مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 485|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775

ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزى

غەرىبتە نىمىشقا پۇلداركاپتالىستلار، شەرىقتە نىمىشقا گادايلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم. كاپتالىستلار قان-تەر تۆكۈپ ئىشلەپ ھالاللاپ پۇل تېپىپ مال دۇنياغا تىقىلىپ، ئەمىلى ئۆسكەچكە ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىيانەتچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ھارامخورلۇق بولمايدىكەن. شۇڭا شەرىقتە « مانتاكۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشەر» دېگىنى ھەقىقەتكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى تويۇنۇپ ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆزى تويمىغۇچە، مىللەتكە چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنىشى ناتايىن. پۇللۇق لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نەپىسىنىڭ قۇللىرى. مىللەت مەنىۋىي كىرزىسقا پېتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئۈمىدىنى زىيالىيلارغاباغلاپ تۇرغان مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە، زىيالىيلارنىڭ بىلىۋالغان ئازغىنە نەرسىسىنىمۇ ئۆز خەلقىگە سېتىپ جان بېقىشى مىللەتنى تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدسىزلىككەپاتۇرىدۇ.

ئەتتىگەنلىك شېرىن ئۇيقۇنىڭ مېھرىدىن، كۈندۈزدىكى پايدا- تاپاۋەت، ھوزۇر-ھالاۋەتتىن كېچىپ، جاپا-مۇشاقەتلىك تۇرمۇش ئىچىدىنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تەڭرىگە قۇلچىلىق قىلىش پەقەت نەپسىدىن كەچكەندىلاقىلغىلى بولىدىغان ئىشتۇر، قالغىنى رىياكارلىقتۇر.

مۇمكىن بولسا، جىمىي خەلق بىرلىشىپ ئاتالمىش زىيالىيلارنى ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرايلى، ئۇلار ئاندىن خەلقىنى مەنىۋىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن. لېكىن، مەنىۋىيتى تويۇنغان كىشىلەر ماددىي جەھەتتىن ھەر قانچە گاداي بولسىمۇ، بۇنى ھېچكىمگە چاندۇرماي روھىيىتىنى پادىشاھتىنمۇ ئۈستۈن تۇتۇپ ياشىيالايدىكەن.

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم 1948-يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىبلىقىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى 1978-يىلىغىچە 30يىل ئىشسىز قېلىپ، تۇرمۇشتا قاتتىق سورۇقچىلىق تارتقان. تاش چېقىش، ياغاچچىلىققىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن شوغۇللانغان. ھەتتا بەزىدە دادىسى ئوسمان ھاجىمدىن تەۋەرۈك قالغان ئازغىنە نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبور بولغان. 1978-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تۇرمۇشى نورمال كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندى نتارتىپ تاكى 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچى بولغان 17 يىل ئىچىدە كېچە-كۈندۈز دېمەي مىللىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان. 1988-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسېتىدا ئۈچ ئاي ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىگەن. چاغاتاي تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ 6 ئايدەك دەرس بەرگەن. 10 توم ئەسەر يازغىدەك ئالتۇندىن قىممەتلىك ۋاقتىنى جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان. ۋاپات بولۇشتىن نەچچە ئاي بۇرۇنقى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۆز كېسىلىنىڭ دەردى ھەققىدە ئەمەس، مىللەتنىڭ دەردى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ « بىزنىڭ غېمىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلاردا » دېگەنىكەن.

ئىشەنمىسىڭىز بېرىپ كۆرۈڭ، ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قەدىناسى، قابىل ياردەمچىسى غەمگۇزارى، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن خەلچىخان ئاپىمىز « بۇغدا » يولىدىكى ئاشۇ قىش-ياز كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بىرىنچى قەۋەتتىكى زەي ئۆيدە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ چىرىقىنى يېقىپ كەلمەكتە. شۈكرى قانائەت بىلەن ياشىماقتا. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە شۈكرى قانائەت قىلىش، كىبىر-تەمەننادىن قەتئىي يىراق تۇرۇشتەك پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە ئۆزگە ھېچقانداق بايلىق قالدۇرغىنى يوق. بىراق، ئۆتكۈر ئەپەندىم قالدۇرغان بايلىق نەشىرىياتتىكىنەچچە يۈز ئادەمنى باقماقتا. بۇ بايلىقتىن 10 مىليون خەلق بەھىر ئالماقتا…

مىللەت تۆت كوچا دوقمۇشىدا قاياققا مېڭىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرغان مۇشۇنداق چاغلاردا، ئۆتكۈر ئەپەندىمدەك ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ قەدىرى ئۆتۈلمەكتە.

خەلقىدىن بىلىم ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلغان زىيالىي، دوقمۇشتا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بەر بەر لەردىن قىلچە پەرىقسىزدۇر.

-تۇنيۇقۇق




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 23:53:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئالىم:
بۇ بىر قالايمىقان جۆيلۈش، ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ، ئۇلۇغلارنىڭ سۆزىدىن پايدىلىنىپ ئاقماس پارىڭىنى بازارغا سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس لىكسىيە توغۇرلۇق ھەرقانداق گەپ قۇلاققا ياقماس بولدى … ئوخشاش بىر ساننى ئىككىسى ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ بىرسى ئالتە بىرسى توققۇز دەۋاتقان … ھەقلىق لىكسىيە بولسۇن ياكى ھەقسىز خەلقنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ توغرا يولنى كۆرسىتەلىگىنى ياخشى لىكسىيە ! ئاق مۈشۈك بولسۇن ياكى قارا مۈشۈك بولسۇن چاشقان تۇتالىغىنى ياخشى مۈشۈك

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 23:54:02 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى تويۇنۇپ ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆزى تويمىغۇچە، مىللەتكە چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنىشى ناتايىن. پۇللۇق لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نەپىسىنىڭ قۇللىرى. مىللەت مەنىۋىي كىرزىسقا پېتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئۈمىدىنى زىيالىيلارغاباغلاپ تۇرغان مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە، زىيالىيلارنىڭ بىلىۋالغان ئازغىنە نەرسىسىنىمۇ ئۆز خەلقىگە سېتىپ جان بېقىشى مىللەتنى تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدسىزلىككەپاتۇرىدۇ.

----- يۇقارقى بايانلاردا مۇناسىۋەتسىز ھالقىش ئېغىر، ھېسسىي ھۆكۈم ئاساسىي ئورۇندا. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ يازغان كىشىنى ئىنتايىن تۆۋەن مائاش بىلەن تاغلىق كەنتكە بېرىپ باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئاچقىن دېسە ئۇنىمايدۇ بەلكىم

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 23:54:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئالىم:
قايسى گەپنى ئۆتكۈر ئەپەندى دەپتۇ? شۇنچە ئوقۇسام “ بىزنىڭ غېمىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلاردا‘’ مۇشۇ سۆزنى ئۆتكۈر ئەپەندى دېدى دەپتۇ، قالغان سۆزلەر ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ گېپىمۇ? بۇنى بىر ئالىيجاناپ كىشى ۋىجدانى بىلەن يازدى دېسەكمۇ، ۋىجدان بىلەن دېيىلگەن بۇ ئىدىيەلەر راستلا توغرىمۇ? توغرا دېيىلگەندىمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا ماس كېلەرمۇ? بۇ يازمىنىڭ ئالدىنقى ئايلاردىكى لېكسىيە قىزغىنلىقى ۋە لىكسىيە تور ئۇرۇشىغا قارىتىلغانلىقى، تېخىمۇ بەكرەك ئەلى قۇربان قاتارلىق لىكسىيەچىلەرگە دارتمىلىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. كىشىلەرنى ئالىيجاناپ بولۇشقا، بىلىمىنى ھەقسىز تارقىتىپ مىللەتنى قۇتقۇزۇشقا دەۋەت قىلىش ئاڭلىماققا توغرا، ھەمدە خېلىلا زور دەرىجىدە توغرا، لېكىن ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ دەرس سۆزلەپ مائاش ئېلىشىمۇ بىلىمىنى پۇلغا سېتىش. ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش تۈپ قانۇنىيىتىنى ئېتىراپ قىلماي، ھەقسىز بەدەل تۆلەشكە، تەقتىم قىلىشقا دەۋەت قىلىشتەك كوممۇنىزىمچە تەپەككۈر دەۋرگە ماس كەلمەيدۇ. يازمىنىڭ بېشىدىلا يېزىپتۇ، زىيالىيلار ماددىي موھتاجلىقتىن قۇتۇلمىغۇچە مىللەتكە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دەپ. ئۇنداقتا زىيالىيلارنىڭ بىلىمىنى سېتىپ ماددىي موھتاجلىقىنى قاندۇرۇشىنىڭ نەرى خاتا? كەينىدىلا ‘’…ئۆز نەپسىنىڭ قۇللىرى‘’ دەپ ئاتىشى نېمىدىن? ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ قۇلى دېگەن ئىبارىدىكى ئىنسان قانداق قىلىپ پۇللۇق لىكسىيە سۆزلەۋاتقانلارغا مەركەزلىشىپ بولۇپ قالدى? ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇ يازما ئالىيجاناپلىق، ۋىجدان، مىللەتپەرۋەرلىكنى تۇتقا قىلغىنى بىلەن، قانداق ئىجتىمائىي تەسىر ئېلىپ كېلەر? يېڭى ساھەلەردە ئىزدىنىۋاتقان، بىلىمدىن قىممەت يارىتىپ يېڭى ئىقتىساد زەنجىرى يارىتىۋاتقانلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنىنى چۈشۈرۈپ، يېڭى بىلىم قىزغىنلىقى ئەمدى قايتا قوزغىلىۋاتقان جەمئىيىتىمىزنى قايسى يۆلىنىشكە باشلاپ ماڭغاندۇ? مەنغۇ چېچىلمىدىم، يېقىندىن بىر قىسىم ئۇلۇغ گەپلەرگە قاراپ ئىچىم پۇشتى، بىر ئابزاس سۆزنىڭ ئىككى جۈملىسى ئۆز ئارا زىت، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق كەلتۈرۈپ چىقىرىشلار، ئاڭلىماققا ئاجايىپ توغرا بولغان بىلەن ئىچكىرىلەپ ئويلىسا مەسىلە بىر تالاي، ئاقكۆڭۈللۈك بىر گەپ، ئېلىپ كېلىدىغان تەسىر يەنە بىر گەپ. ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان تەسىرلەرنى ئويلىشىپ باقسا دەيمەن.

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 23:54:50 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز تورداش:
بۇ ھەقىقەتەن نەخ گەپ،دەل ھازىرقى رىئالللىقتىكى ھەقىقەتنى يېزىپتۇ،يوقالسۇن ئۇنداق تۈكۈرۈك چاچىرتىپ ئۆز مىللىتنىڭ قېننى شورايدىغان مەدداھلار،زىيالى دىگەن ئۆز مىللىتى ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشنى بىرىنچى شەرىت قىلشى،ئۆز مىللىتنىڭ ئىدىيسىنى ئويغۇتۇپ روھىتىنى كۈچلەندۇرۈپ مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلشى كېرەك،ئەگەر ئىدىيسى ئويغاق زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولدىغان بولسا ئۇنداق پۇلغا دۈم چۈشكەن روھى كادايلارغا بۇ مىللەتنىڭ ئىھتىياجى يوق……
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.058477 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش