مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

روماندىكى بىشارەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819


روماندىكىبىشارەت

   ت.ئا.ئەركمان

« تىتانىك» ناملىق پاراخود دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك تەقدىر ھەققىدىكى ھېكايە سانسىزلىغانكىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سسېلىپ، بۇ ھەقتىكى دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنھوللىيۋود فىلىمى تېخىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ئەمما بۇپاجىئە ئەنگلىيە يازغۇچىسى مورگان روبسوننىڭ بىشارىتىمۇ ياكى بىر تەساددىپىيلىقمۇ؟
       «تىتان» نامىلىقدەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك پاراخود
   ھوللىيۋود دەرىجىدىنتاشقىرى ھەشەمەتلىك پاراخود «تىتانىك» نىڭ چۆكۈپ كېتىش پاجىئەسىنى ئاپەتخاراكتېرلىك مۇھەببەت  فىلىمى قىلىپ ئىشلەپدۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان ئىدى. بۇ پاجىئە ھەققىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقىمەزگىلىدە، يەنى پاجىئە يۈز بېرىشتىن 14 يىل بۇرۇن شۇنداق بىر پاجىئەنىڭ يۈزبېرىشىدىن بىشارەت بېرىلگەن ئىدى.
ئەنگلىيە يازغۇچىسى مورگان روبسون 1898-يىلى نەشر قىلىنغان« بىھۇدە ئاۋارىچىلىق » ناملىق رومانىدا كىشىلەرتەرىپىدىن« مەڭگۈ چۆكمەس پاراخود » دەپ تەرپلەنگەن ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھەم غايەتچوڭ بىر پاراخودنى تەسۋىرلىگەن. روماندىكى «تىتان» ناملىق بۇ پاراخود تۇنجى قېتىمئەنگلىيىدە دېڭىزغا چۈشۈرۈلۈپ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قارىشى قىرغىقىدىكى ئامېرىكىغايولغا چىققان. روماندا بۇ پاراخود ئىنسانىيەتنىڭ دېڭىز قاتنىشى تارىخىدىكى ئەڭچوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك پاراخود قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، پاراخود ئەينى چاغدىكىپەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە دۇنيادا بارلىكى بارلىق ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بىلەنبېزەلگەن، روماندا بۇ پاراخودنىڭ يولۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يۇقىرى تەبەقەئاقسوڭەكلىرى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئوكيان سەپىرىدە پاراخودتىكىھەشەمەتلەردىن بەھر-ھوزۇر ئېلىپ ماڭغان. ھالبۇكى بۇ پاراخود ئۆزىنىڭ تۇنجىقاتنىشىدا مۇزتاغقا دۇچ كېلىپ پاجىئەلىك ھالدا چۆكۈپ كەتكەن، نۇرغۇن يولۇچى بۇپاجىئەدە ئۆلگەن.
  رېئاللىققا ئايلانغان بىشارەت
  روماندىكى بۇ پاجىئەنىڭ 14 يىلدىن كېيىن رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن. 1912-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدە، شۇ چاغدىكى دۇنيابويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك سانالغان «تىتانىك» ناملىق پاراخود شىمالىيئاتلانتىك ئوكياندا مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتتى.
  پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن بەزىلەر مورگان روبسوننىڭ 14 يىل بۇرۇن نەشرقىلىنغان رومانىنى ئەسكە ئېلىشتى. ئۇلار روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ھەيرانقېلىشتى. رېئاللىقتىكى «تىتانىك» بىلەن روماندىكى «تىتان» نام جەھەتتىن ئازراقلاپەرق قىلغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولۇپ چىقتى: ھەرئىككى پاراخود تۇنجى قېتىم دېڭىزغا چۈشۈرۈلگەندە چۆكۈپ كەتكەن، سەۋەبى ئوخشاشلامۇز تاغقا سوقۇلغان، چۆكۈپ كەتكەن ئورۇن ئوخشاشلا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانبولغان. ھەر ئىككى پاراخود ئوخشاشلا 4-ئاينىڭ بېشىدا دېڭىزغا سېلىنغان، سەپەرلىنىيىسى ئوخشاشلا ئەنگلىيە-ئامېرىكا بولغان. روماندىكى «تىتان» دا يولۇچى 3000ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، رېئاللىقتىكى «تىتانىك» تىكى يولۇچىمۇ نەچچىلا ئادەمكەم 3000 ئىدى. «تىتان» نىڭ تەسەۋۋۇردىكى ئېغىرلىقى 70 مىڭ توننا بولغان بولسا، «تىتانىك»ناملىق پاراخودنىڭ ئەمەلىي ئېغىرلىقى 66 مىڭ توننا ئىدى. «تىتان» نىڭ ئۇزۇنلۇقى244 مېتىر قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولسا، «تىتانىك» ناملىق پاراخودنىڭ ئۇزۇنلۇقى 244مېتىردىن نەچچە 10 سانتىمېتىر ئۇزۇن بولغان. ھەر ئىككى پاراخودنىڭ رولى ئۈچبولغان، مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كەتكەن چاغدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 11 مىڭ 500 مېتىربولغان. يەنە بىر ئوخشاشلىق شۇ بولغانكى، ھەر ئىككى پاراخودتىكى ئۆلۈم-يېتىمنىڭئېغىر بولۇش سەۋەبى پاراخودتىكى قۇتقۇزۇش قولۋاقلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى بولغان.

  كىشىلەر «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە «تىتانىك» ناملىق پاراخود چۆكۈپ كېتىشھەققىدىكى خەۋەر بېسىلغاندىن كېيىن، مورگان روبسوننىڭ رومانىدىكى ۋەقەلىكلەرنىئەسلەشكەن ۋە يۇقىرىقى ئوخشاشلىقلارنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا، روماندا تەسۋىرلەنگەنبارلىق تەپسىلاتلارنىڭمۇ رېئاللىقتىكى پاراخودتتا يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاشقان. دېمەك،روماندىكى ھېكايىنى 14 يىل كېيىن يۈز بەرگەن «تىتانىك» ناملىق پاراخودنىڭ چۆكۈپكېتىش ۋەقەسىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى، دېيىشكە بولىدۇ. ئەجەبا بۇ بىر تەسادىپىيلىقمىدۇ؟ بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.



مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.057561 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش