مېنىڭ مومام ۋە تۇنجى قەلەم ھەققىم چىڭغىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
مومامدائىم مېنى تاغقا ئېلىپ كېتەتتى، ياز كېلىشى بىلەنلا بىللە يايلاققا كېتەتتۇق.مومام جەلبكارلىقى كۈچلۈك ھەم تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگەسازاۋەر ئايال ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بىر ئەپسانە-رىۋايەت ۋە خەلق ناخشىلىرىخەزىنىسى ئىدى! ئۇنىڭ راست-يالغىنىنى بىلىپ بولمايدىغان نۇرغۇن ئاجايىب-غارايىبقىسمەت-سەرگۈزەشتىلىرى بارئىدى. مەن ئەينى يىللىرى چارۋىچىلارنىڭ يايلاققا كۆچكەنچاغدىكى مەنزىرىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. يايلاققا كۆچۈش چارۋىلارنىھەيدەپ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىش بولۇپلا قالماستىن بەلكىقاينام-تاشقىنلىق چارۋىچىلار تۇرمۇشى بىلەن كاتتا ھەم سۈرلۈك دىنىي مۇراسىمنىڭ زىچسىڭىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈشى ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ شەكلى ئۆزگىچە يەرمەنكەبولۇپ، يەرمەنكىدە ئەڭ ياخشى بويۇنتۇرۇق، ئەڭ ياخشى زىبۇزىننەت ۋە بېزەكبۇيۇملىرى، ئەڭ ياخشى ئات، تۆگىلەرنىڭ لوكىسىغا ئارتىپ قويۇلغان لىڭگىرچاق ھەمدەگىلەم ۋە ئات يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ قويۇلغان كۈدە-كۆرپىلەر كۆرگەزمە قىلىناتتى.ھامان ئەڭ گۈزەل قىزدىن بىرى ئالاماننىڭ كۆزئالدىدا پەيدا بولاتتى، ھېسسىياتقا بايكۈيچى يىگىتلەر زوق-شوقى بىلەن ناخشىغا چۈشەتتى، ئارىلاپ-ئارىلاپ مۇڭ-پىغان بىلەنيۇغۇرۇلغان جۇدالىق كۈيلىرى(ناۋادا بىراۋلىرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىسىئالدىدا ۋىدالىشىۋاتقان بولسا) ۋە ھەسرەت-نادامەتلەر بىلەن ئېيتىلغان تەسىرلىكسەپەر ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى. چارۋىچىلارنىڭ ئەمدىلا كۆچۈشكە باشلىغىنىدىنتارتىپ سەپەر جەريانى ۋە كۆچۈش ئاخىرلىشىپ بۇ مەنزىرە تاماملانغىچە بولغان پۈتكۈلجەريانلارنى كۆرگەن ئىدىم . قارىغاندامومام ماڭا بۇلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مېنىڭ ئاناتىلغا بولغان مۇھەببەت رىشتىمنىچىڭىتىشقا نىيەت قىلغان بولسا كېرەك. ئاھ ئانا تىل! ئانا تىلنى كۈيلەيدىغان، ئاناتىلغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىدىغان سۆزلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ! ئەمما ئانا تىلنىڭسېھىرلىك خاسىيىتىنى ئىزاھلاپ بولغىلى بولاتتىمۇ؟ پەقەت بالا چاغدا بىلىپئىگىلىگەن ۋە چۈشەنگەن ئانا تىللا ئىنساننىڭ قەلب تۆرىنى خەلقنىڭ تىرىكچىلىك ۋەئىجاد تەجرىبىسىدىن تۇغۇلغان شېئىرىي تۇيغۇلار بىلەن تولدۇرالايدۇ ھەم پەقەت ئاشۇئانا تىللا كىشىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىقىنى ئەبەدىل ئەبەد خوراتمايدۇ ھەمدەئاتا-بوۋىلار تىلىنىڭ رەڭگارەڭ ھېكمەت دۇردانىلىرى بىلەن ئىنسان قەلبىنىڭخەزىنىسىنى تولدۇرۇپ، ئىنساننى ئۇزلۇق(گۈزەللىك)ئالىمىنىڭ سېھىرلىك پاراغىتىدىنھوزۇرلاندۇرالايدۇ.