كلېئوپاتراغادائىر دەتالاشلار قەدىمقىمىسىرنىڭ ساھىبجامال ئايال پادشاھى كلېئوپاترا مىسىر تارىخىدا تىلغا ئالمىسابولمايدىغان شەخس. ئۇ قانداق ئۆلگەن؟ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قانداق سىرلار يوشۇرۇنغان؟ ئۇبىرنەچچە رىم ئىمپېراتورلىرىنى ئېتىكى ئاستىغا تىزلاندۇرغىدەك دەرىجىدە گۈزەلمۇ؟بۇ ھەقتىكى تارىخىي بايان گەرچە بىر سىز بولسىمۇ ئەمما ئۇ خۇددى بىر بۈيۈكھېكايىگە ئوخشايدۇ... رىمئىمپېرىيىسىنىڭ يىراققا جازا يۈرۈشى قىلىش ئارمىيىسىنىڭ ئالىي سەركەردىسى بۈيۈكگېنېرال قەيسەرنىڭ نۇسرەت قۇتلۇقلاش زىياپىتىدە، قەيسەرنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ،ۋۇجۇدىنى غالىبىيەت شادلىقى چىرماپلا ئالغان ئىدى. ئۇ سەركەردىلىرى بىلەن خۇماردىنچىققىدەك قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشىۋاتقان چاغدا، بىر مەھرىمى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:«بۈيۈك قەيسەر ئالىيلىرى، مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاترا مەخسۇسلىرىدىن بىرگىلەم ئەۋەتىپتۇ !» دەپ مەلۇم قىلدى. بۇ سوۋغاتقا قەيسەر بىردىنلا ھەيرانقالدى-يۇ، دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىۋاتقان دەقىقىدە، لاتاپىتى ئۇرغۇپ تۇرغان،نازۇ-كەرەشمىلىك جىلۋىسى يۈرەكلەرنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغان بىر ساھىبجامال ئوراغلىقگىلەمدىن چىقىپ قەيسەرنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ، ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىدىغانجىلۋىسى بىلەن قەيسەرگە سالام بەردى. جەڭ مەيدانلىرىدا تاۋلانغان بۇ رىم قەھرىمانىبۇ ساھىبجامالنىڭ ئۇزلۇقىدىن تەمتىرەپ قالدى. ئەمما دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ،پادشاھلارنى كۈتۈۋېلىش يوسۇنى بىلەن كلېئوپاترانى قارىشى ئالدى. گىلەمگە ئورىنىپ قەيسەرنىڭ بارگاھىغا كىرگەن بۇ ساھىبجامال دەل تېخىيېقىندىلا تەختىدىن مەھرۇم قالغان مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاترا VII ئىدى. ئۇنىڭ كېچىدە گىلەمگەئورىنىپ قەيسەرنىڭ بارگاھىغا كىرىشتەك قاپ يۈرەكلىكىكېيىنچە ئۇنى ياخشى ئىلتىپاتلارغا ئېرىشتۈردى. قازا قىلغان پادشاھنىڭ چوڭ قىزىبولغان كلېئوپاترا ئۈچ يىل بۇرۇن شاھ ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئىنىسى پتولىمېي(تولىمىېي) XIII بىلەن شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان ئىدى. خۇددى مەشرىقدانىشمەنلىرىنىڭ «ئون شەيىخ بىر كىگىزدە بىللە غىزالىنىدۇ، ئەمما ئىككى پادشاھ بىرئىقلىمغا سىغمايدۇ» دېگىنىدەك، ئىگىچى-ئىنى ئوتتۇرىسىدىكى تەختنى يېگانە ئىگىلەشزىددىيىتى ئۇلغىيىپ، پتولىمېي (تولىمىېي) XIII ئىگىچىسىنى (ئاچىسىنى) ئالېكساندىرىيەشەھىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن قىساس ئوتى كلېئوپاترانىڭ قەلبىدەيالقۇنجاپ ئارام بەرمىدى. ئۇ قەيسەرگە ئاشنا بولغاندىن كېيىن، قەيسەرنىڭ قۇدرىتىئارقىلىق تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئالدى. مىلادىدىنبۇرۇنقى 45-يىلى، كلېئوپاترا تەكلىپكە بىنائەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى رىمشەھىرىگە زىيارەتكە بېرىپ، ھاياتىدىكى ئەڭ شەرەپلىك مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولدى.44-يىلى قەيسەر قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ ئىلاجسىز مىسىرغا قايتىپكېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما كلېئوپاتراغا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چوقۇمقۇدرەتلىك ئارقا تىرەك بولمىسا بولمايدىغانلىقى ئايان ئىدى. كلېئوپاترا بىلەنئانتونىئۇس بۇ يەردە ئانتونىئۇس ھەققىدە قىسقىچە توختالمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.ئانتونىئۇس مىلادىدىن بۇرۇنقى 82-يىلى تۇغۇلۇپ 30-يىلى ئۆلگەن رىم باش قوماندانى،سىياسىيئونى، قەيسەرنىڭ سەركەردىسى. باشتىن-ئاخىر قەيسەرنىڭ جازا يۈرۈشلىرىدەقەيسەر بىلەن بىللە بولغان. 43-يىلى ئوكتاۋىئان، لېپىدلار بىلەن بىرلىشىپ كېيىنكىئۈچلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. قەيسەرنى ئۆلتۈرگەن برۇتۇس قاتارلىقلارنى مەغلۇبقىلغاندىن كېيىن، ئوكتاۋىئان بىلەن تىركىشىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى خوتۇنىئوكتاۋىيەنى (ئوكتاۋىئاننىڭ ئاچىسى) تاشلاپ كلېئوپاترانى ئەمرىگە ئالغان. بۇ چاغدائۇ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقتىكى بىر قىسىم زېمىنلىرىنى كلېئوپاترا بىلەن ئۇنىڭئوغلىغا ھەدىيە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئوكتاۋىئان بىلەن سىناتنىڭقارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 32-يىلى سىنات ئۇنى «ۋەتەن دۈشمىنى» دەپ جاكارلىغان. 30-يىل9-ئايدا، كلېئوپاترا بىلەن بىللە فلوتنى باشلاپ يۇناننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكىئاكسىئوم دېڭىز تۇمشۇقىدا ئوكتاۋىئان بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇب بولۇپ، مىسىرنىڭئالېكساندىرىيە شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆلۈۋالغان. ئانتونىئۇس،كلېئوپاترا ۋە ئوكتاۋىئان ھەققىدىكى بۇ تەپسىلات مۇنداق ھېكايەت قىللىنىدۇ : قەيسەر قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئانتونىئۇس رىمنىڭ ھەربىي، مەمۇرىيھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ئۇ شەرقتىكى مۇستەملىكە زېمىنلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشسەپىرىدە، كىچىك ئاسىيادىكى تارسوس شەھىرىگە كەلگەندە، ئايال پادشاھ كلېئوپاترابىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ مەخسۇسلىرىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ يېڭى ئېسىلزادىنىڭ كۆڭلىنىئۇتۇش ئۈچۈن كلېئوپاترا ئالاھىدە ياسىنىپ جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە، كلېئوپاترا رىمدىكى چېغىدا ئانتونىئۇس كلېئوپاتراغا قانات سۆرەپباققاندا، كلېئوپاترا ئاللىقاچان ئىندەككە كېلىپ بولغان ئىدى. بۇ چاغدا ئانتونىئۇسداۋاملىق شەرققە بېرىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ ئايال پادشاھنىڭ ساياھەت كېمىسى بىلەنئالېكساندىرىيە شەھىرىگە كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئانتونىئۇس مىسىر ئوردىسىداكلېئوپاترا بىلەن بەش يىل ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆتۈدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەزگىلدەئانتونىئۇس رىمغا بىر قېتىم قايتىپ، خەقلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈنئوكتاۋىئاننىڭ ئىگىچىسى ئوكتاۋىيە بىلەن توي قىلىدۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي باھانە تېپىپيەنە شەرق سەپىرىگە ئاتلىنىپ خوتۇنىنى تاشلاپ كلېئوپاترا بىلەن توي مۇراسىمىئۆتكۈزىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئوكتاۋىئان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئانتونىئۇسقا قارىشىئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا، ئانتونىئۇس ئۆزىنىڭ پىيادە قىسىملىرىغا شەھەردىنچىقىپ تېزلىكتە ئېگىزلىكنى ئىگىلەش بۇيرۇقى بېرىدۇ، شۇ چاغدا ئۇ ئۆز فلوتىنىڭئوكتاۋىئان بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى سېزىدۇ، ئەمما بۇ چاغدا ئويلىمىغانيەردىن مىسىرلىقلار ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئوكتاۋىئاننىڭ كېمە ئەترىتىنى قارىشىئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئانتونىئۇس ئۈمىدسىزلىنىپ :«تۈگەشتىم، تۇزكور مىسىرلىقلار مېنىتۈگەشتۈردى، كلېئوپاترامۇ دۈشمىنىمگە تەسلىم بولدى» دەپ پۇچىلىنىپ كېتىدۇ. ئۇزاقئۆتمەي ئانتونىئۇسنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرىمۇ ئوكتاۋىئانغا تەسلىم بولىدۇ. بۇنىڭبىلەن ئانتونىئۇس ئالېكساندىرىيە شەھىرىگە چېكىنىدۇ، ئۇ «كلېئوپاترا ماڭاساتقىنلىق قىلدى!» دېگىنىچە ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ مۇزدەك ۋالىلداپ تۇرغان شەمشىرىبىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. كلېئوپاترا بىلەن ئوكتاۋىئان بۇ يەردە ئوكتاۋىئان ھەققىدە قىسقىچە توختالمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.ئەسلى ئىسمى گايىئۇس ئوكتاۋىئان بولۇپ، رىم ئىمپېراتورلىقى تارىخىدا ئاۋگۇستوسنامىدا مەشھۇر. قەيسەرنىڭ سىڭلىسىنىڭ قىزىنىڭ ئوغلى، مۇنداقچە ئېيتقاندا،قەيسەرنىڭ نەۋرە جىيەنى، ئەمەلىيەتتە قەيسەرنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى.مىلادىدىن بۇرۇنقى 63-يىلى تۇغۇلۇپ مىلادى 14-يىلى ئۆلگەن. قەيسەر مىلادىدىن بۇرۇن44-يىلى قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىسمىنى گايىئۇس جۇلىئۇس كائېسارئوكتاۋىئانۇس، دەپ ئۆزگەرتكەن. قەيسەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دەسلەپتە ئانتونىئۇسبىلەن قارشىلاشقان، ئارقىدىن ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ، قەيسەر ئۈچۈن بىرلىكتە ئۆچئېلىش مەقسىتىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى ئانتونىئۇس، لېپىدىئۇسلار بىلەنبىرلىكتە ئۈچلەر ئىتتىپاقى قۇرغان. فىلىپپى جېڭىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 42-يىلى)برۇتۇس قاتارلىقلارنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن پومپېئىسنىمۇ مەغلۇب قىلىپ، تەدرىجىيھالدا لېپىدىئۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرغان (مىلادىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى)،ئىمپېرىيەنىڭ غەربىي يېرىمىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئىلكىگە ئېلىپ،ئىمپېراتورلىقىنىڭ شەرقىي يېرىمىنى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان ئانتونىئۇس بىلەنتىركەشكەن. ئۇ ئانتونىئۇسنىڭ مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاتراVII بىلەن تويقىلغانلىقى ھەمدە ئىمپېرىيەنىڭ شەرقتىكى مۇستەملىكە زېمىنلىرىنى كلېئوپاتراVIIۋە ئۇنىڭئوغلىغا ھەدىيە قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھىنىڭئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، سىناتلار بىلەن بىرلىشىپئانتونىئۇسقا جازا يۈرۈشى قوزغىغان. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاكسىئوم جېڭىدەغالىب كەلگەندىن كېيىن مىسىر پايتەختىگە كىرىپ پتولېمىي سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغان(30-يىلى). ئۇ رىمغا نۇسرەت قازىنىپ قايتىپ ئىچكىي ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن غالىبقائايلانغان. قەيسەرنىڭ ساۋىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ھاكىممۇتلەق، دەپ ئاتىمىغانبولسىمۇ ئەمما ئىمپېراتورلۇقنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى قوشۇمچە ئۆتەپ ( ئارخون،ترىبون دېگەن ئەمەل ناملىرىدىكى قوغدىغۇچى ئەمەلدارلىق ھوقۇقى، دىنىي داھىيلىقھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان) ھەقىقىي ھاكىممۇتلەققە ئايلىنىپ قالغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 27-يىلى سىنات ئۇنىڭغا «ئاۋگۇست» (لاتىنچە سۆز بولۇپ،«مۇقەددەس»، «ئەڭ ھۆرمەتلىك» مەنىلىرىدە) نامىنى بەرگەن. كېيىنكى تارىخلادا ئۇمۇشۇ نامدا ئاتالغان. شەكىل جەھەتتە ئۇ ئىمپېرىيەنى با مەسلىھەت بىلەنباشقۇرغاندەك قىلغان بىلەن بارلىق پەرمان چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى ئۆز چاڭگىلىغامەركەزلەشتۈرۈۋالغان. ئۇ سىنات ئەزالىرىنىڭ سانىنى 600 نەپەر قىلىپ بېكىتىپ،ئۆزىنى سىناتنىڭ باش ئەزاسى