ئىمپېراتور نېرو ئۆزجېنىنىڭ قاتىلى تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان نېروـــ رىم تارىخىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن زالىم پادشاھ. ئۇنىڭ ئاتىسى كلاۋدى ۋەئانىسى ئاگرىپىننانى ئۆلتۈرگەنلىكى تارىخچىلارغا پاراڭ تېمىسى بولۇپ بەرگەن، رىمشەھىرىنىڭ زور ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىشىدا ئۇ ئوت قويغۇچى گۇماندار. بۇ زالىم پادشاھنۇرغۇن جانلارنىڭ قاتىلى ئىدى، ئاخىردا ئاشۇ خۇنخور قولى بىلەن ئۆز جېنىنى ئالدى. تراگېدىيەنىڭ بىخلىنىشى مىلادى 37-يىلىنىڭ بىر كۈنى، رىمنىڭ مەمۇرىيئۆلكىسى گاللىيەنىڭ مەركىزى رۇئېن شەھىرىدىكى باش ۋالىي قەسرىدە باش ۋالىيدېرۇسۇسنىڭ «ساراڭ» ئوغلى كلاۋدى ئوغۇل پەرزەنتلىك بوپتۇ، دېگەن بىر خۇش خەۋەرقەسىردىكى ھۆكۈمران خۇشخەۋەر بولۇپ قالدى، شۇ خەۋەرنىڭ پېرسۇناژىدىكى بۇ ئوغۇلپەرزەنت دەل رىم ئىمپېرىيەسى تارىخىدا سېسىق نامى پۇر كەتكەن زالىم پادشاھ نېروئىدى. بۇ چاغدا كلاۋدى 47 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قېرىغاندا تاپقان ئوغلى ئۇنىئالاھىدە خۇشال قىلىۋەتكەن بولسا، قارا نىيىتى يۈرەك قەپىزىگە تېپىچەكلەپ تۇرغانئاگرىپىننا ئۈچۈن نېرو ئۈمىد نۇرى ئىدى. 4 يىلدىن كېيىن، كلاۋدى ئۇشتۇمتۇت بەختقۇشىغا ئېرىشىپ پادشاھ بولۇپ قالدى، 4 ياشلىق نېرومۇ شاھزادە بولدى، قارانىيەتئاگرىپىننا بولسا بىر كېچىدىلا خانىش بولۇپ قالدى، بۇ ئائىلە دۇنيادىكى ئەڭھەيۋەتلىك، زىيادە ھەشەمەتلىك ئوردىنىڭ، ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەنىڭ ساھىبى بولۇپقېلىۋاتقان چاغدا، بىر مەيدان تراگېدىيە پۈتۈپ قالغان ئىدى. خۇپىيانە قەست كلاۋدىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بۇ تراگېدىيەنىڭ پەردىسى ئېچىلدى. 60 لاردىن ئاشقانكلاۋدىنىڭ ئەسىلىدىمۇ تولۇق يېتىلمىگەن ئەقلى ۋە جىسمانىي ئاجىزلىقى بارغانسېرىئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى، تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، مۇھىمكېڭەش-يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندىمۇ كلاۋدى مۈگدەپ قالىدىكەن، شۇڭاسېنات ۋە ۋەزىرلەر ئۇنى «كاۋا پادشاھ» (گالۋاڭ پادشاھ) دەپ ئاتايدىكەن. تەدرىجىيچوڭ بولۇۋاتقان نېرونى كۆرۈپ خانىش ئاگرىپىننانىڭ ئۈمىدى ئوغلىنىڭ زېممىسىگەيۈكلەندى. نېرونى بالدۇرراق تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئاگرىپىننا كلاۋدىنىڭسالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن كلاۋدىنىمۇھىتى گۈزەل ئاراللارغا بېرىپ كۈتۈنىشكە دەۋەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوغلىنېرونى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئىشىنى پىلانلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئاگرىپىننا دائىمكلاۋدى داۋالىنىۋاتقان ئارالغا كېلىپ باشقىلارنىڭ پادشاھقا يېقىنلىشىشىغا يولقويمايتتى، ھەتتا كلاۋدىنىڭ خاس مەھرەملىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇۋەتتى. مىلادى54-يىلىنىڭ بىر تىمتاس گۈگۈمىدە، ئاگرىپىننا ئۆز قولى بىلەن ياسىغان «ئالاھىدەئۈنۈملۈك دورا» نى ئىچىشنى كلاۋدىغا نەسىھەت قىلىپلا كەتتى. 64 ياشلىق كلاۋدىدورىنى ئىچىپ بولۇپ، «مىننەتدارلىق»ىنىمۇ بىلدۈرەلمەي تىنىقتىن توختىدى. كلاۋدىنىڭئۆلۈمى سىر پېتى قېلىۋەردى، شۇ چاغدا 17 ياشقا كىرگەن نېرو گەرچە كلاۋدىنىئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغۇچى بولمىغان تەقدىردىمۇ شېرىك قاتىل ئىدى، بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىمۇئىنكار قىلمىغان. ئېيتىلىشىچە، كلاۋدى بىر خىل زەھەرلىك موگو يەپ ئۆلگەن، كېيىنچەنېرو موگونى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختاپ، موگونى «ئىلاھىي يېمەكلىك» دەپ ئاتىغان.نېرو سۆز-ھەرىكەتلىرىدىمۇ كلاۋدىنى ھاقارەتلەپ تۇراتتى، كلاۋدىنى دائىم ئۇچىغاچىققان دۆت، دەپ تىللايتتى، بەزىدە ئۇنىڭ رەھىمسىزلىكىنى پاش قىلاتتى. ئۇكلاۋدىنىڭ نۇرغۇن ئەمىر-پەرمانلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتى، بۇنداق پەرمانلارنى بىرساراڭ دۆتنىڭ ئەسىرى، دەپ مەسخىرە قىلاتتى. ئانىسىن ئۆلتۈرۈش پىلانى ئېرى كلاۋدىنى ئۆلتۈرۈپئوغلى نېرونى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئاگرىپىننانىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ كاتتا ئەسىرىدۇر.ئاگرىپىننا شۇنىڭدىن كېيىنكى رىم ئىمپېرىيىسىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي دۆلىتى، بارلىقھەشەمەتلەردىن قانغۇچە بەھرىمەن بولىمەن، دەپ ئويلىغان ئىدى، شۇغۇنىسى ئۇ ھوقۇقنىئوغلىغا تۇتقۇزۇش بىلەن بىللە ۋەھشىيلىكنىمۇ بىللە بېرىۋەتكەنلىكىنى زادىلائويلىمىغان ئىدى، چۈنكى ئاگرىپىننامۇ دەل ئۆزىدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ ئوغلىنىڭ قولىغائۆتكەندىن كېيىنكى قۇربانىغا ئايلاندى. ئاگرىپىننا ئوغلىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇپ،نېرونىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق كۆز-قۇلاق بولۇپ يۈردى، ھەتتا ئوغلىنىڭ تويىنىمۇئۆزى بىر قوللۇق بىرياقلىق قىلماقچى بولدى، بۇلار نېرونى قاتتىق بىزار قىلغانئىدى. دەسلەپتە نېرو زاھىد بولۇۋالىمەن، تەختىمدىن ئىستېپا بېرىمەن، دەپ ئانىسىغاتەھدىد سالدى ھەمدە باشقىلاردا ئاگرىپىنناغا قارىتا بىزارلىق، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىپەيدا قىلدى. ئاندىن ئۇ ئاگرىپىننانىڭ خانسانىيەلىك (پادشاھنىڭ ئانىسىلىق)ھوقۇقىنى بىكار قىلىش پەرمانى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ خاس قورۇقچى-مۇھاپىزەتچىلىرىنىئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوردىدىن قوغلاپ چىقاردى. نېرو بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي،ئانىسىنى يەنە داۋاملىق ئازابلاپ باشقىلارنى ئاگرىپىننانى ئەيىبلەشكەئورۇنلاشتۇردى. ئاگرىپىننا سەھراغا بېرىپ غېرىبلىق ھاياتىنى باشلىغاندا، ئۇنىڭئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاگرىپىننانى تىللاش، ھاقارەتلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.ئاگرىپىننا ئوغلىنىڭ ئۆزىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدى،ئاخىر ئوغلىنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىمىغان ئاگرىپىننا ئوغلىغا زوراۋانلىق بىلەنتاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ يۈردى. بۇنىڭ بىلەن نېرو ئانىسىنىئۆلتۈرۈۋېتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ 3 قېتىم ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇئەمما ئانىسى قاتتىق سەگەك تۇرغاچقا پىلان ئەمەلگە ئاشمىدى. كېيىن نېرو يالغاندىنئانىسى بىلەن يارىشىپ قېلىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئانىسىغا نۇرغۇن ياغلىما سۆزلەر بىلەنتولغان خەت يېزىپ، ئانىسىنى رىمدىكى ئوردىغا تەكلىپ قىلدى. ئاگرىپىننا ئۆزىنىڭ كېمىسىبىلەن ئوردىغا كەلگەندە، ئانىسىغا ئۆز پۇشايمىنىنى بىلدۈرۈپ توۋا قىلدى،ئەمەلىيەتتە ئاسترىتتىن ئانىسىنىڭ كېمىسىنى نابۇت قىلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىككېمىسىگە ساختىلىق ئىشلىتىپ، ئانىسىغا ھەدىيە قىلدى. ئاگرىپىننا ئۆزىنىڭ خاسمەھرىمى ئاگېرمۇسنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇرالغۇسىغا قايتتى. سەپەردە كېمىدىن چاتاقچىقىپ، چۆكۈپ كەتتى، ئەمما ئاگرىپىننا سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بولغاچقا، جېنى ئامانقالدى. ئانىسى كەتكەندىن كېيىن نېرو ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇرغاندا،ئاگېرمۇس قايتىپ كېلىپ ئاگرىپىننانىڭ ساق قالغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى. تاقىتىنىيوقاتقان نېرو خۇپىيەلىرىگە بىر خەنجەرنى ئاگېرمۇسنىڭ يېنىغا يوشۇرغۇزۇپ قويدى،ئاندىن ئاگېرمۇسنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئاگرىپىننا پادشاھنى ئۆلتۈرۈشكە يوشۇرۇنئەۋەتكەن قاتىل، دېگەن بەدنامنى چاپلاپ ئانىسىنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللەجاھان ئەھلىگە ئاگرىپىننا ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش سۈيقەستى پاش بولۇپ قېلىپ ئوردىدىنقېچىپ كەتكەن، دېگەن خەۋەرنى تارقاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نېرو ئانىسىنىڭجەسىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم پۇت-قوللىرىنى چېپىپ ئاجراتقان. شۇ چاغدائۇنىڭ روھىي ھالىتى تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شاراب بىلەن دەردىنىچىقارغان. «ھەييارئىمپېراتور»نىڭ تراگېدىيەلىك ھاياتى تۇرمۇشتانېرونىڭ مىجەزى تولىمۇ تۇراقسىز ئىدى. ئۇ ئۆزىنى دائىم «تالانتلىق ئارتىس»، «كۆزگەكۆرۈنگەن سەنئەتكار» دەپ ماختىناتتى. ئۇ مۇزىكا ۋە كومېدىيەنى ياخشى كۆرەتتى، 20يېشىدىن باشلاپلا سەھنىلەردە ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ يۈرگەن ئىدى. ئۆزى ئىجادقىلغان مۇزىكىلارنى 7 تارلىق چالغۇ بىلەن چېلىپ تارقىتاتتى، يازغان شېئىرلىرىنىھەر كۈنى دېگۈدەك ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلاتتى. بەزىدە كومېدىيە ئورۇنلاشتۇرۇپسەھنىلەردە باش پېرسۇناژ ياكى ھەييارنىڭ رولىنى ئالاتتى، شۇڭا ئەل ئارىسىدا ئۇ«ھەييار ئىمپېراتور» نامىدا ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. نېرو بەزىدە ئۆلۈم جازاسىنىسەھنىلەشتۈرۈپ ، قۇللارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس رولىنى ئالغۇزۇپ،كاللىسىنى ئالاتتى. ئۇ مۇشۇنداق سەھنە ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈدىغانلىقىدىنماختىناتتى، تاماشىبىنلار ئۇنىڭ بۇنداق ۋەشىيلىكىدىن بەك نارازى ئىدى، بەزىتاماشىبىنلار بۇلارنى كۆرۈۋېتىپ ھوشىدىن كېتەتتى. نېرو رىمدىكى تاماشىبىنلارنىڭئىپادىسىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، پەقەت يۇنانلىقلارلا ئۆز ئەسىرىدىن ھوزۇرئالالايدۇ، دەپ قارايتتى. يۇناندىن مەسلەكداش تېپىش ئۈچۈن نېرو ھەتتا ھاكىمىيەتئىشلىرىينى بىرياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزى يالغۇز ئافىناغا بېرىپ ئويۇن قوياتتى، بىركەتكەنچە بىرەر يىللاپ تۇرۇپ قالاتتى. مىلادى 68-يىلى، يۇناندا ئويۇن قويۇۋاتقاننېرو ئىمپېرىيە تېررىتورىيىسىنىڭ جاي-جايلىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى، كاربانىڭيېڭى پادشاھلىققا قويۇلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئالدىراش-تېنەش رىمغا قايتىپكەلدى. ھالبۇكى، ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى، ئارمىيە ۋە خاس مەھرەملىرىمۇ ئۇنىڭدىن يۈزئۆرۈگەن، سېنات كېڭىشى ئۇنىڭ ئۈستىدىن «خلق دۈشمىنى» دەپ جاكارلاپ، ئۇنىڭغا«قۇللارغا ئوخشاش دارغا ئېسىلىپ ئۆلگىچە قامچىلانسۇن» دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان ئىدى.ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن نېرو رىم شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر كەپىگە قېچىپ بېرىپيوشۇرۇنغان بولسىمۇ، رىم ژاندارمىلىرى ئۇنى قوغلاپ تېپىۋېلىشتى، ئامالسىز قالغاننېرو «ئاھ پەرۋەردىگار،بۈيۈك بىر سەنئەتكەر ئۆلۈدىغان بولدى!» دەپ نىدا قىلغىنىچەشەمشىرىنى سۇغىرىپ ئۆز ھەلقۇمىغا تالاي جانلارنىڭ خۇنخورى بولغان ئكز قولى بىلەنتىغ ئۇردى. يۇقارقى بۇ تارىخىي ماتېرىياللار دەل نېرو ئۆلۈمگە بۇيرىغان ئۇستازى،كلاۋدىنىڭ چاغدىشى، رىمدىكى ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپ، ستوئىگچىلار ئېقىمىنىڭ ۋەكىلىسېنېكانىڭ بايانىدا خاتىرىگە ئېلىنغان. نېرو زادى كىم ؟ نېرومىلادى 37-يىلى ئاگرىپىننانىڭ بۇرۇنقى ئېرى دومىتىئۇ ئائېنوباربۇستىن بويىداقالغان بالىسى، گاللىيەدىكى باش ۋالىي قەسرىدە كلاۋدى ئوغۇل پەرزەنتلىك بوپتۇ،دېگەن بۇ ھۆكۈمران خەۋەرنىڭ پېرسۇناژى بولغان نېرونى دەل كلاۋدى ئۆز ھىمايىسىدەچاغدىشى، رىمنىڭ مەشھۇرلىرىدىن پەيلاسوپ سېنېكانىڭ تەربىيىسىگە بەرگەن.شاللاقلىقى، زالىملىقى، ۋەھشىيلىكى، خۇنخورلىقى بىلەن داڭق چىقارغان نېرو ئانىسىنىئۆلتۈرگەندىن باشقا خوتۇنى ئوكتاۋىيە (كلاۋدىنىڭ قىزى) نى ئۆلتۈرگەن، ئۇستازىسېنېكانى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چىقارغان، مىلادى 64-يىلى رىم شەھىرىدە زور ئوت ئاپىتىيۈزبەرگەن، پۈتكۈل ئاۋام بۇ ئوتنى نېرو قويغان ياكى شۇنداق قىلىشقا قۇتراتقان، دەپگۇمان قىلىشقان، ئۇ بۇنى باشقىلارغا، يەنى خرىستىيان مۇرىتلىرىغا دۆڭگەپخرىستىيانلارنى قاتتىق قىرغىن قىلغان. پەلەستىندە يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىيۈزبەرگەندە قاتتىق باستۇرغان. 65-يىلى سېنېكا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭجەمەتىدىكىلەر نېرونىڭ قىلمىشلىرىنىڭ داۋامىنى سېنېكانىڭ خاتىرىسىگە ئۇلاپ قويغان.
|