مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 350|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رىم ئىمپېراتورى كلاۋدىنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
رىمئىمپېراتورى كلاۋدىنىڭ سىرى
   تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان
ئاران 64 ياشلا ياشىغان بۇ رىم ئىمپېراتورىنىڭتەرىپى رەسمىي تارىخ بىلەن غەيرىي تارىخ (بىرەسمى تارىخ) لاردا زادىلائوخشاشمايدۇ. ئالايلۇق، رەسمىي تارىخ كىتابلىرىدا كلاۋدى ئۆزگىچە قاراشقا ئىگەتۆھپىسى بار ئىمپېراتور؛ ئەمما بىرەسمىي تارىخىي مەنبەلەردە ئۇ بىر «ساراڭ» نائىب.ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق بولغىيدى؟ بۇ كېيىنكىلەرگە بىرمۇنچە سىرلارنى قالدۇرۇپكەتكەن.
   مىلادى 41-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى،  رىم شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرى رىم كوچىلىرىنىڭ ئىككىقاسنىقىدا كىمنىدۇر كۈتۈپ تۇرۇشاتتى، يەنە بەزىلىرى لاغايلاپ كوچا چىڭدىشىپيۈرەتتى. سېنات زالىدا چىراغلار چاراقلاپ تۇراتتى، شاۋقۇن-سۈرەنلىك بۇنداق مەنزىرەئىككى كۈنگىچە تىنجىمىدى. ئەسلىدە، ئۈچ كۈن بۇرۇن شۇ چاغدىكى رىم ئىمپېراتورى گائېئۇسئوردىدا مۇھاپىزەتچىلەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۈچ كۈندىن بۇيان سېناتلارسېنات زالىدا يېڭى پادشاھ نامزاتى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىدى. تۇيۇقسىزسىرتتا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، كىشىلەر پاتپاراق بولۇپ كېتىشتى. بۇ چاغداكىشىلەر ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بىر ئادەمنى ھىماتىغا ئېلىپ كېلىۋاتقىنىنىكۆرۈشتى، بۇ ئادەم دەل قەستلەنگەن پادشاھنىڭ تاغىسى، رىملىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكبىلىدىغان «ساراڭ» كلاۋدى ئىدى.
         كلاۋدى تەختكە ئولتۇرۇشنىڭ باش-ئاخىرى
   شۇ زامانرىم تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىلىشىچە ۋە بىرەسمىي تارىخىي ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىپقالدۇرغۇچىلارنىڭ خاتىرىلىرىدە يېزىلىشىچە، ۋەقە مۇنداق ئىدى: گائېئۇس قەست بىلەنئۆلتۈرۈلگەندە، يېشى 50 لەردىن ئاشقان كلاۋدى ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ گائېئۇسنىئۆلتۈرگەنلىك جەريانىنى كۆرۈپ قالغان، ئۇ بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ دەرىزەپەردىسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالغان، ئۇنى قاتىللىق قىلىۋاتقان ئوردامۇھاپىزەتچىلىرى بايقاپ قېلىپ پەردە ئارقىسىدىن سۆرەپ چىقارغان ھەمدە ئۇنىمۇئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان، ئەمما كلاۋدىنىڭ خوتۇن خەقلەردەك قورقۇپ غال-غال تىترەپتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنى قويۇۋەتكەن. سېناتلار يېڭى پادشاھ نامزاتى ئۈستىدە كېڭىشىپبىر پىكىرگە كېلەلمەيۋاتقان شۇ كۈنلەردە، ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى چاقچاق قىلغاندەككلاۋدىنى پادشاھلىققا كۆتۈرۈپ چىققان.
بارگاھتىكىئەسكەرلەر توختىماستىن كلاۋدىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ توۋلىشىۋاتقان چاغدا، سېناتلاركېڭەشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي چارچاپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى، ئەسكەرلەرنىڭۋارقىراشقىنىدىن ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ كلاۋدىنى ھىمايىسىدە ئېلىپ كىرگىنىدىنسېناتلار نېمە ئىش بولغىنىنى بىلىپ «غىڭ» قىلالمايلا قالدى، چۈنكى شۇ چاغدىكىرىمدا ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قۇدرىتىگە تەڭ كېلەلەيدىغان باشقا كۈچ يوق ئىدى،شۇڭا سېناتلار كۆڭلىدە قوشۇلمىسىمۇ ئەمما مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ دېگىنى بويىچە  ئىمپېراتورلۇق تاج ۋە ھوقۇقنى كلاۋدىغا بەردى.شۇنىڭ بىلەن رىم تارىخىدا ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى ھىمايىسىدىكى تۇنجى ھەم بىردىنبىر«ساراڭ» دەپ ئاتالغان پادشاھ كلاۋدى پەردە ئارقىسىدىن سۆرەپ چىقىلىپ جاھاننىتىترەتكەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. زامانىسىدا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپئوتتۇرا دېڭىزنى ئىچكىي دېڭىز قىلغان، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا زېمىنلىرىدا دەۋران سۈرۈۋاتقان رىم ئىمپېرىيىسىگەكلاۋدىدەك بىر «ساراڭ» ئىمپېراتورنىڭ 13 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلالىغانلىقىغا ئادەمنىڭئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. زامانىسىدىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر بىردەك «كلاۋدى قەستەن ساراڭقىياپىتىگە كىرىۋالغان ئاقىلمۇ ياكى پەردە ئارقىسىدا بىرىنىڭ دېگىنىنى قىلىۋاتقانھەقىقىي ئەقلى ئاجىزمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇشىدۇ.
«ساراڭ»پادشاھقا بېرىلگەن باھا
     تارىختىنبۇيان كىشىلەر ئۇنى «ساراڭ» كلاۋدى، دەپ ئاتىشىپ كەلدى. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى10-يىلى گاللىيەنىڭ مەركىزى رۇئېن شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئاتىسى دېرۇسۇس بۇئۆلكىنىڭ باش ۋالىيسى ئىدى. گەرچە ئېسىلزادىلەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇۆلاۋدىنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى بەختلىك بولمىدى. رەھىمسىز كېسەللىك ئۇنىڭساغلام تېنىنى تارتىۋالغاننى ئاز دەپ ئۇنىڭ چىرايىنىمۇ نابۇت قىلىۋەتتى، ئۇنىڭئەقلىي ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇرىمۇ ئەلقاتارى يېتىلەلمىدى، ئۇ ئاجىزلىقىدىنئاران-ئاران ماڭاتتى، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشالمايتتى، شۇڭا ئۇ ئۇزاققىچەكەمسىتىلىپ ۋە مازاق قىلىنىپ، ئاۋگۇستو جەمەتىدىكى مەشھۇر بىچارىلەردىن بولۇپقالدى.
   زامانىسىنىڭتارىخ كىتابلىرىدا كلاۋدى ھەققىدىكى بايانلار ھەر خىل بولغاچقا، كېيىنكىلەرمۇتۈرلۈك قىياس-تالاشلارنى قىلىشتى. بەزى تارىيخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، كلاۋدىنىڭئىلىم جەھەتتە ئۆزگىچە قاراشلىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى سىياسىي جەھەتتىمۇ خېلىئىشلارنى قىلغان. كلاۋدى تەختكە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى پادشاھ ئىقتىدارسىز بولغاچقا،رىم ئىمپېرىيىسى كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن، دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان، نۇرغۇنسېناتلار ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، ئىمپېرىيە ھالاكەت گىردابىغا بېرىپقالغان. كلاۋدىنىڭ ئېرىشكىنى مۇشۇنداق بىر پالاكەت باسقان تەخت ئىدى، ئۇ ئىشلارنىبىر تەرەپ قىلغاندا ئىشەنچ، ئىرادە ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىپ كىشىلەرنىڭھۆرمەت ۋە قايىللىقىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ تەختكە چىقىپ قىلغان تۇنجى ئىشىمۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنى تارتۇقلاپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىگەمىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، پادشاھ بىلەن ئارمىيىنىڭ تىركىشىشىگە خاتىمە بېرىشتىنئىبارەت بولغان. ئۇ ئارقىدىنلا يەنە ھەمكارلىق پوزىتسىيىسىدە سېنات بىلەن ياخشىمۇناسىۋەت ئورنىتىپ، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغانلارنى سوتلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشپەرمانى چۈشۈرگەن، سۈرگۈن قىلىۋېتىلگەن سېناتلارنى قايتۇرۇپ كەلگەن ھەم ئۇلارنىڭمال-مۈلكىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇنداق «مېھرىبانلىق سىياسىتى» دۆلەتنىڭ سىياسىيتۇرمۇشىدا ئىناق ۋەزىيەت ياراتقان. دىپلوماتىيە جەھەتتە، ۆلاۋدى ئۆزگىچە يولتۇتۇپ، بۇرۇنقىلار يۇناندىن تۈرلۈك يولسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تارتىۋالغان ھەيكەلقاتارلىق قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرىنى يۇنانلىقلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن ھەم ئۆزىبىۋاسىتە رىم قوشۇنىنى باشلاپ تايمىس دەرياسىدىن ئۆتۈپ بەزى مۇھىم شەھەر ۋە كىچىكدۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان. ئۇ يەنە ئاۋامنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلار ئۈستىدىكىنامۇۋاپىق باج-سېلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، مەمۇرىي ئۆلكىلەردىكى خەلققەپۇقرالىق ھوقۇقى بېرىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرگەن، كلاۋدىنىڭ مۇشۇنداقبىرقاتار سىياسەت-تەدبىرلىرى ئىمپېرىيەنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن.
  ھالبۇكى، كلاۋدىنىڭ چاغدىشى، رىمدىكى ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپ، ستوئىگچىلارئېقىمىنىڭ ۋەكىلى سېنېكانىڭ كلاۋدى ھەققىدىكى بايانى بىر-بىرىگە زىت. ئۇ بىر پارچەمەكتۇبىدا كلاۋدىنى «كائېساردىن كېيىنكى ئەڭ مېھرىبان پادشاھ» دەپ مەدھىيىلىگەنبولسا، كېيىنكى كۈنلەردىكى بىر ماقالىسىدە كلاۋدىنى زالىم، ساراڭ، ئۆلگەندىن كېيىنچوقۇم بىر كاۋىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ مەسخىرە ئارىلاش قارغىغان.شۇ زاماندىكىرىملىقلارنىڭ ئادەت سۆزى بويىچە، كاۋا گالۋاڭلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. سەل كېيىنكىزاماندا ياشىغان تارىخچىلاردىن تانسىتۇس قاتارلىقلارمۇ سېنېكانىڭ ئىزىدىن ماڭدى،ئۇلار بىر تەرەپتىن كلاۋدى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى چاغلاردىكىرەھىمدىل-مېھرىبانلىقىنى، دۆلەتنى تېزدىن ئوڭشاپ ئاۋامنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ ھۆرمىتىگەئېرىشكەنلىكىنى ماختاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن كلاۋدىنى ئكزگىچە قارىشى يوق گالۋاڭ،پەقەت خوتۇنى ۋە قۇللىرىنىڭ پىكرى بويىچە ئىش كۆرۈدۇ، پادشاھقا ئەمەس بەلكى بىرنائىبقا ئوخشايدۇ، دەپ مەسخىرە قىلىشتى. رىمنىڭ داڭلىق تارىخچىسى سۇتونىئۇسئۆزىنىڭ «12كائېسارنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە، «ئۇنىڭ (كلاۋدىنىڭ)ئۆزى قارار قىلغىنىدىن خوتۇنى ۋە قۇللىرىنىڭ قارار قىلغىنى كۆپ، چۈنكى ئۇھاكىمىيەت ئىشلىرىدا شۇلارنىڭ پىكرى بويىچە قارار چىقىراتتى» دەپ يازغان. ئومۇمەن،چاغداش تارىىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كلاۋدىنىئىنكار قىلىش تەرەپدارى بولۇپ، ئۇنى بىر ساراڭ، دەپ قارايدۇ.
   20-ئەسىرنىڭ  ئالدىنقى يېرىمىدا، غەرب تارىخشۇناسلىق ساھەسىكلاۋدىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى، تۆھپە-سەھۋەنلىكلىرىگەقايتا باھا بېرىپ، كلاۋدى تەتقىقات قىزغىنلىقى پەيدا قىلغان. ئەمما بۇ قېتىممۇئالىملار بىرلىككە كەلگەن قاراش شەكىللەندۈرەلمىگەن. قارىغاندا، كلاۋدىنىڭ سىرلىقچۈمپەردىسىنى ئېچىش ئۈچۈن نوپۇزلۇق ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلما ماتېرىياللارنىڭتېپىلىشىنى ساقلىماقتىن باشقا ئامال بولمىسا كېرەك.
   مىلادى 54-يىلى كلاۋدى تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپقالدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىمۇ بىر سىر سۈپىتىدە قالىۋەردى، ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ خوتۇنى ئۇنىزەھەرلىك موگو بىلەن ئۆلتۈرگەنمىش، ئۇ 12 سائەت جان تالىشىپ ئۆلۈپ قالغان، ئۇئۆلگەندىن كېيىن سېنات كېڭىشى ئۇنى ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. شۇنداق قىلىپكلاۋدىنىڭ لەتىپىسىمان ھاياتى كېيىنكىلەرگە بىر سىر بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتىكى يەنەباشقا سىرلارنى نېرۇ ھەققىدىكى باياندىن بىلىڭ!

مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.058965 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش