مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 767|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«كروران»دا كاتتا ئەنجۈمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
«كروران»دا كاتتا ئەنجۈمەن

2015.03.17 14:07   مەنبە:خەلق تورى


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى (ئۆمەرمۇھەممەدئىمىن كروران خەۋرى، ئەخمەتجان ھوشۇر فوتوسى) 2015-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئوبلاست تەۋەسىدىكى تايانچ ئاپتورلارنى كورلا شەھىرىدىكى «ئاستانە رېستۇرانى»غا جەم قىلىپ، بۇ يىللىق ئەدەبىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. 2014-يىللىق «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش، پېشقەدەم ئەدىبلەرنى مۇكاپاتلاش، 2015-يىللىق نورۇز بەزمىسى قاتارلىق ئۈچ مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەيبۇ ياقۇپ، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىياتى «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى، شائىر ئەسقەر ياسىن، شۇنداقلا ئوبلاست تەۋەسىدىكى شائىر، يازغۇچىلاردىن باشقا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان ئوبلاستلىق دۇڭشىڭ ئۆي-مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى پاتىگۈل خانىم ۋە ئۇنىڭ شىركىتىدىكى خادىملاردىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

  پائالىيەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت زىرىش تەبرىك سۆزى قىلدى. ئارقىدىن مۆيدىن سايىت بوستان، ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى، ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانى، ھۈسەن روزى تىرىك، ئابدۇرىشىت سابىت، ئابلىمىت ئاقيولى، ئابلىز ئوسمان، ئەخمەتجان ھەسەن دىنارى، پەرھات ئابدۇرەھىم، سېتىۋالدى قادىر يېڭىسارى، مەريەم ئەھەت، خالىدەم ئاتىك، پاتىمە كامىل، ئايشەم سادىر قاتارلىق پېشقەدەم ئاپتورلار مۇكاپاتلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت راسخوتىنى ۋە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئوبلاستلىق دۇڭشىڭ ئۆي-مۈلۈك چەكلىك شىركىتى چىقارغان بولۇپ، شىركەت لىدىرى پاتىگۈل خانىم مۇكاپات بۇيۇمىنى ئۆز قولى بىلەن تارقىتىپ بەردى. پائالىيەت ئارقىلىق كارخانىچىلارنىڭ قەلەمكەشلەرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى.

  پائالىيەتنىڭ 2-باسقۇچىدا، 2014-يىللىق «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تارقىتىلدى. مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ۋە بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش جەريانى ھەققىدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران تەپسىلى چۈشەنچە بەردى. «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئەدەبىيات-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئەزىز ئاتاۋۇللار سارتېكىن تەسىس قىلغان، ھەر يىلى 10000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش قارار قىلىنغان ئىدى. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن گۇما ناھىيەسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن قاتنىشالمىدى. بۇ قېتىم 7 پارچە ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 2000 يۈەندىن، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 1500 يۈەندىن، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 1000 يۈەندىن مۇكاپات پۇلى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى نەق مەيدانغا تارقىتىپ بېرىلدى.

  ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن نامىدىكى «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەر

  1-دەرىجىلىك ئەسەر: 2 پارچە

  دىلخۇمار ئىمىنجان: غېرىب ھاياجان (شېئىر)

  ئىلھام ئابدۇرەھىم: قارا تۆش قوچقار (ھېكايە)

  2-دەرىجىلىك ئەسەر: 2 پارچە

  ھەلىمە تۇردى: دەردىمگە دەۋا بارمۇ؟ (ھېكايە)

  ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ «تارىم قەدىمىيەتلىرى»نىڭ ژانىرلىق خۇسۇسىيىتى ۋە بايان ئالاھىدىلىكى (ماقالە)

  3-دەرىجىلىك ئەسەر: 3 پارچە

  مۇھەممەت بارات تەشنائىي «مۆجىزى» رومانىنى قانداق يازدىم؟(ماقالە)

  غەيرەت ئابىت: قەشقەردىن قايتىش (شېئىر)

  مەمتمىن تۇرسۇن: ئىككى ساتىرا

  پائالىيەتنىڭ 3-باسقۇچىدا، 2015-يىللىق «كروران» قەلەمكەشلىرى نورۇز بەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بەزمىگە ئاتاقلىق سەنئەتكارلاردىن زاھىر بۇرھان، تۇرسۇن شەيخ قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ياڭراق ناخشىلىرى ئارقىلىق نورۇز كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. شائىر، يازغۇچىلاردىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، پەرھات ئابدۇرەھىم، ئابدۇرىشىت سابىت، پاتىمە كامىل، رازىيە قادىر، ھەسەنجان ياسىن، گۈلنىساخان ئابلىز، ھەبىبە تاھىر قاتارلىقلار نورۇزنامە دېكلاماتسىيە قىلىپ، يېڭى باھارنى كۈيلىدى؛ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دەۋر روھىنى ياڭراتتى؛ شېئىرىي چاقچاقلىرى بىلەن كۆڭۈللەرنى شادلىق بېغىشلىدى...

  سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر


  مەنبە: خەلق تورى



تىلىمىز ئۇيغۇرچە تورى


格式工 (6).jpg (139.51 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (6).jpg

格式工 (1).jpg (157.01 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (1).jpg

格式工 (2).jpg (164.89 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (2).jpg

格式工 (3).jpg (143.17 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (3).jpg

格式工 (4).jpg (157.45 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (4).jpg

格式工 (5).jpg (128.49 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

格式工 (5).jpg

格式工 (7).jpg (147.54 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (7).jpg

格式工 (8).jpg (161.2 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (8).jpg

格式工 (9).jpg (140.24 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (9).jpg

格式工 (10).jpg (112.03 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (10).jpg

格式工 (11).jpg (151.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (11).jpg

格式工 (12).jpg (163.51 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (12).jpg

格式工 (13).jpg (140.89 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (13).jpg

格式工 (14).jpg (152.95 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (14).jpg

格式工 (15).jpg (150.53 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工 (15).jpg

weixin1.gif (27.84 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

weixin1.gif
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 14:34:31 | ئايرىم كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ سۆرەتلەر



格式工厂(1).jpg (143.72 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(1).jpg

格式工厂(2).jpg (188.89 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(2).jpg

格式工厂(3).jpg (164.81 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(3).jpg

格式工厂(5).jpg (179.27 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(5).jpg

格式工厂(6).jpg (197.44 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(6).jpg

格式工厂(7).jpg (120.01 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(7).jpg

格式工厂(8).jpg (193.77 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(8).jpg

格式工厂(11).jpg (195.6 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(11).jpg

格式工厂(13).jpg (179.54 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(13).jpg

格式工厂(14).jpg (192.36 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(14).jpg

格式工厂(15).jpg (197.78 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(15).jpg

格式工厂(18).jpg (184.75 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(18).jpg

格式工厂(19).jpg (112.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(19).jpg

格式工厂(23).jpg (167.21 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(23).jpg

格式工厂(25).jpg (188.1 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(25).jpg

格式工厂(26).jpg (138.4 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(26).jpg

格式工厂(27).jpg (164.65 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(27).jpg

格式工厂(33).jpg (182.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(33).jpg

格式工厂(44).jpg (176.27 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(44).jpg

格式工厂(46).jpg (203.78 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(46).jpg

格式工厂(47).jpg (192.21 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

格式工厂(47).jpg

格式工厂(52).jpg (194.07 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(52).jpg

格式工厂(54).jpg (196.68 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(54).jpg

格式工厂(55).jpg (116.48 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

格式工厂(55).jpg

格式工厂(56).jpg (213.68 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

格式工厂(56).jpg

格式工厂(59).jpg (140.34 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(59).jpg

格式工厂(61).jpg (177.85 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(61).jpg

格式工厂(63).jpg (202.42 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(63).jpg

格式工厂(64).jpg (200.41 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(64).jpg

格式工厂(65).jpg (140.57 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(65).jpg

格式工厂(67).jpg (221.88 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(67).jpg

格式工厂(76).jpg (150.98 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(76).jpg

格式工厂(77).jpg (159.66 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(77).jpg

格式工厂(78).jpg (159.25 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(78).jpg

格式工厂(80).jpg (126.57 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(80).jpg

格式工厂(81).jpg (175.3 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(81).jpg

格式工厂(82).jpg (122.59 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(82).jpg

格式工厂(83).jpg (205.42 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(83).jpg

格式工厂(85).jpg (190.53 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(85).jpg

格式工厂(90).jpg (184.8 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(90).jpg

格式工厂(98).jpg (172.33 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(98).jpg

格式工厂(99).jpg (171.93 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(99).jpg

格式工厂(101).jpg (180.04 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(101).jpg

格式工厂(105).jpg (183.07 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(105).jpg

格式工厂(108).jpg (168.74 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(108).jpg

格式工厂(110).jpg (147.6 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(110).jpg

格式工厂(120).jpg (143.61 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(120).jpg

格式工厂(122).jpg (157.09 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(122).jpg

格式工厂(123).jpg (144.91 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(123).jpg

格式工厂(124).jpg (138.75 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(124).jpg

格式工厂(125).jpg (162.64 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(125).jpg

格式工厂(127).jpg (199.97 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(127).jpg

格式工厂(128).jpg (166.81 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(128).jpg

格式工厂(130).jpg (136.53 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

格式工厂(130).jpg

格式工厂(131).jpg (184.63 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(131).jpg

格式工厂(134).jpg (115.18 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(134).jpg

格式工厂(135).jpg (114.4 KB, چۈشۈرۈش سانى: 1)

格式工厂(135).jpg

格式工厂(140).jpg (198.06 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(140).jpg

格式工厂(147).jpg (148.46 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

格式工厂(147).jpg

0

تېما

1

يازما

6

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
6
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-3-17 14:56:20 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى كاتتا ئىش بولۇپتۇ، بولسا تېلۋۇزۇرلاردا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپرەك تارقاتسا، ناخشا ئۇسۇل پىروگرامملىرىنى تارقىتىۋەرمەي. يەنە بىرى فوتوگرافنىڭ سۆرەت تارتىش ئىقتىدارىنى بىر ئاز يۇقىرى كۆتۈرسە بولغىدەك.

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
يەر
ۋاقتى: 2015-3-18 10:44:23 | ئايرىم كۆرۈش
كۆپ ئادەملەرنى تونۇدۇم، تالاي يىللاردىن بۇيان دىداردا بولالمىغان بۇرادەرلەرنى كۆرۈۋالدىم!
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
5#
ۋاقتى: 2015-3-20 21:28:40 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ!
تېلېۋزىرودا قۇرۇق ناخشا- ئۇسۇلنى بېرىۋەرمەي، مۇشۇنداق ئەھمىەتلىك ئىشلارنى پروگرامما قىلىپ ئىشلىسە بولىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:24 , Processed in 0.138382 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش