مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 307|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پىرئەۋىن تۇتانكامون ئۆلۈمىنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
پىرئەۋىنتۇتانكامون ئۆلۈمىنىڭ سىرى
تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان
   قەدىمقى مىسىر يېڭى پادشاھلىقى18-سۇلالىسىنىڭ پىرئەۋىنى تۇتانكامون ھېچقانداق بىر چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقاچىقىرالمىغان پادشاھ بولۇپ، 9 يېشىدا تەختكە چىققان، 18 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇنىڭ قەبرىسىنى تاپقان ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ كارتېر ئۇنىڭ قەبرىسىدىن ناھايىتىنەپىس ياسالغان ئالتۇن تاۋۇت، ئالتۇن خەنجەر ۋە ئالتۇن نىقابىنى قېزىۋالغان ھەمدە: « بۇ پىرئەۋىننىڭ ئەڭ زور قىممىتى شۇكى، ئۇ ئۆلگەن ھامان دەپىن قىلىۋېتىلگەن »دەيدۇ. تۇتانكاموننىڭ قەبرە يادنامىسىغا « كىمدە-كىم پىرئەۋىننىڭ ئارامىغا دەخلىقىلسا ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ئۆلۈمدۇر » دېگەن خەت ئويۇلغان. تالاي يىللاردىنبېرى كىنو فىلىملىرى ۋە رومانلاردا قەبرە يادنامىسىغا ئويۇلغان بۇ سۆز « پىرئەۋىننىڭ ئەپسۇنى » دەپ تەرغىب قىلىنىپ زىيادە سىرلىقلاشتۇرۇۋېتىلىپ. قەبرەئوغرىلىرى، ئارخېئولوگلار ۋە سەيياھلارنى ساراسىمىگە سېلىپ كەلدى. يېقىنقىيىللاردىن بۇيان، مىسىر ئارخېئولوگلىرى بۇ « ئەپسۇن » غا قاپيۈرەكلىك بىلەن جەڭئېلان قىلىپ، زامانىۋىي تېخنىكا ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ پىرئەۋىننىڭ جەسىدىنىئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، 3300 يىل بۇرۇنقى پىر ئەۋىن تۇتانكامون ئۆلۈمىنىڭ سىرىنىيەشتى.
تۇتانكامونقەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن
مىلادىدىنبۇرۇنقى 1336-يىلىدىن 1327-يىلىغىچە مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۇتانكامونقەدىمقى مىسىرنىڭ 18-پىرئەۋىنى. گەرچە مىسىر تارىخىدا بۇ پىرئەۋىننىڭ تىلغائالغىدەك ھېچقانداق بىرەر تۆھپىسى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇ ئەڭ داڭلىق پىرئەۋىنسانالماقتا. 1922-يىلى ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ خوۋارد كارت بىلەن گراف كارل ناۋونتۇتانكاموننىڭ قەبرىسىنى تاپقان. قەبرە يادنامىسىدىكى ئادەمنى قورقىتىدىغان ئاشۇ «ئەپسۇن»ۋە قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇن تاۋۇت، ئالتۇن خەنجەر ۋە ئالتۇن نىقاب قاتارلىقدەپنە بۇيۇملىرى كىشىلەرنى جەلب قىلغاندىن باشقا ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن بۇپىرئەۋىننىڭ ھايات سىرىمۇ كىشىلەرنى بەكرەك قىزىقتۇردى. 18 ياشلىق تۇتانكاموننىڭتۇيۇقسىز ئۆلۈمى، ناھايىتى تېزلا دەپىن قىلىۋېتىلىشى، ئارقا مېڭە قىسىمىنىڭزەخمىلىنىشى ... كىشىلەرنى قىزىقتۇرماي قالمايدۇ. ئەجەبا تۇتانكامون قەستلەپئۆلتۈرۈلگەنمىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھازىرقى زاماندىكى ئىزدەنگۈچىلەر تارىخنىڭ تۇمانپەردىلىرىنى قايرىۋېتىپ قەدىمقى مىسىرنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئۇرۇنماقتا.
ھازىرغىچەساقلىنىپ كەلگەن پارچە-پۇرات يازما خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇتانكاموننىڭئاتىسى ئاكېناتون قەدىمقى مىسىرنىڭ داڭلىق «دەھرىي» پىرئەۋىنى بولۇپ، زورئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كۆپ ئىلاھلىق مىسىرلىقلارنى بىر ئىلاھلىقئېتىقادقا يېتەكلىگەن، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى شۇ چاغدىكى كۆپ سانلىق مىسىرلىقلارنىڭقارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئوغلى تۇتانكامون بەلكىم مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن قەستكەئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. تۇتانكاموننىڭ قەبرىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ قەبرىسىھەم تار ھەم كىچىك بولۇپ، ناھايىتى ئالدىراشچىلىقتا دەپنە قىلىۋېتىلگەندەك قىلىدۇ.قەبرىنىڭ ياسىلىشىدىن قارىغاندىمۇ بۇ مەخسۇس ئاقسۆڭەكلەر ئۈچۈن قېزىلغان يەرلىكئەمەس، بېزىلىشىمۇ ناھايىتى ئاددىي، قەبرە تېمىدىكى تام رەسىملىرى سىزىلىپبولۇنمىغان ھەم بوياقلار قالايمىقان چېچىۋېتىلگەن، بۇنى ھەتتا پاكىزرەك سۈرتۈپمۇئاتمىغان، تۇتانكاموننىڭ دەپنە بۇيۇملىرىمۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك بۇيۇملىرى ئەمەس، چۈنكىئارخېئولوگلار بۇ بۇيۇملاردىن باشقا ئادەملەرنىڭ ئويۇلغان ئىسمىنى بايقىدى،تۇتانكاموننىڭ نامۇ-شەرىپى بولسا باشقىلارنىڭ ئىسمى ئۆچۈرۈۋېتىلىپ ئاندىنئويۇلغان، تۇتانكلاموننىڭ موميالانغان جەسىدى باشقا پىرئەۋىنلەرنىڭكىگە ئوخشاشخۇشپۇراق بۇيۇملار بىلەن چىرىشتىن ساقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاتۇرۇلغان بولماستىنبەلكى خۇش پۇراق بۇيۇملار ۋە چىرىشتىن ساقلاش بۇيۇملىرى موميانىڭ ئۈستىگىلاتۆكۈۋېتىلگەن.
ئەنگلىيەلۋېرپول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 1968-يىلى موميانى X نۇرىدا تەكشۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىقئۆلگۈچىنىڭ مېڭە سۆڭىكىدە يۆتكەلگەن ئىز بارلىقى بايقالغان، ئارقا مېڭىسىدە قانئۇيۇتمىسى بارلىقى بايقالغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى دوكتور خاررىسون : «بۇلارنىڭھەممىسى بىنورمال جەسەت ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى، تۇتانكامون ھايات چېغىدا ئۇنىڭمېڭىسى قاتتىق زەربىدىن زەخملەنگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ زەربە تۇتانكاموننىڭجېنىنى ئالغان، يەنى تۇتانكامون قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن» دەيدۇ. بۇ ھەقتىكى يىپ ئۇچىتەدرىجىي روشەنلەشكەندە، بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىدىكى تۈرلۈك گۇمانلىق نۇقتىلار خۇددىئەرۋاھتەك لەيلەشكە باشلىغان.
تۇتانكاموننىئۆلتۈرگەن قاتىل
تۇتانكاموننىئۆلتۈرگەن قاتىل زادى كىم؟ تۇتانكاموننىڭ ئۆمرى نېمىشقا شۇنچە قىسقا؟ بۇ سىياسىيقاتىللىق تارىختا قانداق ئىزنالارنى قالدۇرغان؟ خاندانلىقنىڭ تەقدىرىدە قانداقئۆزگىرىشلەر بولغان؟ تارىخشۇناس پاۋبو بلۇر پارچە-پۇرات ھۆججەتلەت،ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلار، قەبرە ۋە موميا قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىقبىر تارىخىي ۋەقەنى ئەسلىگە كەلتۈردى، تۇتانكاموندىن ئىبارەت بۇ ئۆمرى كۆتەپىرئەۋىننىڭ ھېكايىسىدىن كىشىلەر ئەينى زاماندىكى مىسىر ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىتالىشى كۈرىشىنىڭ دەھشەتلىك كارتىنىسىنى كۆرۈۋالالايدۇ.
3300 يىللاربۇرۇنقى تۇتانكامون دەۋرى مىسىر تارىىدىكى داۋالغۇزش تولىمۇ كەسكىن بولغاندەۋردۇر. دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى بەسىي مۈشكۈل بولغان، سىياسىي ۋە دىنىي كۈرەشقالايمىقانچىلىقلىرى ئەسلىدىكى مۇكەممەل جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇۋەتكەن، ئوردىدىكىقارا نىيەت چىرىكلەر تەپرىقىبازلىق قىلىپ ھاكىمىيەتكە تەھدىت سالغان دەۋر ئىدى.مۇشۇنداق بىر زاماندا، تۇتانكاموننىڭ گۆدەكلىكى، ئۆزى ۋە ىانىشىنىڭ زىيادەياشلىقىدىن تېخى ۋەلىئەھد قالدۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىكى مىسىرنى پورۇخ قازىنىغائايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئىبلىس ئاخىر ياش تۇتانكاموننىڭ ھەلقۇمىدىن بوغدى،ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى باشقىلارنىڭ قولىغا ئكتۈپ كەتتى.
ئۇنداقتاتۇتانكاموننى زادى كىم ئۆلتۈردى؟
بىرىنچىگۇماندار : ھەربىي قوماندان خولانخېب. بۇ قارا نىيەت قوماندان دائىم ياشتۇتانكامونغا جەڭ ماشىنىسى ھەيدەشنى، ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگىتەتتى، بۇ پائالىيەتلەردەبىر قېتىملىق «تەساددىپىي ھادىسە» كەلتۈرۈپ چىقىرىش قىيىن ئەمەس. ناۋاداتۇتانكامون ھەقىقەتەن يولدا ئۆلگەن بولسا، جەسەت خلانخېب ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇنسېسىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، موميا قاتۇرۇش داۋامىدىكى خۇشپۇراقبۇيۇمنىڭ مومياغا تۆكۈۋېتىلىشىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. خولانخېبنىڭ مەقسىتى ئاخىرقىھېسابتا تەختنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىدىكى ھەربىيقوماندانلىق ھوقۇقى تولىمۇ قولايلىق بىر ئامىلدۇر.
ئىككىنچىگۇماندار: تۇتانكاموننىڭ خوتۇنى، يەنى خانىش ئانكسېننامون. ئۇنىڭ مەقسىتىتەخت تارتىۋېلىش ياكى بىرەر ۋارس تېپىش بولسا كېرەك. تۇتانكاموننىڭ قەبرىسىدىنئىككى بوۋاقنىڭ مومياسى بايقالدى، ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق بۇنىڭ تۇتانكامون بىلەنخانىشنىڭ قىزلىرى ئىكەنلىكى، بوۋاق بالدۇر تۇغۇلغان ياكى ئۆلۈك تۇغۇلغان بولۇشمۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ناۋادا تۇتانكاموننىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى بولمىغانبولسا، ئانكسېنناموننىڭ تۇتانكاموندىن ئاجرىشىپ باشقا ئەر بىلەن توي قىلىشمۇمكىنلىكىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمىدى.
ئۈچىنچىگۇماندار: ۋەزىر ئاي. ئاي تۇتانكاموننىڭ خان ئاتىسى ھايات ۋاقتىدىلا ۋەزىرئىدى. كېيىن ئاي 9 ياشلىق تۇتانكامونغا ھامىيلىق قىلىپ تەختكە ئولتۇرغۇزغان، ئەمماھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىققىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇتانكامونمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىشەنگەن. ئاينىڭ قاتىللىققىلىشى بەلكىم پىرئەۋىنلىك تەختىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇشى مۇمكىن، دېمىسىمۇتۇتانكامون ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ تەختكە ئولتۇرۇپ پىرئەۋىن بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە،تۇتانكاموننىڭ قەبرى تېمىدا ئاينىڭ تۇتانكاموننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىكقىلىۋاتقان رەسىمى سىزىلغان، ھالبۇكى، بۇ مۇراسىمغا قوماندانلىق قىلغۇچى چوقۇمپىرئەۋىننىڭ ۋارىس نامزاتى بولۇشى كېرەك.
سىرنىڭ يەنەبىر يەشمىسى: تۇتانكامون قەستلەنمىگەن
كېيىنچە مۇتەخەسىسلەرتۇتانكاموننىڭ مومياسىنى CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەن، نەتىجىدە تۇتانكاموننىڭئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىمىغانلىقى ئېنىقلانغان. ئەمما قەدىمقى مىسىر تارىخىنىتەتقىق قىلغۇچى نوپۇزلۇق ئالىملار بۇ نەتىجىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى قۇۋۋەتلەشكەن.بېرلىن براندېنبۇرگپەن ئىنىستىتۇتى بىلەن ئىنسانشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىكى مەخسۇس تۇتانكامونتەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسىسلەر : «ھەرقانداق ئادەم قىياس قىلىشقائامراق كېلىدۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىرەر ئىسپات بۇ قىياسلارنىئىسپاتلاپ بېرەلمىدى» دەيدۇ. بۇ سىرنى يېشىش ئۈچۈن، مىسىر ئارخېئولوگىيەمىنىسترلىكى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئالاھىدە ئۈسكۈنە سەپلەنگەنماشىنا ئارقىلىق پىرئەۋىنلەر جىلغىسىدىن تۇتانكاموننىڭ مومياسىنى يۆتكەپ چىقىپ، ئىلغار ئەسۋابلار بىلەن موميانىتەكشۈرۈپ، باش سۆڭىكىنى سۈرەتكە ئېلىپ تۇتانكامون ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سىرىنىتاپماقچى بولدى. نەتىجىدە بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى 3300 يىل بۇرۇنقى بۇ ياشپىرئەۋىننىڭ قەستلەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى. قىسقىغىنە 15 مىنۇتلۇق CT فىلىمىدىن تەتقىقاتچىلار موميانىڭبارلىق سۆڭەكلىردىن 1700 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تارتىپ، ھايات چاغدىكىتۇتانكاموننىڭ ناھايىتى ئورۇق ئەمما تولىمۇ ساغلام ئىكەنلىكىنى، ئوزۇقلۇقيېتىشمەسلىك ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئالامىتىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى،كالپۇكىنىڭ سەل يېرىق ئىكەنلىكىنى، مېڭە سۆڭىكىنىڭ زەربىگە ئۇچراش ئالامىتى بايقالمىغانلىقىنىتەھقىقلىدى. ئەمما تۇتانكامون ئۆلۈمى ئۈستىدىكى تەتقىقات ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.077436 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش