مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«مەردلەر شەجەرەسى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819




作者:孙浩辉
«بۈيۈك  چىن ئىمپېرىيەسى»

سۇن خاۋخۇي

مەردلەر شەجەرەسى

(تۆتىنچى بۆلۈم 1-قىسىم)


جۇڭگو ئانا  مەدەنىيەتىنىڭ شان-شەرىپى ۋە  غايىسىگە بېغىشلايمەن!

ـــــ ئاپتور بېغىشلىمىسى


                                                            

بۇ قىسىمنىڭ تەرجىمىسىگە قەلەم  تەۋرەتكۈچى:  ت. ئەركمان

                                                                               ئېلزات ئەركمان

                                                                         كامران ئەركمان






مۇندەرىجە

مۇقەددىمە ............

بىرىنچى باب          سەلتەنەت ئىنتىھاسىدا مۈشكۈلات كۆرۈلگەنلىكى


بىرىنچى،               ساياق دانىشمەننىڭ تاغدىن خۇپىيانە چۈشكەنلىكى


ئىككىنچى،             ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ خىرەلەشكەنلىكى،

                           سەلتەنەت  تەمەسىىگە يول ئېچىلغانلىقى


ئۈچىنچى،               بودۇن كۆكبېشىنىڭ ئوردىنى زىلزىلىگە سالغانلىقى


تۆتىنچى،               چىن جاۋۋاڭنىڭ گۇگۇمدا روزغارلىق تەدبىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى


بەشىنچى،              ئاپتاپ ئاغىچانىڭ بىر ئېغىز تەدبىر قىلغانلىقى


ئىككىنچى باب        دانىشمەن كارۋان بېشىنىڭ زاھىر بولغانلىقى


بىرىنچى،                دانىشمەنلەرنىڭ ئۇچراشقانلىقى،

                            مەشرق خۇسۇسىدا گەپ ساتقانلىقى



ئىككىنچى،              جەننەتنى جىن-شاياتۇنلار ماكان تۇتقانلىقى،

                            چېنچېڭ قەلئەسىنىڭ  قىيامەت قىسمەتلىرىگە تولغانلىقى


ئۈچىنچى،               ئۈچ پازىلنىڭ پاراغەت قەسىرىدە مەيخورلۇق قىلىشقانلىقى


تۆتىنچى،                ئەلمىساقتىن ئاڭلاپ باقمىغان سودا جېڭى خۇسۇسىدا قىسسە پۈتۈلگەنلىكى


بەشىنچى،                لۈ بۇۋېينىڭ بىر بىتەلەينىڭ ئامانىتىنى بىجانىدىل قوبۇل قىلغانلىقى




ئۈچىنچى باب            خەندەندە  ئاجايىب  رىجە تۈزۈلگەنلىكى


بىرىنچى،                 قارىشى قىرغاقتا بىر دىلبەرنىڭ زاھىر  بولغانلىقى


ئىككىنچى،               خەندەندە ئاجايىب ئۇچرىشىشلار بولغانلىقى

                              گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشتا ئېھتىيات قىلىنغانلىقى


ئۈچىنچى،                 دەسمايە جۇغلانغانلىقى،

                             باش باش، ئاياق تاش بولغانلىقى


تۆتىنچى،                 قىممارۋازنىڭ بوزا ساتقانلىقى،

                            گۆر ئازابىدىن كېيىن كارامەتلەر كۆرۈلگەنلىكى


بەشىنچى،                سودىگەرنىڭ سەلتەنەتتىن گەپ ساتقانلىقى،

                             ھۈر-پەرىنىڭ ئىشق بالاسىغا مۇپتىلا بولغانلىقى


ئالتىنچى،                ئانا تۇپراقنىڭ ھالاكەت گىردابىدا قالغانلىقى،

                            يۇرت سۆيگۈسىنىڭ يۈرەكنى ئۆرتىگەنلىكى



تۆتىنچى باب            شيەنياڭنىڭ قىمىرلىغانلىقى


بىرىنچى،                پىنھان  نەنشەن  تېغىنىڭ تەۋرەپ كەتكەنلىكى


ئىككىنچى،             باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە چاقىرىلمىغان مېھمان كەلگەنلىكى


ئۈچىنچى،              ئاجايىب تەدبىرلەردىن ئىمتىھان ئېلىنغانلىقى،

                           ۋەلىئەھدى مەھكىمىسىنىڭ پاتپاراقچىلىقتا قالغانلىقى


تۆتىنچى،              زۇمرەت كۆل خارابىلىكىنى ماكان تۇتقان  لېۋەن ئايىمنىڭ زاھىر بولغانلىقى


بەشىنچى،               قىراۋلىق تۇماندا زېمىن خىرەلەشكەنلىكى

                           سەلتەنەت  بىر ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلغانلىقى



بەشىنچى باب         سۆيگۈ ھاياسىنىڭ بۇزۇلغانلىقى

                          ئىشقىبازلىققا يول ئېچىلغانلىقى


بىرىنچى،              ياغى توختىتىش خۇسۇسىدا مۇنازىرە بولغانلىقى،

                         يىڭ زىچۇنىڭ داڭقى ئىقلىمغا پۇر كەتكەنلىكى


ئىككىنچى،            كۈز كېچىسىدە پىغانلىق  چىلتار كۈيى ياڭرىغانلىقى


ئۈچىنچى،             توغراقلىقتىكى كونا قەسىرنىڭ چۆلدەرەپ قالغانلىقى


تۆتىنچى،             ياساقنىڭ قاتتىقلىقىدىن بىر ئاستانىنىڭ تىمتاسلىقتا قالغانلىقى

                        يېشىل راۋاقلىق  ئىشرەتخانىنىڭ يەنە بىر ئاستانىنى  ئاۋاتلاشتۇرغانلىقى


بەشىنچى،             سۆيگۈ ۋەدىسى بېرىپ قويۇپ كۆڭۈل    ئارامى      بۇزۇلغانلىقى


ئالتىنچى،             كاتتا بەزمىدە ئورۇنسىز غوۋغا كۆتۈرۈلگەنلىكى


يەتتىنچى،             سۆيگۈ پىغانىدا يۈرەكلەر پۇچۇلانغانلىقى



ئالتىنچى باب        زىچۇنىڭ ئۆزئېلىگە قايتقانلىقى



بىرىنچى،              باشباشتاقلىقتا قىلغان تەدبىرنىڭ ياساققا دوقال كەلمىگەنلىكى


ئىككىنچى،           مەخپىي مەكتۇبنىڭ  كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا سەۋەب بولۇپ قالغانلىقى


ئۈچىنچى،             تەڭرى پاناھ، ساھىبجامال روھى قايتقىل،

                         ۋادەرىخا باھارىمنى  نابۇت قىلمىغىل①


تۆتىنچى،             جىلغىدا ئۇشتۇمتۇت نىقابلىق چەۋەندازلار پەيدا بولغانلىقى


بەشىنچى،            ھەممە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنلىكى،

                        پەيتنى پەملەپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىنغانلىقى


ئالتىنچى،            پالۋانلارنىڭ بىئەجەل كۆز يۇمغانلىقى،

                         مەرسىيە قوشاقلىرى بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈلگەنلىكى



يەتتىنچى باب       غۇۋا ئالۋۇن پەيدا بولغانلىقى


بىرىنچى،             خانلىق ئىبادەتخانىسىدا  ئابىدە ئويۇلۇپ خان جەمەتىگە ئىبرەت بىشارىتى بېرىلگەنلىكى


ئىككىنچى،          قورغاندا باھار شامىلى سوققانلىقى،

                        كۆڭۈلنىڭ  سوۋۇغىلى تاس قالغانلىقى


ئۈچىنچى،            ۋىدالاشماقنىڭ مۈشكۈل  بولغانلىقى،

                         جەم بولماقنىڭ قىيىن توختىغانلىقى


تۆتىنچى،             يولۋاس ئىزىدىن، ئەر سۆزىدىن قايتمىغانلىقى


بەشىنچى،             فېڭجىڭ خارابىلىكىدە  قەدىمىي غار  زاھىر  بولغانلىقى


ئالتىنچى،             بالاغەت مۇراسىمىدا ئىككى ۋەلىئەھدى  پەيدا  بولغانلىقى




大秦帝国.jpg (15.34 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

大秦帝国.jpg
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
ۋاقتى: 2014-7-3 17:26:36 | ئايرىم كۆرۈش
سۆزلەر بىر خىل پاساھەتلىك ئىكەن.  بىراق ئەگەر خەنچىسى بىللە بولغان بولسا  سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن بولساق تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى.

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-3 17:54:54 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 17:26
سۆزلەر بىر خىل پاساھەتلىك ئىكەن.  بىراق ئەگەر خەنچىسى ب ...

http://www.daqindiguo.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1944

بۇ خەنزۇچىسىنىڭ ئۇلانمىسى!


http://www.daqindiguo.com/thread-9119-1-2.html

بۇنىسى  تەرجىمىسىنىڭ  ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىنچىسى!
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-4 07:18:18 | ئايرىم كۆرۈش
مۇقەددىمە
مىلادىدىن بۇرۇنقى 256-يىلى، ئاق شەبنەم مەۋسۈمى  ئەمدىلا  ئۆتۈپ كېتىشىگە، كۆكنى قىراۋلىق تۇمان بېسىپ، ھاۋا بىردىنلا سوۋۇپ كەتتى.
سەككىزىنچى ئاينىڭ باشلىرى، قىراۋ چۈشۈكى، خۇددى پەسىللىك كېسەللىك تارقالغاندەك ھاۋا بىردىنلا قالايمىقانلىشىپ ئۆز تەرتىپىنى  يوقاتتى. ئادەتتە ئاۋام-رەئىيەت ئەرشتىكى مۇئەككەللىرىنىڭ  بۇقەدەر تىلسىملىق  كارامەتلىرىنى بىلىپ  كەتمىسىمۇ، ئەمما يىلنىڭ ئىسسىق-سوغۇق، ھۆل-قۇرغاق پەسىل-مەۋسۈملىرىنى ئوبدان  بىلەتتى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان
ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان  ئۇرۇش مالامەتلىرىدىن ئىقلىم  چارچاپ ھالىدىن  كەتكەن يەردە، تەبىئەت قانۇنىيىتى قالايمىقانلاشماي قالاتتىمۇ؟ دەسلەپتە يەن-چى بەگلىكلىرى ئالتە يىل تۇتۇشۇپ ھەر  ئىككىسى تەڭلا ھالسىرىدى. ئارقىدىنلا چىن-جاۋدىن  ئىبارەت ئىككى قۇدرەتلىك بەگلىك دەھشەتلىك  ئۇرۇشتى، قانلىق چاڭپىڭ ئۇرۇشىدا، جاۋ بەگلىكىنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالدى، ئۇرۇشتىن  كېيىن، چىن بەگلىكى يەنە جاۋ بەگلىكىگە لەشكەر تارتىپ مەغلۇب بولۇپ، ماغدۇرىدىن  كەتتى. ھەش-پەش دېگۈچە، يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىقلىمدىكى تۆت كۈچتىنگىر، دەپ ئاتالغان چىن، جاۋ، چى، يەن بەگلىكلىرى تەڭلا ماغدۇرسىزلىنىپ  ھالىدىن كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىقلىمنىڭ ھېچ قىزىقى قالمىدى. لەشكەرلەر  بىر-بىرىگە ھەيۋە كۆرسىتىپ  تىركىشىدىغان  جەڭگاھ تىنچىپ دالىنى زېرىكىشلىك  تىمتاسلىق  قاپلىدى، خارجى ئەلچى-يالاۋاچلىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ  تۇرىدىغان  كەڭرى-ئازادە پادشاھلىق  يولى چۆلدەرەپ  قالدى، ئۇرۇش مالامەتلىرىدىن  قېچىپ پىتراۋاتقان مۇساپىرلار توپى نەلەرگىدۇر يوقالغان، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ شاۋقۇن  سېلىشىپ، قورۇل-ئۆتكەللەردە ئۆتۈۋېلىشنى ساقلىشىدىغان سودا كارۋانلىرىمۇ تارقىلىپ  كېتىشكەن. ئادەملەر ئۇرۇشۇپ  ھاردى، تەڭرى  تاماشا  كۆرۈپ چارچىدى، ھەتتا ئەزىم دەريا سارىغئۆگۈزنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى چەكسىز كەتكەن چاتقال، ئورمانلاردىكى پىل توپىمۇ تاغلارنىڭ  ئىچكىرىسىگە دالدىلىنىشتى.
چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دۆلەتلەر خۇددى پىژغىرىم  تومۇز ئىسسىقىدا ئېغىر ارۋىلارنى سۆرەپ چاڭقاپ كەتكەن  ئۆكۈزلەردەك ئاران-ئاران پۇشقۇرۇپ، ئۆزلىرىگە خىرىس قىلىۋاتقان ئۈسكەك توپاقلارغا قاراپ  مرەشكىمۇ  ماجالى  قالمىغاندەك جىمىپ  قېلىشتى. ئاسماننىڭ تۈۋرۈكىنى سۇندۇرۇپ، تاغلارنىڭ تاناۋىنى  ئۈزۈۋېتىدىغاندەك  جەڭگى-جېدەللەردە داۋاملىشىۋاتقان يېغىلىق دەۋرى تۇنجى قېتىم خۇددى يەرنىڭ  قارنىنى چۇۋۇۋېتىدىغاندەك   توختىماي   چېپىپ   كېتىۋاتقان  ئات  خۇددى تەگسىز ھاڭغا  چۈشۈپ  كەتكەندەك  تىنچىپ قالدى.
    تولىمۇ سوغۇق  كەلگەن بۇ كۈز كۈنلىرىدە، يەن ئېلى  بىلەن جاۋ  ئېلى چېگراسى بەجايىكى  بۇ ئەتراپقا  ئەلمىساقتىن  بېرى ئادەمزاتى ئاياغ  بېسىپ  باقمىغاندەك جىمىپ چۆلدەرەپ  قالغان ئىدى. شىمالدىكى قات-قات تاغلاردىن باشلىنىپ بەئەينى كۈمۈش يىپتەك سوزۇلۇپ، يەن ئېلى بىلەن جاۋ  ئېلىنى تۇتاشتۇرۇدىغان پادشاھلىق يولى يىشۈي دەرياسى جىلغىسىغا كىرىشى بىلەنلا جىلغىنى قويۇق كۆكۈچ تۇمان  قاپلىدى، سەھەر قۇياشىمۇ قىزارغان بۇلۇتلار كەينىگە مۆكۈندى.  دەل شۇ چاغدا،  جاراڭلىق ئات تۇيىقىنىڭ تارسىلداپ  كېلىۋاتقان ئاۋازى بەئەينى تاراسلاپ  يېغىۋاتقان يامغۇردەك بارا-بارا يېقىنلاپ، پادشاھلىق يولىدىن دەريا جىلغىسىغا  كىرىپ  كەلدى. ئاتلىق ئادەم ئەمدىلا  ئىككى ئايلىنىپ ئېتىنىڭ يۈگىنىنى  تارتىپ تۇرۇشىغا، ئېگىزدە چوقچىيىپ تۇرغان تاش كەينىدىن بىرھازاغىچە  قاھقاھلاپ  كۈلگەن ئاۋاز كەلدى، ئادەمزات قارىسى كۆرۈنمەيدىغان بۇ قويۇق قىراۋلىق تۇماندا، كۈلكە  ئاۋازى خۇددى  كۆك قەھرىدىن  كېلىۋاتقاندەك بارغانسېرى كۈچلۈك ئاڭلاندى. ئۇشتۇمتۇت ئارغىماق قاتتىق كىشنەپ، تارسىلداۋاتقان  تۇياق ئاۋازى چىپپىدە  توختىدى.
ـــــ جانابلىرى قاياقتا سۆزلەۋاتىدىلا؟  ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ سۆزلىگەيلا!ـــــ چەۋەنداز ئەتراپىغا سەپ سېلىپ ۋارقىرىدى.
ـــــ سەي زې  ھەزرەتلىرى  يەن  ئېلىدىن   ئايرىلىپ   قاياققا
بارماق بولۇۋاتىدىلا؟ـــــ تۇمان  يېرىپ ئاڭلانغان  ئاۋاز  خېلىلا  يىراقتىن  كېلىۋاتاتتى.
ـــــ جانابلىرى كىم  بولىدىلا؟ كەمىنە سەي زېنى  بىلىدىكەنلا!
ـــــ يەنشەنلىك  ساياق سەي زېنى  ئۇچرىتىپ  باقمىغان بولساممۇ، پەقىر  تاڭ جۈ بىلمەي  قالارمەنما؟
ـــــ ئەسلىدە پالچىلىق ئىلمىنىڭ پىركامىلى ھەزرىتى تاڭ جۈ جانابلىرى  ئىكەنلا-دە! نە ۋەجدىن يولۇمنى تورايدىلىكىن؟ـــــ چەۋەنداز قاھقاھلاپ  كۈلدى.
ـــــ جانابلىرىنىڭ ئالدىراپ جەنۇبقا كېتىۋاتقىنىغا قارىغاندا بىرياقلىق قىلىدىغان  بەك  مۇھىم  ئىشى بولسا كېرەك،ـــــ گەپنى تۈگىتە-تۈگەتمەيلا چەۋەندازنىڭ ئۇدۇلىدىكى قورامتاش  ئۈستىدە بىر گەۋدە  پەيدا  بولدى، ئۆشنىسىگە كۆك ماتا بوقچا ئارتىۋالغان، ئۇچىسىغا بامبۇك يېپىنچا ئارتىۋالغان، بامبۇك ھاسا تايىنىۋالغان بۇ كىشى ئوزايىدىن بۇ دۇنيانى تەرك قىلغان بىر زاھىدقىلا  ئوخشايتتى.
ـــــ تاڭ جۈ جانابلىرىنىڭ  نېمە دەۋاتقانلىقىنى پەقىر سەي زې ھېچ ئاڭقىرالمايلا  قالدىم!ـــــ قىزىل لىباسلىق چەۋەنداز زورىغا كۈلۈمسىرىدى.
ـــــ قۇراملىرىغا يېتىپلا ئۆيدىن  چىقىپ  كەتتىلە، ئون بەش يىلدىن بېرى  بەگلەرگە ۋائىزلىق قىلىپ بىرەرسىگىمۇ  يارىمدىلا،
جانابلىرى دەپ باقسىلىچۇ بۇ نە ۋەجدىنكىن؟
ـــــ ئىقلىمنى زۇلمەت قاپلىغان، ئىقلىمدىكىلەر غەپلەتتە قالغان بۇ زاماندا، پەقىرنىڭ تەدبىر-رىجەلىرىدىن باشقا يەنە قانداق  تەدبر-رىجەلەر بولسۇن؟
ـــــ ئۆز تەقدىرىدىن نالە قىلىپ دائىم باشقىلاردىن رەنجىش،
چاتاقنى  ئۆزىدىن  ئىزدىمەسلىك بەئەينى كۇڭ زى ۋە  مېڭ زىچە خىيالپەرەستلىك ئەمەسمۇ؟ـــــ كۆك ماتا بوغچا ئېسىۋالغان ئادەم قاھقاھلاپ  كۈلۈپ كەتتى.
ـــــ تاڭ جۈ!ـــــ ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كېتىۋاتقان چەۋەنداز قامچىسىنى  شىلتىپ ۋارقىراپ كەتتى،ـــــ سىلى ئىقلىمدىكى روزغارلىق ئىلمىنىڭ يېگانە پىركامىلى جى رەن① ھەزرەتلىرىنىڭ مەندەك بىر ئىخلاسمىنىنى كۇڭ زى بىلەن مېڭ زىغا سېلىشتۇرۇۋاتامدىلا؟
ـــــ جى رەن ھەزرەتلىرىنىڭ روزغارلىق  ئىلمى ئىقتىساد-تەمىراتقا  ئەھمىيەت  بېرىپ، ياساققا سەل قارايدۇ، سىلىدەك بىر روزغار ئىلمى مۇرىتىنىڭ تەشەببۇسى  ياساققا  ھەممىدىن  بەك  ئەھمىيەت  بېرىدىغان  چىن  ئېلىنىڭ  مۇددىئاسى  بىلەن مۇخالىپتۇر!
ـــــ ئۇستاز تەلىم بەرگەيلا!ـــــ تاڭ جۈنىڭ بايىقى  كىنايە-تەنىلىرىدىن ئاچچىقتا بوغۇلۇپ كەتكەن چەۋەندازنىڭ تەلەتىگە دەرھال كۈلكە يۈگرىدى، ئارغىماقتىن  خۇددى شاش يىگىتلەردەك دىككىدە سەكرەپ  چۈشۈپ
ئالقانلىرىنىڭ  ئۇچىنى جۈپتەكلىدى.
ـــــ چىن ئېلى ياساق  ئارقىلىق  ئىدارە  قىلىنىدىغان دۆلەت، شۇڭا چىن  ئېلىنى ئىدارە  قىلىشتا ياساق جانتومۇر، ياساقنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ئاندىن  روزغارلىق تەدبىرى  قىلىپ، ياساق  ۋە دۆلەتنى بېيىتىش تەڭ تۇتۇلسا، شيەنياڭ چوقۇم بۇنداق تەدبىرنى
قارىشى ئالىدۇ!
ـــــ ئۇستازنىڭ  گېپىچە، فەن سۈينىڭ چېكىنىش  يولىدىن بىشارەت  بېرىۋاتقان بولمىغايلا يەنە؟ـــــ چەۋەندازنىڭ چىرايى يەنە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەردى.
ـــــ كاتتا ئىستېداد ئىگىسى بولسىلىمۇ ئەمما بىر يۈرەكسىز  ئادەم  ئىكەنلا سەي زې!ـــــ كۆك بوغچىلىق  كىشى بىخارامان كۈلگىنىچە بۇرۇلۇپ ماڭدى.
ـــــ توختىسىلا!ـــــ چەۋەنداز بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ  دېگۈدەك  تازىم  قىلدى،ـــــ ئۇستازغا پەقىر سەي زېنىڭ يەنە بىر  ئۆتۈنۈشىم بار ئىدى!
ـــــ قېنى  ئېيتسىلا، پەقىر  بىلگەنلىرىنى ئايايدىغانلاردىن ئەمەسمەن!
ـــــ ئۇستازنى پالچىلىق ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن، ئاچقان پاللىرى خۇددى ئىلاھلارنىڭ  سۆزلىرىدەك  توغرا  چىقىدۇ، لى دۈيگە يۈز كۈندە جاۋ مەملىكىتىگە باش ۋەزىر بولىدىغانلىقى خۇسۇسىدا  پال  ئاچقاندا، دەل توغرا چىققان، دەپ  ئاڭلىۋىدىم! ئۇستازدىن پەقىر سەي زېغا  بىر پال ئېچىپ  بېقىشلىرىنى ئۆتۈنەي!ـــــ دېدى چەۋەنداز مەغرۇر قىياپەتتە.
ـــــ بىر مەردانە  ئەركەك بولغاندىكىن باشقا كەلگەننى كۆرمەملا دەيمەن! قۇت-شۇملۇققا ئالدىن ھۆكۈم قىلدۇرۇش پازىللارنىڭ  ئىشى  ئەمەس!ـــــ كۆك بوغچىلىقنىڭ تەلەتى تۇتۇلدى.
ـــــ ئۇستاز يېڭىلىشىۋاتىدىلا!ـــــ چەۋەنداز تەكەببۇرلۇق بىلەن
ھىجايدى،ـــــ پەقىر  سەي زې تۆھپە يارىتالماسلىقىمدىن غەم قىلمىغان يەردە، قۇت-شۇملۇققا  ھۆكۈم قىلغۇزۇپ نېمە قىلغىدەكمەن؟ ئادەمنىڭ ئۆمرى تولا  قىسقا  بولىدۇ، ئۇستازدىن ئىلتىماس قىلىدىغىنىم پەقىر  سەي زې قانچىلىك  ئۆمۈر كۆرگۈدەكمەن؟
ـــــ بوپتۇلا، پەقىر  بۈگۈن بىر پالچى  بولۇپ باقاي،ـــــ كۆك بوغچىلىق چەۋەندازغا بىر قۇر زەڭ سېلىۋېتىپ، خۇددى سۇ ئىچىۋاتقاندا كۈلكىسى  قىستاپ  كېتىپ سۇنى پۈركۈۋەتكەن ئادەمدەك كۈلۈپ كەتتى،ـــــ جانابلىرىنىڭ بەش ئەزايى ئۆزگىچەرەك ئىكەن، باشقىلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىكەنلا. كومشا  بۇرۇنلىرىنىڭ تۆشۈكلىرى ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپتۇ، بويۇنلىرى قىسقا دىقماقلار بىر ئادەمكەنلا، مۈرىلىرى  خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك  ئېگىز چوقچىيىپ تۇرۇپتۇ، تىزلىرى مايماق ئېگىلىپ تۇرىدىكەن، قاش بىلەن كۆزلىرىنىڭ  ئارىلىقى تولا يېقىن  قىستىلىپ تۇرۇپتۇ، قارامتۇل مەڭىزلىرىدىن  قان تەپچەرەپ تۇرۇپتۇ. پالدا قاش-كۆز بىلەن پاناق بۇرۇن  غۇژمەكلىشىۋالغان  بەتبەشىرە يۈزلۈك  ئادەم ھېچكىمگە ئوخشىماستۇر، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر، دەپ زاھىر بولدى!
ـــــ ئۇزۇن ئۆمۈر خۇسۇسىدا دېگەنلىرى بەكلا  مۇجىمەل بولۇپ قالدى، بۇ  تەبىر قانداقمۇ  مەشھۇر ئۇستازنىڭ  ئاغزىدىن  چىققان گەپكە  ئوخشىسۇن؟ قېنى نوچى بولسىلا يۈز كۈنلۈك  مۆھلەتتىكى ئىشتىن  بىرنى دەپ باقمامدىلا نەدىكى يىراقتىكى ئۆمۈر ئىشىنى دېگىچە؟ـــــ دېدى چەۋەنداز ھېچ ئىش بولمىغاندەك قامچىسىنى  مىجىقلىغىنىچە.
ـــــ جانابلىرى پەقىرنىڭ پالچىلىق ئىلمىمنىڭ قانچىلىكلىكىنى سىناۋاتىدىلا-ھە، ئەمىسە تۈزلا دەۋېرەي، جانابلىرى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قىرىق ئۈچ يىل ياشايدىلا، يەتمىش سەككىز ياشقا ئۇلاشقان قۇتلۇق سائەتلىرىدە باش ھۇجۇرلىرىدا تىنچلىنىپ ياتىدىلا!ـــــ كۆك بوغچىلىق كىشى مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
ـــــ ھاھاھاھ ... ھوقۇقنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىشقا قىرىق ئۈچ يىل يېتىپ ئاشىدۇ!ـــــ چەۋەنداز غادايغىنىچە سىلكىنىپ-سىلكىنىپ كۈلدى.
كۆك بوغچىلىق كىشى  بامبۇك ھاسىسىنى سىلكىپ قويدى ۋە:
ـــــ ئالدىرىمىسىلا، پەقىرنىڭ يەنە بىر گېپىم بار...
ـــــ تۆھپە يارىتىش خۇسۇسىدىكى ئىشلارنى ئۇستازنىڭ دەپ ئولتۇرۇشى بىھاجەت!ـــــ چەۋەنداز ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپتەكلەپ، كۆك بوغچىلىقنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى ۋە «خوش» دېگىنىچە چاققانلا سەكرەپ ئېتىغا مىنىپ، قاتتىق بىر دىۋىتتى. قاردەك ئاق ئارغىماق ئۇزۇندىن-ئۇزۇن كىشنەپ، كۆك بوغچىلىقنىڭ  كۆز ئالدىدىن چاقماقتەكلا غايىب بولدى. كۆك بوغچىلىق كىشى  كۆزدىن غايىب بولۇۋاتقان ئارغىماققا ھاڭۋېقىپ قارىغىنىچە بېشىنى چايقاپ، ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ تۇمانلىق تاغقا كىرىپ كەتتى.


مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-4 07:19:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئون كۈنلەردىن كېيىن، سەي زې شيەنياڭغا كېلىپ، «مۇھاجىرلار بازىرى» دىكى يەن خانلىقى زەردارلىرى تۇرىدىغان «يەنشەن» كارۋان سارىيىنىڭ قوناقخانىسىغا چۈشكۈن قىلدى. بۇ يىللاردىكى شيەنياڭدا يەن خانلىقىدىن كېلىدىغان سودىگەرلەر بەكلا  ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، يەن جاۋۋاڭ زامانىدىكى سۈر-ھەيۋىسى قالمىغان ئىدى، «يەنشەن» كارۋان سارىيىنىڭ  يەن ئۇسلۇبىدىكى قوناقخانىسى چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. يەن خانلىقىدىن ناگان-ناگاندا دانىش-پازىللار كېلىپ قالغىدەك بولسا، يەن زەردارلىرى خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي پاي-پېتەك بولۇشۇپ، ئاقچا يىغىش قىلىشىپ، تاغ شەرقىدىن چىن خانلىقىغا كېلىپ، شيەنياڭدا مۇھاجىرەتتە تۇرۇپ قېلىشقان ئالتە دۆلەتنىڭ كاتتا زەردارلىرى بىلەن مەشھۇر دانىش-پازىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ زىياپەت ھازىرلىشاتتى. يەنلىك زەردارلار ھازىرمۇ شۇنداق مول، داغدۇغىلىق زىياپەت ھازىرلىدى، تاغ شەرقىدىن كېلىپ شيەنياڭغا توپلانغان ھەر-ھەر سالاپەتلىك كاتتا زەردار، مەشھۇر دانىش-پازىللار ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ سەي زېدىن سىپايىلىك بىلەن ھال-ئەھۋال سوراشتى، سەي زې بىلەن مۇڭداشتى. سەي زېمۇ بۇ سورۇندىكىلەردىن قېلىشقۇچىلىكى يوق كاتتا ئىستېداد ساھىبى ئىدى، شۇڭا تۇنجى زىياپەتتىلا مەمەدانلىقىنى نامايىش قىلىپ:
ـــــ جىمو ئۇرۇشىدا يەن بەگلىكى بىلەن چى بەگلىكى مادارىدىن كەتتى. چاڭپىڭ  ئۇرۇشىدا چىن بەگلىكى بىلەن جاۋ بەگلىكى② ھالىدىن كەتتى. ناۋادا دەرھال ئۆزىنى جۆندەپ يېڭى تەدبىر قىلمىسا، چىن خانلىقى قايتا باش كۆتۈرەلمەيدۇ!ـــــ دېدى.
ـــــ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلماق لازىمكىن ئۇستاز؟ـــــ ئارىدىن بىر دانىشمەن سۆز ئېلىپ سورىدى.
ـــــ چىن خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى فەن سۈي ئورنىنى  بوشاتمىقى لازىم!ـــــ دېدى سەي زې ئەتراپىدىكىلەرگە بىرقۇر نەزەر ئاغدۇرۇپ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە كۈندە، دانىش-پازىللار، زەردارلار ئارىسىدا غۇلغۇلا باشلىنىپ كەتتى.  تۈرلۈك سورۇنلاردا، شيەنياڭنىڭ كوچا-رەستىلىرىدە، ئاۋام  ئارىسىدا سەي زې يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، چىن خانلىقى ئوردىسىنىڭ باش ۋەزىرلىكىنى كۆزلەۋېتىپتۇمىش، دېگەندەك ئاجايىب-غارايىب مىش-مىشلەر تارقىلىپ، ئاستانە شيەنياڭدىكى چىنلىقلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. مىش-مىشلەر باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە يەتكەندە، فەن سۈي كۈلۈپ كەتتى ۋە:
ـــــ قىزىققان، ھاكاۋۇر زاتلاردىن كۆپىنچە چەبەر-قابىللار چىقىدۇ، بۇ كىشى بىر كۆرۈشۈپ  قويۇشقا ئەرزىگىدەك!ـــــ دېدى ۋە خوجىدارىنى بۇ كىشىنى تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن يېنىك مەپە ھارۋا بىلەن يەن خانلىقىدىن كەلگەن  بۇ كاتتا دانىشمەننى  كەچقۇرۇنلىقى  قەسىرگە ئېلىپ  كەلدى.
قىلچە تارتىنمايدىغان بۇ سەي زې ئىنتايىن تەبىئىي، بىمالال، ئەركىن-ئازادە  ئادەم  ئىدى، ئۇ خۇددى شاش يىگىتلەردەك ھارۋىدىن دىككىدە  سەكرەپ  چۈشۈپ، خەۋەرچىنىڭ مەلۇم  قىلىشىنىمۇ  كۈتمەستىن دەرۋازا  ئالدىغا كېلىپ،  قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە:
ـــــ يىڭچېڭ تۆرىسى  بارمۇ  ئۆزلىرى؟ يەنشەنلىك سەي زې  كەلدى!ـــــ دېدى. بىرەركىمنىڭ چىقىپ كۈتۈشىنى ساقلىمايلا ئەگرى-مايماق  پۇتلىرى بىلەن ئىغاڭلىغىنىچە ئىككى تەرىپىگە پانۇسلار  ئېسىلغان قەسىر قورۇسىغا كىرىپ كەلدى. قورۇدىن  يەنە بىر  قورۇغا  كىردى، ئاندىن يەنە بىر كاتتا قورۇغا ـــــ ئۈچىنچى  قورۇغا  كىرگەندىن  كېيىن، پانۇس  يورۇقىدا ئالدىدىن بىر  سايىنىڭ تېز-تېز كېلىۋاتقانلىقىنى  كۆردى.
ـــــ تېخى ئۇچماي تۇرۇپلا ئۈچ مىڭ  چاقىرىم  يىراقلىقتىن  قاققان قاناتلىرىنىڭ شەپىسىدىن يەنشەن ئاققۇسىنىڭ  كېلىدىغانلىقىنى  بىلگەن ئىدۈك!ـــــ كۈلكە بىلەن تەڭ چاچلىرىنى خۇددى بودۇنلاردەك يەلكىسىگە تاشلىۋالغان بىر ئادەم چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن يېتىپ كەلدى.
ـــــ ئۇنىڭ قانىتى  بۇلۇتلار  ئۈستىدە پەرۋاز قىلمىسا قانداقمۇ  ئېگىز ئۇچالىسۇن؟ـــــ دېدى سەي زې ئالقانلىرىنىڭ  ئۇچىنى جۈپتەكلەپ.
ـــــ ھاھاھاھ، پاساھەتتە يېگانە گەپ بولدى بۇ، بۇ ئىقلىمدا بۇنىڭدىن  ئارتۇق كارامەت  گەپ بولماس!ـــــ فەن سۈي  ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ  كەتتى.
ـــــ نەدىكىنى، نەدىكىنى، كەمىنىلىرى يۈرەك پوك-پوكچىلىقتا
لاپ  ئۇرۇپ  قويدۇم!ـــــ سەي زې بىردىنلا خىرىلداپ  كۈلۈپ قويدى.
ـــــ پەقىر ماختاپ ئاققۇ، دەپ  قويسام، جانابلىرى ئۆزلىرىنى بېيمىڭدىن  كەلگەن سۇمرۇغ چاغلاپ قاپتىلا-دە! ماختىغىنىمدىن  تەمتىرىگەنلىكلىرىنى چاندۇرۇپ  قويماي دەپتىلا، ھەقىقەتەن كاتتا ۋائىزلاردىن ئىكەنلا!ـــــ فەن سۈي  مەسخىرىلىك  كۈلدى.
ـــــ تاداننىڭ  ئالدىدا مەمەدانلىق  قىلىشقا ھەددىم  ئەمەس، كەمىنىلىرى ئەسلىدە باش ۋەزىرگە تەكلىپ  بېرەي، دەپ  كەلگەن  ئىدىم!ـــــ سەي زې شۇندىلا تازىم بەجا كەلتۈردى.
ـــــ مۇنداق  دېسىلە! تەييارلىق قىلىپ  كەلگەنىكەنلا، قېنى  سارايغا  مەرھەمەت، شۇ يەردە  ھال-مۇڭ قىلىشايلى!ـــــ فەن سۈي  سەي زېنى يۆلىگەندەك  ھەرىكەت قىلغاچ  ئۇنى  ئىچكىرىگە مەرھەمەت  قىلىشقا ئۈندەپ  كۈلدى.
سارايغا  كىرگەندىن  كېيىن، فەن سۈي ئايال خىزمەتكارغا چاي راسلاشنى تاپىلىدى. سەي زې مەززىلىك  چاي ھىدىنى  بۇرنىدا چوڭقۇر  نەپەس ئېلىپ ھىدلىغاچ:
ـــــ چىن  تەسەررۇپىدىكى  تەييىشەن  تېغىدىن  چىقىدىغان ساپ  پۇراقلىق  چايكەن!ـــــ دېدى كۈلۈپ.
ـــــ تەييىشەن تېغىدىن چىقىدىغان چاينى ئىچىپ ھوزۇرلىنالىغان  ئادەم  چىن خانلىقىغا  ئۆزلىشىپ، ھەقىقىي چىنلىق  بولالايدۇ!  
ـــــ ناتايىن، ناتايىن، پەقىر  سېمىز پاقلان گۆشى دۈملىمىسىنى كۆپ  يەيمەن، ئەمما يەنىلا يەنلىك تۇرمامدىمەن!ـــــ سەي زې بېشىنى چايقىدى.
ـــــ چىن خانلىقى  ئۈچۈن  ئىشلىگەندىكىن چىنلىق  بولىدىغان گەپ، گۆش-پۆش، چاي-پاي يەپ-ئىچىش بىلەن  نېمە كارىمىز؟ـــــ فەن سۈي كۈلۈپ كەتتى.
ـــــ ناتايىن، ناتايىن! تۆرەم ئون نەچچە  يىلدىن  بېرى چىن خانلىقىغا  ئىشلەپ  قويغانغا چىنلىق  بولۇپ قالدىلىمۇ ئەمدى؟ـــــ سەي زې يەنە  بېشىنى  چايقىدى.
گەپ ئارىلىقىدا ئايال خىزمەتكار ھورى دىماغقا  ئۇرۇلۇپ تۇرغان چاينى ئېلىپ  كىردى، فەن سۈي سەي زېنى چايغا مەرھەمەت قىلىشقا ئۈندىگەچ:
ـــــ ئۇستاز ئىككى يانلىرىغىلا قارايدىلىغۇ، قارىغاندا كۆڭۈللىرىدە دېيەلمەيۋاتقان بىرەر  گەپلىرى  بار  ئوخشايدۇ. نېمە گەپلىرى  بولسا تارتىنماي  دەۋەرسىلە، پەقىرنىڭ قۇلىقى سىلىدە،ـــــ دېدى كۈلۈپ.
سەي زې ھورى دىماغقا  ئۇرۇلۇپ  تۇرغان يوغان كاسىدىكى چاينىڭ قىززىق  ھورىنى  بۇرنى بىلەن  ئۇزاقتىن-ئۇزاق  ئىچىگە سۈمۈرۈپ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
ـــــ تۆرەم ئىقلىمدىكى كاتتا ئىستېداد  ئىگىسى تۇرۇغلۇق يەنە  نېمىشقا ئىشلارنى كەسكىن-كەسكىن  بىرياقلىق قىلمايدىلا؟ـــــ دېدى، فەن سۈينىڭ كۈلمەكچى بولۇۋېتىپ كۈلەلمەي ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ  قالغىنىنى  كۆرۈپ يەنە كۈلۈپ كەتتى ۋە  گېپىنى  داۋام قىلدى،ـــــ ھاۋانىڭ تۆت پەسلى بولغىنىدەك، ئادەمنىڭمۇ قېرىيدىغان چېغى بولىدۇ. تۆھپە ياراتقانلار چېكىنىدۇ، كېيىنكىلەر  ئۇنىڭ  ئىزىنى  باسىدۇ، شۇنداق  ئەمەسمۇ جانابلىرى؟
فەن سۈي  دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ گەپ قىلماي ئولتۇردى.
ـــــ تېنىم تىمەن، ئىرادەم يۈكسەك، كاتتا دانىشمەنمەن، دەپ  ئويلامدىلا تۆرەم؟
ـــــ ...
ـــــ تۆھپە يارىتىپ بىرەر  ئىشنى  ۋۇجۇدقا  چىقارغان  ئادەم بىر  ئۆمۈر قەدىرلىنىپ، ئۆمرىنىڭ  ئاخىرىنى  بىخارامان ئۆتكۈزسە، بۇ كىشىلىك  ھاياتنىڭ  پەيزىمىدۇ؟
ـــــ ...
سەي زې بەكلا ئوڭايسىزلاندى، بۇنداق مۆرىمەي  تۇرىدىغان  ئادەمگە  سۆزلەۋېرىپ  سەۋر قاچىسى توشتى، ئاخىر ئۇزۇن  ئىنچكە  بارماقلىرى بىلەن  شىرەنى  چېكىپ تۇرۇپ  قايناپلا  كەتتى:
ـــــ بەش يۈز يىلدىن بۇيان، ئىقلىمدىكى قۇدرەتلىك بەگلىكلەرنىڭ تۆھپىكار  ۋەزىرلىرى  ئىچىدە  يۆ تۆرىلىكىنىڭ تۆھپىكارى  ۋېن جۇڭ، چۇ بەگلىكىنىڭ تۆھپىكارى ۋۇ چى، چىن  بەگلىكىنىڭ  تۆھپىكارى  شاڭ ياڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈدىغانلار بولغان  ئەمەس. شۇغىنىسى مانا  بۇ  ئۈچ  زاتى  مۇبارەكلەر  كاتتا
تۆھپىكارلاردىن  تۇرۇغلۇق پاجىئەلىك  بىئەجەل ئۆلۈمدىن  قۇتۇلۇپ
قالالمىدى، ئۇلارنىڭ  ئۆلۈمى  تولىمۇ  ئېچىنىشلىق  بولدى. بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئوردا سەلتەنەتىدە باش چۆكۈرۈپ ھاردىم-تالدىم دېمەي، بار ئىقتىدارىنى ئىشقا  سېلىپ   ئىشلىگەنلىكىنى  ئىنچكە تۈپكەرلەپ③  كەلسەك، ئۇلارنىڭ  تۆھپىسى تارىخ كىتابلىرىغا  پۈتۈلگەنلىكىنى كۆرۈمىز-يۇ، ئۆمرىنىڭ  ئاخىرىدا  ھېچ بىر ياخشىلىق  كۆرگەنلىكى خۇسۇسىدا كېيىنكىلەرگە ھېچنەرسە قالمىغانلىقىنى بايقايمىز!
ـــــ جانابلىرى سۇمرۇغدەك قانات قېقىپ  ئېگىز ئۇچىدىغان  ئادەم  تۇرسىلا، يەنە كېيىنكىلەرگە كۆرگەن ياخشىلىقلىرىدىن نام-نىشان  قالدۇرىمەن، دەپ غەم قىلىپ  نېمە قىلىدىلا؟ـــــ فەن سۈي مىيىقىدا كۈلۈپ  قويدى.
ـــــ تۆھپە يارىتىپ ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەن دانىش-پازىللارلا ياخشىلىق كۆرۈدۇ ھەم ئۇلار كۆرگەن ياخشىلىقتىن  كېيىنكىلەرگە ياخشى نام-ئاتاق  قالىدۇ!ـــــ سەي زېنىڭ سۆزلىرى سۆڭەكتىن ئۆتۈپ  جانغا تەگكىدەك  تىزىلىپ  چىققىلى تۇردى،ـــــ تۆھپە يارىتىۋېتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەردىن ئانچە-مۇنچە ياخشىلىق كۆرگەنلىكى خۇسۇسىدا ياخشى نام-نىشان قالىدۇ. تۆھپىسىز ياشاپ ئۆز ئەجىلىدە ئالەمدىن  ئۆتكەنلەردىن ھېچ بىر ياخشى نام-نىشان قالمايدۇ. يامانلىق قىلىپ  سېسىق نامى پۇر كەتكەنلەر سېسىق ئاتاققا قالىدۇ. مەرد ئەزەمەتلەر تۆھپە يارىتىپ بىرەر  ئىشنى  ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۆز يولىغا راۋان  بولىدۇ. تۆھپە يارىتىۋېتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھاياتى تىنچ-ئامان  ئۆتكەن بولىدۇ، دانىش-پازىللار بۇ ئۈچەيلەندىن ئىبرەت ئالمىقى، ئۇلارنى ئۈلگە قىلماسلىقى لازىمدۇر!
ـــــ جانابلىرىنىڭ  دانا  قاراشلىرى  بويىچە  بولغاندا، شۇ بەش يۈز يىلدىن  بېرى  كىملەرنىڭ كۆرگەن ياخشىلىقلىرىنى ئۆرنەك قىلساق بولىدىكىن؟
ـــــ بۇرۇنقىسىنى دېسەك زەردارلار پىرى، رەڭدار كۇلال سودىگىرى تاۋ تۆرىلىكىدىن بولغان غوجام، دەپ  ئاتالغان فەن لى، كېيىنكىسىنى  دەپ كەلسەك باسقۇنبەگ، دەپ نام-ئاتاق ئالغان جاڭ يىدۇر! بۇ پازىللار تۆھپە ياراتقاندىن  كېيىن  زاھىدلىق يولى تۇتۇپ كىشىلىك  ھاياتنىڭ  پەيزىنى  سۈرگەندۇر، ئۇلار ھەم تۆھپىكار ھەم ئۇلاردىن  ياخشى ئاتاقلار  قالغان!
ـــــ سەي زې يېڭىلىشتىلا!ـــــ فەن سۈي شىرەنى پاققىدە  بىرنى  شاپىلاقلاپ  ئورنىدىن  تۇردى،ـــــ مەرد ئەزەمەتلەر ئىقلىمنىڭ روناق تېپىشى ۋە خارابلىشىشىنى ئۆز بۇرچى، دەپ  بىلمەي  ئەكسىچە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئامانلىقىنى ئەلا بىلسە، بۇنى قانداقمۇ ياخشى نام-نىشان قالدۇردى، دېگىلى  بولسۇن؟ ۋېن جۇڭ يۆ تۆرىلىكىنى  ئىدارە  قىلىپ  ئەلنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈشتە ئۆزىنى  ئۆلتۈرۈۋېلىش بەدىلىگە ۋەزىرلىك مەنسىپىنى  ئۆتۈنۈپ  بەرمىگەنكى، ھەرگىزمۇ فەن لىدەك زاھىدلىق  يولى  تۇتۇپ مەنسەپنى تاشلاپ  كەتمىگەن. ۋۇ چى چۇ بەگلىكىدە ياساق ئۆزگەرتىشتە ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىپ بېشىغا ئۆلۈم دەھشىتى كېلىدىغانلىقىنى  ئېنىق  بىلەتتى. ئەلۋەتتە، شاڭ تۆرەم چىن بەگلىكىدە ياساق  ئۆزگەرتىشتە، بېشىغا ئۆلۈم بالاسى ياغىدىغانلىقىغا  پەرۋا قىلماي چىن بەگلىكىنى ئىچكى نىزادىن ساقلاپ  قالغان. بۇ ئۈچ پازىل ھاياتى بەدىلىگە ئەلنى قەلبىگە پۈككەن، شۇقەدەر  ئېغىر ئۇۋالچىلىق  تارتىشقا رازى بولغانكى، سەلتەنەتكە، ئاۋام-رەئىيەتكە زەرەر يەتكۈزمىگەن، جان بېرىش بەدىلىگە بەگلىكنى، سەلتەنەتنى زىيان-زەخمەتسىز ساقلاپ  قالغان، مانا بۇلارنى ئەلمىساقتىن  بۇيانقى مېھىر-مۇشفىق، ياخشى ئاتاق، ساداقەتمەنلىكنىڭ نەمۇنىسى، دېسە  بولىدۇ! فەن لى، جاڭ يىدەكلەر بولسا مۈشكۈلاتقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ  چېكىنىپ، بېشىغا  كېلىدىغان بالا-قازانى كۆرۈپ  پەشنى قېقىپ  تاغ-ئورمانلاردىكى  بۇلاق باشلىرىدا لالما  ئىتتەك لاغايلاپ، چىۋىندەك بېزىرىپ  يۈرگەن، مانا بۇقەدەر كىشىلەرنى جانابلىرىنىڭ تۆھپە، ياخشى ئاتاقنىڭ نەمۇنىسى، دەپ  بىلگىنىدىن پەقىر فەن سۈي نامۇس قىلىۋاتىمەن! جانابلىرى ئۆزلىرىنى سۇمرۇغ-ئەنقا  ساناپ  يۈرگەنلىرى  بىلەن تام تۆشۈكلىرىدە چاڭگا تىزىپ جان باقىدىغان قۇچقاچقا  ئوخشايدىغان  ئادەمكەنلا! شۇ ھاللىرىغا پەقىر فەن سۈينىڭ ئورنىنى  باسماق  بولۇۋاتىدىلا، بۇ قىلىقلىرى چىن خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرلىك ئورنىنى  پەس كۆرگەنلىكلىرى ئەمەسمۇ؟
ـــــ يىڭچېڭ تۆرىسىنىڭ قارىشىچە، پازىل، ياخشى نام-ئاتاق دېگەن زادى نېمىدۇ؟ـــــ دېدى سەي زې  بويۇنلىرىغىچە  قىزىرىپ
كېتىۋاتقان  بولسىمۇ زورىغا   كۈلۈپ.
ـــــ ھەق-ھەققانىيەت، ئەدلۇ-ئادالەت ئۈچۈن ئۆلۈشكە، مەملىكەت ئۈچۈن جان تەسەددۇق  ئەيلەشكە تەييارمەن!ـــــ فەن سۈي يەڭلىرىنى  سىلكىدى  ۋە ،ـــــ غوجىدار مېھماننى ئۇزاتسۇنلار!ـــــ دېگىنىچە  سەي زېغا قاراپمۇ  قويماي كېتىپ  قالدى. تولا  ئوسال ئەھۋالدا قالغان سەي زې ھاڭۋاققىنىدىن  نېمە  قىلارىنى  بىلەلمەي تۇرۇپلا  قالدى، غوجىدار ئۇنى  چىقىپ  كېتىشكە  مەرھەمەت قىلغاندىلا  ئاندىن  ئېسىگە كېلىپ، غوجىدارغا  ئەگىشىپ ئىغاڭلاپ  چىقىپ  كەتتى.ئاي شۇقەدەر سۈزۈك، يۇلتۇزلار شالاڭ  ئاخشام، فەن سۈي  سەي زې ئارامىنى  بۇزۇۋەتكەن  كۆڭلىنى  ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن  قەسىرنىڭ  ئارقا  باغچىسىدىكى كۆل  بويىدا خىيال سۈرگىنىچە ئاستا  كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئەمدىلا بۇرۇلۇپ قايتاي، دەپ تۇرغاندا، بىردىنلا قويۇق بامبۇكزارلىقتىن بىرەيلەننىڭ بىرھازا كۈلگەن  ئاۋازى  كەلدى، ئارقىدىنلا كۈلگەن كىشى:
ـــــ سۇغا  تىكىلگەننىڭ كۆڭلى تاغ-ئورمانلاردىكى بۇلاق بېشىنى تارتۇر!ـــــ دېدى.
ـــــ ئەسلىدە تاڭ جۈ بۇرادەر ئىكەن ئەمەسمۇ، سالقىن شامال، سۈزۈك ئاينىڭ چىققىنى  بىكار  ئەمەسكەن-دە!ـــــ فەن سۈي بامبۇكزارلىقتىن  چىققان ئاۋازدىن  خۇشاللىقىنى  باسالماي قالدى. بامبۇكزارلىقتىن ئۆشنىسىگە كۆك بوغچا ئارتىۋالغان  بوۋاي كۈلگەچ چىقىپ كەلدى، بامبۇك ھاسىسىنى قولتۇقىغا  قىستۇرۇپ ئالقانلىرىنىڭ  ئۇچىنى جۈپتەكلەپ:
ـــــ بىئەپ پەيتتە تۇيۇقسىز كېلىپ فەن شۇنىڭ  چاغ كەيپىنى  بۇزۇپ  قويدۇم-ھە!ـــــ دېدى.
ـــــ ھاھاھا،ـــــ فەن سۈي قاھقاھلاپ  كۈلۈپ  كەتتى،ـــــ چىگىش خىياللارغا غەرق  بولۇپ تۇراتتىم، نەدىن كەلگەن چاغ كەيپكەن ئۇ؟ يۈرسىلە، كۇتۇپخانىغا  كىرىپ مۇڭداشقاچ تازا  بىر  ئىچىشەيلى!
ـــــ بىرى بىلەن ساياھەتكە چىقىشقا كېلىشىپ   قويغان  ئىدىم، مەينى بۈگۈنچە نېسى  قالدۇرايلى! ئۆتە يول بولغاچقا بىر  كىتابنى  ئۆزلىرىگە ھەدىيە  قىلىغاچ ئۆتەي دېدىم، بۇ كىتاب  ئىچ پۇشۇقلىرىنى  چىقىرىشقا  پايدىسى تەگسە ئەجەب  ئەمەس!ـــــ دېدى تاڭ جۈ كۈلۈپ.
ـــــ كۆڭۈلدىكى  گادىرماچنى تۈگىتىدىغان كىتابمۇ بارمىدۇ؟ـــــ فەن سۈي خۇرسىنىپ  قويدى.
تاڭ جۈ ئۆشنىسىدىكى كۆك بوغچىنى فەن سۈيگە سۇنغاچ:
ـــــ بۇ كىتابنى  ئوقۇيدىغانلا   بولسىلا كۆڭۈللىرى جەزمەن ئارام تاپىدۇ!ـــــ دېدى.
ـــــ بۇمۇ  بولغىنى. تاڭ جۈ بۇرادەر ئەزەلدىن  سىرلىق  ئادەم جۇمۇسىلا سىلى! بوپتۇ، نېسى  قالغان  مەينى  كېيىنچە ئىچىشىۋالارمىز!ـــــ كۈلكىسىنى  باسالمايۋاتقان فەن سۈي كۆك بوغچىنى  قوشقوللاپ  ئالدى.



مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-4 07:20:33 | ئايرىم كۆرۈش
تاڭ جۈمۇ كۈلگىنىچە خوشلاشتى، خۇددى جىندەك   بامبۇكزارلىقتا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە غايىب بولدى.
فەن سۈيمۇ  ئارتۇقچە تەكەللۇب  قىلىپ  ئولتۇرماي ئاستاغىنە  كۇتۇپخانىسىغا قايتىپ  كىردى. چىراق تۈۋىگە كېلىپ كوك بوغچىنى  ئاچتى، بوغچىدىن  چىگە بىلەن  باغلاپ  ناھايىتى سىپتا-پۇختا تۈپلەنگەن بامبۇك تارشا پۈتۈك چىقتى، ئۇ چىگىنى يېشىپ بامبۇك تارشا پۈتۈكنى ئېچىۋىدى، «دىۋانى جى رەنگە باھا» دېگەن كىتاب نامىغا كۆزى چۈشتى. فەن سۈي ھەيران قالدى، بامبۇك تارشا پۈتۈككە  ئۆرۈپ-چۆرۈپ سىنچىلاپ قارىدى، بۇ، ھەقىقەتەن كۆن بىلەن نەفس مۇقاۋىلانغان ئۆزگىچە بىر  كىتاب  ئىدى، ئۇ قوللىرى  بىلەن سىيلاپ بېقىۋىدى، تارشا پۈتۈكنىڭ  ئارقا تەرىپىدە بىرەر تال كۆن-چىگە يىپ بىلەن  چىگىلگىنى بىلىنمىدى؛ ھالرەڭ بامبۇك تارشىغا كىتاب مەزمۇنى ناھايىتى يوغان خەتلەر يېزىلغان، يېشىل بامبۇك تارشىغا باھالار كىچىك خەت بىلەن يېزىلغان، ھالرەڭ تارشا بىلەن  يېشىل تارشا ئارقىلىق كىتاب مەزمۇنى  بىلەن  باھا ئايرىلغان بولۇپ، ئىنتايىن تۈجىپىلەپ يېزىلغان  ئىدى؛ تارشا پۈتۈكنىڭ بەت بېشى بىلەن بەت ئاستى سىيلىق پارقىرىتىۋېتىلگەن، بەت بېشى كۆك، بەت ئاستى سېرىق بويالغان، بەت بېشى بىلەن بەت ئاستىغا قىزىل خەتلەر يېزىلىپ، تارشا پۈتۈك بەتلىرىگە مەزمۇنلار ئويۇلغان، بەت ئارىلىرىغا قىزىل  ياقۇت قۇيۇلغان، بۇ كىتاب قولغا  ئالغان  ئادەمگە شۇنچىلىك راھەت  بىلىنەتتى. فەن سۈي مىرزىلىقتىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، كىتابەتچىلىك-كۇتۇپخانا  ئىشلىرىغا  پۇختا  ئىدى، شۇڭا بىر كۆرۈپلا  بۇ كىتابنىڭ قانداقتۇ بىر كاتتا دانىشمەننىڭ  يۈرەك قېنى سىڭگەن مەشھۇر  ئەسەر  ئىكەنلىكىنى، ئۇنداق  بولمىغاندا بۇقەدەر نەفس ئىشلەپ كەتمەيدىغانلىقىنى پەملىدى. كىتابنىڭ شۇنچىلىك سىپتا-نەفس ئىشلەنگىنىگە قارىغاندا، مىس ياكى ياغاچتىن ياسالغان  ساندۇقى بولسا كېرەك، ئەمما ھازىر ئۇنداق ساندۇقى يوق، بەلكىم تاڭ جۈ يۈدۈشكە ئەپسىز تۇيۇلۇپ ئەكەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنىسى تولا  ئەپسۇسلىنارلىق  ئىش ئىدى. فەن سۈينى ھەممىدىن  ھەيران قالدۇرغىنى كىتابنىڭ ئاجايىب ئوبدان  ئىشلەنگىنى  بولماستىن بەلكى يوقاپ كەتكىنىگە نەچچە يۈز يىل بولغان  بىباھا كىتابنىڭ  قايتا پەيدا بولغانلىقى  بولدى، بۇ كىتابنى مۇتالىئە قىلغۇچى ئەللامەنىڭ زېھىن قويۇپ باھا يازغىنىچۇ تېخى!
روزغار ئىلمىنىڭ پىركامىلى ھەزرىتى جى رەن ئەمىنىيە زامانىنىڭ  ئاخىرقى  مەزگىللىرىدىكى  جىن تۆرىلىكىدە ئۆتكەن ئاجايىب ئىقتىدارلىق زات ئىدى. بۇ زات يۆ تۆرىلىكىنى ساياھەت قىلغان كۈنلەردە فەن لى  ئىسىملىك بىر پۇقرا تالىبنى  ئۆزىگە شاگىرتلىققا  تاللىغان. بۇ فەن لى دەل كېيىنكى  كۈنلەردە يۆ تۆرىلىكىنىڭ باش ئەركانى بولۇپ، يۆ تۆرىسى گو جيەنگە كۆمەكلىشىپ ۋۇ تۆرىلىكىدىن قىساس ئېلىپ  يوقىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت  قازىنىپ كاتتا  ئىشلارنى  ۋۇجۇدقا  چىقارغان، كېيىنچە ۋەزىرلىكتىن  كېچىپ كۆل-دېڭىزلارغا تەنھا  قېيىق بىلەن كىرىپ  كېتىپ زاھىد بولۇۋالغان، بۇ چاغلاردا رەڭدار كۇلالچى غوجام④، دېگەن نامۇ-شەرىپى بىلەن تاۋ تۆرىلىكىدە سودا-تىجارەت قىلغان، ئون يىلغا قالمايلا ئىقلىمدىكى  بىرىنچى بايغا ئايلىنىپ، زەردارلار تەرىپىدىن  تاۋنىڭ كۇلالچى غوجىسى، دەپ ئاتالغان. بۇ «دىۋانى جىرەن» نى ئاشۇ كۇلالچى غوجام فەن لى زاھىدلىق مەزگىلىدە ئۇستازىنىڭ روزغارلىققا دائىر تەلىم-ئۆگۈتلىرىنى توپلاپ ھەم ئۆزىنىڭ مۇتالىئەلىرىنى قوشۇپ سەككىز مىڭدىن ئارتۇقراق  سۆزلۈك، يەتتە تەدبىرلىك كىتاب قىلىپ چىققان، بۇ كىتابنىڭ ئەلنى بېيىتىش دەستۇرى  ئىكەنلىكى خۇسۇسىدا  ئىقلىمدا خىلمۇخىل گەپلەر تارقالغان. ئەلنى، ئاۋام-رەئىيەتنى  بېيىتىش خۇسۇسىدىكى تەدبىر-تەبىرلەر، ئەقىل-چارىلەر ئاجايىب پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىقلىمدىكى  زەردارلار تەرىپىدىن «بۇ دۇنيادىكى يېگانە بېيىش دەستۇرى» دەپ تەرىپلەنگەن بولسا، دانىشمەنلەر تەرىپىدىن «روزغار توپلاشنىڭ يەتتە تەدبىرى» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئىككى يۈز يىلدىن بېرى مانا مۇشۇنداق  ئاجايىب كىتابنىڭ بارلىقى خۇسۇسىدا گەپ تارقالغان بولسىمۇ، بۇ كىتابنى  ئوقۇپ مۇتالىئە قىلغانلار خۇسۇسىدا ھېچقانداق گەپ بولۇنمىدى، ئۆلىما-دانىشمەنلەر توپلانغان  مەرىپەت سارىيى ـــــ جىشيا ئوقۇلىدىمۇ «دىۋانى جى رەن» دىن ساۋاق بەرگەن ئۆلىما-دانىشمەنلەر يوق ئىدى. پەقەت مۇشۇنداق بىر ئاجايىب كىتابنىڭ  بارلىقىلا ئېغىزدىن-ئېغىزغا  تارقىلىپ، خۇددى جى رەن، فەن لىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ  خىيالىي تۇيغۇلىرىدا  گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ ئۇنتۇلۇپ كەلگەن. مانا مۇشۇنداق بىر غەلىتە كىتابنىڭ مانا ئەمدىلىكتە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن فەن سۈي قانداقمۇ ھەيران قالمىسۇن؟
فەن سۈي ئەمدى نېرى-بېرىسىنى  ئويلاپ  ئولتۇرماي كىتابنى ۋاراقلاشقا كىرىشتى. بىرنەچچە بۆلەكنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، فەن سۈيگە «دىۋانى جى رەن» گە يېزىلغان باھا كىتاب مەتىنىدە بەكرەك غەلىتە ھەم قىزىقارلىق  تۇيۇلدى.
فەن سۈي ئەمدى نېرى-بېرىسىنى  ئويلاپ  ئولتۇرماي كىتابنى ۋاراقلاشقا كىرىشتى. بىرنەچچە بۆلەكنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، فەن سۈيگە «دىۋانى جى رەن» گە يېزىلغان باھا كىتاب مەتىنىدە بەكرەك غەلىتە ھەم قىزىقارلىق  تۇيۇلدى. مەتىندە «ئوبدان رىجەلەنگەن ياغىغا ئالدىن پۇختا تەييارلىق  كۆرۈلمىكى لازىمدۇرلەر، يەنى ياغىدىن بۇرۇن مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئوزۇق-تۈلۈك ھازىرلىقلىرى پۇختا قىلىنمىقى لازىم! بۇ ئىككى  ھازىرلىقلار جايىدا  بىرلەشتۈرۈلسە، ھەرقانداق  ئىشقا جايىدا تاقابىل تۇرغىلى بولۇر!» دەپ يېزىلغان  بولسا، باھادا «ھازىر ياغى ئىشلىرى  بەك  ئاۋۇپ كەتتى، ئۇنىڭ  ئۈستىگە ياغى ھازىرلىقلىرىغا دائىم ياغىدىن  كېيىن  ئالدىراپ-تېنەپ تۇتۇش قىلىنماقتىلەر. چوڭراق  ياغىلار ئەلنى  ھالسىرىتىۋېتىدۇ، ئۆزىنى جۆندىۋېلىشنى  بىلگەندىلا ئاندىن ئەلنى  قۇدرەت  تاپقۇزغىلى  بولۇر. تۆت قۇدرەتلىك  تۆرىلىك نە ۋەجدىن  ھالسىراپ  ئاجىزلاپ كەتكەن؟ دېمەك  ئۇلار ياغىدىن  كېيىن دەم  ئېلىۋېلىپ  ئۆزلىرىنى  جۆندىۋېلىپ  ئاندىن  پۇختا  تەييارلىق  بىلەن جەڭ قىلىشنى  بىلمىگەن» دەپ  يېزىلغان. باھا يازغۇچى كىتاب مەتىنىنىڭ مۇددىئاسىغا ئاساسەن يەنە جى رەن ھەزرەتلىرىنىڭ  «ياغى ھازىرلىقىدا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە ئوزۇق-تۈلۈك ھازىرلىقلىرىنى پۇختا  قىلىشنى  بىلىش» دېگەن  جۈملىسىنى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئەلنى  بېيىتىپ  قۇدرەت  تاپقۇزۇشنىڭ  ئالتە تەدبىرىنى ئىزاھلاپ «ئوزۇق-تۈلۈك غەملەر  يوللىرىنى  راۋانلاشتۇرۇش، تۈرلۈك ھۈنەر-كەسپنى  جانلاندۇرۇش، نەرقى-ناۋانى  تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، باج-سېلىقنى  يەڭگىللىتىش، سۇ ئىنشائاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئېكىنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش» دەپ يازغان. يەنە، ھەر بىر  تەدبىرنى تېخىمۇ ئۇجۇر-بۇجۇرغىچە شەرھلەپ بەرگەن! فەن سۈي گەرچە روزغار ئىلمىنىڭ  ئەھلى  بولمىسىمۇ، نۇرغۇن  يىللاردىن  بېرى  سەلتەنەت  ئىشلىرىنى  قىلىپ  كەلگەچكە، ئەلنىڭ  ئىگىلىكى، ئاۋامنىڭ  تىرىكچىلىكىگە دائىر پايدا-زىياننى ئوبدان بىلەتتى، مانا ئەمدى بۇ كىتابتىكى ئۆزگىچە شەرھى-بايانلارنى  كۆرۈپ، باھا يازغۇچىنىڭ  ھەقىقەتەن  ئەلنى  بېيىتىپ  قۇدرەت  تاپقۇزۇشنىڭ
پىر-ئەھلى  ئىكەنلىكىنى تونۇپ  يەتى، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي  ماختاپ، شۇ ئولتۇرغىنىچە توختىماي ئوقۇپ  تۈگەتتى.
بەشىنچى جىسەكتە، فەن سۈي بامبۇك تارشىلىق  بۇ كىتابنى  يىغىشتۇرغاچ قاھقاھلاپ  كۈلۈپ  كەتتى.

سەي زې يەنشەن كارۋان سارىيىنىڭ قوناقخانىسىغا يېتىپ  كەلگەندە، زەردارلار تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىپ  سەي زېنىڭ پاساھەتلىك  نۇتۇقلىرىنى  ئاڭلاشقا  ھازىرلاندى، ئۇلار بۇ كاتتا دانىشمەننىڭ  باش ۋەزىر قەسىرىگە قىلغان  سەپىرىدىن  كۆڭۈلنى  شاد ئەيلەيدىغان ئاجايىب-غارايىب  خەۋەرلەرنى  ئىشتىمىز، دەپ  ئويلاپ، باش ۋەزىرلىك  كۇرسىنى  ئىلكىگە ئالماق  بولغان  بۇ دانىشمەن  ئارقىلىق  چىن خانلىقىدىن  سودا-تىجارەت  پۇرسىتى  ئىستىمەك  بولۇشقان  ئىدى. زەردارلار مانا شۇنداق مۇددىئا-مەقسەتلەر بىلەن زىيادە قىزغىنلىق  بىلدۈرۈشۈپ، سەي زې كارۋان ساراينىڭ قوناقخانىسىغا قايتماستىلا كارۋانساراينىڭ مېھمانخانىسىغا كاتتا زىياپەت  ھازىرلىشىپ تەييار بولۇپ تۇرۇشقان ئىدى.  زەردارلار
سودا-تىجارەتكە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈدىغان، پات ئارىدا چىن خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى  بولۇپ  قالىدىغان بۇ  دانىشمەن باش ۋەزىرگە قانداق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىشىۋاتاتتى. يەن خانلىقىدىن كەلگەن زەردارلار تېخىمۇ قىزغىنلىشىپ، ئوبدانراق  مېھمان  قىلىۋېلىش ئۈستىدە تولا ئويلاپ  قىلغىلى  قىلىق تاپالماي قېلىشقان ئىدى.
ئەپسۇس، سەي زې دەرۋازىدىن ئوزايى ئەپ ئەمەسلا كىرىپ  كەلدى، تېخى ئولتۇرۇشقا  ئۈلگۈرمەيلا بۇ يەرگە غۇژمەكلىشىۋېلىشقان  زەردارلارغا تازىم قىلىپ:
ـــــ فەن سۈي زامان ئوزايىنى  پەملىيەلمەيدىغان ئادەم ئىكەن، پەقىر سەي زې ھەرقايسىلىرىنىڭ  ئالدىدا تولا خىجىلمەن، پەقىرغە ئىجازەت قىلساڭلار!ـــــ دېگىنىچە زەردارلار  بىلەن خوشلىشىپ، قىزىل كىمخاب لىباسىنىڭ  كەڭ يەڭلىرىنى سىلكىگىنىچە مېھمانخانىدىن  چىقىپ  كەتتى. تولا  ئوسال بولغان يەن زەردارلىرى بىردىنلا  نېمە  قىلارىنى  بىلەلمەي  ھاڭۋېقىپ  تۇرۇپ  قېلىشتى-يۇ، بىردىنلا سەي زېنى توسۇپ  قېلىش ئۈچۈن  پاي-پېتەك  بولۇشۇپ  ئارقىسىدىن  چىقىپ  كېتىشتى، بۇ چاغدا سەي زې ئۇچقۇر  ئارغىمىقىغا  مىنىپ غايىب  بولغان  ئىدى. تاغ شەرقىلىق  زەردارلارنىڭ رايى قايتىپ، بىر-بىرلەپ  قايتىپ  كېتىشتى، مېھمانخانىغا  لىققىدە ھازىرلىۋېتىشكەن زىياپەت  شىرەسىدىكى مول غىزا-تائام، مەي-شارابلارغا قارىغىنىچە بىرنەچچە يەن زەردارلىرى ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىشتى.
ئۇچقۇر ئارغىماق شۇ چاپقانچە، گىرىمسەن تاڭدا لەنتيەن ئېدىرلىقىدىكى  بەرخۇتزارلىق يامزىلدا توختىدى. سەي زې بۇ بەرخۇتزارلىقتىن  ئارغىمىقىنى چاپتۇرۇپ  ئكتۈپ  كەتمەك  بولغان  ئىدى، ئەمما دەل  شۇ چاغدا ئارغىمىقىنىڭ  چۇلۋۇرىنى  تارتىپ چۆچۈپ  توختاپ  قالدى، ئالدىدىكى دەرەخ ئاستىدىكى  بىر  كۆك قورام تاش ئۈستىدە ئۈستىۋېشىغا  كۆك ماتا لىباس كىيىيپ بامبۇك يېپىنچا يېپىنغان  بوۋاي ئۆزىگە قاراپ  ھىجىيىپ  تۇراتتى. سەي زې  بىردىنلا  ئوڭايسىزلىنىپ  قالدى، ئارغىمىقىدىن سەكرەپ چۈشۈپ  بوۋاينىڭ  ئالدىغا  بېرىپ تاتىرىپ-بوزىرىپ:
ـــــ ئۇستاز، پەقىرنى  مازاق  قىلىۋاتامدىلا؟ـــــ دېدى.
ـــــ جانابلىرىغا كۈلكىلىك  تۇيۇلمىدىما؟
ـــــ پەقىر  سەي زېغىغۇ كۈلكىلىك  تۇيۇلدى، ئۇستازغا تېخىمۇ  كۈلكىلىك  تۇيۇلسا كېرەك!
ـــــ پەقىرغا نەرى كۈلكىلىك  تۇيۇلۇپتۇ؟
ـــــ تاڭ جۈ دېگەن پالچىلار پىركامىلى تۇرۇغلۇق  ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا دېگەندەك ئىش قىلسا، قانداقسىگە كۈلكىلىك  بولمىغىدەك؟
ـــــ بۇ چاغ  بولغاندا يەنە ئۆزەڭگىدىن  چۈشكىلىرى كەلمىدى، سىلىگە باشقا  دورا يوق  ئوخشايدۇ،ـــــ تاڭ جۈ بامبۇك  ھاسىسىغا  تايىنىپ  ئورنىدىن  تۇردى،ـــــ ئۆز  ئىرادىلىرىگە مۇخالىپ  ئىش قىلىپ قويغان  تۇرۇغلۇق يەنە چوڭ  سۆزلەۋاتىدىلا، تەڭرىنىڭ  ئىرادىسى شۇنداق ئوخشايدۇ، جانابلىرى ئەمدى  بولدى  قىلغايلا،
پەقىرمۇ سىلى  بىلەن تەگىشىپ  يۈرمەي!
ـــــ توختىسىلا!ـــــ سەي زې ئارغىمىقىدىن  سەكرەپ  چۈشۈپ، ئالقانلىرىنىڭ  ئۇچىنى  جۈپتەكلىدى، چىرايى يەنە شۇنداق تۇتۇلغان ئىدى،ـــــ پەقىر  سەي زېدىن  زادى نېمە سەھۋەنلىك  ئۆتتى؟
ـــــ جاۋ لياڭ ئېيتقان  شاڭ ياڭ  ھەققىدىكى  ھېكايىنى جانابلىرى بىلىدىغانلا؟ـــــ تاڭ جۈ بېشىنى  چايقاپ ئىلاجسىز قالغان قىياپەتتە كۈلدى.
ـــــ نېمىشقا  بۇنى  سورايدىلا؟
ـــــ جانابلىرى دېگەنلىرىنىڭ  جاۋ لياڭنىڭكىگە ئوخشاپ  قالغانلىقىنى ھېس قىلمىدىلىمۇ؟
ـــــ ئوچۇقراق  دېسىلىچۇ!ـــــ سەي زېنىڭ  سەل جىلىخورلۇقى تۇتۇپ يەنىلا  قايىل  بولمايۋاتاتتى.
ـــــ جاۋ لياڭنىڭ  سەھۋەنلىكىنى تەكرارلىدىلا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خەقنى  دەرھال  ئورۇن بوشىتىشقا  دالالەت قىلدىلا. ئەلمىساقتىن  بېرى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ  ئوردىغا  كىرگەندە ساداقەتمەنلىك، ئەدلۇ-ئادالەتنى ئەلا  بىلىپ، جېنىنىمۇ  ئايىمايدىغانلىقىنى، ئۆز ئامانلىقىنى  ئويلىشىشنى چاكىنىلىق، رەزىللىك، دەپ بىلىدۇ. فەن سۈي ئىككى  قېتىم ناباب  ئادەمنى  سەلتەنەت  ئىشلىرىغا  تەۋسىيە قىلىپ خانلىققىمۇ، ئۆزىگىمۇ زەرەر يەتكۈزدى، ئەسلىدە  ئۇمۇ  بۇنداق  ئادەملەرگە بەك ئۆچ  ئىدى. جانابلىرى   قىلچە  يۈز  خاتىرە  قىلماي  ئۇنىڭ   يېغىرىغا   تۇز
سەپسىلە تامغا  ئۈسۈۋالماي نېمە  بولماقچىدىلە؟ نەق گەپنى قىلساق، جانابلىرى ئەلنى  روزغارلىق بىلەن ئىدارە  قىلىشنىڭ ئەھلى  بولغاندىكىن، چىن خانلىقىنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئۇدۇللا ئېيتىپ، ئەلنى  بېيىتىپ  قۇدرەت تاپقۇزۇش رىجەلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ  قويغان بولسىلا بولۇۋېرەتتى. فەن سۈيدەك ئۆتكۈر ئادەم  ئۆزلىرىنىڭ ئىستېدادلىرىنى دەڭسەپ  كۆرۈپ سىلىنى  ئالىيلىرىغا  تەۋسىيە  قىلماي قالمايتتى. فەن سۈي گەرچە مېھر-شەپقەت، ئۆچ-ئاداۋەت ساقلايدىغان  ئادەم  بولغىنى بىلەن، ھەر ھالدا ئىقلىمنى  نەزەرىدىن  ساقىت قىلىش دەرىجىسىگە بارغىنى  يوق. بولمىسا، تەكەببۇر فەن سۈي جانابلىرىنى  قانداقمۇ قەسىرىگە تەكلىپ  قىلىپ ئالدىلىرىغا غوجىدارىنى  ئەۋەتسۇن؟ پەقىر  شۇنچىلىك  دەي، قالدى-قاتتىسىنى  ئۆزلىرى دەڭسەپ كۆرەلا!
سەي زې بىردە بىردە تاتىرىپ، بىردە قىزىرىپ، بىردە بوزىرىپ دېگىدەك گۆشىيىپ تۇردى، ئۇنىڭدىكى  تەكەببۇرلۇق، كۆرەڭلىكتىن  ئەسەرمۇ قالمىغان  ئىدى، ئۇ بىردىنلا پېشانىسى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ تازىم  قىلدى ۋە:
ـــــ پىركالانىم، بۇ نۇتۇقلىر پەقىرنىڭ  ئون بەش يىللىق ۋەزخانلىقىمنى كۆزۈمگە كۆرسىتىپ  قويدىلا. پەقىر  سەي زې ئادەمنىڭ  تېشىنى  كۆرۈپ  ئىچىنى  كۆرەلمەيدىغان  ئادەمكەنمەن. چىندىن ئايرىلغاندىن  كېيىن چوقۇم  تەلىملىرىنى  ئەستە   مەھكەم  ساقلاپ ئوبدان   مۇتالىئە  قىلىمەن،  پىرىمنىڭ
تەلىمىنى ھەرگىز يەردە  قويمايمەن!ـــــ دېدى.
ـــــ سىلىنىڭ  تەقدىر-پېشانىلىرىگە شيەنياڭ  پۈتۈلگەن تۇرۇغلۇق  يەنە چىندىن  ئايرىلىمەن، دەيلىغۇ؟ـــــ تاڭ جۈ كۈلۈپ  كەتتى.
ـــــ پىرىم شيەنياڭغا  قايتساڭ  يەنىلا ئۈمىد بار، دېمەكچىمۇسىلى؟
ـــــ نىيەتلىرى دۇرۇست بولسىلا تەڭرى يول كۆرسىتىدۇ!
ـــــ بەلەن گەپ!ـــــ سەي زې بىردىنلا روھلىنىپ  كەتتى،ـــــ پىرىمنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ  قايتا خاتالىق  ئۆتكۈزمەيمەن! ئەمىسە مەن خوشلىشاي!
سەي زې ئالقانلىرىنىڭ  ئۇچىنى جۈپتەكلەپ بۇرۇلۇپلا  ئېتىغا  مىندى، بىرمۇنچە توپا پۇرقىرىتىپ كۈن پېتىشقا  يۈرۈپ  كەتتى.
بەرخۇتزارلىقتا سەي زېنىڭ كۈلكىسى يىراق-يىراقلارغا  تارقالدى، كېتىۋاتقان سەي زېنىڭ:
ـــــ تاڭ بۇرادەرنىڭ ياخشىلىقلىرىغا مىڭ مەرتە تەشەككۈر! مەن كەتتىم  ئەمىسە!ـــــ دېگەن ئاۋازى نە-نەلەرگە ئاڭلاندى.
ـــــ ناۋادا بۇ ئىش ھەل-تامام بولسا، ھەممىسى  شۇ ئاجايىب كىتابنىڭ خاسىيىتىدۇر. شۇغىنىسى، پەقىر  سىلىگە ھەمراھ بولالمايدىغان  بولدۇم!ـــــ تاڭ جۈ بەرخۇتزارلىققا  قاراپ ۋارقىرىدى.
ـــــ كارغا  يارىسىلا  ئاجايىبلىقىنىڭ  ئۆزى شۇ، مەن يا باش ۋەزىر بولۇۋالغۇم  بولمىسا، ئۇ نەرسىنىڭ  نېمە  كېرىكى؟
بەرخۇتزارلىقتىكى  كىشىنىڭ قاھقاھلاپ  كۈلگىنى  ئاڭلاندى. تاڭ جۈمۇ يولىغا  راۋان  بولغاچ:
ـــــ بۇ ئىشنى دەپ  كۆپ رىيازەت  چەكتىم،  بۇنىڭدىن  كېيىنكى  ئىشلارغا سەي زې  ئۆزلىرى  قالدىلا. كەتتۇق  ئەمىسە، سىلىگە ئەگىشىپ تۆۋەن تەرەپلەرگە بېرىپ  ئارام  ئېلىپ  كېلەي!ـــــ دېدى تاڭ جۈ.
بەرخۇتزارلىقتا بىردەم  يۈرگەندىن  كېيىن، ئات  تۇيىقىنىڭ  ئاۋازى  ئاستا-ئاستا غايىب  بولدى، ئاتلىق  لەنتيەن ئېدىرلىقىدىن كۈن چىقىش تۆۋەن تەرەپكە  قاراپ  كەتتى.

ئەلقىسسە. ئەمدىكى گەپنى سەي زېنىڭ شيەنياڭغا قايتىپ باشقىچە  يول تۇتقانلىقى خۇسۇسىدىكى  ئىشلاردىن  ئاڭلاڭ.
سەي زې شيەنياڭغا  قايتىپ  ئۇدۇل يەنشەن كارۋان سارىيىنىڭ  قوناقخانىسىغا  بارماستىن بەلكى شيەنياڭدىكى چىنلىقلارنىڭ  قوناقخانىسىغا چۈشكۈن  قىلدى. ئۇ ھەر كۈنى  ئىت پوق يېمەستە چىقىپ  كېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ  كۆز  باغلانغاندا  قوناقخانىغا  قايتتى. ئۇ شۇ چىقىپ  كېتىشىدە، چىنلىقلارنىڭ  ئەمەلدار-تابۇغچىلىرى، بازار ئەھۋالاتلىرى، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ تىرىكچىلىك  ئەھۋالاتلىرى، تۈرلۈك ھۈنەر-كەسپ، دۇكان-كاسپخانا، ھۈنەرۋەن-كاسپلارنىڭ  ئەھۋالاتلىرى  خۇسۇسىدا  ئۇجۇر-بۇجۇرغىچە كۆزەتتى، دەپتەرگە ئالدى، تۈپكەرلىدى. ئۈچ كۈن  شۇنداق  ئۆتتى، سەي زې بۇنىڭدىن   زور
ھاسىلاتقا  ئېرىشكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، سەي زې ھەر كۈنى بازر  ئارىلاپ، شيەنياڭلىق  ئاۋامنىڭ  تىرىكچىلىكى ۋە مەھكىمىنىڭ  ئىدارە قىلىشلىرى خۇسۇسىدا ئىنتايىن  ئېنىق ئېنىق ھاسىلاتقا ئېرىشتى. ئارىدىن يېرىم ئايلار  ئۆتكەندىن كېيىن، سەي زې شيەنياڭنىڭ  كۈن پېتىش قوۋۇقىدىن چىقىپ  ئۇدۇل مېيشيەن  ناھىيەسىگە بېرىپ ئېكىنچىلەرنىڭ  ئۆيلىرىنى ئارىلىدى. مېيشيەن ناھىيەسى  تامام چىنلىقلار  ئولتۇراقلاشقان  ئەڭ چوڭ  ناھىيە بولۇپ، گۈەنجۇڭدىكى ئەڭ  باي جاي  ئىدى. بۇ ناھىيەدىكى يىگرىمە سەككىز كەنتنىڭ ھەممىسىنىڭ  مەھەللە-مەھەللىرىدە ئېكىنچىلىك  قىلىپ مەرتىۋىگە ئېرىشكەن ئەمەلدا ئېكىنچىلەر بار ئىدى. سەي زې بۇ كەنتلەرنىڭ  ھەممىسىنى  بىرەرمۇ  مەھەللىسىنى  قويماي ئارىلاپ  چىققاندىن  كېيىن، يەنە  ناھىيە  قەسەبەسىدە ئۈچ كۈن  كوچا-رەستە  ئارىلىدى، نېرى-بېرى  بولۇپ  بىرەر  ئايلاردىن  كېيىن، چىن خانلىقىنىڭ  ئېكىنچىلىك  بىلەن ئۇرۇشنى  تەڭ قىلىدىغان ياساق خۇسۇسىدا ناھايىتى  ئېنىق  ھەم  تولۇق  مەلۇماتقا ئېرىشتى. زېمىن  تۇنجى قارغا  پۈركەنگەن  چاغدا، سەي زې شيەنياڭغا قايتىپ  كېلىپ، ئۈچ كۈنگىچە  قوناقخانىغا  بېكىنىۋېلىپ  باش چۆكۈرۈپ  ئولتۇرۇپ، «چىن ىانلىقىنى  بېيىتىشنىڭ  ئالتە تەدبىرى» نى  يېزىپ  تاماملىدى، ئۇ ئەمدى باش ۋەزىر  مەھكىمىسىنى  قايتا  بىر  زىيارەت  قىلىپ، فەن سۈي بىلەن  ئەلنى  ئىدارە  قىلىش تەدبىرلىرى خۇسۇسىدا  تازا  بىر  تۇتۇشاي، دېگەنلەرنى  خىيال  
قىلىپ يېتىپ  قالدى.


مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-4 07:20:55 | ئايرىم كۆرۈش
تۆتىنچى  كۈنى قاقپودا، قار تازا يېغىۋاتاتتى، بىر يېنىك مىس ھارۋا قوناقساراينىڭ دەرۋازىسىدىن  ئاستا كىرىپ كەلدى. سارايۋەن پالاقشىغىنىچە  كېلىپ نېمە  ئىشلىقىنى  سوراپ، يەنە  دەرھال قوناقخانىغا  كىرىپ  كېتىپ، سەي زېنى  تارتىشتۇرۇپ سۆرەپ  چىقتى. قارا لىباسلىق ئەمەلدار قوناقخانىنىڭ  ھويلىسىدا تۇراتتى، سەي زې ئەمەلدارنىڭ  ئالدىغا  كەلگەندە، ئەدەب  بىلەن:
ـــــ كەمىنىلىرى خارجى مەھكىمىسىدىكى  جاڭ گۇ بولىمەن، ئالىيلىرىنىڭ يارلىقىغا  بىنائەن ئۇستازنى  ئوردىغا  تەكلىپ  قىلىپ  كەلدىم،ـــــ دېدى  ۋە قولىدىكى  بامبۇك تارشا پۈتۈك يارلىقنى سەي زېغا ئۇزاتتى.
ـــــ جانابلىرى ئالىيلىرىنىڭ يارلىقىغا  بىنائەن  پەقىرنى ئىزدىگەنمىدىلە؟ـــــ سەي زې سەل تەمتىرەپ  قالدى.
ـــــ شۇنداق، ئالىيلىرى سەل ساقسىز  بولۇپ  قېلىۋىدى، ئەدەب-يوسۇندا  كەتكۈزۈپ  قويغان  بولساق، ئۇستاز  كەچۈرگەيلا!
خارجى خادىمى ھۆرمەت-ئىلتىپات قىلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، سەي زې سەل دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ تەمتىرەپ قالدى. «خارجى خادىمى» چىن خانلىقىنىڭ تاشقى  ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار بولۇپ، بىۋاسىتە باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە قارايتتى، خارجى ئىشلىرىنى قىلىشتىن باشقا بىۋاسىتە خاننىڭ يارلىقىنى ئېلىپ كېلىپ  نەق  ئىش بېجىرمەيتتى. بۈگۈن بۇ خارجى  ئەمەلدارىنىڭ  كېلىشى
فەن سۈي بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ ناۋادا ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئىشنىڭ  چاتاق  بولغىنى شۇ.  بۇ فەن سۈي ئۆتە غۇم ساقلايدىغان خۇسۇمەتچى، ئالايغاننىڭ  كۆزىنى ئويماي قويمايدىغان ئادەم، سەي زېغا  خۇسۇمەت ساقلاپ  يۈرگەن مۇشۇنداق  بىر  ئادەم ئالىيلىرىغا  ئۆزىنىڭ  ياخشى  گېپىنى  قىلارمۇ؟ بۇ فەن سۈي  ئىچىدە  غۇم  ساقلاپ، ھىيلە-نەيرەڭلىرى ئارقىلىق ئالىيلىرىنىڭ قولى بىلەن ئۆزىنى  كۆزدىن يوقاتماقچى بولغان گەپ. ھەييي، بۇ فەن سۈينىزە، ئىقلىمدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك  بىر  ئەلنىڭ  باش ۋەزىرلىرى تۇرۇغلۇق شۇ ئىچى تارلىقى  بىلەن قانداقمۇ بىرەر  ئىشنى  ۋۇجۇدقا  چىقارغاندۇ؟ سەي زې بىردىنلا پەقىر دېگەن بىر پۇقرا، ئۆلسەممۇ چىن خانىنىڭ  ئالدىدا سەندەك بىر ساختىپەزنىڭ نىقابلىرىنى  يىرتىپ  تاشلاپ  ئاندىن ئۆلۈمەن، دېگەنلەرنى  خىيالىدىن ئۆتكۈزدى! شۇ خىيال بىلەن ئىككىلىنىپ  ئولتۇرماستىن قوناقخانىسىغا  كىرىپ كېتىپ كىتابلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، خارجى ئەمەلدارى  بىلەن ھارۋىغا  چىقتى.
يېنىك مىس ھارۋا ھايالشىمايلا ئوردۇبالىققا  كىرىپ، ئۇدۇل خان ئوردىسى  ئالدىغا  كېلىپ  توختىدى. سەي زې خارجى ئەمەلدارىغا ئەگىشىپ  ئوردىنىڭ كۈن پېتىش يان سارىيىغا كىردى، چاچ-ساقاللىرى  قاردەك  ئاقارغان، چىرايىنىڭ خۇنى قالمىغان بىر بوۋاي  تۆشەكتە يانپاشلاپ ئولتۇراتتى، مانا بۇ بوۋاي ئىقلىمغا مەشھۇر چىن خانى چىن جاۋۋاڭ ئىدى.
ـــــ  كەمىنە يەنشەنلىك سەي زې ئالىيلىرىغا سالامغا كەلدىم!ـــــ
سەي زې  روھلۇق قىياپەتتە چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن چىن جاۋۋاڭنىڭ ئالدىغا  كېلىپ، مەيدىسىنى كېرىپ، بېشىنى تىك تۇتۇپ ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپتەكلىدى.
ـــــ ئۇستاز قېنى  مەرھەمەت قىلغايلا!ـــــ قېرىغىنىدىن  بەكلا جۈدەپ كەتكەن چىن جاۋۋاڭ قولى بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى چوڭ شىرەنى كۆرسەتتى، سەي زې جايلىشىپ بولغاندىن  كېيىن  بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ  قويدى،ـــــ كىشىلەردىن  ئاڭلىشىمچە ئۇستاز ئەلنى ئىدارە قىلىش ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن كاتتا ئىستېداد  ئىگىسى  ئىكەنلا، چىن خانلىقىمىزغا زىيارەتكە  كېلىپ  كۆپ رىيازەت تارتىپتىلا. بۈيۈك چىن خانلىقىمىز مۈشكۈلاتتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇستاز ماڭا تەلىم  بېرەلەرلىمىكىن؟
سەي زې بەك چېچەن ئادەم ئىدى، چىن جاۋۋاڭنىڭ چىرايىدىن ياشىنىپ قالغان بۇ خاننىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان مۇلاقات-نۇتۇققا بەرداشلىق  بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، شۇڭا ئالقانلىرىنىڭ  ئۇچىنى جۈپتەكلەپ گەپنىڭ  پوسكاللىسىنى  ئېيتتى:
ـــــ پەقىر  سەي زې  روزغارلىق پىركامىلى  ھەزرىتى جى رەننىڭ ئەلنى  بېيىتىپ  قۇدرەت  تاپقۇزۇش ئىلمىنى  ئۆگەنگەنمەن، چىن خانلىقىغا زىيارەتكە كېلىپ «چىننى بېيىتىپ  قۇدرەت  تاپقۇزۇشنىڭ ئالتە تەدبىرى» نى  يېزىپ  چىقتىم، بۈگۈن  ئالىيلىرىنىڭ  كۆرۈپ  بېقىشىغا  ئالىيەتەن ئېلىپ  كەلدىم، ئالىيلىرى ۋاقىت  چىقىرىپ كۆرۈپ  باقسىلا، بۈيۈك چىن خانلىقىنىڭ  روزغارلىقىدىكى   يېتەرسىزلىك-نۇقسانلارنى  ۋەھەم
چىن ىانلىقىنى  بېيىتىش  يوللىرىنى بىلىۋالالايدىلا!
سەي زې  سۆھبەتنى تېزراق تۈگىتىپ، فەن سۈينىڭ قىلمىشلىرىنى  تېزرەك پاش  قىلىشنىڭ  پۇرسىتىنى  كۈتۈپ  تىت-تىت بولۇپ تۇراتتى.
ـــــ ئۇستاز، مالال كۆرمىسىلە نەق  مەزمۇنىنى دەپ باققان  بولسىلا!ـــــ دېدى. بۇنىڭدىن چىن جاۋۋاڭنىڭ پاراڭنى داۋام قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئايان ئىدى.
ـــــ نەق گەپنى قىلىپ كەلسەك، چىن خانلىقىنىڭ روزغارلىقىدىكى يېتەرسىزلىك شۇ يەردىكى، چىن تەسەررۇپىدىكى بايلىق مەنبەسى بېكىنمە ھالەتتە  ئىكەن، ئالتە يىللىق ئۇرۇشتىن خانلىق خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ، ئاۋام  نامراتلىقتىن ھالىدىن  كېتىپتۇ. چىن خانلىقى قايتا باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن ياساق، روزغارلىق، كۈچىيىش، پاكلاشتۇرۇشنى تەڭ تۇتمىقى لازىم، شۇندىلا تۆت ئارغىماقلىق مىس ھارۋا مەزمۇت يۈرەلەيدۇ!ـــــ سەي زې شۇنىڭ بىلەن گېپىنى تۈگىتىپ، پاراڭ ئورامىنى يۆتكىمەك بولدى.
ـــــ بايلىق مەنبەسى بېكىنمە ھالەتتە قاپتۇ، دېگەنلىرى  نېمىسىكىن؟ـــــ چىن جاۋۋاڭنىڭ قېرىلىقتىن  يۇمۇلۇپ قالايلا دېگەن كۆزلىرىدىن  ۋاللىدە  ئۇچقۇن چاچرىغاندەك  بولدى.
ـــــ چىن خانلىقىنىڭ روزغارلىقى يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە جۇغلانغان. دېمەك جۇغلىنىشى بەك ئاستا  بولغان، بۇ نەچچە يىللىق  ئۇرۇش سۈرئىتىنىڭ  چىقىمىغا يېتىشەلمەي  قالغان. بۇ شۇنىڭ  ئۈچۈندۇركى، بايلىق  مەنبەسى  بېكىنمە  ھالەتتە قېلىپ
تولۇق ئېچىلمىغان، كىرىش-چىقىش يوللىرى راۋان  ئەمەس. ئارقا-ئارقىدىن  كەلگەن يېغى مالامەتلىرىدىن كىرىم  چىقىمنى قاپلىيالمىغان، ناۋادا تېز زەپەر قۇچۇلمايدىغان بولسا، ياكى يېغىدا مەغلۇب بولغان  خانلىق-بەگلىكلەرنىڭ بايلىق-روزغارلىقىنى تالان-تاراج قىلىپ تولۇقلانمىسا، ھالسىراپ دېمى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. بايلىق مەنبەسى بېكىنمە ھالەتتە قاپتۇ، دېگەن نېمە؟ بىرنەنچىدىن، باشقا ئەللەر زەردارلىرىنىڭ بايلىق-روزغارلىقنى يۈرۈشتۈرۈشىگىلا  تايىنىلغان، خانلىق رەئىيەتلىرىنىڭ سودا-تىجارىتىگە چەكلىمە قويۇلغان، بۇنىڭ بىلەن سودا بېجىنىڭ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغان؛ ئىككىنەنچىدىن، تېرىلغۇ يەر خۇسۇسىيلارغا بېرىلگەن بىلەن سۇ ئىنشائاتى قىلىنمىغاچقا، ئېكىنچىلەر ھەرقانچە قىلىپ  تېرىسىمۇ ھوسۇل ياخشى بولمىغان، بۇنىڭ بىلەن باج كۆپەيمىگەن؛ ئۈچنەنچىدىن، ئېكىنچىلىك بىلەن يېغىنى تەڭ قىلىش تارتۇقلىنىپ، تۇغۇت تارتۇقلانمىغاچقا، ئاھالەت مەنبەسى راۋانلاشمىغان. مانا بۇ ھەقتىكى  ئۇجۇر-بۇجۇر تەپسىلاتلار «چىن ىانلىقىنى  بېيىتىپ  قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالتە تەدبىرى» دە يېزىلغان، ئالىيلىرى ئۆزلىرى  كۆرۈۋالسىلا  بولىدۇ!ـــــ سەي زې تارتىشىدىغان ھېچنەرسىسى بولمىغاندىكىن، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى كەسكىن-كەسكىن دەۋەردى.
ـــــ تۆت ئاتلىق مىس ھارۋا، دېگەنلىرى  نېمىسى؟ـــــ چىن جاۋۋاڭ ئۈچۈن بۇلار تولىمۇ  يېڭىلىق  تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى.
ـــــ چىن خانلىقى ياساق ئارقىلىق  ئەلنى  ئىدارە قىلىشقا  بەك
ئەھمىيەت  بېرىدۇ، شۇغىنىسى ياساق بولغانغىلا ئىقلىمنى  ئىلكىگە ئالالمايدۇ. شۇڭا، ياساقتىن  باشقا يەنە بېيىش، قۇدرەت تېپىش، پاكلاشتۇرۇشنىمۇ  تەڭ تۇتۇش كېرەك، شۇندىلا ئۇزاققىچە گۈللىنىشنى ساقلىغىلى بولىدۇ. خانلىقنى  بېيىتىشپ قۇدرەت تاپقۇزۇشتا  بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش، ئاۋامنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، ئەمەلدارلارنى  پاكلاشتۇرۇش زۆرۈر. ياساقنى چىڭىتىش، بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش، ئادەمنى  كۆپەيتىش، ئەمەلدارلارنى  پاكلاشتۇرۇش دېمەك  خانلىقنىڭ  تۆت ئاتلىق مىس ھارۋىسىدۇر! مانا بۇ تۆت ئاتلىق  ھارۋا خانلىقنى  قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ھەرقانداق  يېغىلاردا نۇسرەت قازاندۇرماي قالمايدۇ، بىرەر-ئىككى يېغىدا يېڭىلىپ  قېلىشتىن  ھېچقانداق ۋايىم يېمىسىمۇ  بولىدۇ.
ـــــ بەلەن گەپ! بۇ قېتىم يىڭچېڭ تۆرىسىنىڭ  كۆزلىرى تۇتۇلۇپ  قالماپتۇ!ـــــ  تۆشەكتە يانپاشلاپ  ئولتۇرغان چىن جاۋۋاڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇردى،ـــــ ئۇستازۋاقتىنچە قوناق ئەمەلدارلىقتا تۇتۇپ  تۇرۇپ ئۇۋال قىلىدىغان  بولدۇق، باش ۋەزىرگە  كۆمەكلىشىپ سەلتەنەت  ئىشلىرىنى  بىرياقلىق قىلسىلىرى قانداق؟
ـــــ پەرمانبەردارمەن!ـــــ بىردىنلا سەي زېنىڭ  كۆڭلى ۋاللىدە  يورۇپ كەتكەندەك  بولۇپ، بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ  تازىم قىلدى.
ئوردىدىن چىققان سەي زېنىڭ  مۆھۈر مەھكىمىسىگە بېرىپ بەزى  ئىشلارنى  بېجىرىۋېلىشقا  نەدە  رەۋىتى  بولسۇن، ئۇدۇللا
باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە بېرىپ فەن سۈينى زىيارەت قىلىپ، باۋ ۋەزىرنىڭ  ئالدىدا قىلىپ  سالغان  تەنتەكلىكىگە پۇشايمان قىلىپ، ئەپۇ سوراپ  سەمىمىيىتىنى بىلدۈرمەك  بولدى. كىم بىلسۇن، باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ مىرزابېگى باش ۋەزىرنى ۋىلايەتە-ناھىيەلەرنى  كۆزدىن  كەچۈرگىلى كەتكەنلىكىنى، يولغا چىقىش ئالدىدا بىر پارچە پېچەتلەنگەن مەكتۇب قالدۇرغانلىقىنى، سەي زې كەلگەن ھامان مەكتۇبنى  بېرىپ  قويۇشنى  تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى.  سەي زې دەرھال ئېچىۋىدى، مەكتۇبقا:
«سەي زې ئالىيلىرىنىڭ پەرمانىنى ئالغان ھامان مىرزابەگ ئۇنى باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە سەلتەنەت  ئىشلىرىنى بىرياقلىق قىلىشقا جايلاشتۇرغاي!» دېگەن ئىككى قۇرلا خەت يېزىلىپتۇ.
بىرھازا خىيالغا پاتقان سەي زې مەكتۇبقا تازىم قىلدى، ئاندىن مىرزابەگكە سەل تۇرۇپ تۇرۇشنى تاپىلاپ ئالدىراپ-تېنەپ چىقىپ كەتتى. سەي زې ئوردىغا كېلىپ، ئالىيلىرى  بىلەن  كۆرۈشۈشنى  ئىلتىماس قىلدى. خان كۇتۇپخانىسىدىكى دورغاب ۋەزىر ئىنىڭغا بىر ئورام تارشا پۈتۈكنى  سۇنۇپ، ئالىيلىرىنىڭ سەي زېنى  ئۆزى قارار قىلغاي، دېگەنلىكىنى  يەتكۈزدى. بۇ ئىشلار سەي زېغا تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى، سەي زې ساراسىمە ئىچىدە تارشا پۈتۈكنى  ئېچىپ چۆچۈپ  كەتتى، پۈتۈكتە:
«ئىستېپانامە
پەقىر فەن سۈينىڭ سالامدىن سوڭرە باش ئۇرۇپ قىلغان مەلۇماتىدىن ئايان بولغۇسىدۇركى، پەقىر باش ۋەزىرلىكنى زېممەمگە
ئالغان ئون نەچچە يىلدىن بېرى، ئازدۇر-كۆپتۇر تۆھپە ياراتقان بولساممۇ، ئەمما ئىككى  ناباب ئادەمنى  سەلتەنەت  ئىشلىرىغا تەۋسىيە  قىلغانلىق گۇناھىم باردۇر. چاڭپىڭ يېغىلىقىدىن  كېيىن ۋەزىرلىرى ئۆزۈمنىڭ  ئىقتىدارسىزلىقىمنى، چىن خانلىقىنى قۇدرەت تاپقۇزغىدەك  تۈزۈكرەك  تەدبىر  قىلالمىغانلىقىمنى، باش ۋەزىرلىك كۇرسىنى ئىگىلىۋېلىپ، ىانلىقىمىزغا زەرەر يەتكۈزگەنلىكىمنى تونۇپ يەتتىم. بۈگۈن سەي زې  پەيدا بولدى، بۇ زاتنىڭ ئەلنى  ئىدارە قىلىشتىكى ئىقتىدارى ئۆزگىچە ھەم كۈچلۈكتۇر، ئۇ چىن خانلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ-كۆزەتكەن ئىستېداد ئىگىسى، ئۇنىڭ  ئالدىدا پەقىر ئارتۇقچە  بىر ئادەممەن! ناۋادا بۇ زات باش ۋەزىرلىك قىلسا، چوقۇم ياخشى تەدبىر  قىلىپ ئەلنى گۈللەندۈرەلەيدۇ. شۇ ۋەجدىن پەقىر ئالىيلىرىدىن  باش ۋەزىرلىك مەنسىپىمدىن  ئىستېپا سورايمەن، سەي زېنى باش ۋەزىرلىككە  قويۇپ، چىن خانلىقىمىزنى  ئىدارە  قىلىشقا  قويغايلا. پەقىر فەن  سۈي بۇنىڭدىن  بۇرۇن  ئىككى ناباب ئادەمنى سەلتەنەتكە تەۋسىيە  قىلغان ىاتالىقىم بولغاچقا، ئالىيلىرى ئۆزلىرى ئېنىق دەڭسەپ قارار قىلغايلا!»
سەي زې ھاياجاندىن چاناقلىرى ياشقا  تولدى، دەرھال دورغابقا ئالقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپتەكلەپ:
ـــــ ئالىيلىرىغا يەتكۈزگەن بولسىلا، سەي زې ۋاقتىنچە باش ۋەزىر  مەھكىمىسىدە قالسام، ئەمما يىڭچېڭ تۆرىسىنى يەنىلا  باش ۋەزىرلىككە  قايتۇرۇپ  كەلگەن  بولسا، پەقىر  سەي زې  يانداش
بولساملا كۇپايە!ـــــ دېدى.
ـــــ ئەسلىدە ئالىيلىرى باش ۋەزىرنى ئۆزى قاراپ ئىش قىلىشقا بۇيرۇغان، شۇڭا بۇنى  ئالىيلىرىغا مەلۇم  قىلىش بىھاجەت!ـــــ دېدى. سەي زې بىردىنلا ئالىيلىرىنىڭ فەن سۈينى تۇتۇپ  قېلىشقا  ئىلاجسىز قالغاچقا، ئۆزلىرى قاراپ  ئىش كۆرگەيلا، دېگەن گەپ، دەپ  ئويلىدى.
كۈن چۈشتىن قايرىلغان چاغدا، سەي زې سەي زې باشقا بىر نەرسە دېمەيلا ئوردۇبالىقتىن  چىقتى، شيەنياڭنىڭ كۈن چىقىش قوۋۇقىدىن چىققاندىن  كېيىن ئارغىمىقىغا قاتتىق قامچا سېلىپ ئۇدۇل  لەنتيەن ئېدىرلىقىغا ئۇچقاندەك يۈرۈپ  كەتتى.
ئــــــــــــــــــىــــــــــــــــــــزاھــــــــــــــــــات
① روزغارشۇناس 计然: بۇ يەردە  计然家  تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئۈچۈن بېكىتىلگەن لۇغەتتە «تەدبىركار» دېيىلگىنى بويىچە ئېلىنمىدى. «计然» (جى رەن) مىلادىدىن بۇرۇنقى 550-يىلى ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ گۇشيەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 494-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن  ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر  ئىقتىسادشۇناسى (روزغارشۇناس).
②جىمو ئۇرۇشى مىلادىدىن بۇرۇنقى 284-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 279-يىلىغىچە يەن بىلەن چى بەگلىكى ئارىسىدا بولغان ئۇرۇش، بۇ مەزگىلدە يەن بىلەن چى بەگلىك ئاتىلاتتى. چاڭپىڭ  ئۇرۇشى مىلادىدىن بۇرۇنقى 262-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 260-يىلىغىچە چىن بەگلىكى بىلەن جاۋ بەگلىكى  ئارىسىدا  بولغان ئۇرۇش. دەل مۇشۇ چاڭپىڭ ئۇرۇشىدا شەرقىي جۇ خانىدانلىقى تەلتۆكۈس يوقىتىلىپ، ئىقلىمدىكى 7 بەگلىك رەسمىي دۆلەت ئاتالغان. سەي زې شيەنياڭغا كەلگەن بۇ چاغ گەرچە چاڭ پىڭ ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چاغ بولسىمۇ، ئەمما سۆزلەۋاتقىنى چاڭ پىڭ ئۇرۇشىدىن  ئىلگىرىكى ئىشلار بولغاچقا، روماندا «بەگلىك» دەپ ئېلىندى.
③ تۈپكەرلەپ: قەدىمقى  ئۇيغۇر  تىلىدىكى «تەتقىق قىلىپ» دېگەن سۆز.
④ تاۋ: ئەمىنىيە زامانىدىكى كىچىك بىر  تۆرىلىك بولۇپ، بۈگۈنكىشەندۇڭ  ئۆلكىسىنىڭ  دىڭتاۋ، دېگەن يېرىدە. «ئەملەكلەر تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، ساۋجۇ ۋىلايىتىنىڭ جىياڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ئۈچ چاقىرىم  كېلىدىغان يەردە تاۋ جۇگۇڭ (تاۋ لىق ساپالچى غوجام) نىڭ ئۆيى بار ئىكەن.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:10 , Processed in 0.181766 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش