مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1380|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

4

يازما

33

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
33

جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى
     1- ماددا بۇ قانۇن يېزىلاردىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا، كەنت ئاھالىلىرى ئاممىسىنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى قانۇنبويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، كەنت ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيىسىنىتەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋىي – مەدەنىيەتقۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلدى.
    2- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنىئۆزى باشقۇرىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى تەربىلىيەلەيدىغان، ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەتچىلىكقىلىدىغان ئاممىۋىي خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلامتەشكىلاتى بولۇپ، دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىك قارار چىقىرىش،دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يۈرگۈزىدۇ.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆز كەنتىنىڭ جامائەت ئىشلىرى ۋەجامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بىجىرىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى ماجرالارنى مۇرەسسەقىلىدۇ، جەمىئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ. خەلق كومىتېتىغا كەنتئاھالىلىرىنىڭ پىكىر، تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.
    3- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى يېزىلاردىكى ئاساسىيقاتلام تەشكىلاتىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسىغا ئاساسەن خىزمەتئېلىپ بارىدۇ. رەھبەرلىك قىلىش يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛ ئاساسي قانۇن ۋەقانۇنلارغا ئاساسەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش پائالىيىتىنىقانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دېموكراتىك ھوقۇقىنى بىۋاستەيۈرگۈزىدۇ.
    4- ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلقھۆكۈمەتلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەدەت ۋە ياردەمبېرىدۇ. لېكىن قانۇن بويىچە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش دائىرىسىدىكىئىشلارغا ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىقخەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ.
    5- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەر خىلشەكىلدىكى ھەمكارلىق ئىگىلىكى ۋە باشقا ئىگىلىكىنى قانۇن بويىچە تەرەققىيقىلدۇرۇشىنى قوللىشى ۋە يېتەكلىشى، ئۆز كەنتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى ۋەماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ۋەسوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىشھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاھالىلەرگە ھۆددىگە بېرىپ ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئاساسقىلغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان، بىر تۇتاشباشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق ئىگىلىكباشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قوغدىشى، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە كەنت ئاھالىلىرى،ھۆددىگەر تىجارەتچى ئاھالىلەر، بىرلەشمە ئاھالە ياكى شېرىكلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىۋە مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،ئۆز كەنتىدىكى دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرنىباشقۇرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىگە تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش،ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە تەربىيە بېرىدۇ.
    6- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاساسىي قانۇننى،قانۇنلارنى، قائىدە-نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، كەنتئاھالىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئومۇمنىڭمال-مۈلكىنى ئاسرىشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى،مەدەنىيەت-مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كەنتبىلەن كەنتلەر ئارا ئىتتپاقلىشىشى، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپخىل شەكىلدىكى سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇش پائالىيىتىنى قاناتيايدۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈشى لازىم.
- ماددا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردە، كەنت ئاھالەكومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنى مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا ھۆرمەتقىلىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشكە تەربىيلىشى ۋە يېتەكلىشى لازىم.
    8- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا، نوپۇسنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئاساسەن، ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئىدارەقىلىشىغا قولايلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنىدۇ.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى تەسىس قىلىش، بىكار قىلىش، دائىرىسىنىتەڭشەشنى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كەنتئاھالىلىرى يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىك خەلقھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.
    9- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋەئەزالار بولۇپ جەمئىي ئۈچتىن يەتتىگىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ.
    كەنت ئاھالە كومىتېت ئەزالىرى ئىچىدە، ئاياللار مۇۋاپىقساننى ئىگىلىگەن بولۇشى، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردە، ئادەم سانى ئازبولغان مىللەتلەردىنمۇ ئەزا بولۇشى كېرەك.
    كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئىشلەپچىقىرىشتىنئايرىلمايدۇ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىلسە بولىدۇ.
    10- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر نەچچە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنسەبولىدۇ. گۇرۇپپا باشلىقىنى كەنت ئاھالىلىلىرى گۇرۇپپا يىغىنى كۆرسىتىپ سايلايدۇ.
    11- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋەئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن بىۋاستە سايلىنىپ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھەر قانداقتەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىگە، ئەۋەتىشىگە ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتئەزالىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
    كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەتلىك مۇددىتىئۈچ يىل بولىدۇ. مۇددەت توشقاندا ۋاقىتىدا نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئېلىپ بېرىشىكېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۇدا سايلىنىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسەبولىدۇ.
    12- ماددا يېشى 18 گە تولغان كەنت ئاھالىلىرى، مىللىتى،ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، مەلۇماتى، مال-مۈلۈكئەھۋالى، ئولتۇراقلىشىش مۇددىتىگە قارىماي، سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.لېكىن، قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.
    سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە كەنتئاھالىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سايلام كۈنىدىن 20 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى لازىم.
    13- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا، كەنتئاھالىلىرى سايلام ھەيئىتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، كەنت سايلام ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىكەنت ئاھالە يىغىنى ۋە ھەر قايسى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىلىرىدا كۆرسىتىپ سايلاشئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
    14- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتىنى سايلاشتا، شۇ كەنتتىنسايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كەنت ئاھالىلىرى سايلام نامزاتىنى بىۋاستە كۆرسىتىدۇ.سايلام نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغان نامزاتتىن كۆپ بولۇشى كېرەك.
    كەنت ئاھالە كومىتېتىنى سايلاشتا، سايلاش ھوقۇقىغا ئىگەكەنت ئاھالىلىرىدىن يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ بېلەت تاشلىشىدىن ئۆتسە، سايلامئىناۋەتلىك بولىدۇ. سايلام نامزاتى سايلام بېلىتى تاشلاشقا قاتناشقان كەنتئاھالىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك بېلەتكە ئېرىشكەن بولسا، سايلانغان ھىسابلىنىدۇ.
    سايلامدا نامسىز بېلەت تاشلاش، ئوچۇق ئاشكارا بېلەتھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ، سايلام نەتىجىسى نەق مەيداندا ئېلان قىلىنىدۇ. سايلامئېلىپ بارغان ۋاقىتتا مەخپىي سايلام بېلىتى يېزىش ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ.
    كونكرېت سايلام چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.
  15- ماددا تەھدىت سېلىش، پارا بېرىش، ساختا سايلام بېلىتى ياساش قاتارلىقناتوغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىشھوقۇقىغا توسقۇنلۇق قىلىش، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىققىلىنسا، كەنت ئاھالىلىرى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەخەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا ئاساسلىقباشقۇرغۇچى ئورۇنلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورگانلار تەكشۈرۈشكەھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
    16- ماددا ئۆز كەنتىدىكى بەشتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك سايلاشھوقۇقىغا ئىگە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىشىپ، كەنت ئاھالە كومىتېت ئەزالىرىنىۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشتاۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشئوتتۇرىغا قويۇلغان كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرىنىئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق. ئاھالە كومىتېتى ۋاقتىدا كەنت ئاھالىلەر يىغىنىچاقىرىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلىشىكېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتا سايلاش ھوقۇقىغائىگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
    17- ماددا كەنت ئاھالىلەر يىغىنى شۇ كەنتتىكى يېشى 18 دىنئاشقان كەنت ئاھالىلىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ.
    كەنت ئاھالىلەر يىغىنى چاقىرىشتا، شۇ كەنتتىكى 18 ياشتىنئاشقان كەنت ئاھالىلىرىدىن يېرىمىدىن ئارتۇقى قاتنىشىشى ياكى شۇ كەنتتىكى ئۈچتىنئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئائىلە ۋەكىللىرى قاتنىشىشى، قارار چىقىرىشتا يىغىنغاقاتناشقان خادىملاردىن يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى، زۆرۈرتېپىلغاندا، شۇ كەنتتىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار يىغىنغاۋەكىل قاتناشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ.
    18- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلەر يىغىنىئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. كەنتئاھالىلەر يىغىنى ھەر يىلى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇھەمدە كەنت ئاھالە كومىتېت ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى باھالايدۇ.
    كەنت ئاھالىلەر يىغىنىنى كەنتتىكى ئاھالە كومىتېتىچاقىرىدۇ. ئوندىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك كەنت ئاھالىلىرى تەكلىپ بەرسە، كەنتئاھالىلەر يىغىنىنى ئېچىش كېرەك.
    19- ماددا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانتۆۋەندىكى ئىشلارنى، كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلەر يىغىنىنىڭ مۇزاكىرەقىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى، شۇنىڭدىن كېيىن بېجىرىشى لازىم.
    (1) يېزىنىڭ بىر تۇتاش كىرىم يىغىش چارىسى، كەنتتەقالدۇرغان كىرىمنى يىغىش ۋە ئىشلىتىش؛
    (2) ئۆز كەنتىدە ئىشتىن قېلىش قوشۇمچە ياردىمىدىن بەھرىمەنبولىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ۋە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى؛
    (3) كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تاپاۋەت كىرىمىنى ئىشلىتىش؛
    (4) كەنت قۇرغان مەكتەپ، كەنت ياسايدىغان يول قاتارلىقكەنتنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ راسخوتىنى يىغىش لايىھىسىنى تۈزۈش؛
    (5) كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش، ھۆددىگەئېلىش لايىھىسى ھەمدە كەنت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ھۆددىگەرلىكلايىھىسى؛
    (6) كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك تىجارەت لايىھىسى؛
    (7) ئۆي ئورنى يېرىنى ئىشلىتىش لايىھىسى؛
    (8) كەنت ئاھالىلەر يىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشقاتېگىشلىك دەپ قارىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان باشقا ئىشلار.
    20- ماددا كەنت ئاھالىلەر يىغىنى كەنتنىڭ ئۆزىنى ئۆزىئىدارە قىلىش نىزامى، كەنتنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى تۈزۈپ چىقسا ۋە تۈزىتىش كىرگۈزسەبولىدۇ. ئەمما، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىپئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
    كەنتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش نىزامنامىسى، كەنت قائىدەيوسۇنى شۇنداقلا كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ياكى كەنت ۋەكىللىرى مۇزاكىرە قىلىپ قارارقىلغان ئىشلار، ئاساسىي قانۇن، قانۇن، قائىدە-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭسىياسەتلىرىگە زىت كەلمەسلىكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيەھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان مەزمۇن بولماسلىقىكېرەك.
   21- ماددا ئادەم سانى كۆپرەك ياكى ئولتۇراقلىشىشى چېچىلاڭغۇ بولغان كەنتلەر،كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى كۆرسىتىپ سايلاپ چىقسا بولىدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتىكەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرى يىغىنى چاقىرىپ، كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ھوقۇق بېرىدىغانئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ. كەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرىنى ھەر بەشتىنئونغىچە ئائىلىدىن بىردىن كىشى كۆرسىتىدۇ ياكى ھەر قايسى كەنت ئاھالىلەرگۇرۇپپىلىرى بىر نەچچە كىشىنى سايلاپ چىقىدۇ.
    22- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشتۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى تۆۋەندىكى ئىش تۈرلىرىنى ۋاقتىدائېلان قىلىشى، بۇنىڭ ئىچىدە مالىيىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى ئاز دېگەندە ھەر ئالتەئايدا بىر قېتىم ئېلان قىلىشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
    (1) مۇشۇ قانۇننىڭ 9- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كەنت ئاھالىلەريىغىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلغان ئىشلار شۇنداقلا ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى؛
    (2) دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشلايىھىسى؛
    (3) ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىشئەھۋالى؛
    (4) سۇ، توك پۇلىنى يىغىش شۇنداقلا ئۆز كەنتىدە كەنتئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان، كەنت ئاھالىلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈلبۆلىدىغان باشقا ئىشلار.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى ئېلان قىلغان مەزمۇنلارنىڭراستچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ سورىشىنىقوبۇل قىلىشى لازىم.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىۋاقتىدا ئېلان قىلمىسا ياكى ئېلان قىلغان ئىش تۈرلىرى يالغان بولسا، كەنتئاھالىلىرى يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ناھىيىلىكخەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلارغا ئىنكاس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
    ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا، ئېلانقىلىشقا بۇيرۇشقا ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتەن قانۇنغا خىلاپھەرىكەتلەرنىڭ بارلىقى سېزىلسە ئالاقىدار خادىملار قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
    23- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ھەمدە ئەزالىرى ئاساسىيقانۇن، قانۇن، قائىدە – نىزام ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە رىئايە قىلىشى، ئىشبىجىرىشتە ئادىل، پاك دىيانەتلىك بولۇشى، قىزغىنلىق بىلەن كەنت ئۈچۈن مۇلازىمەتقىلىشى لازىم.
    24- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى مەسىلىلەرنى قارار قىلغاندائاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.
    كەنت ئاھالە كومىتېتى خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەندە، ئاممىۋىلۇشىيەندە چىڭ تۇرۇشى، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىئەستايىدىل ئاڭلىشى، تەربىيە بىلەن قايىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى لازىم. بۇيرۇق بىلەنمەجبۇرلاشقا، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشقا بولمايدۇ.
    25- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئېھتىياجىغا قاراپ خەلقمۇرەسسەسى، ئامانلىق ساقلاش، ئاممىۋى تازىلىق ھەيئەتلىرىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى كومىتېت قارمىقىدىكى ھەيئەتلەرنىڭ ئەزالىقىنىقوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ. نوپۇسى ئاز كەنتلەردىكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆزقارمىقىدا ھەيئەت تەسىس قىلماي، خەلق مۇرەسسەسى، ئامانلىق ساقلاش، ئاممىۋى تازىلىققاتارلىق خىزمەتلەرنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تەقسىم قىلىۋېلىپ ئىشلىسەبولىدۇ.
    26- ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ئالاقىدار ئورۇنلارغاھەمكارلىشىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان كەنت ئاھالىلىرىنى تەربىيلىشى،ياردەم بېرىشى ۋە نازارەت قىلىشى لازىم.
    27- ماددا يېزىلاردا تۇرۇشلۇق ئىدارە، تەشكىلات، قىسىم،ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى كەنت ئاھالەكومىتېتى تەشكىلاتىغا قاتناشمايدۇ. كەنت باشقۇرمايدىغان كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكىئورۇنلارنىڭ خادىملىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىگە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ.لېكىن، ئۇلار كەنت ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئۇلار تۇرۇشلۇق كەنت ئاھالەكومىتېتى، كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ياكى كەنت ئاھالىلەر ۋەكىللىرى مۇشۇ ئورۇنلاربىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندا ۋە بىر تەرەپ قىلغاندا ئۇلار بىلەنمەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىشى لازىم.
    28- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىيكومىتېتى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلىشىغا كاپالەتبېرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگەكاپالەتلىك قىلىدۇ.
    29- ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىقشەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىيرايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسابولىدۇ.
    30- ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغاقويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى(سىناق نۇسخىسى)» بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.   ئالدىنقى بەت1 2 3 4 كىيىنكى بەت  



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:58 , Processed in 0.097098 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش