|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-2-3 17:56
يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرقى مەزگىلىگىچە ياشىغان خۇاشيا خەلقىنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى شۈن زى دەفنە خۇسۇسىدا شۇنداق يازىدۇ:
«مۇراسىم ـــ تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېھتىيات بىلەن بىر ياقلىق قىلماق، دېمەكتۇر. تۇغۇلۇش ـــ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىپتىداسى بولسا، ئۆلۈم كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىنتىھاسىدۇر. باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشنىڭ ناماياندىسى بولغان بۇ خىل ئىپتىدا بىلەن ئىنتىھانى ياخشى بىر ياقلىق قىلغاندا ئادىمىيلىكمۇ تامامى مۇكەممەللىكىنى تاپىدۇ! شۇڭا، ئالىيجاناب پازىللار كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىنتىھاسىغا چىن ئىخلاسى بىلەن مۇئامىلە قىلمىقى ۋە ئۇنىڭ ئىپتىداسىغا ئىزگۈ نىيەتلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلمىقى ۋاجىبتۇر. كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇ خىل ئىپتىداسى بىلەن ئىنتىھاسىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئالىيجاناب پازىللارنىڭ ئەسلىيەت ئەركانى ۋە مۇراسىمنىڭ تاكامۇللاشقان مىزانىدۇر. ئادەمنىڭ ھايات چېغىنى قەدىرلەپ ئۆلۈمىنىڭ ئېتىبارىنى قىلماسلىق ھايات ئادەمگە سېزىمى بار، دەپ قىلىنغان خۇشامەتگۇيلۇق بولسا ئۆلگەن ئادەمگە سېزىمى يوق، دەپ قىلىنغان پەسەندىلەرچە ھۆرمەتسىزلىكتۇر، بۇ، پەسەندىلەرچە، بىدئەتلەرچە ئەسلىيەت ئەركانىدۇر، شۇنىڭدەك باشقىلارغا بولغان خىيانەتكارانە يۈرەكنىڭ ئەقەللىي ناماياندىسىدۇر. ئالىيجاناب پازىللار مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا بولغان خۇسۇمەت-خىيانەتكارانە دىلى بىلەن قۇللارغا، بالىلارغا مۇئامىلە قىلماقتىن نامۇس قىلىشى لازىم، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مانا شۇنداق ئىپلاس دىلى بىلەن ئۆزى ئەزىزلىگەن پادشاھلار ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىدا قىلىشى تېخىمۇ نومۇسسىزلىقتۇر! يەنە ئالايلۇق: ئۆلۈمنىڭ بىر قانۇنىيىتى بار، يەنى ھەر بىر ئادەم بىرلا قېتىم ئۆلۈدۇ ھەم بۇ ئۆلۈم زىنھار تەكرارلانمايدۇ، شۇڭا ۋەزىرلەرنىڭ پادشاھقا بولغان ھۆرمىتى، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان ھۆرمىتى دەل مۇشۇ چاغدا يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بولىدۇ. شۇڭا تىرىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى، ھۆرمەتسىزلىكى قوپاللىقتۇر؛ ئۆلگەنلەرنى ئۇزاتقۇچىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى، ھۆرمەتسىزلىكى پىت كۆزلۈكتۇر. ئالىيجاناب پازىللار قوپاللىق بىلەن پىت كۆزلۈكنى كۆزگە ئىلمايدۇ ھەم پىت كۆزلۈكنى نامۇس، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ۋەلىئەھدنىڭ جەسەد ئۈكىكى يەتتە قەۋەت، پادشاھلارنىڭ بەش قەۋەت، تۆرە-تارخانلارنىڭ ئۈچ قەۋەت، دانىشمەن-ئەزىمەتلەرنىڭ ئىككى قەۋەت بولمىقى قائىدىدۇر؛ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەب سالاھىيىتىگە، مەنسەب دەرىجىسىگە لايىق لىباس-يېپىنچىسى جەھەتتىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر، قېلىن-نېپىز سان-سۈپىتى بولمىقى خۇسۇسىدىمۇ ئەسلىيەت مىزانى ھەم باردۇر، ھەممىسىنىڭ جەسەت ئۈكىكى يوپۇقلىرى ۋە بۇ يوپۇقلارنىڭ گۈل-نەقىشلىرىدە نەسەب-مەنسەب دەرىجە پەرقلىرىمۇ باردۇر؛ ئۆلگەنلەرنى بۇلار بىلەن بېزەش ئارقىلىق ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ ئۇلارغا ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ، ھاياتنىڭ ئىنتىھاسى بىلەن ئىپتىداسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، مانا شۇ ئىپتىدا بىلەن ئىنتىھا ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش ـــ قەدىمقى مۇقەددەس پادشاھلارنىڭ ئەسلىيەت مىزانىدۇر، شۇنداقلا ساداقەتمەن ۋەزىر بىلەن ۋاپادار پەرزەنتنىڭ ئەڭ ئالىي دەستۇرىدۇر. ۋەلىئەھدنىڭ ئۆلۈمى پۈتكۈل ئىقلىمنى ماتەمگە گىرىپتار قىلىدۇ، ئۇنى تۆرىلەر جەم بولۇپ ئۇزاتماق بار. تۆرىلەرنىڭ ئۆلۈمى دوست مەملىكەتلەرنى قايغۇغا سالىدۇ، شۇڭا ۋەزىرلەر جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. ۋەزىرنىڭ ئۆلۈمى دۆلەت تەسەررۇپىنى ماتەمگە چۆمدۈرۈدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى پازىللارنىڭ جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىقى بار. پازىللارنىڭ ئۆلۈمى بىر يۇرتنى ماتەم تۇمانلىرىغا دۇچار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى دوست-بۇرادەرلىرى جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ئۆلۈمى بولسا مەھەللە-كويلارنى ھازىدار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇرۇغ-تۇغقان، خولۇم-خوشنىلار جامائەتلىشىپ ئۇزاتماقلىق بار. جازاغا تارتىلغان گۇناھكارلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، خولۇم-خوشنىلىرىنىڭ ئۇزىتىشى چەكلەنگەندۇر، پەقەت خوتۇن-بالىلىرىنىڭلا ئۇزىتىشى، جەسەت ئۈكىكىنىڭ بىر ئىلىك قېلىنلىقتا بولمىقى، لىباس-يېپىنچىسىنىڭ ئۈچ يۈرۈش بولمىقى خۇسۇسىدا دەستۇر باردۇر، ئۇنداقلارنىڭ جەسەت ئۈكىكىگە مەرسىيەلەر پۈتۈش چەكلەنگەندۇر، كۈندۈزى ئۇزىتىشقا بولماستۇر، پەقەت گۇگۇم چۈشكەندىلا ئۇزاتماقلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداقلارنى خوتۇن-بالىلىرى قارىلىق لىباسى كىيمەي ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكلىرى بىلەنلا كۆمۈپ قويۇشلىرى شەرت، تۇپراق بېشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىغلاپ ھازا ئېچىشىغا، قارىلىق لىباسى كىيىشىگە بولماستۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلگۈچىنى يەرلىكىگە كۆمۈپ قويۇپلا كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قايتماقلىقى بار، ئۆلگۈچىنى يەرلىكىدە قويۇپ بولۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋەرمىكى شەرتتۇر، مانا بۇ بىر گۇناھكار ئۆز جەمەتىگە، خوتۇن-بالىلىرىغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور نومۇستۇر!»③.
礼者,谨于治生死者也。生、人之始也,死、人之终也,终始俱善,人道毕矣。故君子敬始而慎终 ,终始如一,是君子之道,礼义之文也。夫厚其生而薄其死,是敬其有知,而慢其无知也,是奸人之道而倍叛之心也。君子以倍叛之心接臧谷,犹且羞之,而况以事其所隆亲乎!故死之为道也,一而不可得再复也,臣之所以致重其君,子之所以致重其亲,于是尽矣。故事生不忠厚,不敬文,谓之野;送死不忠厚,不敬文,谓之瘠。君子贱野而羞瘠,故天子棺椁七重,诸侯五重,大夫三重,士再重。然后皆有衣衾多少厚薄之数,皆有翣菨文章之等,以敬饰之,使生死终始若一;一足以为人愿,是先王之道,忠臣孝子之极也。天子之丧动四海,属诸侯;诸侯之丧动通国,属大夫;大夫之丧动一国,属修士;修士之丧动一乡,属朋友;庶人之丧合族党,动州里;刑余罪人之丧,不得合族党,独属妻子,棺椁三寸,衣衾三领,不得饰棺,不得昼行,以昏殣,凡缘而往埋之,反无哭泣之节,无衰麻之服,无亲疏月数之等,各反其平,各复其始,已葬埋,若无丧者而止,夫是之谓至辱。
|
|