مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇسنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
رىمئىمپېراتورى تىبېرىئۇسنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشى
تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان
قەدىمقى رىمئىمپېراتورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئەجلىنىڭ ساھىبلىرى ئەمەس. بەزىلىرىھۆكۈمرانلىقىدا بەك ئەسكىلىك قىلىۋەتكەنلىكىدىن قەستلىنىپ جەسەتلىرىپارچىلىۋېتىلگەن، بەزىلىرى قىساسخورلارنىڭ قەستىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ياكى يەنەبەزىلىرى ئۆز زېمىنلىرىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان. پەقەت تىبېرىئۇسلا «ئۆزگىچەبىر ئىمپېراتور» بولۇپ، ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك سۈرگۈن قىلىش يولىنى تاللىۋالغان.
  تىبېرىئۇسمىلادىدىن بۇرۇنقى 42-يىلى تۇغۇلغان، ئاۋگۇستۇس ( ئوكتاۋىئان ) نىڭ بېقىۋالغانئوغلى.مىلادى 14-يىلىدىن 37-يىلىغىچە رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان.تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن رېيىن، دوناي دەريالىرى ۋادىلىرىدا نۇرغۇن يىل ئۇرۇشقىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 12-يىلى ئاۋگۇستوسنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن خوتۇنىدىنئاجرىشىپ جۇلىيە ( ئاۋگۇستۇسنىڭ قىزى، ئاگرىپپانىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ) بىلەن توي قىلغان. مىلادى 4-يىلى، يەنىمۇشۇ زاماندىن 2006  يىل بۇرۇن ئاۋگۇستوسئۇنى تەخت ۋارىسى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 56 يېشىدا تەختكە چىققان. دەسلەپتەسىناتقا مۆتىدىل مۇئامىلىدە بولغان، ئەمما رىم ئىمپېراتورلۇقىنىڭ بۇ دۆلەتئاپپاراتىغا ئىشەنمىگەن. ئۆز يېقىنلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى»نىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باشلىقى سېجانۇسنىڭ ھېچنېمىدىنھېيىقماي زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىغا يول قويۇپ قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان. مىلادى26-يىلى كامپانىيە ئەتراپىدىكى كاپرى ئارىلىغا ئۆزىنى ئۆزى سۈرگۈن قىلىپ كىشىلەرگەئارىلاشماي ياشىغان. سېجانۇسنىڭ ئاسىيلىق قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ قاتتىقجازالىغان ھەمدە يېڭىدىن تەيىنلىگەن مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ باشلىقى ماكرونىڭقەستىدە ئۆلگەن.
   ئۇنىڭئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشى مۇنداق بولغان : مىلادى 26-يىلى، يەنى تەختكە ئولتۇرۇپ 12يىل ئۆتكەندە تەنھا ئۆزى يالغۇز رىم شەھىرىدىن چىقىپ سۈرگۈن قىلىنىدىغانلارمەنزىلى كامپانىيەگە كېتىپ 11 يىلغىچە شۇ يەردە تۇرغان. بۇ ھەقتە كىشىلەر نۇرغۇنقىياسلارنى قىلىشىدۇ، بەزىلەر ئۇنى تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دېيىشسە،يەنە بەزىلەر ئاۋگۇستۇسنىڭ ئۇنى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا زورلىشى ئۇنى روھىيگۇمراھلىققا ئېلىپ بارغان، دېيىشىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئۆمرىنىڭئاخىرقى 11 يىلىنى كامپانىيەدىكى بۇ سۈرگۈن مەنزىلىدە ئۆتكۈزگەن.
  ئەمما، خەقلەرنىڭ قىياسى پىتنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مىلادى 55-يىلىدىن120-يىلىغىچە ياشىغان قەدىمقى رىم تارىخچىسى، ئەدىب، سىياسىيئون تانسىتۇس بەزى تارىخىي خاتىرىلەرنىقالدۇرغان، بۇ ھەرھالدا ئىلمىي مەنبە بولۇشى مۇمكىن. تانسىتۇس مىلادى 14-يىلىدىن68-يىلىغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ئەسىرى «يىللار تارىخى» دا بۇھەقتە مەلۇمات بەرگەن. تانسىتۇسنىڭ قارىشىچە، تىبېرىئۇسنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشىدامۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىق باركەن : بىرى، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ سەركەردىسىسېجانۇسنىڭ ئۇنى قەستلەش ھىيلە-مىكىرلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشىغا سەۋەببولغان. بۇ مەلۇماتنى بەرگەن تانسىتۇس يەنە مۇنداق بىر پاكىتنى، يەنى سېجانۇسجازالىنىپ قەتلى قىلىنغاندىن كېيىنمۇ تىبېرىئۇس داۋاملىق 6 يىللىق سۈرگۈنلۈكھاياتىنى داۋام قىلغان. بۇنى تانسىتۇس تىبېرىئۇس ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقى ۋەئىشرەتخورلۇقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتىسى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىنىڭيېقىنلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى» نىڭ ياردىمى ئارقىلىقسۈرگۈندىمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋەرگەن، دەپ ئىزاھلايدۇ. ئەمماتارىخچىنىڭ بۇ قارىشىغا يەنە بىر تارىخچى، رىم ئىمپېراتورى ھاردىئاننىڭ خۇسۇسىيكاتىبى سۇتونىئۇس قوشۇلمايدۇ. مىلادى 69-يىلى تۇغۇلۇپ 140-يىلى ئۆلگەن بۇ كاتىبنىڭيازغانلىرىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. سۇتونىئۇس ھاردىئاننىڭ خۇسۇسىي كاتىبى بولۇشقولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىمپېرىيەنىڭ ئارخىب ئامبىرىدىكى يازماھۆججەت-ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلانغان. مىلادى 121-يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپلامەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تەزكىرە خارراكتېرلىك ئەسىرى «رىمپادشاھلىرىنىڭ تەرجىمىھالى» («12 نەپەر قەيسەرنىڭ تەرجىمىھالى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دارىمنىڭ قەيسەردىن تارتىپ دومىتىئانغىچە بولغان 12 نەپەر رىم ئىمپېراتورىنىڭتەرجىمىھالىنى تەپسىلىي يېزىپ چىققان. دەل مۇشۇ ئەسىرىدە ئۇ تانسىتۇسنىڭ قارىشىنىئىنكار قىلىدىغان قاراشنى، يەنى تىبېرىئۇسنىڭ ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەچكە زىيادەھەسرەت-پىغانلارغا پېتىپ زاھىدلىق يولىنى تاللىۋالغان، دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ.تانسىتۇس ئىلگىرى سۈرگەن يەنە بىر قاراشتا، تىبېرىئۇس قېرىغىنىدا ئۆزىنىڭ تاشقىقىياپىتىدىن بەك ئۆكۈنۈپ شۇنداق تەنھا ياشاشنى تاللىۋالغان، دېيىلىدۇ. تانسىتۇسنىڭيېزىشىچە، تىبېرىئۇس ناھايىتى ئورۇق، ئېگىز ئادەم بولغان، مۈرىسى پەسكە سىيرىلىپچۈشكەن، چېچى شالاڭلاپ نەچچە تال تۈكىلا قالغان، يۈزىنى قورۇقلار بىر ئالغان، شۇڭائۇ سېجانۇسنى جازالاپ بولغاندىن كېيىنمۇ باشقىلارغا كۆرۈنۈشنى خاھلىماي ئۆمرىنىڭئاخىرىغىچە تەنھا ياشاپ ئۆزىنىڭ «سەت» تۇرقىنى باشقىلارغا كۆرسەتمىگەن، دېيىلگەن.
   يەنەبەزى مىش-مىشلەرنىڭ يۇقىرىقىلاردىن تۈپتىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى خېلىلا كېيىنكىتەتقىقاتچى تارىخچىلار نەقل قىلىشىدۇ. ئېيتىلىشىچە، تىبېرىئۇسنىڭ ئانىسىھوقۇقپەرەستلىكىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پەردە ئارقىسىدا قول شىلتىشكە ئامراقئىكەن، ئەمما ئانىسىنىڭ بۇ خۇمارىغا ئوغلى كۆنمەيدىكەن، خۇددى «بىر كىگىزدە 10شەيىخ ئىبادەت قىلىدۇ، ئەمما بىر ئىقلىمغا ئىككى پادشاھ سىغمايدۇ» دېگەن ئىبارىگەرېئايە قىلغان تىبېرىئۇس ئاخىر بۇنىڭغا تاقەت-چىدام خالتىسىنى ئاچالماي ھەمئانىسىغا قول سالالماي پېشىنى قېقىپ قېيداپ كەتكەنىكەن. قىسقىسى، قەدىمقىلارنىڭتىبېرىئۇسنىڭ ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىشى ھەققىدىكى قاراشلىرى مانا مۇشۇنداق ئۇنىڭ تەن كەمتۈكلىكىۋە ئەخلاق جەھەتكە تاقىلىدىغان سىرلىق بايانلارنى قالدۇرۇشقان. ھالبۇكى، يېقىنقىزامان تارىخچىلىرى، تەتقىقاتچىلىرى بولسا قەدىمقىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەخلاق ۋەئېتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى قەدىمقى زامان كىشىلىرى ئەخلاق ۋە ئېتىكاقارىشىنى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىيەتتىن يۇقىرى ئورۇنغا قوياتتى، دەپ يىغىنچاقلاشقان.سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى كۋالوف «مىلادى 26-يىلى، تىبېرىئۇس ئادەملەرنىڭتۈرلۈك ناباب قىلىقلىرىدىن بەزگەنلىكتىن ۋە سېجانۇسنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىدىن جاقتويغانلىقتىن زاھىدلىق يولىغا ماڭغان» دەپ يەكۈن چىقارغان. يەنە بىر تارىخچىئېدۋارد . ت. سالمون «تىبېرىئۇسنىڭ بۇ يولنى تاللىشىدا ئىككى خىل ئېھتىماللىقبولۇشى مۇمكىن : بىرى، ئۆزىنىڭ تەخت ۋارىسىغا تەجرىبە توپلىتىش، يەنە بىرىئاگرىپىننانىڭ سۈيقەستىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان» دەپ ئۆزتەتقىقاتىدىن يەكۈن چىقارغان.
   ئومۇمەن، بارلىق قاراش-قىياسلار تىبېرىئۇسنىڭئۆزىنى سۈرگۈن قىلىش سەۋەبلىرىگە توغرا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. مەيلى كىشىلەرنىڭسۈيقەستىدىن قورقۇشتىن بولسۇن، مەيلى فزىئولوگىيەلىك كەمتۈكلۈكتىن بولسۇن، ھەممىسىقىياستىن باشقا نەرسە ئەمەس. نۆۋەتتە جۇڭگو-چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن تارىخشۇناسلاربۇ سىزرنى يېشىشكە كۈچىمەكتە. تىبېرىئۇس ئۈچۈن ئېيتقاندا، تىرىكلىكىدە ئارمانسىزياشىغان بولسىلا، ئۆلگەندىمۇ تېگىشلىك نېسىۋىدە ئۆلۈشنىڭ ئۆزى كۇپايە.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.056417 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش