|
تويدا تويۇپ ئاش يېگەن رەھىمسىز تارىم دادخاھ
تارىم دادخاھنىڭ ئۆمرىدە ئۇنتۇلماس بىر ئىش قالغىنى ئۈچۈن شۇ ئىشىغا ھېلىمۇ ئۆكۈنۈپ يۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان ھېلىقى « توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم » دېگەن ئۇلۇغبېكنىڭ شېئىرىنى ئالايىتەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىغان. بۇ شېئىرنى تېخى كۆرمىگەن مۇنبەرداشلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇ شېئىرنى بۇ ھېكايىگە قىستۇرما قىلدىم :
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم
ئۇلۇغبېك ( ئۆزبېكىستان)
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم ،
(نېمە قىلاي ، قارنىم ئاچ ئىدى ؟ )
بەختىمنىڭ كەتكىنى ھەم راست ئىدى،
دەرد-پىغانغا تويۇب ئاش يېدىم.
ئېرىڭنىڭ نەزىرى توختىغان مەندە ،
(بىچارەنىڭ قارنى ھەم ئاچ ئىكەندە؟)
مېنىڭ ئەس-ھوشۇم لېگەندە،
ئالەمنىمۇ ئالىمەن شۇندىن،
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.
ئۈچ لېگەننى بوشاتتىم تەنھا ،
(توي بولاتتىمۇ ھەر كۈندە ؟)
ئەمدى چاينى بېرىشسۇن ساماۋاردا،
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،
پۇخادىن چىقتىم -_ تويۇپ ئاش يېدىم.
ساھىبخانا دەرھال مەن تامان كەلدى،
(ئاش يەپ بولغىنىمنى ئۇ بەلكىم بىلدى)
شۇندا ماڭا ھەم ئىنساپ كىردى ،
دۇئاغا قول كۆتۈردۈم مەنمۇ شۇندا
(توي بولامتى ھەربىر كۈندە؟)
ئامىن! ئىككى ياش بەختىنى تاپسۇن!
ۋەدەسىگە ۋاپا قىلىشسۇن!
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.
ئاشنى يېدىم ھەم چاينى ھەم ئىچتىم،
ئىززىتىمنىڭ بارىدا ئۆيۈمگە يۈردۈم ،
شۇنداق قارىسام ئۆيدە بىر ئۆزۈم ،
ۋاي ئاللاھ ، دوختۇر سىزدە بارمىكىن داۋا؟
توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم !
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،
ئەلەمگە پايلىماي ئوپقاندەك يېدىم،
قارنىم يېرىلىپ ئۆلەي مەن دېدىم!
ئەمدى گەپنى چارەك ئەسىرچە ئىلگىرىكى چاغلارغا قايتۇراي .
شۇ كۈنلەردە تارىم دادخاھ مەندىن خېلىلا خاپا ئىدى . بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق بولغان : دادام ھەر قېتىم ماڭا يازغان خېتىدە « ئادەم بولساڭ تارىم دادخاھتەك بول ، ھە ، ئۇچۇ ، ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ ؟ قوشنا بولغاندىكىن ئوبدان ئۆتۈۋاتقانسىلەر ؟ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن ۋە مەندىن ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام دەپ قوي » دەپ يېزىشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمايتتى. مەن كەم ئەقىل كېلىپ مەكتەبتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ۋە تارىم دادخاھنىڭ مىجەزىدە كۆرۈلگەن يېقىندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆيگە خەت يازغاندا ئۆيدىكىلەرگە دەپ بەرگەن ئىدىم . بۇ ئىش دادخاھ دەرۋىشنىڭ قۇلىقىغا يەتمەي قالمايدىغانلىقىنى مەن نەدىن بىلەي ؟
بىر كۈنى كەچتە ئەمدى ياتايلى دەپ تۇرساق ياتاق ئىشىكى قاتتىق چېكىلدى ، مەن بېرىپ ئىشىكنى ئېچىشىمغا ياتاققا تامدەك بىر گەۋدە كىرىپ كەلدى ۋە :
_ تارىم دادخاھ دېگەن گالۋاڭ مۇشۇ ياتاقتا تۇرامدۇ ؟ _ دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. بۇ دەل مېنىڭ يۇرتىمىزدىكى قوشنام ، تارىم دادخاھنىڭ دادىسى دادخاھ دەرۋىشنىڭ نەق ئۆزى ئىدى .
_ ھوي ، سەن ھىجرانغۇ ؟ سەمرىپ توپتەكلا بوپقاپسەن ، ياخشى تۇرۇۋېتىپسەن-ھە ؟ _ دېدى ماڭا قول بېرىپ ، _ تارىم دادخاھ قېنى ؟ كۆرۈنمەيدىغۇ ؟
_ مەن چاقىرىپ كىرەي ، سىنىپتا قالغان ئىدى ، _ دېدىم ۋە چاپىنىمنى كىيىپ سىرتقا چىقتىم. مەن بۇ ئاچچىقى يامان چۇس مىجەزلىك قوشنامدىن بەك قورقاتتىم . شۇ تاپتا تالا بەكلا سوغۇق ئىدى . تارىم دادخاھنىڭ بارىدىغان يېرى ماڭا ئايان ئىدى . ئۇ گۆھەر ئىسىملىك شۇ قىز بىلەن « بېيجىڭ يولى» نى قار - شىۋىرغانغا قارىماي بىللە چىڭدايتتى . ھە راست ، ئەمدى دېمىسەم بولمىدى ، « تۇرسۇن قۇچقاچ »نىڭ ئاشخانىسىدا چىرايىمنى چىرايىمغا قونغان چىۋىننى مىجىۋەتكىدەك پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ بىر بوتۇلكا ئىچىپ چىققاندىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىر مەزگىلىدە تارىم دادخاھ ئادەملەر بىلەن ناھايىتى ئاز ئارىلىشىدىغان بولۇۋالدى، مەن بىلەن ئانچە-مۇنچە ئەھۋاللاشقاندىن باشقا ھېچكىم بىلەن بېرىش-كېلىش قىلماي « قىزىل راۋاقتىكى چۈش »بىلەن بولۇپ كەتتى. ئەمما بىرەر ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا ھېلىقى چىرايلىق قىز گۆھەرنى قانداق ئۈندەككە كەلتۈردىكىن، ئىككىسى ئايرىلمايدىغان بولۇۋالدى، كەچلىك ئۆگىنىشتىن قايتقاندا ئۇ ئىككىسى مانا مۇشۇ «بېيجىڭ يولى »نى چىڭداپ ھارمايتتى. ئۈرۈمچىنىڭ بەكلا سوغۇق كۈنلىرى بولغاچقا مەن شۇتاپتا بەكلا توڭلىغان ئىدىم. ئەمما ئاۋۇ ئىككىسى قولتۇقلىشىپ ھېچ توڭلىغاندەك قىلمايتتى. ئۇلارمۇ مەكتەپ تەرەپكە قايرىلدى. مەن دەرۋازا قېشىدا ساقلاپ ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتۈم.
_ داداڭ كەپتۇ ! _ دېدىم مەن ئۇلار كەلگەندە ، دېمىسىمۇ مېنىڭ دەرۋازا تۈۋىدە تۇرغىنىمنى كۆرگەن تارىم دادخاھ ھەيران بولۇۋاتاتتى.
تارىم دادخاھ گۆھەرنى ياتىقىغا ئاپىرىپ قويۇپ ياتاققا كەلدى . ئۇ دادىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ قورققان ئىدى.
_ ھاي ، ئادەم ئۇرغان نوچى سەن شۇما ؟ بىزنىڭ جەددى-جەمەتىمىزدىن سەندەك نائەھلىي چىققان ئەمەس ، سېنى ئوقۇسۇن، ياخشى ئادەم بولسۇن ، ئاتا-بوۋىلىرىدەك ، مانا مەندەك كەتمەننىڭ قۇلى بولۇپ قالمىسۇن ، دەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتسەم ئەمدى نېمە قىلىق بۇ ؟ بالامنىڭ چوڭىكەن، دەپ ئەنسىرەپ بۇ شەگە كەلگۈچە نى كۈنلەرنى كۆرمىدىم ؟ بىلەمسەن ؟ بەش كېچە - كۈندۈزدە كەلدىم مەن بۇ يەرگە ...... _ دادخاھ دەرۋىشنىڭ چىشلىرى ئاچچىقتىن كىرىشىپ كەتتى ، مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ ھېلى ئوغلىنى ئۇرىدىغاندەك قىلاتتى ، مەن بولسام نېمە قىلىشىمنى بىلمەي بىر چەتتە ھاڭۋېقىپ تۇراتتىم .
تارىم دادخاھ ئىككىمىز ئەتىسىدىن باشلاپ دادخاھ دەرۋىشنى ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىنى ئىككى كۈن ئايلاندۇرۇپ خۇشامەت قىلدۇق. توۋا دەيمەن ، ھەربىر قەدەم بېسىشلىرىدىن مەن «دىر» تىترىگەن دادىسىدىن تارىم دادخاھ قورقۇپمۇ قويمىدى.
ھېلىقى كۈنى كەچتە «دادا...» دەپ چىرايلىق سۆزدىن بىر تىزىق تىزىۋېتىۋىدى، مەن كىچىكىمدىن چۆچۈپ يۈرىدىغان بۇ ئاچچىقى يامان قېرى بىردىنلا كۈلگۈنچەك يولۋاسنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالدى. مېنىمۇ «ۋاي بالام، ئوغلۇمنىڭ سەندەك ياخشى قۇردىشى بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا قانداق قىلار بولغىيدىم بۇ تەنتەكنى » دەپ ماختاپمۇ قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن بۇ قېرىدىن قورقماس بولۇۋالدىم،ئۇ ماڭا ئۇنچە سىرلىق-سۈرلۈكمۇ تۇيۇلماس بولۇپ قالدى. شۇغىنىسى تارىم دادخاھ يامان ئۆگىنىۋالدى. ھەتتا گۆھەرگە دادىسىنى مېھمان قىلدۇردى، مەن ئارقىلىق بۇ قىزنى كەلگۈسىدە ئەمرىگە ئالىدىغانلىقىنى دېگۈزدى. مەن بۇ قېرى چالۋاقاپ كېتىدىغان بولدى، ئەپ ئويلىغان ئىدىم، نەدىكىنى ، « ما بالىنى ، چوڭ بوپتۇ ، بوپتۇ ، ياخشى ئىشكەنغۇ، تەتىللەردە مەھەللىگە بارغاندا تىرگەنمۇ-تىرگەن، قوناقلىقمۇ-قوناقلىق مۆكۈپ-چېپىپ يۈرمەيدىغان بولدى...» دەپ قويدى. مەن بۇ گەپنى زادىلا چۈشەنمىدىم. كېيىن بۇ گەپنى تارىم دادخاھقا دەپ بېرىۋېدىم، بۇ ئاغىنەم ناھايىتى قاتتىق كۈلۈپ كەتىئى، شۇ كەمگىچە تارىم دادخاھنىڭ بۇنداق كۈلۈپ باققىنىنى زادىلا كۆرمىگەن ئىدىم.
ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتتى، گۆھەر مەكتەپ پۈتتۈرۈپ دوختۇرخانىدا قالدى، بۇ مەزگىلدە تارىم دادخاھنىڭ كۈنى بىراقلا ياخشىلىنىپ كەتتى، ئەلۋەتتە بۇغداينىڭ باھانىسىدە قارىمۇق سۇ ئىچكەندەك مەنمۇ بۇ ئاغىنەمنىڭ پايدىسىنى جىق كۆردۈم. بىزمۇ يېتىشىپ ئوقۇش پۈتتۈردۇق. دەسلىپىدە ئېيتقىنىمدەك ھەرقايسىمىز ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىمىزغا كېتىشتۇق. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە تارىم دادخاھ نېمە بولدىكىن بىلمىدىم، گۆھەرنى قاڭغىر قاقشىتىپ ئايرىلىپ كەتتى، گۆھەر مېنى ئارىغا سالدى. ئاغىنەمگە كۆپ يېلىنىپ تۇرۇپ خىزمەت ئىشلىدىم، گۆھەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى، ئىككىسىنىڭ ئارىلىرىدا بولۇنغان نۇرغۇن دېگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى يۈزىگە سېلىپ خىزمەت ئىشلىدىم، ئۇ زادىلا پەرۋا قىلمىدى. بىچارە گۆھەر يىغلاپ-قاقشاپ جىمىپ قالدى. ئارىدىن يېرىم يىلچە ئۆتكەن بىر چاغدا ھەر ئىككىمىز گۆھەر بىلەن قادىر يولۋاسنىڭ توي بارغىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. مەن ئۇنى تېخى بارمايدۇ ھەرقاچان ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما نەدىكىنى ، ئۇ گۆھەر خېلى قىممەت پۇلغا ئېلىپ بەرگەن،ئۆزىگە تولىمۇ يارىشىدىغان ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى كىيىپ، چاچلىرىنى پارقىرىتىپ مايلاپ، ئاپئاق ياقا-يەڭلىك كۆينەكلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئاق-قىزىل ئارىلاش رەڭدىكى مودا ئايىغىنى مايلىتىپ پارقىرىتىپ ( شۇ زاماندا بىر مەھەل شۇنداق بىر ئاياق مودا بولغان ئىدى ) تېببىي ئىنستىتۇتنىڭ مەرىكە زالىغا مەندىن بۇرۇن كىرىپ ، تويى بولۇۋاتقان قىز-يىگىتنىڭ ئۇدۇلىغا يېقىن بىر شىرەگە كېلىپ ئورۇن ئاپتۇ. بۇ تويدا يىگىت قادىر يولۋاس ئەمەس بەلكى تارىم دادخاھ بولۇپ قالغاندەك سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان ئىدى. يىگىتنىڭ تويلۇق ياسىنىشى بەكمۇ ئاددىي-ساددا ئىدى، تويغا كەلگۈچىلەرمۇ تارىم دادخاھتەك پۇزۇر بولۇپ كېتىشمىگەن ئىدى. ئەمما توي باشلانغاندا يېنىمدىكى تارىم دادخاھنىڭ ئۇدۇلىدىكى گۆھەردىن كۆزىنى ئۈزمەي بىر نەرسە يەپ-ئىچىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم. گۆھەرمۇ پات-پات ئوت چاقنىغان گۈزەل كۆزلىرى بىلەن تارىم دادخاھقا تىكىلەتتى. شۇ تاپتا بۇنداق ھالەتنى سەزگەن قادىر يولۋاسنىڭ ئىچى نېمە بولۇۋاتقاندۇ-ھە؟ بارلاس چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپمۇ قويماي ئىچەتتى ۋە چوكىلىرىنى بىردەم دەم ئالدۇرماي قورۇما-تائام يەيتتى. شۇنداق بولسىغۇ مەيلىتى، شىرەنىڭ ساقىيلىقىنى قىلىپ ئادەمگە ھاراقنى بولۇشىچە زورلاپ « ھەي ، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ئوغا بالىدەك ئىچمەمسەن» دەپ قوياتتى. بىز ئولتۇرغان شىرەدىكىلەر مەست-ئەلەس بولۇشقان بولسىمۇ تارىم دادخاھ مىت قىلماي تىك ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشىنى داۋام قىلاتتى، مەنمۇ ئاران-ئاران ئولتۇراتتىم. توي ئاخىرلاشقاندا بىز يۇرتلۇق بالىلار قىز-يىگىتنى ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويۇشتۇق. ئەلۋەتتە تارىم دادخاھمۇ بىللە ئىدى، بەلكى ۋەزخانىلىقنى يەنە كېلىپ شۇ ھۇجرىدىمۇ بىر بوتۇلكىنى بوشاتتى، ئۇنىڭ ھەربىر رومكا كۆتۈرگەن چاغدىكى كۆزلىرى يەر تېگىدىن گۆھەردىن ئۈزۈلمەيتتى. بەك ئوڭايسىزلىنىپ كېتىۋاتقان گۆھەرگە ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. قادىر يولۋاس بولسا بۇلارنى سەزمەسكە سالغان بولسا كېرەك، ھېچ ئىش بولمىغاندەك تارىم دادخاھنىڭ قولىدىن بەخت تىلەنگەن رۇمكىنى ئېلىپ ئىچتى...
قايتىپ چىققان چاغدا تارىم دادخاھنى ياتىقىمغا باشلىدىم. ئۇ ياتىقىمغا كىرگەندە مېنى بىر بوتۇلكا ئەكىرىشكە بۇيرۇدى، بىر بوتۇلكا ھاراق بىلەن بىر توخۇنىڭ گۆشىنى ئېلىپ كىرسەم، تارىم دادخاھ :
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم ،
(نېمە قىلاي ، قارنىم ئاچ ئىدى ؟ )
بەختىمنىڭ كەتكىنى ھەم راست ئىدى،
دەرد-پىغانغا تويۇب ئاش يېدىم.
ئېرىڭنىڭ نەزىرى توختىغان مەندە ،
(بىچارەنىڭ قارنى ھەم ئاچ ئىكەندە؟)
مېنىڭ ئەس-ھوشۇم لېگەندە،
ئالەمنىمۇ ئالىمەن شۇندىن،
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.
ئۈچ لېگەننى بوشاتتىم تەنھا ،
(توي بولاتتىمۇ ھەر كۈندە ؟)
ئەمدى چاينى بېرىشسۇن ساماۋاردا،
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،
پۇخادىن چىقتىم -_ تويۇپ ئاش يېدىم.
ساھىبخانا دەرھال مەن تامان كەلدى،
(ئاش يەپ بولغىنىمنى ئۇ بەلكىم بىلدى)
شۇندا ماڭا ھەم ئىنساپ كىردى ،
دۇئاغا قول كۆتۈردۈم مەنمۇ شۇندا
(توي بولامتى ھەربىر كۈندە؟)
ئامىن! ئىككى ياش بەختىنى تاپسۇن!
ۋەدەسىگە ۋاپا قىلىشسۇن!
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.
ئاشنى يېدىم ھەم چاينى ھەم ئىچتىم،
ئىززىتىمنىڭ بارىدا ئۆيۈمگە يۈردۈم ،
شۇنداق قارىسام ئۆيدە بىر ئۆزۈم ،
ۋاي ئاللاھ ، دوختۇر سىزدە بارمىكىن داۋا؟
توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم !
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،
ئەلەمگە پايلىماي ئوپقاندەك يېدىم،
قارنىم يېرىلىپ ئۆلەي مەن دېدىم!
دېگىنىچە مەن ئۆگىنەي دەپ ئەكەلدۈرگەن دۇتارنى بىر خەلق ئاھاڭىغا سېلىپ چالغاچ ناخشا قىلىپ ئېيتىۋاتقان ئىكەن.
--- بۈگۈن تازا ياخشى قىلمىدىڭ !---- دېدىم مەن. ئۇ مەغرۇرلارچە كۈلۈپ قويدى ، ئەمما ھېچنەرسە دېمىدى.
مۇشۇ مۇنبەرگە كىرىپ تارىم دادخاھنىڭ بارلىق تېمىلىرىنى كۆرۈپ باقتىم. شۇنىڭ ئىچىدە ئۇ 20يىللار ئىلگىرى دۇتاردا ناخشا قىلىپ ئېيتقان ئۆزبېك شائىرى ئۇلۇغبېكنىڭ بۇ شېئىرى ئۇنىڭ تېمىسى ئارىسىدا تولىمۇ بىچارە ھالدا تۈزۈكرەك ئىنكاسسىز تۇرۇپتۇ. قايسى كۈنى ئىككىيلەن بىللە تاماق يېگەن چاغدا ئۇنىڭغا بۇ شېئىرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەتسەم ، ئۇ قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى، گۆھەردىن بەك رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆچ ئالغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ يوشۇرۇن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، مۇمكىن بولسا ھازىر تۇل قالغان گۆھەردىن تىزلىنىپ ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى تويدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا تۇغمىدى، دېگەن باھانە بىلەن قادىر يولۋاس گۆھەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ يەنىلا پەرزەنتلىك بولالماي ھازىر ئۈچىنچىسى بىلەنمۇ پەرزەنتسىز ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئاڭلىسام گۆھەر ئۆزىنىڭ تارىم دادخاھنىڭ يۈزىگە ئىشىك يېپىپ ئۇنى تاشلىۋەتكىنىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈپ يۈرگەنمىش.! |
|