شىزاڭ ۋە زاڭزۇ ئىبارىلىرىنىڭ قەدىمكىيازمىلىرىمىزدىكى ئاتىلىشى ھەققىدە ئىسكەندەر جېلىل ئازاتلىقتىن كېيىن،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى رەسمىي قېلىپقا چۈشۈپ، قوشنا مىللەت بولمىشخەنزۇلاردىن كۆپلەر ئاتالغۇلارنى ئەينەن تەلەپپۇزى بىلەن ئېلىپ ئىشلىتىلىشكەباشلىدى. ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئەلمىساقتىن ئاتاپ كېلىۋاتقان «تۇنگان» قاتارلىقسۆزلەرنى خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە «خۇيزۇ» دەپ ئېلىش بىلەن بىرگە، «شىزاڭ» (西藏)،«زاڭزۇ» (藏族) ئاتالغۇلىرىمۇ خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە تىلىمىزغا كىرىپ كەلدى. بۇبەلكىم 4كىشلىك گوروھ ۋە سولچىل ئىدىيەنىڭ تەسىرى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئاتاپكېلىۋاتقان ئاتالغۇلار چەكلەنگەن ياكى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىنمىغان بولۇشىمۇمكىن. مىرزا ھەيدەرمۇھەممەت كوراگان ئۆزىنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە، تىبەتكەبارغانلىقى، تۈبۈتلەر بىلەن پاراڭلاشقانلىقى، ھەمدە جەڭ قىلىش ئارقىلىق قىسمەنيەرلەرنى ئىستىلاھ قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان «تىبەت»ھازىرقى «شىزاڭ»نى، «تۈبۈت» بولسا «زاڭزۇ» خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. زەھىررىدىن مۇھەممەتبابۇرمۇ ئۆزىنىڭ «بابۇرنامە» ناملىق كىتاۋىدا، شۇنداقلا موللا مۇسا سايرامىنىڭ«تارىخىي ھەمىدى» ناملىق كىتاپلىرىدىمۇ «تىبەت» سۆزى ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ تارىخىيكىتاپلار بۇنىڭدىن 100- 500 يىل ئاۋۋال يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە،بەزى ئەسەرلەرنى خەنزۇچە، ھىندىچە ۋە تۈبۈتچىلەردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپكەلگەن. مەسىلەن: ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەر «ئاريارا جاۋاۋاداكاسۇترا»نىڭ ئىزاھاتىغا «Sanga şiri Tübüt tilintin yangirti Uygur tilinge aqtarmiş»(ساڭگا شىرى يەنە تۈبۈت تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان) دېگەن سۆزلەريېزىلغان، يەنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار «زاڭزۇ» دەپ ئاتىماستىن، بەلكى «تۈبۈت» دەپيازغان. دېمەك تۈركىيخەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئەتراپتىكى باشقا قەۋملەر بىلەنسىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلاھازىرقى شىزاڭنى «تىبەت»، زاڭزۇلارنى بولسا «تۈبۈت» دەپ ئاتاپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىمكىنى ھازىرغا خىزمەتقىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، 西藏 ۋە 藏族ئىبارىلىرىنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئاتاپ كەلگەن ۋە كىتاپلاردا يېزىپ كەلگەن بويىچە،«تىبەت» ۋە «تۈبۈت» ئېلىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. شۇنداق بولغاندا، بىز قەدىمكىكىتاپلىرىمىز بىلەن بولغان ئاتالغۇ بىردەكلىكنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، باشقاتۈركىي قەۋىم، شۇنداقلا دۇنياۋى ئاتالغۇلار بىلەنمۇ بىردەكلىكنى ساقلىيالايمىز.چۈنكى، دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مىللەتلەر 西藏نى «تىبەت» دەپ ئاتايدۇ. بەزەنلەر بۇ «تىبەت» سۆزىنى ئېنگلىزچىدىن كەلگەن دەپقارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. «تارىخىي رەشىدى»، «بابۇرنامە» قاتارلىق بۈيۈكئەسەرلەر يېزىلىپ، شۇ ئەسەرلەر ئىچىگە «تىبەت» ۋە «تۈبۈت» ئىبارىلىرى پۈتۈلگەن چاغلاردا،ئېنگلىزلار تېخى بېرتانىيە ئارىلىدىن ئۆزگە يەرگە ئاياق دەسسەپ باقمىغان ئىدى. ئېنگلىزلاركېيىن بېرتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، تۈركلەر ۋە ھىندىلار ئارقىلىق«تىبەت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرنىڭ بارلىقىنى ئاندىن ئۇقتى. دېمەك، «تىبەت» سۆزىقەدىمكى تۈركلەر ئارقىلىق باشقا قەۋىملەرگە، ئاندىن ئېنگلىزلارغا، ئېنگلىزلارنىڭدۇنياۋى ئىمپېرىيسىى ئارقىلىق پۈتۈن جاھانغا تارقالغان دەپ خۇلاسىلىسەكئەمەلىيەتكە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.
پايدىلانغان ماتېرىياللار: قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى (ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن) تارىخىي رەشىدى (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان) تارىخىي ھەمىدى (موللا مۇسا سايرامى) تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2) (1980-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدەئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈركى تىللار تەتقىقاتى مۇھاكىمەيىغىنىدا تىل تەتقىقاتى خادىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرتوپلىمى) بابۇرنامە(زەھىررىدىن مۇھەممەت بابۇر)
|