قىلىۋالغان، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسى «دۆلەت ئاتىسىسىياسىيسى» ياكى «پرىنتسېپاسۇس تۈزۈمى» دەپ ئاتىلىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشىبولۇپ قالغان. سىنات ئەزاسىنىڭ 1 مىليون سېستېرتىئۇسلۇق (رىمنىڭ شۇ چاغدىكى پۇلى)مال-مۈلكى بولۇشى، رېتسارنىڭ 400 مىڭ سېستېرتىئۇسلۇق مال-مۈلكى بولۇشىنى، ھەربىيۋە مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ شۇلار ئىچىدىن تاللىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، مۇستەملىكىسىنى كېڭەيتكەن. ھىماتچى قوشۇن قۇرۇپ،ئىمپېرىيەنىڭ يۈرىكى بولغان رىم شەھىرى ۋە ئىتالىيەدە تۇرغۇزغان. تەدرىجىييىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن قۇللۇق تۈزۈمنى قايتا تەكىتلەپ، قۇللارنىڭ قارشىلىقىنىقاتتىق باستۇرۇپ،قۇللارنى ئازاد قىلىشنى چەكلەپ،قۇلدارلارنىڭمەنپەئەت-ئىمتىيازلىرىنى قوغدىغان. كېڭەيمىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ،پۈتكۈل ئىسپانىيەنى مۇنقەرز قىلىپ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشنى تاماملىغان.شىمالدا دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغىچە كېڭەيگەن، يېڭىدىن نۇرغۇنئۆلكىلەرنى تەسىس قىلغان.مىلادى 9-يىلى گېرمان يەرلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ،تېئوتوبۇرگېر ئورمانلىقىدىكى جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. شەھەر قۇرۇلۇشىغا بەكئەھمىيەت بېرىپ، رىم شەھىرىنى رەتلەپ گۈللەندۈرگەن؛ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىنىرىغبەتلەندۈرۈپ، مۇكاپاتلاپ تۇرغان، ئەدىب-شائىرلارنى توپلاپ، «ئىمپېرىيەتىنچلىقى» ۋە «ئىمپېراتورنىڭ تۆھپىسى» مەدھىيە ئوقۇتقان؛ ئۇ تەختتىكى چاغ «رىمئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-يىلى ئۇ«ئىمپېرىيە ئاتىسى» دەپ ئاتىلىپ تېخىمۇ ھۆرمەتلىنىشكە باشلاپ، «بۇ دۇنيادىكى خۇدا»سۈپىتىدە چوقۇنۇلغان. مىلادى 14-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى جەنۇبىي ئىتالىيىدىكىنولادا ئۆلگەن. «ئاۋگۇست» كېيىنكى چاغلاردا رىم ئىمپېراتورلىرى ۋە غەرب پادشاھلىرىئادەتلەنگەن پەخرىي نامغا ئايلانغان.
ئەسلىي گېپىمىزگە كەلسەك،ئوكتاۋىئاندەك مۇشۇنداق بىر ئىمپېراتورغا دۇچ كەلگەن كلېئوپاتراVII ئاكسىئوم جېڭىدە ئامان قېلىپ مىسىرغا قايتقاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ ھالاكەتلىك كۈنلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى پەملەپ، تۈرلۈك زەھەرلىك دورىلارنىئىزدەپ، ئازابلانماي ئۆلۈش ئۇسۇلىنى تاللاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇمقىلىنغان مەھبۇسلاردا زەھەرلىك دورىلارنى سىناق قىلغان، بۇ سىناقلىرىدا ئۇئكلگۈچىنىڭ بەك ئازابلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، پەقەت زەھەرلىك يىلانغاچاقتۇرۇلغانلارنىڭلار ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ئازابلىق ئىڭراشلاردىن خالىي بولۇپ تىنچئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان. دەل مۇشۇ چاغدا كلېئوپاترا VII ئوكتاۋىئان ھوزۇرىغا ئەلچىئەۋەتىپ، ئانتونىئۇسنى ئۆلتۈرمەسلىكنى ھەم ئۆز پەرزەنتىنىڭ مىسىر تەختىگە ۋارسلىققىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ ئۆتۈنگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىگە ئوكتاۋىئان ۋەدەبەرمىگەن ھەم كلېئوپاترا VIIنىڭ مەنپەئەتىگە كېپىللىك قىلىشنى ئانتونىئۇسنى ئۆزقولى بىلەن ئۆلتۈرۈش شەرتىگە باغلىۋالغان. كلېئوپاتراVII قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، مەھرەملىرىگە ئۆزى ئۈچۈنناھايىتى ھەشەمەتلىك مەقبەرە ياساتقان ھەم ساناقسىز ئالتۇن-جاۋاھىراتلارنى مەقبەرەئىچىگە يوشۇرغۇزغان. ئوكتاۋىئانمۇ ئەمەلىيەتتە كلېئوپاتراVII نىڭ ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىدىغان گۈزەلھۆسىن-لاتاپىتىگە ۋە تەڭداشسىز بايلىقىغا مەھلىيا ئىدى، شۇڭا ئۇ قاتتىق ئالدىنىئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، كلېئوپاترا VII نىڭھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى پىلانلاۋاتقان چاغدا، ئايال پادشاھ كلېئوپاتراVII بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش نىيىتىدىن تەلتۆكۈس ۋاز كەچكەنئىدى. كلېئوپاتراVII ئانتونىئۇس ئۈچۈن ناھايىتى داغدۇغىلىق دۆلەت دەپنەمۇراسىمى ئۆتكۈزدى. دەپن مۇراسىمىدىن كېيىن كلېئوپاتراVII ساقسىز بولۇپ قېلىپ، ئاچلىق ئېلان قىلىپ، تىنچلاھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ بۇ خىيالى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۇئۆزىنىڭ جەڭ ئولجىسى سۈپىتىدە رىم شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، رىملىقلارنىڭ كوچىلارغاچىقىپ ئۆتكۈزىدىغان نامايىشىدا سازايى قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا،ئوكتاۋىئاندىن ئانتونىئۇسنىڭ نەزىرىنى بېرىۋېلىشنى ئۆتۈندى ھەمدە ۋەسىيەت يېزىپقالدۇردى. ئۇ يۇيۇنۇپ-تارىنىپ بولغاندىن كېيىن بىر ۋاقلىق ناھايىتى مول كەچلىكزىياپەت تەييارلىتىپ تويۇنغاندىن كېيىن، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ ئالتۇن كارىۋىتىداجىممىدە ياتتى، ئۇ شۇ ياتقىنىچە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى، ئۇنىڭ كېنىزىكى ئىراسمۇئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۇ دۇنياغا كەتتى. ئوكتاۋىئان ئايال پادشاھنىڭ مەقبەرىسىگەبارغان چاغدا، ئايال پادشاھنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى كۆردى. ۋەسىيەتنامىدە كلېئوپاتراVII ئوكتاۋىئاندىن ئۆزىنىڭ جەسىتىنى ئانتونىئۇس بىلەن بىرقەبرىدىكى ھۇجرىغا قويۇشنى ئۆتۈنگەن ئىدى. ۋەسىيەتنامىدىكى بۇ ئۆتۈنۈشلەر شۇنچىلىكتەسىرلىك يېزىلغان ئىدى. كلېئوپاترا VIIئۆلۈمىنىڭ سىرى كلېئوپاتراVII ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. شۇ دەۋر دۇنياسىدىكى تەڭداشسىزگۈزەلنىڭ ئۆلۈمى كېيىنكىلەرنىڭ تالاي پاراڭلىرىغا تۇترۇق بولۇپ بېرىپلا قالماستىنبەلكى كېيىنكى تارىخچىلارغا يېشىلمىگەن سىرلارنى قالدۇردى. ئايال پادشاھ قايسى ئۇسۇلدا ئۆزىنىئۆلتۈرۈۋالدى؟ بۇنىڭغا قىزىققۇچى تارىخشۇناسلار، تازغۇچىلارتالاي ئەسىرلەرمابەينىدە ناھايىتى نۇرغۇن تەپسىلىي تەتقىقاتلارنى ئىجرا قىلدى. بەزىلەر كلېئوپاترا ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن بىردېھقاننى مەي باغلاپ پىشقان بىر سېۋەت ئەنجۈر ئارىسىغا كىچىككىنە بىر زەھەرلىكيىلان يوشۇرۇپ ئالدىن تەييارلىتىۋالغان ھەشەمەتلىك مەقبەرىدىكى ھۇجرىسىغا ئېلىپكىرىشنى بۇيرۇغان، كلېئوپاترا ئاشۇ زەھەرلىك يىلانغا بېلىكىنى چاقتۇرغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىنچ ئۇيقۇغا كېتىپ جان ئۈزگەن، دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ئايالپادشاھ خېلى بۇرۇنلا ھۇجرىسىدىكى گۈل لوڭقىسىدا بىر زەھەرلىك يىلان باققان، دەل شۇيىلانغا بېلىكىنى چاقتۇرغان، دېيىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئايال پادشاھنى ئۆلتۈرگىنىزەھەرلىك يىلان بولماستىن بەلكى ئىچى كاۋاك مىقنى بېشىغا مىقلىتىپ ئۆلۈۋالغان،دېگۈچىلەرمۇ بار، ئەمما يۇقىرىقى قاراشلارغا نۇرغۇن ئالىملار قوشۇلمايدۇ، چۈنكى ئارخېئولوگلار بايقىغانئايال پادشاھ جەسىتىنىڭ تېنىدە ھېچقانداق جاراھەت ئىزى ۋە مەقبەرىدە يىلانبايقالمىغان. ئەمما بۇنداق قارشتىكىلەرگە قارىشى چىقىدىغانلار ئارخېئولوگىيىلىكبايقاشتىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، مەقبەرىنىڭ دېڭىزغا قارىتىپ ئېچىپ قويۇلغاندېرىزىسىدىن زەھەرلىك يىلان چىقىپ كەتكەن، دېگەن قىياسنى ئاساس قىلىدۇ. يەنە،ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىكى ئايال پادشاھنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل دوختۇرجەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «ئايال پادشاھ قەسىتىنىڭ بېلىكىنىڭ ئىككى يېرىدە كۆزگەئانچە چېلىقمايدىغان تارتۇق بار» دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايال پادشاھنىزەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىپ ئۆلگەن، دېگەن قاراشقا ئوكتاۋىئاننىڭمۇ ئىشەنگەنلىكىھەققىدىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى تارىخشۇناسلار تېپىشقان، بۇ يەردە تارىخشۇناسلارئوكتاۋىئاننىڭ نۇسرەت مۇراسىمىدا، بىر يىلان بىلىكىگە چىرمىشىۋالغان كلېئوپاترانىڭ ئويما ھەيكىلى مۇراسىمسۇپىسىغا قويۇلغانلىقى توغرىلىق تارىخىي خاتىرىلەرنى ئىسپات قىلىشىدۇ. ئومۇمەن، تارىخچىلار ھازىرغىچە كلېئوپاترانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈكدەتالاشلارنى قىلىشىدۇ، دەتالاش تېخىچە داۋاملاشماقتا. بۇ سىرنى ئۈچۈن مۇشۇكۈنلەردىمۇ تالاي ئارخېئولوگلار، تارىخچىلار تەتقىقاتىنى داۋام ئەتمەكتە. كلېئوپاترا VIIنىڭ گۈزەل رۇخسارى ھەققىدىكى دەتالاش ھوللىيۋود فىلىملىرىدە، نۇرغۇن غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە،تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئايال پادشاھ كلېئوپاترا VIIتەڭداشسىز ساھىبجامال، شۇ زاماندىكى دۇنيا گۈزىلى، ئېسىلزادىلەر لەتاپىتىنىڭنەمۇنىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كېلىنىۋاتقىنىغا 2000 يىل بولاي دېدى. ئەممائەنگلىيە دۆلەتلىك مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئايال پادشاھ كلېئوپاتراVII نىڭ ھەيكىلى ناھايىتى ئادەتتىكى بىر ئايالنىڭ چىرايىقىلىپ ئويۇلغان. دېمەك، ئايال پادشاھ كلېئوپاتراVII نىڭ رۇخسارى زادى قانچىلىك دەرىجىدە گۈزەل؟ مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسردە، مىسىرئايال پادشاھى كلېئوپاترا VII ئۆزۋەتىنىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇنىڭ لەتىپىگە ئايلىنىپ كەتكەن ھاياتى ھەتتاھوللىيۋود فىلىملىرىگە تېما بولۇپ بەرگەن. ھوللىيۋودنىڭ «مىسىرنىڭ ساھىبجامالئايال پادشاھى» دېگەن فىلىملىرىدە، ئېلزابېت تايلور، سوفىيا روللاندتەك مەشھۇرگۈزەل ئارتىستلار كلېئوپاترا نىڭ رولىنى ئېلىپ كەلدى. فىلىمدىكىمىسىر ئايال پادشاھى ھەقىقەتەنمۇ مىسلىسىزگۈزەل ئىدى. بۇ گۈزەل ئايال پادشاھ پاجىئەلىك ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن بۇرۇندۇنيانى بويسۇندۇرغان ئەرلەرنى ئېتىكى ئالدىدا تىزلاندۇرغان، بولۇپمۇ ئىمپېراتورقەيسەر بىلەن ئانتونىئۇس ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە تىز پۈككەن. ئەپسۇس، بەزى كىشىلەرفىلىمدە مىسلىسىز گۈزەل تەسۋىرلەنگەن بۇ دۇنيا گۈزىلىنى ئەمەلىيەتتە ناھايىتىقوپال، كۆرۈمسىز، بويى 1 مېتىر 50 سانتىمېتىرغىمۇ توشمايدىغان، بەدىنىدىكى ھارامگۆشلىرى بۆرتۈپ-بۆرتۈپ چىققان، پەردازلىنىشنى بىلمەيدىغان، بوينىدا سويمىچىلىككېلىدىغان پوقىقى بار، چىشلىرى ئېگىز-پەس ھەم شالاڭ بىر شاكات ئىدى، دېيىشمەكتە. ئەنگلىيە دۆلەت مۇزېيى تۇنجى قېتىم ئايال پادشاھ كلېئوپاترا VII بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلغاندا، ئۇنىڭ 11 ھەيكىلىنى كۆرگەزمىگەقويغان. بۇ ھەيكەللەرنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە، تېرىسى مۇدۇر-چوقۇر قىلىپ ئادەتتىكىبىر دېھقان ئايالنىڭ چېھرىدەك ناھايىتى قوپال ياسالغان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە مەسئۇل بولغان ئەنگلىيەلىك خادىم بۇ ھەقتەتوختالغاندا «توقۇلغان ھېكايىنىڭ دېتاللىرى ھامان ئويدۇرۇلغان بولىدۇ»، دەيدۇ. مۇزېي كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن قارىغاندا، كلېئوپاترا قانداقتۇ ئادەمنىۋەسۋەسىگە سالىدىغان جەزبىدار گۈزەل ئەمەس، بىر قاارىماققا ئايال ئالىمغائوخشايدۇ. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كلېئوپاترانىڭ ئانا تىلى گرېك تىلىبولۇپ، ئۇ يەنە لاتىن، ئىبراي، ئارامى ۋە مىسىر تىللىرىنىمۇ بىلىدىكەن. مىسىر ئايال پادشاھىنىڭ چىرايى ناھايىتى سەت ئىدى، دېگەن قاراشنىڭساھىبلىرى «كلېئوپاترا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدىكىلەتىپە-ھېكايىلەر تارقىلىشقا باشلىغان. ئەمما ھەقىقىي كلېئوپاترانى ئۆزى بولساپاكار، سېمىز، توڭكاي چىش، قۇشبۇرۇن ئايال ئىدى» دېيىشىدۇ. ئەمما بۇ قاراشقائادەتتىكى ئادەملەرمۇ ھېچ ئويلانمايلا «ناۋادا كلېئوپاترا شۇنداق سەت ئايال بولسا،زامانىسىنىڭ جاھاننى لەرزىگە سالغان ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى ئىمپېراتورىنى ئىشقبابىدا ئېتىكى ئاستىغا تىزلاندۇرالىغان؟» دېگەن سوئالنى قويماي تۇرالمايدۇ.ئەنگلىيىلەلىكلەرنىڭ بۇ قارىشىنى مىسىرلىقلار قەتئىي رەت قىلماقتا ھەم ئۇلارئۆزلىرىنىڭ بۇ گۈزەل ئايال ئىلاھىنى قوغداش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. مىسىرلىقلار«ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كلېئوپاترانى قەستەن چۆكۈرۈۋاتىدۇ» دەپ قاراپئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قارىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. مىسىرلىقلار بۇ ئىشنىھەتتا نەچچە يىللار بۇرۇنقى ئەنگلىيە خانىشى دەيئاننانىڭ مىسىرلىق يىگىت بىلەنبولغان مۇھەببەت ھېكايىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، دەيئاننا بىلەن مىسىرلىق يىگىتنىئەنگلىيەلىكلەر قەستلەپ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، چۈنكى ئۇلارئەنگلىيەلىك بۇ گۈزەلنىڭ بىر مىسىرلىققا ئاشىقى بىقارار بولۇپ قېلىشىغاچىدىيالمايدۇ، دېيىشىدۇ. مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى برۇنى فەيزۇللاھ «كلېئوپاترانىڭھۆسن-جەمالىنىڭ گۈزەللىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ لەتاپەت جەزبىسى بەرق ئۇرۇپتۇرىدىغان ئەۋرىشىم تەنلىرى، گۈزەل چېھرى قەدىمدىن ھازىرغا قادەر ھېچقانداق بىر ئايالپادشاھتا بولۇپ باقمىغان... » دەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ قارىشى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئېچىشقانيېرىگە تەگمەي قالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئايال پادشاھى جاھانئەھلىگە مەلۇملۇق. مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دوكتورزەكى ھەۋۋاس مۇنداق دەيدۇ «ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ جۆيلۈشلىرى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنىقىستايدۇ، ئۇلار مىسىرغا كېلىپ رۇكسو ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشى كېرەك،بۇ ئىبادەتخانىدا زامانىسىدىكى مىسىر ۋە چەت ئەل سەنئەتكارلىرىنىڭ كلېئوپاترانىپروتوتىپ قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن قاپارتما نەقش ئەسەرلىرى ناھايىتى مۇكەممەلساقلانماقتا. ناۋادا كلېئوپاترا ئەنگلىيەلىكلەر ئېيتقاندەك كۆرۈمسىز بولىدىغانبولسا، ئۇنداقتا ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئەگىپ يۈرگەن گۈزەل قىزلار ساماندەك يۈرگەنرىم ئالەمگىرلىرى ھېچنېمىگە قارىماي ئىشق بابىدا مىسىر ئايال پادشاھىنىڭ ئېتىكىگەتىزلانمىغان بولاتتى» دەيدۇ. مىسىر ئايال پادشاھى كلېئوپاترانىڭ مىسلىسىز دۇنيا گۈزىلى، دېگەن قاراشتاچىڭ تۇرغۇچىلاردىن باشقا يەنە بەزى مىسىر ئالىملىرى كلېئوپاترانىڭ ئەقىل-پاراسىتىئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىدىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى، دېيىشىدۇ. مىسىر خالۋان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭپروفېسسورى جىھاد زەكى ئەپەندى «كلېئوپاترانى رىم ئىمپېراتورلىرى بىلەن بولغانسۆيگۈ ۋەسۋەسىسىدەك گۈزەل دېگىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى كامالەتكەيەتكەن ئىدى، ئۇ ساھىبجامال ھىيلىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىقرىم ئىمپېراتورلىرىغا تاقابىل تۇرغان» دەيدۇ. مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى يۇنان-رىم مۇزېيىنىڭ باشلىقى دوكتورئەھمەد ئەپەندى «كلېئوپاترا 17 يېشىدىلا ئاتىسىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىئۆتكۈزۈۋالغان، ئۇنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلالىشى ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسەتكە تولغانئىقتىدارى ۋە بىلىم بىلەن تولغان مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن بولغان،ئۇنىڭ زامانىسىنىڭ ئالەمگىرلىرى ـــ رىم ئىمپېراتورلىرى بىلەن بىللە ئۆتەلىشىدىكىقورال دەل ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، جەزبىدار لەتاپىتى ۋە مىسلىسىز گۈزەللىكىدۇر»دەيدۇ. مىسىرلىقلار «يەكشەنبىلىك تايمىس» گېزىتىنىڭ بىمەنە خەۋەرلىرىگە قەتئىيقارىشى تۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭغا مىسىرلىقلارلا ئەمەس، ھەتتا كلېئوپاترا تاش ھەيكىلىكۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن ئەنگلىيە تەرەپنىڭ مەسئۇلى سۇزان ۋوركلا خانىممۇ«كلېئوپاترانىڭ گۈزەل ھۆسنىگە قىل سىغمايدۇ ھەم بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ،‹يەكشەنبىلىك تايمىس› گېزىتىنىڭ مۇكەممەل بولمىغان كلېئوپاترانىڭ تاش ھەيكىلىنىكومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلغان ئەسىرى ساختىلقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇلارنىڭبۇنداق قىلىشى گېزىت تىراژىنى كۆپەيتىشتۇر» دەيدۇ. كلېئوپاترانى مىسىرلىقلارلاقەدىرلەپ قالماستىن بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىمۇ ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. فرانسىيەپەيلاسوپى پاسكال ئۆزىنىڭ «ئىدىيە بىشارەتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە «ناۋاداكلېئوپاترانىڭ بۇرنى سەل قىسقىراق بولغان بولسا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىپكەتكەن بولار ئىدى» دەپ يازىدۇ. ھېنرىخ ھېينى بىلەن شېكىسپىرمۇ كلېئوپاترا ھەققىدەنادىر داستان ۋە درامىلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ۋەھالەنكى، ئامېرىكانىڭ مەشھۇر كىنوچولپىنى ئېلزابىت تايلور فىلىمدە پۈتكۈل ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ بۇ گۈزەل ئايالپادشاھنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. «جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئايال» دېگەن بىر كىتابتا كلېئوپاترا «ئۇنىڭجەزبىلىك ئەۋرىشىم تېنى ياشلىقنىڭ ئوخچۇغان بۇلاقلىرىنى نامايىش قىلسا،ئاھۇنىڭكىدەك قارا كۆزلىرى جاننى ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇن بۇرنى ئۇنى ئېسىلزادىلەرنىڭئېسىلى قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرسا، قۇندۇزدەك قارا ساچلىرى قاش تېشىدەك يۇمران تېنىگەھەسىلەپ لەتاپەت ئاتا قىلىدۇ، گىلاستەك لەۋلىرى ۋە دۇنيانى ئىككىگە بۆلۈۋېتىدىغانتەبەسسۇمىغا دۇنيانىڭ سىرى يوشۇرۇنغان. ئۇنىڭدا مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ تەڭداشسىزگۈزەللىكى ئۆز ئەكسىنى مۇجەسسەملىگەن» دەپ تونۇشتۇرۇلغان. كلېئوپاترانىڭ رۇخسارى ھەققىدىكى يۇقىرىقىدەك دەتالاشلارنىڭ ئاساسى يوق، دېەىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇدەتالاشلاردا تەرەپلەرنىڭ خۇسۇسىي ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، چۈنكى 2000 يىللاربۇرۇنقى كلېئوپاترانىڭ رۇخسارىنىڭ زادى قانداقلىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس، بۇمەڭگۈلۈك بىر سىر بولۇپ قالىۋېرىدۇ، خالاس.
|