مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۆلەت ۋە قەدىر-قىممەت ـــ « دۆلەت ئىقتىدارى ۋە بايلىق» ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
دۆلەت نېمە ئۈچۈن قەدىر-قىممەتنى يۈكسەك نىشان قىلىدۇ؟
ـــ « دۆلەت ئىقتىدارى ۋە بايلىق» ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە ئىنكاس


چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەرتەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى  يەن شۆتۇڭ
تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان

خەلق دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى بېيىشىدىن بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ
« خەلقنىڭ باياشاد، دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك »بولۇشى خەلقنىڭ قانۇنلۇق تەلىپى. « خەلقنى بېيىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش »جۇڭگولۇقلار بىردەك ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن دۆلەت نىشانى ئىدى. بۇ يەردەدېيىلىۋاتقان « دۆلەتنىڭ بېيىشى » ئىلگىرىكى زامانلاردا ئوردىنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىيبايلىققا ئىگە بولۇشىنى كۆرسەتسە، « خەلقنىڭ كۈچىيىشى » ئاۋامنىڭ شەھەرنى قوغداپچېگرانى مەھكەم ساقلاشتا كۈچلۈك، ساغلام تەن ۋە روھقا ئىگە بولۇشىنى، يەنى ساغلام،كۈچلۈك تەن، تەڭداشسىز ئەلەم ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتەتتى. فېئوداللىقدۆلەتلەردە ھوقۇق ھۆكۈمرانلار جەمەتىنىڭ چاڭگىلىدا بولاتتى، ھۆكۈمەت ۋە ئاۋامھۆكۈمرانلار جەمەتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشىدىكى قورالى ئىدى، شۇڭا « دۆلەتنىڭباي، خەلقنىڭ قۇدرەتلىك » بولۇشى قانۇنلۇق دۆلەت مەنپەئەتى ئىدى. ۋەھالەنكى،ھازىرقى زاماندىكى مىللىي دۆلەتتە ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ، ھۆكۈمەت بولسا خەلقنىڭمەنپەئەتىنى قوغدايدىغان قورال. ھۆكۈمەت بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكىخوجايىن-چاكارلىق مۇناسىۋەتتە بولغان بۇ ئۆزگىرىش دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولغان خەلقنىدۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بېيىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان كۆپ خىل مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن « خەلقنىڭ باياشاد،دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك » بولۇشى خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا ئايلاندى.
خەلقنىڭ باياشاد بولۇشى پاراۋانلىق تۈزۈمىگەتايانماستىن بەلكى خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكىگە تايىنىدۇ. بايلىقنى خەلقئۆزلىرى ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىدۇ، ھۆكۈمەت بايلىق ياراتمايدۇ. ياۋروپادىكىئىجتىمائىي پاراۋانلىق سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئەزەلدىنئۆزلىرىنى خەلققە بايلىق يارىتىپ بەردۇق، دەپ قارىمايدۇ. ئۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىيولغا قويغان پاراۋانلىق تۈزۈمى خەلق ياراتقان بايلىقنى قايتا تەقسىملەپ بېرىدۇ،ھالبۇكى، قايتا تەقسىملەشتە ئومۇمىي خەلقنىڭ بايلىقى كۆپەيمەيدۇ. پاراۋانلىق تۈزۈمىنىڭئاجىز كىشىلەر توپىغا ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بولسىمۇئەمما بۇ تۈزۈم خەلقنى بېيىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان.
دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئومۇمىي خەلقنىمەنپەئەتلەندۈرىدۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ باي بولۇشى ئومۇمىي خەلقنى بۇ بايلىقتىنبەھرمان قىلالمايدۇ. دۆلەتنىڭ باي بولۇشى خەلقنىڭمۇ باياشاد بولۇشىدىن دېرەكبەرمەيدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP نىڭ ئېشىشى پەقەت دۆلەتبايلىقىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنىڭلا ئىپادىسىكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئاۋام بايلىقىنىڭئاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ھەرگىزمۇ« 1 مىليونېر+99 تىلەمچى = كىشى بېشى ئوتتۇرىچە GDP 10 مىڭ ≠ 10 مىڭ يۇەنلىك 1مىليون ئادەم بار » دېگەنلىك ئەمەس ( شەرھلىسەك: 1 مىليونېر بىلەن 99 تىلەمچىگەتوغرا كېلىدىغان كىشى بېشى ئوتتۇرىچە GDP 10 مىڭ يۇەن بولسىمۇ ئەمما بۇ10 مىڭ يۇەنلىك ئادەمدىن 1 مىليونى بار، دېگەنلىك ئەمەس ). ناۋادا، ھۆكۈمەت ياكىئاز ساندىكى بايلار دۆلەتنىڭ مۇتلەق زور بايلىقىنى بۆلۈشۈۋالسا، يەنىلا ئوخشاشلادۆلەت باي، خەلق نامرات بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك بولۇشىئومۇمىي خەلقنى بىخەتەرلىككە ۋە قەدىر-قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. بىر دۆلەتنىڭئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش ئىقتىدارىمۇسابىقىغە چۈشكەن تەنھەرىكەتچىلەرگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى شۇدۆلەت خەلقىغىمۇ شان-شەرەپ ۋە شادلىق ئاتا قىلىدۇ. تارىختىن شۇنى كۆرۈۋېلىشمۇمكىنكى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، دۆلەت ئىقتىدارى قالاق بولغانلىتىنبوزەك بولدى؛ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دۆلەت باي بولسىمۇ ئەمما ئاجىزبولغانلىقتىن ئوخشاشلا بوزەك بولدى؛ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە خەلقباياشاد بولسىمۇ ئەمما دۆلەت ئاجىز بولغانلىقتىن ئوخشاشلا بوزەك بولدى.
خەلق دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى بېيىشىدىنبەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلەر ياپونىيەلىكلەر شەخسىي بايلىقىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپدۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداقئەمەس. خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى ئارزۇ قىلىشى دۇنيادىكى ئومۇمىيۈزلۈكھادىسە، ياپونىيە خەلقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىنكېيىن، ياپونىيە خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي چوڭ دۆلەت بولۇش يولىدىكى سىياسىتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشسالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوللاپ كەلددى، ئەمما ناھايىتىئاز ساندىكى كىشىلەرلا بايلىقىنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ئەندىشە قىلىپدۆلەتنىڭ بۇ نىشانىغا قارىشى تۇردى. مۇشۇ ئايدا، ئامېرىكا چاۋشيەن قويۇپ بەرگەنراكېتانى سوقۇپ چۈشۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەندە، ياپونىيە ئاكتىپلىقبىلەن ھەربىي پاراخود ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئەمما ئامېرىكا چاۋشيەنگە ھەرىكەت قوللىنىش قارارىنى ئۆزگەرتكەن چاغدا بولسا،ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئوسال ئەھۋالدا قالدى، چۈنكى مەيلى ھەربىي جەھەتتە بولسۇن ياكىسىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياپونىيەنىڭ ئۆزى باش بولۇپ چاۋشيەننىڭ راكېتاسىنى سوقۇپچۈشۈرۈش-چۈشۈرمەسلىكنى قارار قىلىش ئىقتىدارى يوق. ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىبۇ ئىشنى مىللەتنىڭ نومۇسى، دەپ قاراپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى قاتتىق سۆكتى.

دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى خەلققەدىر-قىممىتىنىڭ ئاساسى
   خەلق باياشاد بولغان بىلەن دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىكبولۇپ كېتىشى ناتايىن. دۆلەتنىڭ ئىقتىدارى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك بولىدۇ، بۇئىقتىدار سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈكئوخشاشمىغان ئەمەلىي كۈچ ئامىلىنىڭ بىرىكىشىدىن تاركىب تاپقان بولىدۇ. خەلقنىڭباياشادلىقى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنىڭ بىر تەرەپتىكىقۇدرەتلىكنىڭ ئىپادىسى بولسىمۇ ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ باشقا تەرەپتىكى ئەمەلىي كۈچئامىلىنىڭمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇنىڭدەك بۇ دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسالئەمەلىي كۈچىنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنىڭمۇ ئىپادىسى ئەمەس. بەزىلەر سابىق سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت كۈچلۈك بولسىمۇ خەلقى باياشاد ئەمەسلىكىدەك مىسالنىكەلتۈرۈشۈپ، لىيىختېنىشتىيىن، نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، شۋېدسىيە،شۋېدسارىيە، دانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاۋامنىڭباياشاد بولسىمۇ ئەمما دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك ئەمەسلىكىدەك مىساللارغا سەل قارىماقتا.ئامېرىكىنىڭ 2007-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى دۇنيا بويىچە 9 – ئورۇنداتۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئالدىدىكى باشقا 8 دۆلەت ئىقتىسادىي، سىياسىي،ھەربىي ۋە مەدەنىيەت ئىقتىدارى جەھەتتە ئامېرىكىدىن ناھايىتى كۆپ ئارقىدا. خەلقنىڭباياشادلىقى پەقەت دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارى ئىچىدىكى بىر خىل ئىقتىداردىنلائىبارەت بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
   بايلىقنى شەرتسىز ھالدا دۆلەت ئىقتىدارىغائايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. دۆلەت كۈچى ئامىلى ئايلاندۇرغىلى بولمايدىغانئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر خىل ئىقتىدارنىخاھلىغانچە باشقا ئىقتىدارغا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئىقتىسادىي بايلىقنى مىسالئالساق، سەئۇدى ئەرەبىستانى كۆپ يىللاردىن بۇيان دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىتبايلىقى ۋە زور مىقداردىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە، ئەمماسەئۇدى ئەرەبىستانى ئاشۇ نېفىت بايلىقى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن پايدىلىنىپدۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتارداتۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئارمىيە ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى نوپۇزلۇق ئىلىمئەھلىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى. مەيلى دۆلەت بايلىقى بولسۇن ياكى ئىجتىمائىيبايلىق بولسۇن، ئىقتىسادىي بايلىقنى باشقا ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتىئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت جەريانى كېتىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دۆلەتئىقتىدارىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ،ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىقتىدارىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
   خەلقنىڭ قەدىر-قىممىتى دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىكئىقتىدارى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىچى جەمئىيىتىنىڭخاراكتېر پەرقى شۇ يەردىكى، ئالدىنقىسى ھۆكۈمەتسىز سىستېما. بۇ سىستېمىدا، دۆلەتبىلەن خەلقنىڭ قەدىر-قىممىتى دۆلەت ياكى جەمئىيەت بايلىقىنى ئاساس قىلماستىن بەلكىدۆلەتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىدۇ. روسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىداياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى تۆت ئارال ھەققىدىكى تالاش-تارتىشىغا نۇرغۇن يىللار بولدى.ياپونىيەنىڭ GDP سى 1988-يىلىلا شۇ چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېشىپ كەتكەن،سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن بۇ پەرق تېخىمۇ چوڭايدى. 2007-يىلىياپونىيەنىڭ GDP سى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى ئايرىم-ئايرىم ھالداروسىيەنىڭ  3.4 ھەسسىسى ۋە 3.9 ھەسسىسىگەيەتكەن. ھالبۇكى، ياپونىيەنىڭ روسىيەدىن كۆپ كۈچلۈك بولغان بايلىقى ياپونىيەنىشىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى قەدىر-قىممىتىنى ئۈنۈملۈكقوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالمىدى. 1942-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنگېرمانىيەنىڭ GDP سى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 274 مىليارد دوللار ۋە 417 مىليارد دوللارئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ GDP سى گېرمانىيەنىڭ GDP سىدىن % 34.3 يۇقىرى بولسىمۇئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق سوغۇق شارائىتتا ئۇرۇش قىلىشئىقتىدارى جەھەتتە گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن كۈچلۈك بولۇش ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپستالىنگرادنى ساقلاپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش يارىتىپ مىللەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنىقوغدىغان.
   ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى مىللىي قەدىر-قىممەتنىڭئاساسى. فورمۇلالاشتۇرۇپ شەرھلىسەك : ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى = مەشغۇلاتچانلىققائىگە ئەمەلىي كۈچ ( سىياسىي ئەمەلىي كۈچ ) × بايلىق خاراكتېرىگە ئىگەئەمەلىي كۈچ ( ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچ ) بولىدۇ. نوقۇلئەمەلىي كۈچ ئامىلىنىڭ ئۆزگىرىشىنىلا كۆزەتكەن بىلەن ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن ئالايلى، مۇشۇ ئەسىردە كىچىكبۇش ( جورجى ۋالكېر بۇش ) ھاكىمىيە يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىئاشقان بولسىمۇ ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەمەلىي كۈچى  تۆۋەنلەپ كەتتى، نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمۇ ئاجىزلىدى. 1978-يىلىدىن ئېتىبارەن دۆلىتىمىز ئىسلاھاتئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن،ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارى سىجىل ئېشىش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئىقتىسادتا مەنپىيئېشىش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى، ئەمما بۇ 30 يىل مابەينىدە ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسالئەمەلىي كۈچىدە N شەكىللىك دولقۇنسىمان ھالەت كۆرۈلدى. سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى شۇنى چۈشەندۈردىكى، بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى،يەنى مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە ئەمەلىي كۈچى  0( نۆل )گە چۈشۈپ قالغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ مەيلى قانچىلىك بايلىق خاراكتېرلىك ئەمەلىي كۈچىبولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى  0( نۆل ) گە باراۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشمۇمكىنكى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى ئاشۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ دۆلەتنىڭ باشقاكۈچ ئامىلىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەل قارىغاندا، مىللەتنىڭ قەدىر-قىممەتئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ.

ئىقتىدارنىنىشان قىلغاندىلا مىللىي گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ
   تەڭپۇڭسىز تەرەققىيات ــــ ئۆزگەرتكىلىبولمايدىغان تەبىئىي قانۇنىيەت. ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەڭگۈ قۇدرەتلىك بولۇپكېتىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇنى ئەمەلىي كۈچ تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق قانۇنىيىتىبەلگىلىگەن. ۋەھالەنكى، دۆلەت مەڭگۈ قۇدرەتلىك بولۇش ھالىتىنى ساقلاپقالالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئاجىز دۆلەت خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىكئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلماي قالمايدۇ. ئىنسانلار تەبىئەت قانۇنىيىتىنىئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما كىشىلەر ھاياتلىقىدا يەنىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ زاۋاللىققايۈزلىنىش باسقۇچىدا ئەمەس بەلكى ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىش باسقۇچىداتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. پەلەسەپە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بارلىق دۆلەتلەر ھامانيوقىلىدۇ، ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچتىكى قۇدرەت تېپىشىنىڭئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ خۇددى ئادەم ھامان ئۆلسىمۇ ئەممابىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىنىڭ يەنىلا ناھايىتى مۇھىمئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئوخشاش. ئۇنداق بولمىغىنىدا، دۆلەت ۋە خەلق ئۆزمەۋجۇدىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى يوقىتىدۇ.
   دۆلەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ چېكى بولمايدۇ. ئاۋامدۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش باسقۇچىدا ياشاشنى ئارزۇ قىلغاچقا،ئۇلار دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشىنى، شۇنىڭدەك گۈللىنىش مەزگىلىنىڭناھايىتى ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان دۆلەت خەلقىگەنىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئارزۇ ئۇلارنى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشىنىڭيېرىم يولدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ توختاپ قېلىشىدىن ياكى قۇدرەت تاپماي تۇرۇپلازاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرىتىدۇ. تارىختا نەچچە قېتىم دۇنيا بويىچە ئەڭقۇدرەتلىك دۆلەت بەرپا قىلغان جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭتۆت چوڭ كەشپىياتى ئالدىدا ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە يەنەبىر مۆجىزە يارىتالايمىزمۇ-يوق؟ دەپ ئۆز-ئۆزىمىزگە سوئال قويماي تۇرالمايمىز.ئۆتكەنكى 150 يىل مابەينىدە، ئامېرىكىلىقلار، سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار، گېرمانىيىلىكلەر،ياپونىيىلىكلەر، ئىتالىيىلىكلەر، فرانسىيىلىكلەر، ئەنگلىيىلىكلەر نۇرغۇنتىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ياكى قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەنياكى قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەكمۇۋەپپەقىيەت قازانغىنى يەنىلا ئامېرىكىلىقلاردۇر. ئىقتىدار ئارقىلىق دۆلەتنىشانىنى قۇرۇپ چىقىش دۆلەتنى كۈلپەتكە دۇچار قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بايلىقنىكۆپەيتىشنى نىشان قىلىش بولسا دۆلەتنى پاراغەتلىك زاۋاللىقىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن.
   دۆلەت ئىقتىدارىنى نىشان قىلىش خەلقنى مەڭگۈبوشاشماسلىققا رىغبەتلەندۈرىدۇ. دۆلەت ئىقتىدارى ــــ مۇرەككەپ بىرىكمە نىشان،ئەمما دۆلەت ياكى جەمئىيەت بايلىقى بولسا نوقۇل يەككە نىشاندۇر. دۆلەت ئىقتىدارىسىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ، ھەربىر ساھەنىڭ يەنە نۇرغۇن كونكرېت ئىقتىدارى بولىدۇ. نوقۇل ئىقتىسادساھەسىدىلا ئىقتىدار يەنە كۆپ خىللىققا ئىگە. مەسىلەن ئالايلى، پۇل مۇئامىلەئىقتىدارى بىلەن سودا ئىقتىدارى ئوخشاشمايدىغان ئىقتىداردۇر. بىزنىڭ ئوڭ پەرقلىقتاشقى سودىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى جۇغلىيالىغان بىلەندۇنياۋىي پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇپ چىقالمايدۇ. بىزنىڭ بەزى دۆلەتكارخانىلىرىمىز دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇئەمما دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس. بايلىقنىڭئاز-كۆپلىكى پۇل مىقدارى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ، شۇڭا، ئەگەر بايلىقنى ئاشۇرۇش دۆلەتنىشانى قىلىنىدىغان بولسا، پۇل مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى دۆلەت نىشانى قىلىشتىنساقلانغىلى بولمايدۇ. مۇشۇ يەككە نىشاننى باشلامچى قىلغاندا، خۇددى نېفىتدۆلەتلىرىگە ئوخشاش باياشاد ئەمما ئاجىز دۆلەت بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتىكۆپ بولىدۇ. ھالبۇكى، ئەگەر ئىقتىدار نىشان قىلىنىدىغان بولسا، مۇرەككەپ بىركمەنىشان قوغلىشىش داۋامىدا دۆلەتنىڭ قانچىلىك باي بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز مەلۇمدۆلەتنىڭ مەلۇم ئىقتىدارىنىڭ بىزنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز-دە،ئۆز-ئۆزىمىزگە قامچا سېلىپ توختاۋسىز ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقاتىرىشىمىز. مەسىلەن ئالايلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكترون تورى ئىقتىدارى قاتارنىڭكىدىنخېلىلا كۈچلۈك، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئېلېكترونلۇق بېجىرىشى بولساقاتارنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىش ئىشلىرىنى ئېلېكترونلۇق ۋىزا بېجىرىش ئىقتىدارىدىنئاجىز.
   سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش ــــ مىللەتنىڭگۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە، نۇرغۇن يولداش ئىجتىمائىيبايلىقنى  تەڭشەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغاقويدى. ئىجتىمائىي بايلىقنى  تەڭشەشئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، تېخىمۇ ماھىيەتلىكى شۇكى،ئىجتىمائىي بايلىقنى  تەڭشەش دۆلەتنىڭ بىرخىل سىياسىي ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئادىللىق بىلەن ھەققانىيەت ئەسلىدىمۇبايلىقنى ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەتنىڭسىياسىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش رولى بار. ئاپتورنىڭ  قارىشىچە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئاساسىـــــ ئىقتىسادىي ئىقتىدار بولماستىن بەلكى سىياسىي ئىقتىداردۇر. ئەگەر جۇڭگوھۆكۈمىتىنىڭ 1978-يىلىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ خاتا لۇشيەنىنى تۈزىتىشئىقتىدارى بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىيمۇۋەپپەقىيەتلىرى بولمىغان بولاتتى. كلىنتون بىلەن كىچىك بۇش ئايرىم-ئايرىم ھالدائامېرىكا خەلقىگە ئوخشاشمىغان ئىككى خىل سىياسىي رەھبەر بولۇپ بەردى، ئاقىۋەتتەكلىنتون ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل رەقىمىنى ئازايتىپ، دۆلەت كۈچىنى ئاشۇردى،كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمىنى كۆپەيتىپ،ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئالىملارجۇڭگو تارىخىدىكى گۈللىنىش ۋە خارابلىشىشنىڭ جۇڭگونىڭ بايلىقىنىڭ ئاز-كۆپلىكىبىلەن قانداق سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىمىدى، ئەمما ھەممىسىلادېگۈدەك بىردەك ھالدا دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋىتىبار، دەپ قاراشماقتا. جۇڭگونىڭ مىللىي گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقى  ۋە قانچىلىك سۈرئەتتە مىللىي گۈللىنىشنى ئەمەلگەئاشۇرالىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشسۈرئىتىگە باغلىق. كۇڭ زىنىڭ شاگىرتلىرىدىن شۈن زى ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىنىڭتەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگەندە « ئەدەب – ئەخلاقنى ئالىي بىلگەنلەر خان بولۇر،سىياسىيغا ئەھمىيەت بەرگەنلەر قۇدرەتلىك بولۇر، ئەل كۆڭلىنى ئۇتقانلار ئەمىن تاپۇر، باج-سېلىق، ئولپان كۆپەيتكەنلەر زاۋال تاپۇر » دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان.


مەنبە: تۆت پەسىل مېدىيەسى


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-17 17:21:01 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ماقالىدىمۇ سۆزلەر ئىرماش-چىرماش بولۇۋاپتۇ
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-5-15 14:30:17 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 17:21
بۇ ماقالىدىمۇ سۆزلەر ئىرماش-چىرماش بولۇۋاپتۇ

بېشىنى ئازراق ئوڭشاپ قويدۇم، ۋاقىت چىقىرىپ ھەممىنى ئوڭشايمەن   ماقالىڭىزگە رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:09 , Processed in 0.115799 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش