مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تىبەتمۇ ياكى تۈبۈت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-2-24 00:47:02 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
تىبەتمۇ ياكى تۈبۈت

2015-02-23ئەركىمErkim




    شىزاڭ ۋە زاڭزۇ ئىبارىلىرىنىڭ قەدىمكى يازمىلىرىمىزدىكى ئاتىلىشى ھەققىدە

ئىسكەندەر جېلىل

     1949-يىلىدىن كېيىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى رەسمىي قېلىپقاچۈشۈپ، قوشنا مىللەت بولمىش خەنزۇلاردىن كۆپلەر ئاتالغۇلارنى ئەينەن تەلەپپۇزى بىلەن ئېلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئەلمىساقتىن ئاتاپ كېلىۋاتقان «تۇنگان» قاتارلىق سۆزلەرنى خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە «خۇيزۇ» دەپ ئېلىش بىلەن بىرگە، «شىزاڭ» (西藏)، «زاڭزۇ» (藏族) ئاتالغۇلىرىمۇ خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە تىلىمىزغا كىرىپ كەلدى. بۇبەلكىم «تۆرت كىشلىك گۇروھ» ۋە سولچىل ئىدىيەنىڭ تەسىرى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئاتاپ كېلىۋاتقان ئاتالغۇلار چەكلەنگەن ياكى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن.
   مىرزا ھەيدەر مۇھەممەت كوراگان ئۆزىنىڭ«تارىخىي رەشىدى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە، تىبەتكە بارغانلىقى، تۈبۈتلەر بىلەن پاراڭلاشقانلىقى، ھەمدە جەڭ قىلىش ئارقىلىق قىسمەن يەرلەرنى ئىستىلاھ قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان «تىبەت» ھازىرقى «شىزاڭ»نى، «تۈبۈت» بولسا«زاڭزۇ» خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. زەھىررىدىن مۇھەممەت بابۇرمۇ ئۆزىنىڭ «بابۇرنامە»ناملىق كىتاۋىدا، شۇنداقلا موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق كىتاپلىرىدىمۇ «تىبەت» سۆزى ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ تارىخىي كىتاپلار بۇنىڭدىن 100- 500 يىل ئاۋۋال يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە،بەزى ئەسەرلەرنى خەنزۇچە، ھىندىچە ۋە تۈبۈتچىلەردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن: ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەر «ئاريارا جاۋاۋاداكاسۇترا»نىڭ ئىزاھاتىغا «Sanga şiri Tübüt tilintin yangirti Uygur tilinge aqtarmiş» (ساڭگا شىرى يەنە تۈبۈت تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان) دېگەن سۆزلەر يېزىلغان، يەنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار«زاڭزۇ» دەپ ئاتىماستىن، بەلكى «تۈبۈت» دەپ يازغان.
   دېمەك تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئەتراپتىكى باشقا قەۋملەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ھازىرقى شىزاڭنى «تىبەت»، زاڭزۇلارنى بولسا «تۈبۈت» دەپ ئاتاپ كەلگەن.  شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىمكىنى ھازىرغا خىزمەت قىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، 西藏 ۋە 藏族 ئىبارىلىرىنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئاتاپ كەلگەن ۋە كىتاپلاردا يېزىپ كەلگەن بويىچە، «تىبەت» ۋە «تۈبۈت» ئېلىش بىر قەدەرمۇۋاپىق. شۇنداق بولغاندا، بىز قەدىمكى كىتاپلىرىمىز بىلەن بولغان ئاتالغۇ بىردەكلىكنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، باشقا تۈركىي قەۋىم، شۇنداقلا دۇنياۋى ئاتالغۇلار بىلەنمۇ بىردەكلىكنى ساقلىيالايمىز. چۈنكى، دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مىللەتلەر  西藏 نى «تىبەت» دەپ ئاتايدۇ. بەزەنلەر بۇ «تىبەت» سۆزىنى ئېنگلىزچىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. «تارىخىي رەشىدى»، «بابۇرنامە»قاتارلىق بۈيۈك ئەسەرلەر يېزىلىپ، شۇ ئەسەرلەر ئىچىگە «تىبەت» ۋە «تۈبۈت»ئىبارىلىرى پۈتۈلگەن چاغلاردا، ئېنگلىزلار تېخى بېرتانىيە ئارىلىدىن ئۆزگە يەرگە ئاياق دەسسەپ باقمىغان ئىدى. ئېنگلىزلار كېيىن بېرتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، تۈركلەر ۋە ھىندىلار ئارقىلىق «تىبەت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرنىڭ بارلىقىنى ئاندىن ئۇقتى.
   دېمەك، «تىبەت» سۆزى قەدىمكى تۈركلەر ئارقىلىق باشقا قەۋىملەرگە، ئاندىن ئېنگلىزلارغا، ئېنگلىزلارنىڭ دۇنياۋى ئىمپېرىيسىى ئارقىلىق پۈتۈن جاھانغا تارقالغان دەپ خۇلاسىلىسەك ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى (ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن)
تارىخىي رەشىدى (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان)
تارىخىي ھەمىدى (موللا مۇسا سايرامى)
تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2) (1980-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈركى تىللار تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا تىل تەتقىقاتى خادىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى)
بابۇرنامە (زەھىررىدىن مۇھەممەت بابۇر)
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
دىۋان
ۋاقتى: 2015-2-24 12:00:23 | ئايرىم كۆرۈش
بەئەينى شۇنداق، تۈبۈت ئادەملەر توپى يەنى مىللەت نامى، تىبەت بولسا شۇ تۈبۈت خەلقى ياشايدىغان يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ!
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-2-24 12:01:23 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ خۇددى چىندىكى تابغاچلارغا ئوخشاش، يەنى چىن زېمىن، تابغاچ خۇئاشيا خەلقى!
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:13 , Processed in 0.057156 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش