ئۇبۇنتۇدا يادرونىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلگەن بۆلىشىڭلار مۇمكىن. ئۇبۇنتۇ 11.04 يېڭى قاچىلىغاندا يادروسى ئەڭ يېڭى بولغاچقا بەزى دېتاللارنى قاچىلىغىلى بولمىغان. ماڭا ئۆزۈڭلارنى قايسى لىنۇكس يادروسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟

  • uname -a

دېققەت: خەت يۆلىنى ئوڭدىن سولغا، بۇيرۇق يۆلىنىشى سولدىن ئوڭغا بولغاچقا، يۇقىرىدا تۇنۇشتۇرغا بۇيرۇقلارنى سىنىغاندا، كۆچۈرۈپ ئالماي، ئۆزەڭلار يېزىپ سىناڭلار.

يېقىندىن بېرى بىلوگنى مەن ئۆزۈم يالغۇز ئوقۇۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. 21-ئەسىر تېخنىكا دەۋرى ئۇچۇر دەۋرى، لىنۇكسنى بولۇپمۇ ياشلار چوقۇم ئۆگىنىپ قويمىساق بولمايدۇ، شۇڭا ئوقۇرمەنلەر نېمىگە ئېھتىياجلىق بولساڭلار، ياكى قايسى تەرەپتىن قىينالساڭلار مەن بىلەن ئالاقە قىلساڭلار!

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/top-five-terminal-commands-everyone-should-know.html/feed 8
ئۇيغۇرچە فونت قاچىلايدىغان deb ھۆججىتى يېڭىلاندى https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ug-ttf-fonts-deb2.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ug-ttf-fonts-deb2.html#comments Wed, 18 May 2011 07:12:34 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1371

FireFox نىڭ 4.0 نەشرىدە «لا» ھەرىپىنىڭ نورمال ئۇلانماسلىقىدەك مەسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن، UKIJ فونتلىرىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلۈپ 3.1 نەشرى ئىلان قىلندى. مەن بۇ فونتنى ياسىغان، ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن تۆھپىكارلاردەك قىلالمىساممۇ، چاممامنىڭ يىتىشىچە، ئىلگىرىكى ئۇبۇنتۇغا فونت قاچىلايدىغان ug-ttf-fonts_1.0.deb غا يېڭى فونتلارنى قۇشۇپ باشقىدىن ياساپ چىقتىم.

ئۇبۇنتۇدا ئاساسەن Firefox ئىشلىتىلدىغان بولغاچقا، ug-ttf-fonts_1.1.deb ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئازدۇر كۆپتۇر قولايلىق ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس.

چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://ugubuntu.googlecode.com/files/ug-ttf-fonts_1.1.deb

ug-ttf-fonts_1.1.deb ھۆججىتىگە UKIJ فونتلىرىنىڭ 3.1 نەشىرى ئالماشتۇرۋېتىلگەندىن باشقا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى. قاچىلاش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ug-ttf-fonts_1.0.deb بىلەن ئوخشاش.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ug-ttf-fonts-deb2.html/feed 12
PPA مەنبەسى دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق قۇشىمىز؟ https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/what-is-the-ppa-how-to-add-ppa.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/what-is-the-ppa-how-to-add-ppa.html#comments Sun, 15 May 2011 08:54:03 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1362 بىلوگدىكى مەن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرغان نۇرغۇن دېتاللارنى PPA مەنبەسىدىن قاچىلاپ ئىشلىتىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر PPA مەنبەسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسى بىلەن قانداق ئوخشىماسلىقى بارلىقىنى بىلەيدۇ، شۇڭا مەن بۇ يازمام ئاقىللىق PPA مەنبەسى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلاي.

  • PPA مەنبەسى دېگەن نېمە؟

PPA مەنبەسىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى Personal Package Archives (خۇسۇسىي بولاق ئارخىپى) بولۇپ، ئۇبۇنتۇ Launchpad تور بېكىتى تەمىنلىگەن بىر مۇلازىمەت تۈرى (ئەلۋەتتە بۇنداق مۇلازىمەت تەمىنلىگەن بېكەت ئۇبۇنتۇ Launchpad لا ئەمەس). ھەرقانداق شەخس بۇ توربېكەتكە يۇمشاق دېتال ئەسلىي كودنى يوللىيالايدۇ، ھەمدە ئىككىلىك سىستېما بولىقىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنالايدۇ. ئۇبۇنتۇ Launchpad تور بېكىتىدىكى ھەر بىر شەخس ياكى گۇرۇپپىنىڭ بىر ياكى نۇرغۇن PPA سى بولىدۇ (ھەر قانداق كىشى تىزىملىتىپ كىرسە بولۇۋېرىدۇ).

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا PPA مەنبەسىدىكى دېتاللار ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسىدە بولمايدۇ. بولغان تەقدىردىمۇ PPA دىكى دېتال يەنىلا ئەڭ يېڭى نۇسخىسى. Deb بوغچىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئىشلىتىۋاتقان دېتالىمىز PPA مەنبەسىدىن چۈشۈرۈلگەن، ھەمدە PPA مەنبەسىنى سىستېمىدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەنلا بولساق sudo apt-get upgrade بۇيرۇقى ئارقىلىقلا شۇ دېتالنى يېڭىلىيالايمىز.

ئەگەر مەلۇم دېتالنىڭ PPA مەنبەسىنى تاپماقچى بولساق، دېتال ئىسمىغا PPA نى قوشۇپ Google دىن ئاقتۇرساقمۇ، ياكى ئۇبۇنتۇ Launchpad دىن دېتال ئىسمى ئارقىلىق ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ. ئەگەر يەنە ئاۋارىچىلىك بىلگەنلەر مەن بورۇن يازغان ئۇبۇنتۇدىكى قۇلايلىق، ئاددىي PPA مەنبە باشقۇرغۇچ دىكى دېتالنى ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.

  • PPA مەنبەسىنى قانداق قۇشىمىز؟

PPA مەنبەسىنىڭ يېزىلىش شەكلى تۆۋەندىكىدەك

ppa:user/ppa-name

بۇ يەردىكى user نىڭ ئورنىغان شۇ PPA گە ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان شەخس ياكى گۇرۇپپىنىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ، ppa-name نىڭ ئورنىغا دېتال ئىسمى يېزىلىدۇ.

PPA مەنبەسىنى قوشۇش ئۈچۈن ”software sources“软件源 نى ئېچىپ قوشىمىز، تۆۋەندىكى Gnome3 نىڭ PPA مەنبەسىنى قوشۇش جەريانىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

ئۇبۇنتۇ 10.04 ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى نەشرلىرىدە ”software sources“软件源 ئورنى“System“系统”—>Administration“管理“—>Software Sources“软件源

ئۇبۇنتۇ 10.10 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرلىرىدە ”software sources“软件源 نىڭ ئورنى يۇمشاق دېتال مەركىزىدە (Ubuntu Software Center).

ئەمەلىيەتتە PPA مەنبەسىنى قوشۇشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى تېرمىنالدا sudo apt-add-repository بۇيرۇقى بىلەن قوشۇش بولۇپ، مەن بايا مىسالغا ئالغان PPA مەنبەسىنى تېرمىنالدا بۇيرۇق ئارقىلىق قوشماقچى بولساق، بۇيرۇقنى تېرمىنالغا تۆۋەندىكىدەك يېزىپ ئىجرا قىلىمىز.

sudo add-apt-repository ppa:user/ppa-name

قاچىلاش ئۈچۈن sudo apt-get update بۇيرۇقى بىلەن سىستېمىدىكى دېتال تىزىملىكىنى بىر يېڭىلىۋېتىپ، يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن (Ubuntu Software Center) دىن ياكى sudo apt-get install detalismi ئارقىلىق قاچىلايمىز.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/what-is-the-ppa-how-to-add-ppa.html/feed 2
ئۇبۇنتۇ 11.04 تە 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقىرىش https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-natty-3d.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-natty-3d.html#comments Tue, 03 May 2011 04:08:30 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1258 ئۇبۇنتۇ 11.04 تە 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقىرىش كۆپچىلىكنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان. compiz دا 3D ئۈستەل يۈزىنى ئېچىش ئۈچۈن كۇب سىن بەلگىسىنى باسساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك خاتالىق چىقىۋېلىپ، كىشىنى بىزار قىلغان.


ئۇبۇنتۇ 11.04 دە ئۈستەل يۈزى ئۇبۇنتۇنىڭ بۇرۇنقى نەشرلىرىدەك سۈكۈت تۆت دانە قىلىپ قويۇلغان. بىراق ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئۇبۇنتۇ 11.04 دە ئۈستەل ۋېرتىكال 2، گورىزونتال 2 قىلىنغان. بىز compiz ئارقىلىق 3D ئۈستەل ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈستەلنى ۋېرتىكال 1، گورىزونتال 4 قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى ئۈبۇنتۇ 11.04 دە compiz نىڭ تەڭشەش كۆزنىكىنىڭ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان General Options ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بىراق بىۋاسىتە مۇشۇ يەردىن ئۆزگەرتسەك compiz يەنە ئۈستەل يۈزىنى ۋەيران قىلىدىكەن. بۇنى بىز compiz نىڭ compiz-1 سەپلىمە ھۆججىتىدىن ئۆزگەرتىمىز.
قۇرۇق گەپنى جىق قىلىپ كەتتىم. گەپنىڭ مېغىزى مەن بۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تۆۋەندىكى بىر بۇيرۇققا ئىخچاملىدىم. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بىر تېرمىنالدا ئىجرا قىلىمىز (بۇ ۋاقىتتا ئېكراندا ئازراق نورمالسىزلىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن، بىراق ھېچقىسى يوق)، تېرمىنالنى ئۆچۈرۈۋەتمەي تۇرۇپ compiz دىن ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان General Options نى تاللايمىز. ھەم ئۈستەل يۈزىنى ۋېرتىكال 1، گورىزونتال 4 قىلىمىز. رەسىمدىكىدەك.

gconftool-2 --type l --list-type string --set /apps/compiz-1/general/screen0/options/active_plugins "[core,bailer,detection,composite,opengl,compiztoolbox,decor,move,vpswitch,place,mousepoll,resize,staticswitcher,imgpng,regex,gnomecompat,grid,snap,zoom,session,animation,workarounds,fade,cube,expo,scale,rotate,unityshell,unitymtgrabhandles]" && (unity &)


سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ كىرىمىز. مانا بۇ مىنىڭ ئۈستەل يۈزۈم.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-natty-3d.html/feed 3
compiz، Untiy نى قايتا بەلگىلەش https://www.uyghur-archive.com/www.uyghur-archive.com/ugubuntupiz-untyni-qayta-belgilesh.html https://www.uyghur-archive.com/www.uyghur-archive.com/ugubuntupiz-untyni-qayta-belgilesh.html#comments Sat, 30 Apr 2011 16:36:26 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1239 سالام كۆپچىلىك، Untiy ھەممەيلەنگە يېڭى بولغاچقا، ھەمدە compiz بىلەن ئازراق توقۇنۇشى بولغاچقا، ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compizconfig-settings-manager (ئۇبۇنتۇ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان دېتال) نى قاچىلاپ تەڭشەش داۋامىدا سىستېمىدا بىنورماللىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۈگۈن ئۇبۇنتۇنىڭ خەنچە مۇنبىرىگە چىقسام ساپ مۇشۇ توغرىلىق سوئال. بىز بۇنى بىز بۇرۇن بەلگىلىگەن تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىساق بولىدۇ.
Untiy نى ئەسلىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقى (بۇ compizconfig-settings-manager دە بىز بەلگىلىگەن بارلىق تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ)

unity --reset

ياكى بولمىسا compiz نىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈپ، compiz غا نىسبەتەن قايتىدىن بەلگىلەش ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ. ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compiz نىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى بۇرۇنقى نەشرلىرىدەك gconf/apps/compiz. بولماستىن بەلكى gconf/apps/compizconfig-1. بولۇپ compizconfig-1 ئۆچۈرۈۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
Launcher سىن بەلگىسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقى

unity --reset-icons

Launcher سىن بەلگىسى، ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ ئوڭ تەرەپ يېڭى قوشۇلغان رايوندىكى سىن بەلگە. بىز ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compiz نى ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى قوشۇلغان Unity Plugin تۈرىنى كۆرىمىز. بىز بۇ يەر ئارقىلىق ئوڭ تەرەپتىكى Launcher نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارالايمىز.

يۇقارقى ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ سىستېمىدا ھىچ قانداق ئىنكاس بولمىسا، سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ كىرىشىمىز كېرەك.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/www.uyghur-archive.com/ugubuntupiz-untyni-qayta-belgilesh.html/feed 0
يېڭى تارقىتىلغان ئۇبۇنتۇ 11.04 ئۈچۈن مەخسۇس تېما https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu11-04-uchun-mexsus-tema.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu11-04-uchun-mexsus-tema.html#comments Fri, 29 Apr 2011 02:28:29 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1225

كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى تۈنۈگۈن تارقىتىلدى. مەن تۈنۈگۈن QQ توپىدا كۆپچىلىك بىلەن مۇڭداشقاچ، ئۇنىڭ ھەقىقىي نەشرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئورگان بېتىدىن بۇرۇن تەمىنلىگەن، بۇ ۋاققا ماڭا ئوخشاش قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار باردۇر، ھى…ھى…
ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ جۇڭگودىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چۈشۈرۈش بېتىگە يوللاپ قويدۇم.
قايسى كۈنى يەنە QQ توپىدا بەزىلەر بىر كۈندە ئۇبۇنتۇ نەچچە قېتىم قايتا قاچىلىغانلىقىنى دېگەن، ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ يېڭى قاچىلاپ ئىشلىتىش جەريانىدىكى بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايلارنى، مۇ شۇ يازمىغا يىغىنچاقلىدىم. كۆپچىلىك ئەگرى يولنى ئاز ماڭسا دېگەن ئۈمىدىمەن.
ئالدى بىلەن ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ يېڭى ئىقتىدارى دېگەن يازمىنى بىر كۆرۈپ بېقىڭلار، تىلى ئىنگلىزچە بولسىمۇ، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ئۇبۇنتۇ 11.04 كە بولغان چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشقۇسى.

  • قاچىلاش باسقۇچى

قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش باسقۇچىدا دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا قاچىلاشنى ئۈچىنچى باسقۇچىغا ئازراق ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ. ئەگەر سىز قوش سىستېما قىلىپ ئىشلەتمەكچى ياكى، كومپيۇتېرىڭىزدىكى بۇرۇن بار نەرسىلەرنى ساقلاپ قالماقچى بولساڭلار، بۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكى Something Else نى تاللاپ، ئاندىن قاتتىق دىسكىغا قارىتا رايونغا بۆلۈش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ.


قاچىلاشنىڭ قالغان باسقۇچى ئۇبۇنتۇ 11.10، 11.04 بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئايرىم سۆزلەپ ئولتۇرماي.

  • يېڭىچە ئۈستەل يۈزى

ئۇبۇنتۇ 11.04 كە پۈتۈنلەي يېڭىچە Unity كۆرۈنمە يۈزى ئىشلىتىلگەن. Unity نى Gnome نىڭ ئۈستىگە كىيدۈرۈپ قويغان بىر چاپان دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق ھېچ گەپ يوق. ئۇبۇنتۇ 11.04 كە كىرىش كۆزنىكىنىڭ سول تەرەپ ئاستىدىن Ubuntu Classic نىڭ تاللاپ، ئۇبۇنتۇنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۈستەك كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىپ، بەلگىلەش ئېلان بارساڭلار بولىدۇ. Unity غا ئالدىرىماي كۆنىسىلەر.


ئۇبۇنتۇ 11.04 قاچىلىغاندا كۆرسىتىش كارتا چوقۇم 3D قوللىشى كېرەك. كومپيۇتېر بىر قەدەر كونا ياكى سەپلىمىسى تۆۋەنرەك كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. 2D Unity نى قاچىلاپ يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىن Unity 2D نى تاللاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

sudo add-apt-repository ppa:unity-2d-team/unity-2d-daily
sudo apt-get update
sudo apt-get install unity-2d
  • Compiz نىڭ سىستېمىنى ۋەيران قىلىشى

Unity ئۈستەل يۈزىنى مۇكەممەل ئىشلىتىش ئۈچۈن Compiz قاچىلىشىمىز زۆرۈر. ھەمدە Compiz ئۈنۈملىرى بولمىسا كۆپچىلىك ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ زېرىكىپ قېلىشى مۇمكىن.

sudo apt-get install compizconfig-settings-manager

بىراق 3D ئۈستەل يۈزىنى مەن ئاچالمىدىم. ئۇبۇنتۇ ئورگىنى ھەقىقىي نۇسخىسىدىن باشلاپ بۇ BUG تۈزىتىلدى دېگەن بولمىسا. Compiz نى تەڭشىگەن ۋاقتىڭلاردا سىستېما قېتىۋالىدىغان، قايتا Unity غا كىرگەندە، ئېكراننىڭ ئۈستى، ئوڭ تەرىپىدە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇ مەسىلىنى Unity بىلەن Compiz تۇتۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇنداق بولۇپ قالسا ئاكتىپلىشىپ سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ يۈرمەڭلار. Ubuntu Classic قا ياكى Alt+Ctrl+F1 غا كىرىپ تۇرۇپ /home/isim/.gconf/apps ئاستىدىكى compizconfig-1 نى  ئۆچۈۋېتىپ، compiz نى ئەسلىدىكى سۈكۈت تەڭشىكىگە ئەكىلىپ، سىستېمىغا قايتا كىرسەكلا بولدى. شۇنداق قىلىپ compiz نى Ubuntu Classic غا كېرىپ تۇرۇپ ئالدۇرماي تەڭشەڭلار.

يېڭىلىنىۋاتىدۇ…

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu11-04-uchun-mexsus-tema.html/feed 23
ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) دېگەن نېمە؟ https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/what-is-ubuntu.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/what-is-ubuntu.html#comments Thu, 14 Apr 2011 06:21:17 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1613
Windows دېگەن ئاتالغۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ھەتتا Windows  بولمىسا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزگە ئۇچرىغان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە Windows  مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلانغانلىقىدۇر. ئۇنداقتا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشتىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟

ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. كومپيۇتېر تورىدىن ياكى مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلاردىن ئىزدەيدىغان بولساق ئوندىن ئارتۇق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالايمىز. بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغان Ubuntu  مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ مۇشۇلارنىڭ بېرى.

Ubuntu قانداق مەشغۇلات سىستېمىسى؟

كۆپچىلىك Linux نى ئاڭلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. Linux نى ئاددىي ھالدا ھەقسىز بولغان، ئەركىن تارقىتىلىدىغان Unix مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ھەمىشە تىلغا ئېلىنىدىغان Linux بولسا GNU/Linux. يەنى Linux يادروسى قوللىنىلغان GNU مەشغۇلات سىستېمىسى. Linux 1991-يىلى  Linus Torvalds تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى تىز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. Linux بولسا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسى. بىر مۇكەممەل مەشغۇلات سىستېمىسىدا يادرولا بولسا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن شەخس ۋە ئورگانلار GNU/Linux ئاساسىغا قورۇلغان Linux نۇسخىلىرىنى تارقىتىدۇ.

Ubuntu دەل يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان  GNU/Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىر خىلى. ئۇنىڭ ئىسمى جەنۇبى ئافرىقا زۇلۇ تىلى ياكى خاۋسا تىلىدىكى ”Ubuntu“ سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى ”ئادىمىيلىك“، ”باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەل مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم“. ئۇ  ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بولۇپ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ”ئىنسانپەرۋەرلىك“ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

Ubuntu نىڭ ئىجادچىسى Mark Shuttleworth بولۇپ  ئۇنىڭ Canonical شىركىتى Ubuntu تەرەققىياتىدىكى بارلىق چىقىملارنى دېگۈدەك ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

Ubuntu نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

Ubuntu پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، سىزنىڭ ھېچقانداق ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇشىڭىز ھاجەتسىز. ئۇ ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغان بولغاچقا، ئەڭ يېڭى تېخنىكا، ئەڭ يېڭى دېتاللاردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خەۋەردار بولالايسىز. Ubuntu ئورگان بېتىدىن ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز. ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدىن Ubuntu ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.

Ubuntu ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمېتىرلارغا ماس كېلىدۇ. مەيلى ئائىلىدە، ئىشخانىدا، ئۆگىنىشتە بولۇڭ Ubuntu دا ئىشلىتىشكە بولىدىغان قورال دېتاللار سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ.

  • ناھايىتى زور ئەركىن يۇمشاق دېتال ئامبىرى بار

Ubuntu ئىشلەتكەندە يۇمشاق دېتالدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. تېرمىنالدا بىر قۇر بۇيرۇق بىلەن ياكى Ubuntu يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق بولغان ھەرقانداق دېتالنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. PPA  مەنبەسىدىن ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسىدىن تاپقىلى بولمايدىغان دېتاللارنى تاپىلايسىز. ئەڭ مۇھىمى بۇ دېتاللارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.

  • ياردەم مەركىزى مەشغۇلاتىڭىزنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ

سىز Ubuntu دا مەشغۇلات قىلىش داۋامىدا قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ياردەم مەركىزىدىن جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز ياكى   https://help.ubuntu.com تورىغا كىرىپ، تور يۈزىدە ئۆزىڭىز ئۇچۇرغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايسىز.

  • دۇنيادىكى ھەممە تىلنى دېگۈدەك قوللايدۇ

Ubuntu نىڭ نىشانى يەرشارىدىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، https://translations.launchpad.net  تورىغا كىرىپ، ئۆزىڭىز تەرجىمە خىزمىتىگە بىۋاسىتە قاتنىشالايسىز. ئەلۋەتتە بۇ يەردىن Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، Ubuntu نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تېزرەك تاماملىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش سىز ئۈچۈن شەرەپلىك ۋەزىپە. سىز Ubuntu غا ھەرقانداق يۇنىكودلۇق TTF خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىستېمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھېچ قانداق خەت سىلىقلاش دېتالى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى نورمال كۆرسىتەلەيسىز.

  • ئۈستەل يۈزى ناھايىتى دوستانە

Ubuntu ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۈستەل مۇھىتى كۆپ خىل بولۇپ، ئادەتتە Gnome  مۇھىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى نەپىس لايىھىلەنگەن KDE ئۈستەل مۇھىتى، سەپلىمىسى تۆۋەنرەك كومپيۇتېر ئۈچۈن ئېچىلغان Xfce ئۈستەل مۇھىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈستەل يۈزىنى بىر نەچچە خىزمەت رايونىغا ئايرىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىش ئۈنۈمىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. Compiz دېتالى ئارقىلىق نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى ئېچىپ،ئۈستەل  يۈزىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.

  • ناھايىتى تولۇق ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى سەپلەنگەن

Ubuntu نىڭ ئەڭ يېڭى 11.04 نۇسخىسىدىن باشلاپ سىستېمىغا LibreOffice سەپلەنگەن بولۇپ، LibreOffice يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچ، LibreOffice ئېلېكترونلۇق جەدۋەل، LibreOffice پروكسىيە،LibreOffice ماتېماتىكا، LibreOffic شەكىل سىزىش، LibreOffice ساندان قاتارلىق ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  • خەت ئالاقە، مۇڭدىشىش قوراللىرى تولۇق

Ubuntu غا ئې.خەت ئالاقىسى ئۈچۈن سۈكۈت Evolution سەپلەنگەن بولۇپ، خەت ئالاقە ئىشلىرىڭىزغا تولىمۇ قۇلايلىق. ئۇنىڭدىن باشقا msn،skype،qq… قاتارلىق مۇڭداشقۇلارنى بىمالال ئىشلىتەلەيسىز. Ubuntu غا يەنە Gwibber ئىجتىمائىي ئالاقە ئابۇنتتى، ناھايىتى كۆپ مۇڭدىشىش دېتاللىرىنى قوللايدىغان Empathy قاتارلىقلارمۇ سەپلەگلىك بولۇپ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدۇ.

  • كىنو-فىلىم، مۇزىكا قويغۇچلار تېخىمۇ سەرخىل

Ubuntu نىڭ 11.04 نەشرىدىن باشلاپ سىستېمىغا Banshee مۇزىكا قويغۇچى ۋە Totem فىلىم قويغۇچى سەپلەنگەن. ئەگەر ئۇبۇنتۇنىڭ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئىزدەيدىغان بولسىڭىز، قويغۇچلارنىڭ جىقلىقىدىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلمەي قالىسىز. جاھاننامە يۈزىدە توردىكى flash سىن ھۆججەتلىرىنى بىمالال كۆرەلەيسىز

  • Ubuntu One مۇلازىمىتى

Ubuntu one بولسا Canonical شىركىتى يولغا قويغان تور مۇلازىمىتى بولۇپ، سىز بۇ مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ 2G لىق ھەقسىز تور دىسكىسىغا ئېرىشەلەيسىز. ئەلۋەتتە ئازغىنە پۇل خەجلەپ بۇ بوشلۇقنى 50G غا كۆتۈرەلەيسىز. Ubuntu غا سەپلەگلىك Ubuntu One ئابونتتى ئارقىلىق، كومپيۇتېرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى تور دىسكىڭىزغا چىقىرالايسىز، ھەمدە دوستلىرىڭىز بىلەن ھەمبەھىرلىنەلەيسىز.

  • Ubuntu پروگراممىرلانىڭ جەننىتى

Ubuntu دېتاللارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئەسلىي كودى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر كومپيۇتېر تىلىغا ئۇستا بولسىڭىز ئۆزىڭىز خالىغان دېتالنى ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز كومپيۇتېر تىلىنىڭ يېڭى ئۆگەنگۈچىسى بولسىڭىز، بۇ مول ئوچۇق كود سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىشىڭىزگە زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. Ubuntu دا ناھايىتى نۇرغۇن IDE لار بار بولۇپ C، C++، Java، Python، PHP… قاتارلىق ھازىر دۇنيادا قوللىنىلىۋاتقان كومپيۇتېر تىللىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىشلىتەلەيسىز. دۇنياغا داڭلىق  gcc قورالى، vi/vim تەھرىرلىگۈچىسى مانا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

ر

Ubuntu دۇنيادىكى ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشۋاتقان Linux مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقنى ئىشلىتىش داۋامىدا ناھايتى تىزلا ھىس قىلىپ يىتىسىز.

بۇ يازما كومپيۇتېر تۇرمۇش ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان. ئاپتۇرى مەن.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/what-is-ubuntu.html/feed 0
ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلاش https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-usb-qachilash.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-usb-qachilash.html#comments Tue, 22 Mar 2011 06:55:38 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=689

ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، قاچىلاش داۋامىدا كومپيۇتېرنى ئۇبۇنتۇنىڭ liveCD قوزغاتساق، ھازىر قاچىلاش ۋە ھازىر ئىشلىتىش دەپ ئىككى تاللاش كۆرۈنىدۇ. قاچىلاشنى بېسىپ ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش مەشغۇلاتىنى قىلىمىز. ھازىر ئىشلىتىشنى بېسىپ liveCD دىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىمەيمىز. ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش دېگىنىمىز ئۇبۇنتۇ iso سىنى بارماق دىسكىغا (يان دىسكىمۇ بولىدۇ، ھەتتا sd كارتىمۇ بولىدۇ) ئويۇپ، كومپيۇتېرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن ھازىر ئىشلىتىش (try to use مۇشۇنداقراق) بېسىپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى: خالىغان جايدا خالىغان كومپيۇتېردا بارماق دىسكىمىزدىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتەلەيمىز. بىراق سۈرەت ئازراق ئاستا بۆلىشى، قوزغاتقۇچلار ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.
بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاش دېگىنىمىز ئۇبۇنتۇ iso سىنى بارماق دىسكىغا (يان دىسكىمۇ بولىدۇ، ھەتتا sd كارتىمۇ بولىدۇ) ئويۇپ، كومپيۇتېرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن ھازىر قاچىلاش (Install now) بېسىپ ئۇبۇنتۇنى liveCD دىن قاچىلىغانغا ئوخشاش قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلىمىز.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى: CD/DVD دىسكىسى ئالىدىغان پۇلىڭىزنى تېجەپ قالىمىز ئەلۋەتتە. ھى…ھى…
بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇبۇنتۇ iso سىنى قانداق قىلىپ بارماق دىسكىغا توغرا ئۇيۇش. ئەلۋەتتە iso نى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۈپ قويساق بولمايدۇ. مەن تۆۋەندە Windows شارائىتىدا ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل بىلەن، ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتى تەۋسىيە قىلغان ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

  • UltraISO

UltraISO نى قاچىلاپ ئالدىن تەييارلىۋالغان ئۇبۇنتۇ iso سىنى UltraISO ئارقىلىق ئاچىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 启动光盘–写入硬盘映像 نى باسىمىز. UltraISO ھەقلىق دېتال بولغاچقا xxx نۇسخىسىنى ئۆزۈڭلار بەيدۇ قىلىڭلار. ھى…ھى…

ئېچىلغان كۆزنەكتىن :便捷启动–写入新的驱动器引导区–Syslinux نى تاللايمىز. بۇ باسقۇچ بولمىسا بارماق دىسكىغا ئويۇلغان ئۇبۇنتۇ boot missing دەپ قوزغالمايدۇ جۇمۇ.


ئەمدى ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان بارماق دىسكىنى (يان دىسكا) تاللاپ رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلساقلا بولدى.

  • Universal USB Installer (ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتى تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇل)

ئالدى بىلەن Universal USB Installer نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قوزغىتىمىز. ھەم رەسىمدىكى 1 دېگەن ئورۇندىن ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئۇبۇنتۇ نۇسخىسىنى، 2 دېگەن ئورۇندىن تەييارلىۋالغان ئۇبۇنتۇ iso سىنى تاللايمىز.

ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى 1 نىڭ سول تەرىپىدىن ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان بارماق دىسكىنى (يان دىسكا) تاللايمىز، 1 نىڭ ئوڭ تەرىپىنى تاللاپ قويساق ئۇيۇشتىن بۇرۇن بارماق دىسكا (يان دىسكا) فورماتلىنىدۇ، ئېھتىيات قىلىڭلار. 2 دېگەن ئورۇندىن ئىشلەتمەكچى بولغان بوشلۇقنى تاللايمىز.

ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم، ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىلىپ يۈرسەڭلارمۇ ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاپ پۇل تىجىسەڭلارمۇ بولىدۇ (بارماق دىسكىسى بارلار).

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-usb-qachilash.html/feed 7