بالىلىق چاغلار نوقۇل مەنادىكى گۈزەل چاغلارلا ئەمەس، بالىلىقچاغلار بىر ئىنساننىڭ كېلەچەكتىكى ئۆزىگە خاس مىجەز-خۇلقىنى يېتىلدۈرۈشىنىڭيادروسى. ئاشۇ بالىلىق دەۋردە يېتىلگەن ئانا تىلغا بولغان ھەقىقىي تونۇش دەل ئاشۇدەۋردە ئادەمگە ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى تەبىئەت ئالىمىنى يېڭىدىنبىلدۈرىدۇ، بۇ مۇئەييەن مەدەنىيەت ئامىلى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. ھېچبولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تەجرىبەمگە ئاساسەن شۇنداق دەيمەنكى، ئادەم بالىلىقچاغلىرىدا ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىلنىستىخىيلىك رەۋىشتە پۇختا ئىگىلەپ ئالالايدۇ----- ناۋادا بۇ تىللار بالىلىقتىنباشلاپ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىلا. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا رۇس تىلىمۇمېنىڭ ئانا تىلىم، بۇ تىلنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى ماڭا جان بىلەن مۇجەسسەملەنگەنئانا تىلىم قىرغىز تىلىدىن قېلىشمايدۇ ! بەشياشلار چېغىمدا مەن تۇنجى قېتىم تەرجىمانلىق قىلىپ بىر پارچە پىششىق گۆش بىلەنتارتۇقلاندىم، مانا شۇ بىر پارچە پىششىق گۆش مېنىڭ تۇنجى« قەلەم ھەققىم» بولۇپقالدى. بۇ يايلاقتا بولغان ۋەقە ئىدى، ئۇ كۈنلەردە مەن ئادەتتىكىدەك مومام بىلەنبىللە تۇراتتىم. بۇ ئەمدىلا كولخوز قۇرۇلغان ۋە كولخوزنىڭ دەسلەپكى مېۋىلىرىمۇستەھكەملىنىۋاتقان يىللار ئىدى. كولخوزيېقىندىلا سېتىۋالغان بىر ئات ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالدى. ئات كۈپكۈندۈزدىلا ئۆلدى، ئۆلۈدىغانچاغدا قورسىقى تۇلۇمدەك كۆپۈپ، نەپسى سىقىلىپ خارتىلداپ قالغان ئىدى. يىلقىچىتەمتىرىگىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى، چۈنكى بۇ يىراقتىكى روسىيەنىڭ دونۋادىسىدىن كەلتۈرۈلگەن ناھايىتى قىممەت باھالىق نەسىللىك ئات ئىدى.شۇھامانچەۋەنداز يىگىتلەردىن بىرى كولخوزغا ئەھۋال مەلۇم قىلىشقا ئەۋەتىلدى ھەم داۋاملىقرايونغا مەلۇمات بېرىلدى.ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە بىر ئورۇس تاغقا كېلىپ بىزنىئىزدەپ تېپىپتۇ، ساغۇچ ساقاللىق، كۆك كۆز بۇ ئورۇس ناھايىتى گروي بولۇپ، ئۇچىسىغاقارا خۇرۇم پالتو كىيىۋالغان، ئۆشنىسىگە يوغان بىر سومكىمۇ ئارتىۋالغانىدى.ھېلىھەم شۇنداق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ بىرەر ئېغىزمۇ قىرغىزچە بىلمەيتتى،بۇ يەردەپەقەت مەنلا ئۇنىڭ بىلەن ئورۇسچە سۆزلىشەلەيتتىم. شۇ چاغدا ئاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنىتەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ، ئۆلۈش ئىسپاتنامىسى يېزىش ھەممىدىن مۇھىمئىدى. يىلقىچى قىلچە ئىككىلەنمەيلا مېنى تەرجىمە قىلىپ قىلىپ بېرىشكە تاللىدى.شۇچاغدا مەن بالىلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى ئورۇسقا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇراتتىم. ــــ كېلە،ــــدېدى يىلقىچى مېنى بالىلارنىڭ ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ،ــــ بۇ ئادەم بىزنىڭگېپىمىزنى بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى بىزگە ئۆرۈپ بەر، ئاندىن بىزنىڭگېپىمىزنى ئۇنىڭغا ئۆرۈپ بەرگىن! مەنشۇچاغدا ھەم خىجىل بولدۇم ھەم قورقۇپ كەتتىم. يىلقىچى دىققەتسىزلىكتە تۇرغانچاغدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ بوشاندىم-دە مومامنىڭ چېدىرىغا قېچىپكىرىۋالدىم.بىرتوپ ئاغىنىلىرىم چوقان كۆتۈرگىنىچە ئارقىمدىن ئەگىشىپ چېدىرىمىزغاكىرىپ كېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى يىلقىچى چېدىرىمىزغا كىرىپ مەندىنقاچماسلىقىڭ كېرەگىدى، دەپ ئاغرىندى.مومام ئەزەلدىن ناھايىتى خۇشخۇي ئايال بولسىمۇئەمما شۇتاپتا قاپىقىنى تۈرۈپ: ــــ نېمىشقايىلقىچىغا ياردەملىشىپ كەلگەن ئورۇس بىلەن سۆزلەشمەيسەن؟ بىلىشىڭ كېرەككى ساڭايېلىنىۋاتقىنى چوپچوڭ بىر ئادەم، ياكى سەن ئورۇسچىنى بىلمەيتتىڭمۇ؟ــــ دېدى. مەن ئۈندىمىدىم، دوستلىرىمچېدىرنىڭ سىرتىدىن مارىشىپ ئىشنىڭ قانداق بولۇدىغانلىقىغا قىزىقىپ تۇرۇشاتتى. ــــ ساڭانېمە بولدى؟ ئورۇسچە سۆزلەشتىن ئۇيىلامسەن ياكى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا سۆزلەشتىنئۇيىلامسەن؟ ھەممە خەقنىڭ تىلىنى ئاللاھتائاللاھ ياراتقان، نېمىدىن قورقاتتىڭ،يۈر، بارغىن!ــــ مومام قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە چېدىردىن چىقتى، دوستلىرىم يەنەكەينىمگە كىرىۋېلىشتى. مېھمانكۈتۈلىدىغان چېدىردىن مېززىلىك قوي گۆشىنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى، چېدىر چوڭلار بىلەنلىققىدە توشۇپ كېتىپتۇ، ئۇلار قېمىز ئىچىشكەچ گۆش يەۋاتقان ئىكەن. كولخوزدىنكەلگەن ھېلىقى چارۋا دوختۇرى ئورۇس ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلار بىلەن بىللە ئىدى.ھېلىقى ئورۇس مېنى چاقىرىپ چېدىرغا ئېلىپ كىردى ۋە: ــــ كېلەبالام، مانا بۇياققا كەل، ئېتىڭ نېمە؟ــــ دېدى مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ. مەنخىجىل بولۇپ پەس ئاۋازدا بىرنەچچە ئېغىز جاۋاب بەردىم. ــــ ئۇلاردىنسوراپ باققىنە ئوغلۇم، ئۇ ئات قانداق ئۆلدى؟ــــ دېدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەنبېشىمنى سىيلاپ ۋە يېنىدىن بىر ۋاراق قەغەز چىقىرىپ بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. كىشىلەربىردىنلا جىمىپ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇشاتتى، مەن بولسام جىمىپلاكەتكەنىدىم، بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلالمايتتىم. سەل نېرىدا مومام تەڭقىسلىقتا قالغاندەكئولتۇراتتى. شۇ چاغدا بىر بوۋاي مېنى دەسسىدە كۆتۈرۈپ تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەھكەمقۇچاقلىۋالدى، ئۇ بىزنىڭ تۇغقىنىمىز ئىدى، ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن قۇلىقىمغا پىچىرلاپدېگۈدەك: ــــبۇ ئادەم سېنىڭ داداڭنى تونۇيدۇ، يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرۇۋەرسەڭ ئۇ داداڭغا بىزنىڭيامان گېپىمىزنى قىلىپ بېرىدۇ، يەنە تېخى داداڭغا سېنى قىرغىزلارنىڭ ئارىسىدا بەكيامان ئۆگىنىپ قاپتۇ،دەپ تىللاپ بېرىدۇ!------ دېدى ۋە ئارقىدىنلا يەنە ---- دېگىن،ئۇ ھازىرلا ئېغىز ئاچسا ئۇنىڭغا بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ئوغا ساز(زەھەرلىك سازلىق)دەپئاتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىن...ــــ دەپ قوشۇپ قويدى. ــــتاغا،ــــ دېدىم مەن بار غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇ ئورۇسقا ئورۇس تىلىدا،---- بىزنىڭ بۇيەرئوغا ساس(يەر نامى)، دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ زەھەرلىك ئوت-چۆپ ئۆسۈدىغان ساسلىق، دېگەنگەپ...---- مەن شۇتاپتا مومامنىڭ، ھېلىقى ئورۇسنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ناھايىتى خۇشبولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئاستا-ئاستا دادىللىشىپ قالدىم. شۇ چاغدىكى تەرجىمانلىقىمنى،سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە تەرجىمە قىلالىغىنىمنى ئۆمۈر بويى ئۇنتالمايمەن. نەسىللىكئات ئەسلىدە زەھەرلىك چۆپ يەۋېلىپ ئۆلگەن ئىكەن. ھېلىقى ئورۇس باشقا ئاتلارنېمىشقا ئاشۇ زەھەرلىك چۆپنى يېمەيدۇ ۋە پەقەت نەسىللىك ئاتلا زەھەرلىك چۆپ يەيدۇ؟دەپ سورىدى، يىلقىچى بۇ يەردىكى ئاتلار ئۇ زەھەرلىك چۆپلەرنى يېمەيدۇ، چۈنكى بۇيەرنىڭ ئاتلىرى ئاشۇ چۆپلەرنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى. مەنئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئارقىلىق بولۇنۇۋاتقان بۇ سۆھبەتلەرنى بىرمۇبىر قالدۇرمايتەرجىمە قىلدىم. ھېلىقىئورۇس مېنى ماختاپلا كەتتى، مېنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي مېنىيوغان بىر پارچە گۆش بىلەن تارتۇقلىدى،گۆش ھەم قىززىق ھەم مېززىلىك ئىدى، مەن قىنقىنىمغا پاتماي سەكرەپ-ئويناقشىپ دېگۈدەك چېدىردىن چىققىنىمدا ئاغىنىلىرىم دەرھالكېلىپ مېنى ئارىغا ئېلىۋېلىشتى. ــــقالتىس بولدى!ــــ دەپ ماختاشتى ئۇلار مېنى،ــــ سەن ئورۇسچە سۆزلىگەندە دەريادىكىبېلىقلاردەك ئەركىن-ئازادە بولۇپ كەتتىڭ، بىردەممۇ توختاپ قالمىدىڭ!----- دېيىشتىئۇلار. ئەمەلىيەتتە مەن خېلىلا دۇدۇقلاپ تەرجىمە قىلغان ئىدىم، ئەمما ئاغىنىلىرىممېنى ماختاپ ئۇچۇرغىلى تۇردى.گۆشنى ئاغىنىلىرىم بىلەن بۆلۈشۈپ يەپ بولغاندىن كېيىنئۇلار بىلەن چېپىشىپ ئوينىغىلى كېتىشتۇق. مېنىڭئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىمدا بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم ئەرزىمدۇ؟ مېنىڭچەئەرزىيدۇ.ئەدەبىي ئىجادىيەت ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىسىدە قالغان ئىشلاردىن،ئاشۇ ئىشلار يۈزبەرگەن چاغلاردىن باشلىنىشى كېرەك.بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۈچ ياشچاغلىرىدىكى ئىشلارنى ئەسلىيەلەيدۇ، ھالبۇكى يەنە بەزىبىرلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ ئونياشلار چېغىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنىلا ئەسلىيەلەيدۇ.شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىيەتتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالايلۇق، مېنىڭبالىلىق چاغلىرىمدىكى بۇ سەرگۈزەشتىلىرىم مانا مۇشۇنداق بولغان.مومام مەندىنتولىمۇ رازى بولغان ھەم كېيىنكى چاغلاردا تونۇش-بىلىشلىرىگە دائىم بۇ كەچمىشلەرنىسۆزلەپ مۇشۇ ئىشتىن تولىمۇ پەخىرلىنىپ يۈردى. مومام بالىلىق چاغلىرىمنى ناھايىتى بەختلىككۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن، ئۇ ماڭا نۇرغۇن ئەپسانە-چۆچەكلەرنى ۋە خەلق كۈيلىرىنىئېيتىپ بەرگەن، مېنى نۇرغۇن داستانچى ۋە خەلق ناخشىچىلىرى يىغىلىشقان سورۇنلارغائېلىپ بېرىپ ئۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن. مومام نەگىلا بارسا مېنى يېتىلىۋالاتتى،توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ئۆلۈم-يېتىم، ھېيت-بايرام سورۇنلىرىغا ئېلىپ باراتتى،مېھماندارچىلىققا بارغاندىمۇ دائىم مېنى يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئۇ يەنە ماڭا دائىمچۈشىنى، چۈشىدە كۆرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى، مومام كۆرگەن بۇ چۈشلەر تولىمۇقىزىقارلىق ئىدى، ئۇ ئەمدىلا ئۇخلاپ تۇرۇشىغا مەن ئۇنى ئويغىتىپ كۆرگەن چۈشىنىسۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتىم. بەزى كىچىك، قىسقا چۈشلەرگە رازىبولمايتتىم، بۇنداق چاغلاردا دەرھال خولۇم-خوشنىلارنىڭكىگە كىرىپخولۇم-خوشنىلاردىن بىرەرسى كۆرگەن چۈشلەرنى«ئۆتنە»ئېلىپ كىرەتتى. كېيىنچەبىلدىمكى، بۇلار مومام مەخسۇس مەن ئۈچۈن توقۇپ چىققان چۈشلەر ئىكەن!
|